ACT تىپىدىكى بۇ يىلقى نادىر ھەرىكەتلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى: ئۇنۇتما(Remember Me)
ئويۇننىڭ ئىسمى ئۆزگىچە ھە؟ ئويۇن دەپ ئەسكەرتىپ قويمىسا كىشى مۆمىنجاننىڭ ناخشىسىمىكىن دەپ قالىدۇ زادى، ھاھا! گەپكە كەلسەك، بۇ يىل ساھىبجامال قىزلار باش قەھرىمان بولغان ئويۇنلار مودا بولغان چېغى، يېقىندا تېخى لورا خانقىز رول ئالغان «قەبرىستاندىكى ساھىبجامال9» قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. مەزكۇر ئويۇنمۇ قارىماققا يامان ئەمەستەك قىلىدۇ، قېنى ئاۋال بىر تونۇشۇپ چىقايلى…
ئۇنۇتما(Remember Me) ناملىق بۇ ئويۇن، ئەسلىمە باش تېما قىلىنغان فانتازىيەلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھېكايە ۋەقەلىكى 2084-يىلىدىكى پارىژغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئويۇندىكى كىشىلەر خاتىرىسى(كاللىسىدىكى)نى قاراڭغۇ بازاردا ئەركىن ساتالايدىغان ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇپ، ئويۇننىڭ باش پېرسوناژى Nilin ئىسىملىك قىزچاق. ئويۇننىڭ تەشۋىقات فىلىمىدىنمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان نۇرغۇن ئېلىمېنتلارنى بايقاش تەس ئەمەس.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
ئويۇندا، بارلىق ئىنسانلار بىر سەزگۈ سىستېمىسى(Sen-Sen)غا سىڭدۈرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ سىستېمىدا كىشىلەر خاتىرىسىنى ئۆز-ئارا ئەركىن ئالماشتۇرالايدۇ ۋە سودىلىشالايدۇ، بۇ سىستېمىنى ياسىغان شىركەتنىڭ نامى Memoryeyes بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئوبوروتىنى كونترول قىلاتتى.
ئويۇننىڭ سەپلىمىگە بولغان تەلىۋى:
- ھېسابلىغۇچ: Intel CoreTM 2 Quad 2.7 Ghz ياكى AMD PhenomTM II X4 3 Ghz تىن يۇقىرى
- سىنكارتا: NVIDIA GeForce GTX 560 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى
- ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB
- قاتتىق دېسكا: 9G دىن يۇقىرى ئورۇن بولسۇن
- سىستېما: XP/Win7/Win8 ھەممىسىگە بولىدۇ
ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى:
- ھۆججەتنى تور دېسكىدىن تولۇق چۈشۈرىمىز
- ئۆزىمىز خالىغان بىر دېسكىغا پرېستىن يېشىپ بېرىمىز
- ئويۇننىڭ ئىچىدىكى 释放文件.bat ھۆججىتىنى قوزغىتىپ 15 مىنۇتلارچە ساقلايمىز، پۈتكۈل ھۆججەت 6.26G كېلىدۇ
- ئويناشنى باشلاپ كەتسەك بولدى
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
تور دېكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ACT، ئويۇن، فانتازىيە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,878 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: remember-me.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2: زامان ھالقىش» iOS نەشىرى كېلەر ئاينىڭ ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى!
- كېيىنكى يازما > [Flash ئويۇن] ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا كىچىك ئويۇن ئوينىغانغا يەتمەيدۇ – كالۋا Ella
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
ۋا قايسى ئويۇننى ئوينىشىمنى بىلمەي يۈرەتتىم چۈشۈرۈپ ئويناپ باقاي چۇ
ئېسىل ئويۇنلار ئارقا ئارقىدىن چىققىلى تۇردى مانا…
ماۋۇ ئۇيۇننىمۇ ئۇيناپ كۇيغۇلۇك زادى بۇلمىسا پەيزى چىققان چىراي ھە
بولدىغاندەكمۇ تۇردۇ . ئوينىغىدەكمۇ تۇردۇ . قىنى ئويناپ باقىلى …خاتىرەمنى قاراڭغۇ بازادا قانچە پۇلغا ئالىدىكىن
بەكلا مۇرەككەپ ئويۇنمۇ نىمە ،يۇزەكى ەمەس كاللا ئىشلىتدىغاندەك تۇردۇ..
پىچەت
ئۇيۇن دىگەننىمۇ ۋاقىتتا قايلاپ چىقامامدا دەيمە ، ئۆگۈنلەككە ئالى مەكتەپ ئىمتانىسى تۇسا ، ئىمتان بىرىدىغان خۇماداش ئۇكاشلا ما ئۇياننى كۆرەپ قاسا ، ئىمتاھاننىمۇ بىرىپ بوپتا ئەمسە !
ھە ، ئۇكاشلا ، كەپسىزلىك قىمماي ، ئىمتاھانىڭلانى بەلەن بىرىڭلا !
ئەزەلدىن ئىمتان دىسە سەت قوقۇيدىغان ، ما گەپنى دەپ بۇلۇپ ئۆزەم قوقاپ كېتتىم
بۇ ئۇيۇنغۇ ئىسىلكەن ئەمما سىنكارتىنىڭ تەلىپى يۇقىرىكەن ،مەن ئەسلا ئوينىيالمىغۇدەكمەن. دوسلا ئاۋۇ GTX 560 دىگەن سىنكارتىنى قانچە پۇلغا ئالغىلى بۇلار 5-6 يۈز بولسا ئالاي دىگەن.
سىز دېگەن باھاغا بېرىدۇ. تاۋباۋدىن ئىزدەپ بېقىڭ، لېكىن 500 دىن تۆۋىنى بولسا ئويلاشماڭ، ئۆزى ياسىۋالغان ساختا سىنكارتىلار ھەممىسى.
توردىن ئالسىڭىزئەڭ مۇۋاپىقنى700ئاتراپىدائالالايسىز
يېقىندىلا چىققان بىئو خىمىيە كىرزىسى ۋەھىينامە نى ئەمدىلەتىن ئويناپ تۈگىتىپ بىر مۇكاپات مەيدانلىرىنى ئوينامەن دېسەم…بۇ ئويۇن چىقتى ئەمدى. زادى يېتىشىپ بولالمىدىم. چوڭ ئويۇنلاردىن يېرىم يىلدا بىر ئويۇن چىقارسا بولمامدۇ دەيمەندە…….ئەمدى 8_ئاي بىلەن 10_ ئايلاردا ئېسىل ئويۇنلار چىقىدۇ.شۇلارنى ساقلايمىز
قارىسا پەيزىدەك تۇرىدۇ ئادەمنىڭ خۇمارىنى ئۆرلىتىپ…
ھە راست، EVEئوينايدىغانلار يوقمۇ بۇ يەردە؟ لېكىن ئويناپ باقمىغان بولساڭلار تەۋسىيە قىلمايمە جۇمۇ.
قىز – چوكانلارنىڭ ئويۇن لىرى بىلەن خوشۇم يوق ، بەك كالامپاي ھەم سارغۇچ چىقىدۇ ئۇلا
بۇ ئۇيۇننى توردىن چۈشۈرەي دەپ جىق ھەپىلىشىپ يىرمىغا كىلۋىلىپ چۈشكىنى ئۇنىماي بازاردىن ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ئاران تىپىپ ئەكىرىپ ئوينىسام خاتىرلىمەيدىكەن دەيمەن ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈپ،يەنە كىلىپ ماۋۇس تەتۈركەن. ئوينىغان يەدىن چىقماي يىڭى باشلاش دەپلا چىقىۋالدى.باللا سىلنىڭكىمۇ شۇنداق بولدىمۇ ياكى تەڭشەيدىغان بىر يىرى بارمۇ؟
مەن 360 دىن چۈشۈرگەن ئويۇن بەك نۇرمال لىكىن سىزنىڭكىدەك خاتىرلىمەيدۇ دائىملا باشقا قايتىپ كىتىدۇ بۇ قانداق ئىشتۇ يا ئوڭشىغىلى بولمايدىكەن يا بىر ئولتۇرۇپلا ئويناپ تۇگەتكىلى بولمايدىكەن بۇ ئويۇننى