نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

بۇ بىر يېڭى ئويۇن – «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر: گۈللۈكتىكى جەڭ» ئەڭ يېڭى CG كۆرۈنۈشلىرى

ئاۋال شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتسەم، بۇ يېقىندا iOS سۇپىسىدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2: زامان ھالقىش» ئويۇنى ئەمەس.

Garden Warfare

Popcap شىركىتى يېقىندا E3 چوڭ يىغىنىدا، «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر» تىپىدىكى ئەڭ يېڭى FPS ئويۇنى «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر: گۈللۈكتىكى جەڭ(Plants vs. Zombies: Garden Warfare)» نى ئاشكارىلىدى، بۇ ئويۇن تۇنجى بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ Xbox سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، 2014-يىلى PC قاتارلىق سۇپىلاردا رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى!

«ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر: گۈللۈكتىكى جەڭ» بولسا، ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر ئائىلىسىدىكى ئويۇنلاردىن ئايرىلىپ چىققان يەنە بىر خىل ئۇسلۇبتىكى داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئويۇندا، ئەنئەنىۋى ئىستىكامنى قوغداش ئېلىمېنتلىرى ۋە يۇمۇرىستىك ئامىللار ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا، ئەسلى ئويۇندىكى جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى داۋاملىق تىپ قىلىپ تۇرۇپ، FPS قوراللىق ئېتىشىش تىپىدا لايىھەلەنگەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نۆل ۋە بىر 2013.06.14 , 16:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇننى 3د ئىشلىدۇق دەپ سەل ماز قىلىپ قويدىمۇ قانداق…2د بولسڭمۇ يەنىلا بۇرۇنقىسى ياخشىدەك قىلىدۇ…يەنە كىلىپ xbox oneدىلا ئوينىغىلى بولىدىكەن.بولدىلا بۇ ئويۇندىن ئۈمىد كۈتمەي،ps4 نىڭ ھوزۇرىنى سۇرەمەن…:neutral:

    • مىسكىن 2013.06.14 , 18:02

      PC دا ئېلان قىلىنىدۇ دەپ تۇرمامدۇ؟
      PS: مازكەندىن بىرسى كەتتى:mrgreen:

    • نۆل ۋە بىر 2013.06.14 , 20:07

      pcغىمۇ نۆۋەت ئۇنداق تېز تەگمەيدۇ…2014-يىلى؟:arrow:

  2. ئىز باسار 2013.06.14 , 16:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋا بۇ ئويۇن بارغانسرى پەيزى بولۇپ قالغىلى تۇردى دېسە:mrgreen: شۇنداق ئامراق بۇ ئويۇننى ئويناشقا….
    سىلەرمۇ ئويناپ قويامسىلە دوستلار؟

  3. مۇشاۋىر 2013.06.14 , 16:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ئويۇن چىقسا بىر ئويناپ قويساق بولدىغان ئوخشايدۇ، يامان ئەمەس تۇرامدۇ قانداق.

  4. ئابدۇلباسىت 2013.06.14 , 17:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باغانسېرى ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىغۇدەك ئۇيۇنلا چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ ، ھەقىقەتەن پەيزى چىقىپتۇ

  5. ئارسلان 107 2013.06.14 , 17:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىسقۇ ~~~! چىقسا بىر ئوينىمىسام سەپلىمىگە چەكلىمە بارمىدۇ ؟

  6. xilas 2013.06.15 , 14:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيۇن پالىقىدا نىمجان ئوينايدىغان خەق دىسە بۇ :dizzy::arrow:

  7. don2 2013.06.16 , 20:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىكەن:smile:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量