مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 10: ئەرۋاھلار – Call Of Duty: Ghosts
ئىلگىرى دېيىشكەن ۋاقىت بويىچە، مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 10: ئەرۋاھلار بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى!
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ئەرۋاھ» بولسا، «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» ئائىلىسىدىكى 10-ئەۋلاد ئويۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى ئانچە ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر قېتىملىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھۇجۇم دۇنيادىكى كۈچلەرنىڭ تەڭپۇقلۇقىنى مەڭگۈلۈك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئاتامانلىق ئورنىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ. ھۇجۇمدىن 10 يىل كېيىن، «ئەرۋاھ» نامىدىكى بىر قابىل ئەترەت مەخپىي ھالدا بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغاپ، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان دۈشمەنلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ…
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى10: ئەرۋاھ» ئوۋ ئىتى بۆلىكىدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى10: ئەرۋاھ» سۇ ئاستىدىكى جەڭ بۆلىكىدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
15 مىنۇتلۇق ئويۇننىڭ باشلىنىش بۆلىكى:
ئويۇننىڭ سەپلىمە تەلىۋى:
سىستېما: Windows 7 ياكى 8 نىڭ 64 بىتلىقى بولسۇن
CPU: ئىنتېلنىڭ Core 2 Duo E8200 2.66GHz ياكى AMD Phenom X3 8750 2.4GHZ
ئىچكى ساقلىغۇچ: 6GB تىن تۆۋەن بولمىسۇن
قاتتىق دېسكا: 40GB دىن ئوشۇق بوش يەر بولسۇن
سىنكارتا: NVDIA GeForce GTS450 ياكى Radeon HD5870
دىققەت: يۇقارقى تەلەپ سەپلىمىگە بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا سەپلىمىڭىز بۇنىڭغىمۇ يەتمىسە، ئويۇننى چۈشۈرۈپ ۋاقىت ئىسراپ قىلمىغىنىڭىز ياخشى. يەنە بىر ئىش، خۇددى ئۈستىدە كۆرگىنىڭىزدەك، يېقىندا چىقىۋاتقان چوڭ تىپتىكى ئويۇنلار XP قوللىمايلا قالماستىن، يەنە Win7/8 نىڭ 64 بىتلىق سىستېمىسىغا لايىق چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا كېلەر قېتىمدا سىستېما قاچىلىغان چېغىڭىزدا، 64 بىتلىق سىستېمىغا كۆچۈشكە ئۇرۇنۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.
قوشۇمچە: 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
قاچىلاش ئۇسۇلى:
- پرىستېن يېشىپلا ئويناشقا بولىدۇ.
- لېكىن شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەزكۇر نۇسخا سىستېمىنىڭ چوقۇم Win7/8 نىڭ 64 بىتلىق ھەمدە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ 6GB تىن يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | باشقا ئويۇنلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: COD، FPS، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 22,830 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cod10.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > جەڭگاھ 4 رەسمىي ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما > قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق | Assassin’s Creed IV: Black Flag
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
ماۋۇ ئويۇنلارنىڭ كومپيوتىر سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى بەكلا ئېشىپ كىتىپ بارىدۇ.
شۇغىنىسى مېىڭ كومپيۇتىرىمنىڭ سەپلىمىسى………………..
ئوينىيالمايدىغان بولدۇمدە
پەچەتكەنتۇق ……بىراق كومپىيوتىرىم سۆرەمۇ بۇ مەخلۇقنى
مەن دىۋانى بولۇپ باقاي دەپ ئىشنى تاشلاپ شۇنچە مارىلاپ تۇرساممۇ يەنە دىۋانى بولالماپتىمەنبۇرۇن ياقتۇراتتىم بۇ ئويۇننى ئەمدى بۇندىن كىيىن ئوينىمايمە بولدى
رەھمەت مەنمۇ ئويناپ bakay ،را س ئويۇنخۇمار دوسىتلار ،ئەگەر سەپلىمىسى يۇقۇرى كومپىئۇ تۇرغا ئىھتىياجلىق بولساڭلار مەن ئازراق ئىش بىلەن كومپىئۇتۇرۇم نى ساتماقچى بوپ قالدىم
QQ 1161844353 سەپلڭمىسى: ئنا تاختا HI-FI B75S3E
CPU (CORE) i7-3770 cpu 3.40ghzئىچكى ساقلىغۇچ ( 8GB(DDR3
(硬盘1000GB(7200RPM
显卡七彩虹GTX650T
DWD光驱
ئىكران
Viewsonic/优派显示器23英寸VX2370s باشقا لازىملىق قوشۇمچە زاپچاسلار ھە راس wndowis8 ھەقىقى نۇسقىسىمۇ بار ئۆزۇم سىتىۋالغان ھەممىنى بىراقلام ساتىمەن
ۋاھ ئىككىمىزنىڭ كومپىيوتېرې نىمدا ئوخشاش قۇراشتۇرۇلغان مىنىڭچە ساتماڭ ما توردىكى باللا بىلسىمۇ بەك تۆۋەن سورايدۇ چىچىلىپ قالىسىز ،سەممەي پىكىر پۇل لازىم بولۇپ قالغان بولسا تىلفۇننى سىتىپ تۇرۇڭ ياكى ……………………….ھە
سىتىش نىيتىڭىز بولسا باھا قۇيۇڭ
ھەرقانچە بولسىمۇ ئالغان يەرگە ساتماسسىز
مەن ئىشتاھاساقلىغىلى ئۇزۇن بولغان كومپىيۇتېرىم سۆرىيەمەمدۇنىمە؟ جەڭگاھ4 نىغۇ سۆرىدى ئەمما ئويناپ تازا جىددىي يېرىگەكەلگەندە ئويۇندىن چېكىنىپ كېتىدۇ يەنەبىر چاتاق ئويۇننىڭ ئاۋازى ئۈزۈلۈپ -ئۈزۈلۈپ چىقۋالىدۇ سۆرەت ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا . ئىچكى ساقلىغۇچ 4گىگابايىت ئىدى يىتىشمەيۋاتامدۇ يە ؟ كومپىيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسى سىپىيۇ amd x4 640 تۆت يادرو كۆرسىتىش كارتىسى 七彩虹 نىڭ 1گىگابايىتلىق 5 ئەۋلات كارتىسى ئىدى سېستىما 32 بىتلىق win7
جەڭگاھ 4 دىن خىلىلا تۈۋەنكەن ئۇينغىلى بۇلدۇ مىنڭ كۇمپيۇتىرۇمنڭ cpuسىنى 60قا چىقىرۋىتىدۇ
مەن بۇ ئويۇننى ئوينىسام ياچىۋەك بىلەن ھارۋا سۆرىگەندەك بولۇپ قالغۇدەك
ئازراق گۇمان قىپ قالدىم ، مۇشۇ ئۇيۇن ياسايدىغانلا بىلەن ھەرخىل سەپلىمە ياسايدىغانلا تىلىنى بىر قىلۋاغانمىدۇ دەپ …ئۇياننىڭ ئەڭ تۆۋەن سەپلىمىسىنى يۇقىرى كۈتەسە بىزمۇ ئامال يوق كومپىيوتېرنى يېڭىلايمىز ئەمەسما …
ئىشقىلىپ ماڭا نىسبەتەن بەك يۇقىرى تۇيۇلدى بۇ ئۆلچەم
ئۈرۈمچىدە داۋەن تەرەپتە چۆگلەپ يۈرۈپ xbox ئوينايدىغان بىر يەنى ئۇچرىتىپ قالدىم ، ئەزەلدىن بەك قىزىقاتتىم بۇ جانىۋاغا ، خۇشاللىقتا بىرنى ئاچقۇزۇپ ئويناپ باقتىم ، كاساپەت ئەجايىپ قالتىس نىمىكەن بۇ ، ئىككى سائەت ئويناپ قاتىدىغان دىگەندەك ئىشلانى بايقىمىدىم ، ئىچىگە 60يېقىنقا ئۇيان قاچىلاپ قۇيۇپتۇ ، بىر بىرىدىن يۇغان ئۇيۇنلا ئۇ … ھەقىقى ئۇيۇن خۇمار مانىڭدىن بىرنى ئېپ قويسا بۇلىدىكەن ، تېلۋىزورغا چېتىپلا ئوينىسا بۇلدىكەن ، ئىكران قانچە چوڭ بولسا شۇنچە پەيزى بۇلىدىكەن
ئىككى سائىتى 40 كوي ، دىمەك 150سائەت ئوينىسام بىر xboxنىڭ پۇلىغا ئوينايدىكەنمە
بۇ نەسە تېخى بەك ئۇمۇملاشمىدى ، 15000 كوي مەبلەغ سېلىپ مانىڭدىن ئىككىنى قۇراشتۇرۇپ قويسا نەچچە ئايدىلا پۇلىنى تاپقىلى بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ، تورخانا ئېچىپ باققانلا ، ھەم بىر ئىش قىلسام بۇلىتى دەپ ئولتاغان باللا ما توغرىسىدا ئىزدىنىپ بېقىڭلا
راست بەك پەيزى بولىدۇ، لېكىن ئۆيدە بولسا توپا بېسىپ تۇرىدىكەن. ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرى يوق دېگەن شۇمۇ يا. نەچچە كۈندە بىر ئېچىپ FIFA2014 نى بولىشىغا ئويناپ قويىمەن. ئىچىگە ئويۇننى بەك جىق قاچىلىۋاپتىكەنمەن تېخىمۇ لاۋزىلاشقىلى تۇردى. زادى شۇ بىردىن بىردىن قاچىلاپ ئوينىسا پەيزى بولىدىغان ئوخشايدۇ…
مەنمۇ قايسى كۈنى كۆرۈپ قالدىم ئۇ يەرنى ، بىر كىرىپ باقسام بولغۇدەك ، نىمدا قىژمەتتۇ دەيمە
مۇسۇلمانلار ئاچمايلا قويغىنى ياخشى ئۇنداق جاينى…
ماۋۇ ئويۇننمۇ چڭقڭپ بوپتۇ مانا ،ئادەمنىڭ ئوينىغىسىنى كەلتۈرۈپ تازىمۇ بىر مۇشۇ كومپىيۇتېرىمنڭ دىسكىلىرى كىنو ،ئويۇنلار بىلەن تۇلۇپ قالدى ،بولمىغان بولسا …..
ھەراس باللا ماڭا بىر يۆتكىلىشچان قاتتق دىسكنىڭ ياخشىراقىدىن تەۋسىيە قىپ قويمامسىلە.
1تىلىق ،بولسا بولا .ئاراڭلاردا ئەپ باققانلار بولسا …..
يۆتكىلىشچان قاتتىق دىسكا ، يۆتكىلىشچان توك مەنبە دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا ھەرگىزمۇ 30،40كوينى دەپ ئەرزاننى ئالساق بولمايدۇ ، مەن 希捷دىگەننى تەۋسىيە قىلىمەن ،(西部数据دىگەننىڭمۇ خېلى نامى با)بۇ ئامرىكىدىكى مەخسۇس يۆتكىلىشچان قاتتىق دىسكا ياسايدىغان شىركەت، كۈچۈرۈش سۈرئىتى تىز ، شاۋقۇنى تۆۋەن،3يىل بولدى ھازىرغىچە شۇنداق ياخشى ئىشلىتىۋاتىمەن، يۆتكىلىشچان قاتتىق دىسكا ئىشلەتكەندە بەك دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ، usbسىمى ئۇزۇن بوپ كەتسە قاتتىق دىسكىنى ئوڭاي كاردىن چىقىرىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى 30سانتا ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق
مەنمۇ بۇئۇيۇنغا بەك قىزىقاتتىم ئەپسۇس كومپىيوتىرىمنىڭ سەپلىمىسى بۇ سەپلىمىنىڭ يېرىمىچىلىك كەلمەيدىكەن،9-چىسىنى نۇرمال ئوينىغان ، بۇنىڭغا قارىمىساممۇ بولغىدەك
ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرسام بۇلىدىغان ئۇخشايدۇ
بۇ ئۇيۇننىڭ مەيلى كۆرۇنۇش دەمدۇق ياكى ئۇيۇننىڭ خاراكتېر ۋە ياكى باغلانما ۋەقەلىك دەمدۇق راست شۇنداق ئادەمگە بىر خىل رازىمەنلىك تۇيغۇسى بىرىدۇ . لىكىن بۇ نۇسقا ھەقىقەتەن سەپلىمە تەلەپ قىلىدىكەن . يەنە كىلىپ windows x64 بىتلىق مەشغۇلات سېستىمىسى تىخى .
بۇلۇپمۇ بىز ئۇيغۇر دوستلارنىڭ مالىيەدە سەل گەدەن قاشلايدىغان ئىش بولغۇدەك . ئۇ تەرەپنىڭ گەدەن قاشلايدىغان ئىشلىرى بولمىغاچقا مانا مۇشۇنداق بوپ كېتىپ باردۇ دە .!!!
توردا ئىچكى ساقلىغۇچ 6G تىن تۆۋەن بولسىمۇ ئوينىغىلى بولىدىغان قىلىدىغان ياماق چىقىپتۇ، لازىملىقلار ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ ياماقنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئويۇندا قېتىۋېلىش يۈز بېرىدىكەن، مەن سىناپ باقمىغاچ ئادرېسىنى قالدۇرمىدىم.
يەنە بىرسىگە، بايا بىر ئۇچۇردا كۆرۈشۈمچە، مەزكۇر نۇسخىدىكى Ghost بىلەن ھازىرقى زامان ئۇرۇشى يۈرۈشلۈكلىرىدىكى Ghost بىر ئادەم ئەمەسكەن، ھەمدە Activision مۇ ئەمدى ھازىرقى زامان ئۇرۇشى ۋەقەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان COD چىقارمايدىغان ئوخشايدۇ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم سەل يېرىم بولدى. زادى قانداق بولىدۇ، بۇنى كېيىن يەنە ئەھۋالغا قاراپ بىلىپ قالارمىز.
مىنىڭ ئوينايدىغاندەك قىلىدۇ gts250 بىلەن ئويناپ قالسىلا
قالغان يەرلىرىدە چاتاق يوق
ياخشىمۇ سىز؟ ئەلگەنۇر :ئەلۋەتتە ئالغان يەرگە ساتمايمەن windowis 8 ئاچقۇچى بولۇپ ھەممىسى تولۇق 5000مىڭگە ساتىمەن دىگەنتىم قالدىسى 1161844353 كە خەت قالدۇرۇڭ رىىسقىڭىز بولسا سىز ئىشلىتەرسىز
مەن ئوينۇدۇم لىكىن ئىنگلىزچە خەتلىككەن خەنزۇچە خەتلىگى يۇقمىدۇ
ئىچكى ساقلىغۇچ 4GB
CPE: intel corei3 2100
سىنكارتا :AMD Radeon HD 6500 series
ماۋۇ سەپلىمىگە 4 GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچتىن بىرنى سەپلىسەم ئوينىغىلى بولارمۇ ؟
g4لىقتىمۇ ئوينىغىلى بۇلدىكەن مىنىڭمۇg4لىق ئىچكى ساقلىغۇچ
چاتاق چىقتى ، ئويناپ بولغانلار ياردەم قىلىڭلار، 14 جى مەيداننىڭ ئاخىردا زاۋۇتتىن قېچىپ ماڭىدىغان يېرىدە بىنا ماشىنا ئارقا كوزىپىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ، مېنى چۈشۈرۋىتىدىكەن ئاندىن سىز كوزۇپتىن چۈشۈپ كەتتىڭىز دەپ چىقىۋىلىپ پەقەت ئۆتەلمىدىم، مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانلار بارمۇ بۇ يەردىن قانداق ئۆتىدىغاندۇ بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار بەك كۆپ ئويناپ كەتتىم ، تورخۇماركا سىز بىلەمدىكەنسىز
بىر تەرەپتىن ئاتقاچ بىر تەرەپتىن ئىچى تەرەپكە سۈرۈلۈپ ئويناڭ، ئاندىن بىرەر كۇنۇپكىنى بېسىشنى ئەسكەرتتىمۇ يوق دىققەت قىلىڭ.
28گ چوڭلۇقتىكى ئويۇننى شۇنداق تەستە چۈشۈرسەم شۇنداق ئاسان تۈگەپ كەتتى دىسە ئويۇننىڭ ياخشىسى يەنىلا شەپەرەڭ پالۋن كەن يىڭىسنى ئويناپ باقمىغانلارنى ئويناپ بىقىشقا تەۋسىيە قىلمەن ھەقىقەتەن ئويناپ باققۇچىلگى باركەن
كومپىيۇتېرىمدىن ئىس چىقىرىۋەتكۈدەك،شۆلگەينى ئېقىتىپ قاراپ ئولتۇرماقتىن باشقا ئامال يوق ئەمدى…
پاھ ياخشى ئويۇنكەن مەنمۇ ئويناپ ئاخىرلاشتۇرۇپ بولدۇم ،بولسا مۇشۇنداق ياىشى نادىر ئويۇنلارنى كوپلەپ يوللاپ تۇرىڭلا ،
مەن ھازىر PS3تە(ماشىنا بۇلاش5)ﺋويۇنىنى ﺋﻮيناۋاتقان.ھەممەۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ بولغىلى ﺋازقالدم. بۇ ﺋﻮﻳۇننىمۇچۈشۈرۈپ قاچىلاپ باشلىمىنى ﺋازراق ﺋﻮﻳناپ باقتىم ۋاقىت چىقىرىپ تولۇق ﺋﻮﻳناپ باقامەن.
چۈشۈرسەم بەك جىقلام zip شەكىللىك ھۆججەت بار ئىكەن، قايسىنى يىشىپ ئوينايمەن؟ ياردەم قىلساڭلار…
ھەراس دوسلار قاچىلاش ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار سىلەردىن ئۈتۈنۈپ قالاي پەقەتلا قاچىلىيالمىدىم ياردەم قىلىڭلار
مەن ئوينىيلامىغىدەكمەن ئەمسە..ئىچكى ساقلىغۇچ 2 جى
مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11 توغرىسىدا تېما يېزىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.
بۇنىڭ ھازىرقى زامان نۇسخىسى چىقىدۇ دېگەن پاراڭلار بار، شۇنىڭغا ساقلاپ يېزىپ بولالمىدىم.
بولىدۇ،ساقلاپ باقايلى
ھەﺭﺍ ﺱ ﺋﻮﻳﯘﻧﺨﯘﻣﺎﺭ ﺩﻭﺳﯩﺘﻼﺭ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﻮﻣﭙﯩﺌﯘ ﺗﯘﺭﻏﺎ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻣﭙﯩﺌﯘﺗﯘﺭﯗﻡ ﻧﻰ ﺳﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ئىچىدە 使命召唤10 11 gta5
قاتارلىق ئويۇنلار باربىمالال ئوينىيالايسىز cpu i3 530
显卡amd hd6970 2GB 硬盘 500
24显示器
2400 qq 1660742982