«جەڭگاھ 4»نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلىنىپتۇ، بۇدا شاڭخەينى پارتلىتىپ ساراڭ قىلامدۇق نېمە؟!
ئالدىنقى قېتىم «جەڭگاھ 4 نىڭ 17 مىنۇتلۇق كۆرۈنۈشلىرى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، يېقىندا يەنە بىر يۈرۈش كۆرۈنۈشلەر تورغا ئاشكارىلانغان. كىشىنى ھەممىدىن قىززىقتۇرىدىغىنى، بۇ كۆرۈنۈشلەردىكى جەڭ مەيدانى شاڭخەي بولۇپ، شاڭخەيدىكى دۇنياغا داڭلىق ئىمارەت 东方明珠 مۇ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.
ئادەتتە، چەتنىڭ جۇڭگودا بازارغا سېلىنماقچى بولغان كىنو، ئويۇن ياكى باشقا مەھسۇلات خاراكتېرلىك نەرسىلىرىدە، جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان ياكى شۇنداق تۇيغۇ بېرىدىغان ئېلىمېنتلار قوشۇلۇپلا قالسا، بىزنىڭ سابىق مەدەنىيەت-تېلىۋېزىيە باشقۇرۇش ئىدارىمىزدىكىلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەيدۇ. EA دىكىلەرنىڭ يۈرەكلىك ھالدا بۇ كۆرۈنۈشلەرنى قوشقىنىغا قارىغاندا، Battlefiled 4 نى جۇڭگو بازىرىدا قانۇنلۇق سېتىشنى ئويلاشمىغان بولسا كېرەك؟ ساتقان تەقدىردىمۇ بىزدە پۇلغا ئېلىپ ئوينايدىغانلار يەنە قانچىلىك بولماقچى؟!
«جەڭگاھ 4» – شاڭخەينى بومباردىمان قىلىش
كۆپ كىشىلىك جەڭدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر
بۇ يىل مەجبۇرىيەت چاقىرىقىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇرۇشى بۆلىكى يوق ئوخشايدۇ، لېكىن جەڭگاھ ئويۇنى يەنىلا ئۇسسىغان يەرگە بارغۇدەك.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: FPS، ئويۇن، جەڭگاھ، سىن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,746 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: battlefield4-siege-of-shanghai.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بۇ بىر يېڭى ئويۇن – «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر: گۈللۈكتىكى جەڭ» ئەڭ يېڭى CG كۆرۈنۈشلىرى
- كېيىنكى يازما > ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا ئويۇن ئوينايلى | بۇ بەلكىم سىز ئوينىغان يەنە بىر قاملاشمىغان ماز ئويۇن
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- روسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇش نۇسىخىدىكى GTA 5 | بەزى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ توۋا دەپ قالىسىز
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
جۇڭگودا ئوينىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ
ما ئويان پەچەتكەن ، ئەمما بىزنىڭ قوتا سۆرەممىگۈدەك ، دادام يا يەڭگۈشلەپ بەمىدى كومپيوتىرنى ، ھەي…
باشتىكى سىندىكى كۆپ كىشىلىك مەيدان ئوخشىمامدۇ ، يالغۇز كىشىلىك مەيدانغا ھېچ ئوخشىمايدا ..
مەنمۇ دېققەت قىلغان. يېقىننىڭ ياقى جوڭگو چىقىدىغان ئويۇنلار خېلى كۆپىيىپ قالدى، بۇرچ چاقىرقى9 ، بىئو-خىمىيە كىرزىسى6، يەنە بىر ئىككى ئويۇن بار. ھەممىسىدە جوڭگونىڭ مەزمۇنلىرى خېلى قويۇق. قارىغاندا جوڭگۇغا ‹‹قىزىقىش›› باشلانغان ئوخشايدۇ. جەڭگاھ 4 كە كەلسەك مېنىڭچە چەكلىمەيدۇ. بۇنداق چوڭ تىپتىكى تورسىز ھالەت نۇسخىدىكى ئويۇننىڭ (ھېلىقى ھەددىدىن زىيادە سېرىق مەزمۇندىكى، تەقلىدىي كىشىلىك تۇرمۇش ئويۇنلىرىدىن باشقا) دۆلىتىمىزدە چەكلىگىنى تېخى چىقمىدى. شۇڭا دەيمىنا…..
بۇ پەرەڭلەر راستىنلا ئاقسا جۇمۇ، شۇڭلاشقىمۇ بىزدىن ئىدىيىسى نەچچە ئەسىر ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن خەق بۇ. سەت تىتىۋېتىپتۇ شاڭخەي دېگەننى، بىر يەرلىرىدە قوشما شىتاتنىڭ بايرىقىنى تىكلىگەن يەرلىرىمۇ باكەن تېخى. كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىكى مەنانى ئويۇنغا سىڭدۈرۈۋېتىپتۇ…..
بۇردەر چەكلىسە سىلىگە دەپ قوياپ چەكلىمەيدۇ
مەجبۇرىيەت چاقىرقىنىمۇ چەكلىگەن مەدىنىيەت مىنىستىرلىكى بولمىسا توردىن ئىزدەپ بىقىڭلار مەن ئويناي دەپ تورخانا مۇلازىمىتىرىدىن ئىدىسەم چىقمىدى شۇنىڭ بىلەن توردىن تەكشۇرسەم مەدىنىيەت مىنىستىرلىكى چەكلىۋەتكەن ئىكەن ئاخىرغۇ بىر تورخانىدىن تاپقان لىكىن 2 كورنىشكە ئۆتۇپ سۇنىڭ تىگىدە ئۇزگەن ۋاختىدا خاتالىق چىقىۋىلىپ پەقەت بولمىدى شۇنىڭ بىلەن تاشلاپ قويغانتىم ماۋۇ 9 چىققاندا xpنى قوللىمايدىكەن بۇيەردىكى تورخانىلارنىڭ ھەممىسى xp ئىشلىتىدۇ لىكىن سەپلىمىسى ۋەششى cpu i5 ئىچكى ساقلىغۇچ 8g لىكىن xp ئىشلىتىدۇ ئاتقا ئىشەككە مۇئامىلە قىلغاندەكلا شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالدىم شۇ
توۋا سىلى دەۋاتقان قايسى مەجبۇرىيەت چاقىرقىدۇ ئۇ؟ تېمىا مەزمۇنىدا بىرسى بىزگە دەپ قويۇپ چەكلەيدۇ دېگەن گەپنى ئۇچراتمىدىمغۇ؟!!! مەن مۇشۇ كەمگىچە PC نۇسخىسى(دۆلىتىمىزدىكى يېشىۋېتىلگەن ھەقسىز نۇسخىسى) ئېلان قىلىنغان ھامان ئويناپ كېلىۋاتىمەن. بىرە بۆلۈمىنىڭ دۆلىتىمىز تورلىرىدا يوقاپ كېتىپ ياكى يەنە پەيدا بولغىنىنى تېخىمۇ ئۇچراتمىدىمغۇ. خەنلەرنىڭ داڭلىق ئويۇن كۆزنەكلىرىنىڭ باش بەتلىرىدە ھەممىسىدە دېگۈدەك بۇرۇندىن تارتىپ تەۋسىيە قىلغان مۇشۇ ئويۇننىڭ ھەيۋاتلىك ئېلانلىرى. ئىزدىسە بۇ ئويۇننىڭ ھەرقانداق قىسمىنى تاپقىلى بولىدۇ. قارىغاندا سىلى دەۋاتقان مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنى بۇلار ئوسۇرۇققا تەڭ قىلماپتۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيان نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش تۈردىكى مەزمۇنلاردىن توردىن ناخشا-مۇزىكا چۈشۈرسە ھەق ئېلىنىدىغان تۈزۈملەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقىنىنى بىلىمەن. نەشىر ھوقۇقى جەھەتتە بەلكىم بۇ ئويۇنلارمۇ شۇنداق يۈزلىنىشكە قاراپ مېڭىشى مۇمكىن.
ھوي باللا !!! ئۇرۇمچىدىكى دۆڭكۆرۈك بىلەن خەلىقارا چوڭ بازارلارمۇ بارمۇ نېمە؟
يەرلىك ئۇيۇنلارنىمۇ چەكلەيدۇ، بۇرۇن 秘密切入2 نىمۇ چەكلىگەن، كىيىن ئاخرقى مەيدانلېرىنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن توردا تارقىتىشقا يول قويغانمىش. ماۋۇ يەردە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان قىزىل تىروۋىرگا (红警) نىمۇ مەدەنىيەت ئىدارىسى چەكلىدى.
جوڭڭو بۇيچە ئەڭ چوڭ (شۇنداق دىسەكمۇ بۇلىدۇ ) ئۇيۇن چۈشرۈش دېتالى 快快游戏ئۇيۇننى چۈشرۈشتىن بۇرۇن كەمپۈتەرنىڭ سۆرىيەلەيدىغان ياكى سۆرىيەلمەيدىغانلېرىدىن تارتىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئۇيۇن ساراڭلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر قۇرال !
جوڭڭو بۇيچە ئەڭ چوڭ (شۇنداق دىسەكمۇ بۇلىدۇ ) ئۇيۇن چۈشرۈش دېتالى 快快游戏ئۇيۇننى چۈشرۈشتىن بۇرۇن كەمپۈتەرنىڭ سۆرىيەلەيدىغان ياكى سۆرىيەلمەيدىغانلېرىدىن تارتىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئۇيۇن ساراڭلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر قۇرال !
..
مەن مۇشۇندا ئويانلارنى ئانچە ياقتۇرمايمەن
ھىلىقىدەك ئويۇننىڭ باش پۇرسىناژ ئۇزى چىقىدىغان ئويانلارنى ياختۇرىمەن
مەسىلەن قەدىمە قەۋرىدىكى ساھىپجامال7.8.9. پىرسىيە شاھزادىسى 5 شەپەرەڭ پالۋان ئومۇچۇك پالۋان xئادەملەر……….
دىگەندەك ئويۇنلانى ياقتۇرىمەن.
توۋا ئۇيۇنغىمۇ سىياسى ئارلاشقىلى تۇرۇپتىمۇ نىمە ؟