ئويۇن ھەپتىلىگى | بوشلۇقتا تۇرۇپ ئوينايدىغان فانتازىيەلىك ئويۇن – بىئوخىمىيەلىك ھۇجۇم3: چەكسىزلىك
مۇشۇ ئائىلىدىكى ئويۇنلارنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادى – بىئو-خىمىيەلىك ھۇجۇم ناملىق ئويۇن ئالدىنقى ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىندى! مەزكۇر بۆلۈم 1-ئەۋلادنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان Irrational Games تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، ھېكايە ۋەقەلىگى 1912-يىلىدىكى بوشلۇق شەھىرى Columbia دا يۈز بەرگەن، ئالدىنقى ئىككى ئەۋلادتىكى دېڭىز شەھىرى Rapture غا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئويۇننىڭ دەسلەپكى ۋەقەلىكىدە، ئامېرىكا دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، Columbia بولسا كۆز-يەتكۈسىز بىر شەھەر ئىدى. بىر قېتىملىق مەغلۇب بولغان ئۇرۇنۇشتىن كېيىن، بۇ شەھەر بۇلۇتلار ئارىسىدا غايىپ بولۇپ كېتىدۇ…
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
ئوينىغۇچىلار Pinkerton ئىسىملىك بىر رازۋېتچىكنىڭ رولىنى ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن كىچىكىدىنلا قامىۋېتىلگەن Elizabeth ئىسىملىك قىزچاقنى قۇتۇلدۇرماقچى بولىدۇ، بۇ چاغدا شەھەر چۆكۈشكە، گۇمران بولۇشقا باشلىغان ئىدى، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار بىرگە شەھەردىن قېچىپ چىقماقچى بولىدۇ….
سەپلىمىگە بولغان تەلەپ:
سىستېما: Windows 7 نىڭ 32/64 بىتلىق نەشىرى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى، XP قوللىمايدۇ
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Intel Core 2 DUO 2.4 GHz / AMD Athlon X2 2.7 GHz
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB
سىنكارتا: DirectX 10 نى قوللايدىغان، 512MB لىق ATI Radeon HD 3870 / NVIDIA 8800 GT / Intel HD 3000 Integrated Graphics كارتىلار
قاچىلاش ئۇسۇلى:
چۈشۈرۈش پرىستىن يېشىمىز
setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
يېشىش يامىقىنى چۈشۈرۈپ ئويۇن قاچىلانغان مۇندەرىجە ئىچىگە باسۇرىۋېتىمىز
ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكوق ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولدى
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
شۈنلېي تور دېسكىدىن چۈشۈرۈش | بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | يېشىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، ئويۇن، فانتازىيە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,621 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bioshock-infinite.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Android چى باللا بادۇ؟ | ئويۇن تەڭگىسى يېتىشمەي بويۇن قىسىپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەمدى ھەرقانداق ئويۇننى باكاغا ئوينايسىز
- كېيىنكى يازما > ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، يېنىكرەك كىچىك Flash ئويۇندىن بىرەنى ئويناپ قويمامدۇق؟
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
دىۋانمۇ يا ھى ھى ھى
ھازىر دىۋان ئەمەس …………..
موللاقچىم مازكەندىن بىرسى كەتتى جۇما ، ھا ھا ، دىۋان تالاشقانغا مازكەن بىرىدىغان قائىدە چىقتى ، ئۇقۇپ باقسىلا …باللا مازكەننى بېسىپ قۇيۇڭلىيا ، موللاقچى دىۋان دىگەنگە تويسۇن (مەن نىمدا ئېسكى ۋا خا خا)
ئويناپ باققۇم كەلدىيۇ لىكىن كومپىيوتىرىمدا توريوقلىقىنى ئويلاپ يالتىيىپ قالدىم.
يەنە دىسەم يەنە شۇ ، خوتۇن ئېلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم مۇشتا ئىسىل ئۇيۇنلارنى ئوينىغىلى بولدىغان كومپىيۇتېردىن بىرنى ئالىمە ، ھەر قېتىم نادىر ئۇيۇنلار چىقسا تەشۋىقات فىلىمنى كۈرۈپلا يۈرسەك ئەدەمنىڭ بىر يەلىرى ۋاژ ۋاژ قىپ ئېچىشقاندەك بۇلىدىكەن، خەپ
مىنىڭ بۇرۇنقى خىيالىمغا ئوخشايدىكەن ھەممە تەل بولغاندا …………
ئارقا ئىشىك قىلمىسىمۇ تورغۇماردا پارغورلار يوقتۇ ئەمدى…. بولىدىكەن جۇمۇ بۇ ئويۇن،،،،!
ئەڭ تۆۋەن سەپلىمە قانچىلىك بولسا سۆرىيەلەيدۇ بۇ ئۇيۇننى ؟….. بۇ ھەقتە توختالماپسىزغۇ ؟……………
تولۇقلاپ قويدۇم، ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت.
ۋاي-ۋۇي…….. ! سىغىمى نىمانچە چوڭ بۇ ئويۇننىڭ ؟
چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرسەم ئون نەچچە گىگا بايت سىغىمدىكى نەرسە چۈشىۋاتىدۇيا !
مىنىڭ كومپىيوتېرىم سۆرىيەلمىگىدەك بۇ ئويۇننى،4يادرولۇق بولسا بولامدىغاندۇ،مىنىڭ 2 يادرولۇق
سەپلىمىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا تۆۋەندىكىدەك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇش كېرەك.(لاغىلداپ تىترەپ ئاران چىقىدۇ)
1.مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(CPU) :
Core 2 Duo E4300 1.8GHz / Athlon 64 X2 Dual Core 4000+
2.كۆرسىتىش كارتا(显卡):
NVIDIA Geforce 7300GT / ATI X1300
3.ئىچكى ساقلىغۇچ(内存):
2GB
4.بوشلۇق جەمئىي(پىرىستىن يېشىپ قاچىلاپ دېگەندەك):
31GB
5.سېستىما:
چوقۇم Windows7 ياكى vista بولىشى شەرت. ئېكىسپىچىلەر چۈشۈرمەيلا قويۇڭلار
===========================================
ئەمدى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئويناش ئۈچۈن(ئويۇننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈش) تەۋسىيە قىلىدىغان سەپلىمە تۆۋەندىكىدەك ياكى تەڭداش، ياكى ئۇنىڭدى يۇقىرى بولۇش كېرەك:
1.مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(CPU) :
Core 2 Duo E4700 2.6GHz / Athlon 64 X2 Dual Core 6000+
2.كۆرسىتىش كارتا(显卡):
NVIDIA GeForce GT240 / ATI HD4350
3.ئىچكى ساقلىغۇچ(内存):
4GB
4 ، 5 ئوخشاش.
يېڭىدىن ئېلانغان مۇ ياكى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان مۇ
مەن شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئويۇننىنى چۈشۈرگەن خاتالىق ئۇچۇرى چىقۋىلىپ ئوينىيالمىدىم سىستىما win8 ئىدى تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپقالدى كەچۈرۈڭلار
توۋا قاچانمۇ سىيىت نوچى سادىر پالۋان مۇشۇنداق ئويۇن قىلىپ ئىشلىنەدۇ 3د ئويۇن قىلىنسا قەشقەر ھەم باشقا يۇرتلارنى ئويۇندىمۇ كۆرسەك ھە بالىلارغا ئەدەپ ھايا ياشلارغا مەردىنىلىق چۇڭلارغا ئۆتمۇشنى ئەسلەتسە ھە بەك تەقەززا بولدۇم مەن بىلەن بىر پىكىردىكىلەر قول كۆتۈرۈڭلار
ۋوجوووو ئەجەپ مەن ئويلىغاننى تەڭ ئويلاپسىىز جۇما ، مەنمۇ شۇ خىيالنى قىلغىلى ئۇزاق بوغان ، قارلۇقتىكىلە ئشلەۋاتقاندۇ بەلكىم،،،،،
مۇشۇ ئويۇننى قوللايدىغان win7 نى چۈشۈرۈش ئادىرىسى بېلەن تەمىنلىساڭلار بوپتىكەن .
مەن قاچىلىغان win7 دە قوللىمىدى .