«جەڭگاھ 3» PC نەشىرى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى! سىناق مەزگىلىدە ھەقسىز تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ!!!
ئىشىنىمەنكى «جەڭگاھ 3» (لاتىنچە نامى BattleField3) كە نىسبەتەن ئويۇن ھەۋەسكارلىرى ئاللىقاچان تەقەززا بولۇپ كۆزى تۆت بولۇپ كەتتى! تەشۋىقات فىلىمىدىنلا قانچىلىغان تورداشلارنىڭ بۇ ئويۇنغا بولغان تەقەززالىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ھەيۋەتلىك جەڭ مەيدانى، جىددىيلىك بىلەن تولغان كوچىلار، كىشىنى تەمتىرىتىدىغان تانكىلار، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، 50-70 كىچە ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئوينىغىلى بولىدىغان تورلاشتۇرۇلما مۇھىت، تېخى تارقىتىلمىغان يېڭى بىر ئەۋلاد جەڭگاھ3 نى ئاللىقاچان توردىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ!
ھالبۇكى، بۇ قېتىملىق دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، جەڭگاھ3 ئويۇنى رەسمىي تارقىتىلىشتىن بۇرۇن، EA بىزگە پۈتۈن يەرشارى بويىچە ھەقسىز سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدى! يەنى، سىز ھازىر بۇ ئويۇننىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر تىيىن چىقىم قىلمايسىز، بىۋاستە تورلاشتۇرۇپ ئويناش بۆلىكىنى ھەقسىز ئوينىيالايسىز دېگەن گەپ! قانداق؟ ھاياجانلاندىڭىزمۇ؟ ئەمىسە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟ مائۇسنى قولىڭىزغا ئېلىپ دەرھال جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىڭ!
جەڭگاھ3 ئويۇنىدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
ئاددى قاچىلاش كۆرسەتمىسى:
جەڭگاھ3 ئويۇنىنى قاچىلاش ئۈچۈن، ئاۋال Origin ئويۇن سۇپىسىنى قاچىلاشقا ئېھتىياجلىق بولىمىز، بۇ EA شىركىتى تەمىنلىگەن مەخسۇس ئويۇن سۇپىسى بولۇپ، EA نىڭ ھەقىقىي نەشىرىدىكى ئويۇنلىرىنى سېتىلىۋېلىش ۋە ئويۇنلارنى تورلاشتۇرۇپ ئويناش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىر دانە ھېسابات تىزىملاتقاندىن كېيىن، Origin سۇپىسىغا كىرىپ جەڭگاھ3 سىناق نۇسخىسىنى چۈشىرىۋېلىشقىمۇ، ياكى ئويۇن سۇپىسى ۋە جەڭگاھ3 ئويۇنىنى ئايرىم چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يەنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇل:
1. بىۋاستە Origin ئويۇن سۇپىسىنى چۈشۈرۈپ، بىر دانە ھېسابات قۇرغاندىن كېيىن ئىچىدىن جەڭگاھ3 ئويۇنىنى چۈشۈرۈش.
2. Origin ئويۇن سۇپىسى ۋە جەڭگاھ3 ئويۇنىنى ئايرىم چۈشۈرۈش. يازما ئاستىدىكى مەنزىلدىن جەڭگاھ3 ئويۇنىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، Origin سۇپىسى قاچىلانغان مۇندەرىجە ئاستىغا كۆچۈرۈپ قويىمىز. يەنى Origin Games\Battlefield 3 Beta شەكلىدە بولىدۇ. ئاندىن Origin سۇپىسىغا كىرىپ ئويۇننى قوزغاتساق بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلە شۇكى، Origin ئويۇن سۇپىسىدىن جەڭگاھ3 نى قوزغاتقاندىن كېيىن، بىر تور بەت ئېچىلىدۇ، جەڭگاھ3 مەيلى ئويۇن مۇلازىمېتىرىنى ئىزدەش، ئويۇننى قوزغىتىش قاتارلىقلار بولسۇن، ھەممىسى تور بەت يۈزىدە تاماملىنىدۇ. سىز تور بەت يۈزىدە تەمىنلىگەن بىر دانە توركۆرگۈچ قىستۇرمىسىنى ئورناتقانتىلا ئاندىن تور بېكەت يۈزىدىن بىۋاستە ئويۇننى قوزغىتالايسىز. ئادەتتە، توركۆرگۈچ قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، Quick Match نى باسساقلا ئويۇننى قوزغىتىشقا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، «جەڭگاھ3» ئويۇنىنىڭ سىنكارتىغا بولغان تەلىۋى بىر قەدەر يۇقىرى، چوقۇم سىنكارتىنىڭ ئەڭ يېڭى Beta نەشىرىدىكى قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى ئورناتقاندىلا ئاندىن ئويۇننى قوزغاتقىلى بولىدۇ. مەيلى ATI ياكى nVidia ئىشلەتكۈچىلىرى بولسۇن، ھەممىڭلارنى چوقۇم ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Beta قوزغاتقۇچ پروگراممىسىغا كۆتۈرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەنزىل تونىلى: nVidia ئەڭ يېڭى قوزغاتقۇچ پروگراممىسى | ATI نىڭكى تېپىلمىدى | ئۇنىڭدىن سىرت، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى DirectX مۇ كام بولماسلىقى كېرەك.
قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپ:
كومپيۇتېر قاتتىق دېتال سەپلىمىسى يۇقىرى بولمىغان ئويۇن ھەۋەسكارلىرى تۆۋەندىكى سەپلىمە تەلىۋىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتمەڭلار، ئەمەلىيەتتە، تەنھا ئارالدىكى كىرزىس2(Crysis2) نى ئوينىيالىغان سەپلىمە بىلەن بۇ ئويۇننىمۇ تامامەن ئويناپ كەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى سەل تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا يەنىلا بېرىپ يېڭى كومپيۇتېر سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن! دەرھال ئاتلىنىڭ! جەڭگاھ3 ئويۇنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان ئويۇننىڭ بىرى!! ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەجبۇرىيەت چاقىرىقى8(使命召唤8) مۇ چىقىدۇ، ئۇ چاغدا ھامىنى يېڭىلىماي ئامالىڭىز يوق!!
ئەڭ تۆۋەن تەلەپ:
سېستىما: Windows Vista SP2 نىڭ 32 بىتلىق نەشىرى
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: 2GHz قوش نېگىزلىك CPU
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB
قاتتىق دېسكا: 20GB دىن ئارتۇق بوشلۇق بولۇشى شەرت
سىنكارتا: AMD نىڭ DirectX 10.1 نى قوللايدىغان 512MB لىق سىنكارتىسى(ATI RADEON 3000,4000,5000,6000 تۈرىگە تەۋە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى)، NVIDIA نىڭ DirectX 10.0 نى قوللايدىغان 512MB لىق سىنكارتىسى(NVIDIA GeForce 8,9,200,300,400,500 تۈرىگە تەۋە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى)
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى:
نۆۋەتتە مەزكۇر ئويۇننىڭ سىناق ئويناش مەزگىلى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىپ رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى، سىز ھازىر ئەڭ يېڭى جەڭگاھ3 رەسمى نەشىرىنى چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەرنى بېسىڭ
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن,FPS,ئۇرۇش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: battlefield3.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەپتىدە بىر MV دىن ھوزۇرلىنىش: ئەڭ ياخشى ناخشا بولۇشى ناتايىن، بىراق چوقۇم يۈرەك تارىڭىزغا تېگىدۇ!
- كېيىنكى يازما > بەش مىنۇتلۇق سىن ئارقىلىق 100 يىل مابەينىدىكى كىنو-فىلىم ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنىكىسىدىكى تەرەققىياتقا نەزەر!
بۇ ئويۇننى مەن ئوينىيالمايدىغان بولدۇم، بولدىلا ئۆزۇمنىڭ قونچاقتەك كۆرۇندىغان بۇرۇنقى ئوينۇمنى ئويناي.
سىنكارتامدا چاتاق يوق . لېكىن كۆرسىتىش سىغىمى كىچىك … قانداق بولاكىنتاڭ ؟
بۇ سىناق نەشىرى ئىكەن ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ھەقىقى نەشىرى
چىققاندا بىراقلا چۇشۇرۇپ ئويناي.
ئويۇن بولسا ئوينىمايلا قوياي.
نوچى ئويۇنكەن جۇما!!!
مېنىڭ بەك بېشىم قىيىپ كېتىدۇ، ئۆز ئادەم بىلەن دۈشمەننى پەرىق قىلالماي داۋاملىق سىياسىي يېتەكچىدىن تەنبىھ ئاڭلايمەن
سەرالىققا ئامال يوق!
نېمىشقىكىن مۇشۇنداق كەڭ مەيداندا يۈگرەپ يۇرۈپ ئوينايدىغان ئويۇنلارنى ئوينىسام، بېشىپ قېيىپ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە كىچىك ئويۇنلارنىلا ئوينايمەن، 半条命 نىمۇ كىچىك مەيدانلىرىدا ئوينايتتىم.
قېنى كۆرۇپ بېقىڭ نىمە ھېس قىلسىزكىن
ياردەم :
ئۇيۇننى چۇشۇرۇپ ھەممىسىنى قىلدىم لېكىن‹ توركۆرگۈچ قىستۇرمىسىنى ›دىگەننى قەتتى قىلالمىدىم. ئۇيۇننىمۇ قۇزغۇتالمىدىم.
ۋاي بۇنداق ئويۇنلارنى بىر تۇگتۇشكە بىلەمگە 5 كەمەر باغلىدىم … ھەقىقى نەشرى چىققاندا تۇگتەي
بىزدەك xp دىن كۆچمىگەن قالاقلار ئوينىيالمايدىكەنمىز دە
ۋاھ…ئاخىرى ئۇرۇشقا قاتنىشىدىخان بولدۇم!!!
مەن ئوينىغان ئىدىم ، كۆرۇنمەس قۇرال ئالغان ئوخشايمەن ، قۇرالىم كۆرۇنمەيدۇ ، ئەمما ئوق ئاتسام ئۇق چىقىۋاتىدۇ ، بىرەر ئادەممۇ ئاتالمىدىم، جەڭگاھ 2 نى توردا ئوينىسام راۋرۇس ئويناپ قوياتتىم ، بۇنىڭغا سەۋىيەم يىتىشمىدى بولغاي ، سەل مەشىق قىلىپ ئاندىن كىرەي، مىنىڭچە چوقۇم سىنكارتام يىتىشمىدى ، 516 ئىدى،
ھەي ۋاختى توشۇپ قاپتۇ ئەمەسما؟؟بەك ئەپسۇس!!!!!ھەي ئىسىت
مەن پەقەت قوزغۇتالمىدىمغۇ؟؟؟
输入DisplayName field missing from registry.的产品代码以激活并用您的帐户开始本游戏
بۇ خەت چىقىۋادى ،
پىرىستىن يىشىپ Origin Games ئىچىگە قويدۇم ،يەنىلا بۇلمىدى .ئىنىق كۇرسىتىپ قوۈان بۇاسىڭىز؟؟؟؟؟؟