جەڭگاھ 4 رەسمىي ئېلان قىلىندى
FPS ھەۋەسكارلىرى زارىقىپ كۈتكەن بۇ يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ نادىر قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇننىڭ بىرى – جەڭگاھ 4 ئاخىرى ئېلان قىلىندى! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇدا قوشۇلغان يېڭى ئېلىمېنتلار ئاز ئەمەستەك…
جەڭگاھ 4 بولسا DICE تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، EA شىركىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بىر تۈرلۈك FPS خاراكتېرىدىكى ئويۇن، ئەنئەنىۋى جەڭگاھ ئائىلىسىدىكى ئويۇنلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى.
جەڭگاھ 4 تىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر
ئويۇندىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، بىرەر كىنونىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرگەندەك بولدىڭىزمۇ يوق؟ جەڭگاھ 4 كە ئەڭ يېڭى ئويۇن موتۇرى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەينەنلىك دەرىجىسى ئالدىنقى ئەۋلادقا قارىغاندا بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئامېرىكا، جۇڭگو، روسىيە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى كۈرەشنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ۋەقەلىكلەر سۆزلەنگەن.
ئويۇننىڭ سەپلىمە تەلىۋى
CPU: ئىنتېل i5 750 ياكى AMD نىڭ ئوخشاش تىپتىكى CPU لىرى
سىنكارتا: nVidia GTX560/ATI Radeon HD6850
ئىچكى ساقلىغۇچ: 8GB تىن يۇقىرى
قاتتىق دېسكا: 30GB تىن يۇقىرى بىكار ئورۇن بولۇشى كېرەك
سىستېما: Vista/Win7/Win8 بولسۇن | XP قوللىمايدۇ
قاچىلاش ئۇسۇلى:
- چۈشۈرۈپ پرېستىن يەشكەندىن كېيىن EA.Game.RegFix.exe ناملىق ھۆججەتنى ئىجرا قىلىپ ئويۇنغا زۆرۈر لازىملىق مۇھىتنى قاچىلايمىز.
- ئاندىن 开始游戏.EXE نى بېسىپ ئويۇننى باشلاپ ئويناپ كەتسەكلا بولىدۇ.
جەڭگاھ 4 نى چۈشۈرۈش ئادرېسى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
迅雷 تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: FPS، ئويۇن، جەڭگاھ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,161 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: battlefield4.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «نارۇتو: ئاخىرقى بوران3 پۈتۈنلەي پارتلاش» نىڭ PC نۇسخىسى چىقتى
- كېيىنكى يازما > مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 10: ئەرۋاھلار – Call Of Duty: Ghosts
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
ئويۇندەكلا – ئويۇندە ئەمما، لىكىن كومپىيۇتېرغا بولغا تەلەپ خېلىلا يۇقىرىكەن. ئەرمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دىگەن مۇشۇ شۇدە!
مەنمۇ بىر چۈشۈرۈش ئادېرسىنى قالدۇراي
http://www.gamersky.com/Soft/201310/304030.shtml
جوڭگودىكى ۋەزىپە بەك ياقتى جۇمۇ، ئېتىپ-ئېتىپ پۇخادىن چىقمىدىمغۇ زادى
دۈشمەننىڭ ئۆلگەندىكى ئەييا دەپ دەپ ئۆلۈشلەرنى شۇ پېتى ئاپتۇ…..
ئەمما CPU بەك كۈچەيدىكەن. ئويۇن ئېچىلىپ ئۆچكىچە كومپيوتېرنىڭ قىزىل چىرىقى يېنىقلا تۇردى.
مەن 32لىق سىستىمدا ئوينىيالمىدىم 64 لىقنى قىاچىلغاندىن كىيىن ئوينىيالىدىم بۇ قىتىمقىسنى راسلا ياىشى ئىشلىنىپتۇ
بۇ تاق كىشىلىك ئويۇنمۇ ،تور ئويۇنىمۇ ياكى كومپىيۇتېرنىڭ ئۆزىدەئوينايدىغان ئويۇنمۇ؟چۈشەنچە بەرسەڭلار رەھمەت!
بۇ ئويۇن باشقا FPS ئويۇنلىغا قارىغاندا خىلى تەس جۇمۇ
مىنىڭ amd x4 640 لىق تۆت يادرولۇق cpu ئىچكى ساقلىغۇچ 4g ، كۆرسىتىش كارتىسى colorfu gt630 بەشىنچى ئەۋلات ئىدى سۆرىيەلەمۇ؟ مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 9 ،جەڭگاھ 3 ، medal of honor قاتارلىق ئۇيۇنلارنى ئەڭ يۇقۇرى سۈزۈكلۈكتە ئوينىغىلى بولاتتى بولسا بىرئوينىغىلى بولسا ياخشى بولاتتى
مىڭ سورىغاندىن بىر چۈشۈرۈپ ئويناپ باققان ئەلا
مىنىڭ كومپىيوتىرىم AMD X2 5200+ CPU، ئىچكى ساقلىغۇچ 2g ،كۆرسىتىش كارتا، nvidia 9600 gt ئىدى،بۇ ئۇيۇننىڭ 3-بۈلىمىنى ، مەجبۇرىيەت چاقىرىقىنى 8-9- نى نۇرمال ئوينىغان ،بۇنى ئوينىغىلى بۇلارمۇ،
AMD X4 640.
Geforce Nvidia 9600GT
ئىچكى ساقلىغۇچ 4G
بىلەن ئوينىغىلى بولارمۇ؟
مەن ئويناپ بولدۇم، جەڭگاھ3 تەك ياخشى ئەمەسكەن. سىغىمىنىڭ 23 گېگابايىت بولغىنىغا چۇشلۇق ۋەقەلىكى قىسقىكەن، بىر كۈندە ئويناپ بولدۇم. كىشىنى جەلىپ قىلدىغان يېرى جۇڭگو ئەسكەرلىرى بىلەن ئېتىشىدىكەنمىز. سەنشىيا توسمىسىدەك چوڭ بىر توسمىنى پارتىلدىكەنمىز. (سەنشىيا شۇمىكى دېسەم ئەتراپىدا ئەرەپ ئۇسلۇبىدىكى قۇرلۇشلار باركەن)
مەنچە بولغاندا بۇ ئويۇن ‹ مەجبۇرييەت چاقىرقى › غا يەتمەيدىكەن ، ‹ مەجبۇرييەت چاقىرقى 10 › نى قاچانمۇ ئوينىيالارمىز ھە !
5.چىسلا ئوينىيالايلا
مەن ئەمدى كۇرۇپتىمەن كۇزۇم سەككىزبولغان ساقلاپ
مىنىڭ كومپىيۇتىرىم سۆرىيەلەرمۇ؟ كومپىيۇتىر قاتتىق دىتاللىرىدىن خەۋىرى بار باللا دەپ بىرىڭلار ، كومپيۇتىر قاتتىق دىتاللىرىم تۆۋەندىكىچە:
تۆت يادرو CPU : Intel Core2 Quad Q8400
ئاساسى تاختا : ASUS P43 1600FSB
ئىچكى ساقلىغۇچ : DDR3 2G 1333Mhz
گىرافىك كارتىسى : Ati Radeon HD 6750 1GB GD5 核碎主频750Mhz
قاتتىق دىسكىدا 200 گىگا بوشلۇق بار
خاپا بولماي ، كۆڭلۇمنى ياندۇرماي دەپ بىرىڭلار ، ئوينىيالامدىكەنمەن.
ئەپەندىم ، ئىچكى ساقلۇغۇچىڭىزنىڭ سىغىمى كىچىكتەك تۇرىدۇ ، سۆرىيەلمەسمىكى !
32بىتلىق سېستىمىدا ئويناپ باققانلار بارمۇ بوپساڭلا ھايت دىۋېتىڭلا بۇ ئۇيۇننى دەپ سېستىما ئالماشتۇرسام 64 نۇرغۇن دېتاللارنى قوللىمايدىكەن
مەن ھەقىقى نوسخىدىكى win7سىتۋالغان قانداق قاچىلاشنى بىلەلمەيۋاتمەن ئادەتتىكى سىستىما قاچىلاشقا ئوخشىمايدىكەن
مەن چۈشۈرۈپ ئوينىغانتىم، ئويۇننىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن دەششەتكەن، بىراق 24 گىگابايىتلىق ئويۇن قانداقسىگە يېرىم كۈندىلا تۈگەپ كىتىدۇ، پەقەت ئىشەنمەي قايتا قايتا تەڭشەڭ ياكى باشقا ئۇسلۇبىنى ئىزدەپ باقتىم تاپاممدىىم، مىنىڭچە سۈزۈكلىكى سىغىمنى شۇنچە كۆپ ئىگىلەپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن ، لىكىن يەنىلا ئىشەنمەيمەن، جەمىي 7 مەيدان 24 گىگابايىت كەلمەيدۇ، ئويۇندىن خېلى رازى بولدۇم، ياخشىكەن…………
بەشىنجى چېسلانى ساقلاپ كۆزۈم 8 بوپكەتتى ، بۇ قىتىم مەجبۇرىيەت چاقىرقىنى تورخۇماردا كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى تورخۇمارنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغان ئويۇنلىرى ھەقىقەتەن ئاز ، تورخۇمارنىڭ يىڭىدىن ياسالغان ، ناھايتى پۇزۇر ئۇيۇنلارنى داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرشىنى ئۈمىد قىلىمىز
بۇ ئويۇننىڭ يارقىن نۇقتىسى تورلاشتۇرۇپ ئويناشتا، شۇڭا ۋەقەلىك قىسمىغا بەك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
سىلەر قەيەردىن چۈشۈر دۈڭلار بىلمىدىم مەن چۈشۈر سەم خاسلا رار ھۆجىتى چۈشتى 开始游戏.EXE ئەسلا يوق كەن يا بولمىسا چۈشۈرۈش ئادىرسى خاتا مۇ يە
رەھمەت مەنمۇ ئويناپ بولدۇم سۇزۇكلۇك دەرىجىسى ھەكىكەتەن ياخشىكەن ،را س ئويۇنخۇمار دوسىتلار ،ئەگەر سەپلىمىسى يۇقۇرى كومپىئۇ تۇرغا ئىھتىياجلىق بولساڭلار مەن ئازراق ئىش بىلەن كومپىئۇتۇرۇم نى ساتماقچى بوپ قالدىم
QQ 1161844353 سەپلڭمىسى: ئنا تاختا HI-FI B75S3E
CPU (CORE) i7-3770 cpu 3.40ghzئىچكى ساقلىغۇچ ( 8GB(DDR3
(硬盘1000GB(7200RPM
显卡七彩虹GTX650T
DWD光驱
ئىكران
Viewsonic/优派显示器23英寸VX2370s باشقا لازىملىق قوشۇمچە زاپچاسلار ھە راس wndowis8 ھەقىقى نۇسقىسىمۇ بار ئۆزۇم سىتىۋالغان ھەممىنى بىراقلام ساتىمەن
ئۇيۇننى ئوينىغاندا شۇنداق يىنىك لىكىن پات پات قېتىۋالىدۇ بىرەر قوشۇمچە دېتاللار بىلەن ھەل قىلغىلى بولامدىغاندۇ
مەن چۈشۈرگەن ئىدىم. ‹快玩游戏盒› دېگەندىن بىراق Origin چۈشۈرۈڭ دەيدۇ، چۈشۈرسەم كود نۇمۇرىنى كىرگۈزۈڭ دەيدۇ، كود نۇمۇرى 58.9 دوللار ئىكەن، ھەقسىز ئۇيۇن بولسا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللاپ قويساڭلار يا مۇشۇ تېمىدىكىسى شۇنداقمۇ بىلمىدىم؟؟؟؟ تەلىم بەرگەن بولساڭلار
مېنىڭ خاتېرە كومپىيوتېرىمدا ئىككى دانە كۆرسۈتۈش كارتىسى باركەن بىرسى توپلاشتۇرۇلغان(Intel(R) HD Graphics 3000)يەنە بىر( 1GB NVIDIA GeForce GT 540M) مەن دىمەكچى توپلاشتۇرۇلغان كۆرسۈتۈش كارتىىنىڭ ئورنىغا NVIDIA GeForce GT 540M ئىشلەيدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولماسمۇ
بولىدۇ. بىراق GT تىپلىق كارتا ئاجىز كەپ قېلىشى مۇمكىن.