مۇز ئېراسىدىن يېڭى تەشۋىق فىلىم: يەرشارىدىكى قۇرۇقلۇق ئەسلى مۇشۇنداق پارچىلىنىپتىكەن (Ice Age 4)
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئەسلى يەر يۈزىدىكى بارلىق قۇرۇقلار بىر-بىرىگە تۇتاش ئىكەنتۇق. بىراق، بارلىق ئىشلار ئەسلىدە مۇشۇ دەقىقىدىن باشلانغان ئىكەن…گەپكە كەلسەك، مۇز ئېراسى(Ice Age) ناملىق بۇ 3D كارتون فىلىم ئارىمىزدا ھېچقايسىمىزغا ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن. سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى ئاللىقاچان باشلانغان «مۇز ئېراسى 4-بۆلۈم: قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلىشى» 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى يەرشارى بويىچە تەڭلا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە بۇ فىلىمنىڭ «تىيىنچاقنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى پارچىلىۋېتىشى» ناملىق تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، يېقىندا بۇ فىلىمنىڭ ئىككىنچى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، فىلىمدە يەنە يېڭى بىر قىسىم پېرسوناژلارنىڭ ئىزناسىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ!
«مۇز ئېراسى(يەنە بىر ئىسمى مۇز دەۋرى)» ناملىق بۇ نادىر 3D كارتون فىلىم بولسا، كۆك ئاسمان كارتون ستۇدىيوسى(Blue Sky Studios) تەرىپىدىن ئىشلىنىپ 2002-يىلى تۇنجى قېتىم كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. فىلىمدە بىر توپ يەرشارى مۇز دەۋرىدە تۇرىۋاتقان چاغدا ياشىغان ھايۋاناتلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش سەپىرى تۇتقا قىلىنىپ، ھەرخىل ئۆزگىچە ئوبرازلار بىلەن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىپ كەلگەن. 2002-يىلى «مۇز ئېراسى1» نىڭ بېلەت كىرىمى پەقەت 383 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2006-يىلى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى «مۇز ئېراسى2: مۇزلارنىڭ ئېرىشى»(Ice Age: The Meltdown) پۈتۈن يەرشارى بويىچە ئالتە 655 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى ياراتقان، ئۆتكەن يىلى قويۇلغان مەزكۇر كارتون سېستىمىسىدىكى تۇنجى 3D ئەسەر ئۈچىنچى بۆلۈم «مۇز ئېراسى3: دىنوزاۋر دەۋرى»(Ice Age: Dawn of the Dinosaurs) بولسا تېخىمۇ يۇقىرىلاپ 848 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى ياراتقان.
فىلىمنىڭ ھەر بىر قىسمىنىڭ قويۇلىشىغا ئەگىشىپ بېلەت كىرىمىنىڭ بارغانسىرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان 20-ئەسىر فوكىس شىركىتىنىڭ فىلىمنىڭ داۋامىنى ئىشلەشكە قىزىقىشى بۇ تەبىئىي ئىش. «مۇز ئېراسى4: قۇرۇقلۇقنىڭ پارچىلىنىشى» دېگەن بۇ فىلىم نامىغا قارىغاندا، كۆپچىلىك بۇ بۆلۈمدە ئاساسلىق يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنى پەرەز قىلالىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بىزمۇ كەڭ فىلىم مەستانىلىرى بىلەن بىرگە فىلىمنىڭ يېڭى قىسىملىرىدىكى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەرگە داۋاملىق تەقەززامىز. تۆۋەندە مەزكۇر فىلىمنىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىق فىلىملىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
Ice Age_ Continental Drift قۇرۇقلۇقنىڭ پارچىلىنىشى1
Ice Age_ Continental Drift قۇرۇقلۇقنىڭ پارچىلىنىشى2
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، قىزىقارلىق، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,974 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ice-age-4-trailer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھىندىستان ھەقىقەتەن خىسلەتدار كىشىلەر يىغىلغان جاي جۇمۇ؟! ئىسمى جىسمىغا لايىق خاسىيەتلىك ئادەملەر بار!!!
- كېيىنكى يازما > ئىزچىل تىرىشىپ ياشاۋاتقان 80-يىللارنىڭ باللىرى، ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى!!!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
ياخشى كارتون جۇمۇ بۇ
تەرجىمە قىلىشقا تەييار تۇرساڭلار بولغىدەك.
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى!!
رىۋايەتلەردىكى يەرشارى ۋەيران بولىدىغان كۈنى قويۇلىدىكەندە ؟
12-ئايدا دىيىشىۋاتىدىغۇ؟
ئەمما بۇ قېتىم نانىيا رېۋايىتى بىلەن بۇ كارتوننىڭ يېڭى بۆلۈملىرىگە ئاجايىب تەشنا بولدۇم…
ئالامەت تەسەۋۋۇر بىلەن ئىشلەپ قويۇپتىغۇ بۇنى؟
ئاۋۇ ئادەم تەنلىك شىر يۈزلۈك ھەيكەل بىلەن ئامىرىكا ئەلباشى تېغىنىڭ شەكىللەنگىنىنى كۆرۈپ يامان كۈلىۋىتىپتىمەن
كۆرسە – كۆرسە زېرىكمەيدىغان فىلىمدە بۇ … لېكىن بىر يېرىم يىل باركەندە قۇيۇلۇشقا . ئۇ چاققىچە قايسىمىز بار قايسىمىز يوق كىم بىلىدۇ
كاللامنى پىقىرتىپ چۆگلەۋېردا
مېنىڭمۇ بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى….
سەككىز كۆز بىلەن كۈتسەم بولغىدەكـتە….
ھى ھى ھى …
مۇشۇ كاساپەتلا باشلايدۇ يىڭى دەۋىرنى ھەردائىم!
ھىلىقى پىل چىقامۇ چىقماسمۇ بۇدا،يەنە تىخى ھىلىقى ساراڭمۇ با
ھېلىقى ساراڭ بىرنىمىنىڭ ئىسمى نىمىتى تورداشلا قايسىڭلا بىلىسىلە ؟
مەن نەچچە قىتىم كۆرگەن كارتون تۇرۇقلۇق شۇ ساراڭنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن
ھىلىقى كوت-كوتما؟ ئۇنىڭ ئىسمى مۇھىم ئەمەس، ئىشقىلىپ ئۇ بولمىسا ماۋۇ كىنو قىززىمايدۇ جۇما… ھىلىقى تاشنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايدىغان يىرىنى بەك دوراپ قويىمەن مەن…
ئاۋۇ پالاكەتنىڭ قولىدىكى مىۋىگە تولۇق ئېگىدارچىلىق قىلىدىغان كۈنلىرىمۇ كېلەمۇ ھە ؟!!!
ئۇ كۈن كەلسە مۇز ئىراسى تۈگەپ كەتمەمدۇ؟
بەك يەخشى ئىشلەپتۇ !
ئۇ كالامپاينىڭ ئىسمى سىت!
بۇلاردا تەسەۋۋۇر دېگەن راۋرۇس بار جۇمۇ
راست دەيسىز
ۋاي خۇدايىم! فىلىم دىگەن مۇشۇنداق بولىشى كىرەك ئەسلى!
ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىمىزنىمۇ مۇشۇنداق ئشلىگەن بولسا ، تازا كۆرەتتۇق ،
بۇ قىسمى خىلى فەچەت ئىشلەنگەندەك قىلىدۇ
بۇ 预告片نى 2 ئاي بۇرۇن كۆرگەن، ئاشۇ فىلىمنى بىر كۆرسەك بۇلاتتى ئاللا خالىسا
مەنچە سىيت، مامۇت، دىئاگو…. چوقۇ چىقىدۇ
سىڭا كۆزلۈك پالۋانمۇ چىقىشى مومكىن…………. يەنە تىخى بىز خىيالىمىزغا كەلتۈرمىگەن يىڭى پىرسۇنافمۇ چوقۇم بار……….
مىنىڭ 29 ياشقا كىرگەن كۈنۈم قويىلىدىكەندە بۇ كىنو…؟
لېكىنزە كۆرسە زىرىكمەيدىغان كىنو بۇ…!
تەسەۋۋۇرغا نىمدىگەن باي
قاچانقى يازما ماۋۇ
يېڭى 预告片 سى چىقىپتۇ قارىم، ئاۋۇ ئۈستىدىكى مەزمۇنلار ياخشى ماتېرىياللار ئىكەن. كېيىن بالىلارغا دەرس ئۆتكەندە كارتوننى كۆرسەتكەچ سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتسەك بولغۇدەك.
ئەجەپ ئۇزاق بوپتۇ تورخۇمارغاكەلمىگىلى قىزىپ كېتىپتىغۇ…..
ئازراق كارب دېڭىز قاراڭچىلىرىنىڭ پۇرىقى سېڭىپ قالدىمۇ نېمە؟
ئشتىن چۈشۈپ ئارام ئالدىغان يەركەنغۇ بۇ ،ئىسىل مېھمان داستىخان ئۈستىگە .،.!!
«كۆك ئاسمان»نىڭ كىنولىرى بۆلەكچە جۇمۇ!
ناھايىتى ئىسىل ئىشلەنگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.
مەن بۇ كارتونغا دەششەت ئامراق ئامراق ، .اللا خالىسا كىنوخانىغا بېرىپ كۈرىمە بۇنى ~~
قققققققققققىىىىىىىىىىىىىىىااااااااااااااا