«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ئەرۋاھ» نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى! سۇ ئاستىدا ئاپشاركا بىلەن جەڭ قىلامدۇق نېمە؟
Activision يېقىندا «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ئەرۋاھ (Call of Duty: Ghosts)» نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ بىر قانچە يۈرۈش سىندىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئويۇندىكى باش پېرسوناژ بىر ئاپشاركا بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلىپ يۈرىدىكەن، قارىماققا ئاپشاركىغا بۇيرۇق قىلغىلى بولىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ، ئەمما ئۇنى كونترول قىلغىلى بولامدۇ يوق ئۇقمىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ ئاستىدىكى جەڭ قوشۇلغان. ناۋادا باشقا ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمىسا، ئويۇن مۇشۇ يىل ئاخىرى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى Xbox One، Xbox 360، PC ۋە PlayStation سۇپىلىرىدا تەڭلا ئېلان قىلىنىدۇ…
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ئەرۋاھ» بولسا، «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» ئائىلىسىدىكى 10-ئەۋلاد ئويۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى ئانچە ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر قېتىملىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھۇجۇم دۇنيادىكى كۈچلەرنىڭ تەڭپۇقلۇقىنى مەڭگۈلۈك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئاتامانلىق ئورنىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ. ھۇجۇمدىن 10 يىل كېيىن، «ئەرۋاھ» نامىدىكى بىر قابىل ئەترەت مەخپىي ھالدا بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغاپ، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان دۈشمەنلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ…
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى10: ئەرۋاھ» ئوۋ ئىتى بۆلىكىدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى10: ئەرۋاھ» سۇ ئاستىدىكى جەڭ بۆلىكىدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
Official Call of Duty_ Ghosts – All Access Gameplay Preview
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: COD، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,329 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: call-of-duty-ghosts-e3-preview.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [Flash ئويۇن] ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا كىچىك ئويۇن ئوينىغانغا يەتمەيدۇ – كالۋا Ella
- كېيىنكى يازما > بۇ بىر يېڭى ئويۇن – «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر: گۈللۈكتىكى جەڭ» ئەڭ يېڭى CG كۆرۈنۈشلىرى
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
خۇدايىم بۇيرۇسا يېڭى كومپيۇتېردىن بىرنى ئالىمەن پات ئارىدا، ئاشۇ چاغقىچە بىر ئىلان قىلىنسا، ئاندىن مەنمۇ بىر ئويناپ كەتسەم
مۇشۇ تورخۇمارزە، نەدىن تاپىدىغاندۇ مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى، ماراقچىمىكى يا
كومپۇيۇتۇردىن بىرنى ئالمەن دىگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى دەيمە . يانا شۇ گەپما
راس پەيزىكەن جۇمۇ ……..ھە راس دىۋانما بۇ ….
خىلى يامان ئەمەس ئشلەپ قوياپتۇ!لىكىن modern combat4:zero دا قاتىل ماشىنا ئادەم بىلەن جەڭ قىلغان،ئەمدى ئىتقا ئۆزگەرتىپتۇ،
ھازىر ئويۇنلارنى كىنودەكلا ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتىمۇ، يىلدا بىر قىسىم چىقىرىپ ھارمامدىغاندۇ بۇلار. ئويناپ بىز ھېرىپ قالىمىز….مۇشۇنداق قىلىپقۇ يىلدا بىر خۇمار تۇتىدىغان بولۇپ قالدى ھازىر. بۇ قېتىم ئويۇن يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىلىدىكەندە. دېمىسىمۇ ھەرقانچە ئىلغار تېخنىكا بولغان بىلەنمۇ ھايۋانلارنىڭ سەزگۈسى دېگەن باشقىچىدە . ئىلغار پەن-تېخنىكىلىق قوراللار بايقىيالمىغان نەرسىلەرنى شۇ ھايۋانلارنىڭ ھەرخىل سەزگۈلىر بايقىيالايدۇ ئەمەسمۇ.
يەنە بىر خەۋەر يېقىندا ئۇچقۇر ماشىنا(极品飞车) مۇسابىقە ئويۇنىنى كىنو قىلىپ ئىشلەۋېتىپتۇ. 2014_ يىلى قويۇلىدىكەن.
مەجبۇرىيەت چاقىرىقى بۇ ئويۇننىڭ 9 قىسىمىنىڭ ھەممىسىنى ئويناپ بولدۇم ،مۇشۇ 10 ساقلاپ تۇرغان
مەن تېخى mw4 چىقىدۇ دەپ ئوتاسام ، ھەي قانداقراق چىقار مۇشۇ
بولمىسىغۇ mw پۇراپ تۇرىدىغان ئويۇنكەن
مىنىڭچە بۇ ئويۇن ئادەمنى سەل ئىتتىك مىجەز ھەم ئالدىراڭغۇ قىلىپ قويىدۇ بەزى جەھەتلەردە راسلا تەسىرى باركەن ھە ئابومجان ئىدىش قىنى سىلە خىزمەت قاندا بولدى گىلەم تازلاش دۇكىنى ئاچمايدىغان بولدىڭلىمۇ لىكىن ياخشى ئىشتى بوپتۇ يەنە بىر زىيالى بىلەن قىلامىز
ھە راس دوسلار ئويۇن ئوينايدىغان كومپيوتېېمنى ساتىمەن كىم ئالىدۇ سۆرىمەيدىغان ئويۇن يوققۇ دەيمەن i7CPUدەڭلا بىر ئىغىزلا گەپ 2800ئىلىشاملا
ھىچ قانداق ئالاقىلىشىشى ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويمايلا ئالامسىلە دەپ !
مەنچە يەنىلا ھازىرقى زامان ئۇرۇش(Modern warfare) تۈرىدىكىسى ۋاقىت چىقىرىپ ئويناشقا ئەرزىيدۇ…
Infinity Ward دىگەن شىركەت ئىشلىگىنىنىڭ چىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر كۈچلۈك…
كۆرۈنمە يۈز جەھەتتە Treyarch نىڭ ياخشىمىكىن دەيمىنا ،،ۋەقەلىك جەھەتتىنInfinity Wardنڭ ياخشى … يا ماڭا شۇندا بىلىنىپ كەتتىمۇ ، 7- بۆلۈمدىكى پېرسوناژ لارنىڭ چىرايىنىڭ چىنلىق دەرىجىسى 8- دىن ياخشىراق بىلىنىدۇ ..
بۇ ئويۇننى مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوينايمەن،يىقىندا،تىڭشۈن شېركىتى activiton بىلەن ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ ئاسىيا بازىرى بولغان چايناغا Call of duty online نى كىركۈزدى،ئازرى چ چ ئادىرسى ئارقىلق بو ئويۇننى ئوينىغىلى بولىدۇ، مەن ئويناۋاتىمەن ، بىللە ئوينايدىغانلا بولسا كىلىڭلار،ئويۇندىكى ID رىم بولسا،(Abdu.) .تور بىتىن تەمىنلەپ قويسام بولار ھە،(http://codol.qq.com/index.shtml)لىكىن ھازىر سىناق نەسىر چوقۇم سىز تەستىقلانغان بولىشڭىز كىرەك،
بارغانچە ئۇيۇن خوشياخمايدىغان بۇلۇپ كەتتى ! 9نى ئويناپ بۇلالمىغان ئىدىم .تىزراق ئويناپ تۈگۈتۈپ 10 غا ئورۇن ھازىرلىسام بولغۇدەك .
ھە ئۈندىدار نۇمۇر 1737813738
نىمىدىگەن بەخىتلىك باللا سىلە
ئويۇن ئوينىسا بەخىتلىك بولامدا ئادەم ؟
يا گەپنىڭ تىگىدە گەپ بامۇيا؟
باللا بۇ ئويۇن تورلۇق ئويۇنمۇ مەن چۈشۈرسەم تورلۇق كەن لىكىن ئاۋۇ فىلىملەرگە قاراسام تورسىزدەك قىلدۇ