كومپيۇتېردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ياخشى ھەقسىز رەسىم-سۈرەت كۆرۈش يۇمشاق دېتالى – XnView
XnView بولسا بىر تۈرلۈك ھەقسىز رەسىم-سۈرەت كۆرۈش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئىقتىدارى كلاسسىك رەسىم كۆرۈش يۇمشاق دېتالى Acdsee دىن ھەرگىزمۇ قېلىشمايدۇ. قوللايدىغان سۈرەت-رەسىم فورماتى 100 خىلدىن ئاشىدۇ، ھەتتا ئۆزىدە بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىدىغان رەسىم-سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارلىرىنىمۇ تەمىنلىگەن.
XnView نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى خېلىلا تېز، كۆرۈنمە يۈزىمۇ Windows تىكى بايلىق باشقۇرغۇچ(资源管理器)گە يېقىنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رەسىم ۋە سۈرەتلەرنى باشقۇرۇشمۇ ئىنتايىن قولايلىق. Windows Vista/7 ئۆزى تەمىنلىگەن رەسىم-سۈرەت كۆرۈش قورالى ھەرىكەتچان GIF رەسىملەرنى ياخشى قوللىمايدىغان بولۇپ، XnView نى بۇ يەردە ئىنتايىن ياخشى ئورۇنباسار قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا XnView نىڭ يەنە قىستۇرما ئىقتىدارىمۇ بار بولۇپ، Photoshop نىڭ بىر قىسىم قىستۇرمىلىرىنى يانداشتۇرۇپ تېخىمۇ كۈچلۈك سۈرەت-رەسىم بىر تەرەپ قىلىش شارائىتىنى تەمىنلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە XnView نىڭ كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىگە بولغان تەلىۋىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ھەتتا 128MB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن كومپيۇتېرلاردىمۇ شۇنداق ياخشى خىزمەت قىلالايدۇ، يەنە كېلىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز! مۇشۇنداق ياخشى بىر يۇمشاق دېتالنى قولدىن بېرىپ قويساق، ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغۇدەك، ئۇنداقتا دەرھال چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈپ باقمامدۇق؟
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
XnView نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ps، رەسىم، سۈرەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,047 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: xnview.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۆرۈنمە يۈزى ئاجايىپ فەچەت ئاز ئۇچرايدىغان مېدىيا قويغۇچ – Mirro Player
- كېيىنكى يازما > Internet Explorer 9 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
win7 دە سۈرئەتنى سەل ئاستىلىۋىتىدىكەن ،ئىچكى سىغىمنى ئىگەللىشى يۇقۇرمۇ قانداق؟
مەن بۇنداق ئەھۋالنى بايقىمىدىمغۇ؟
تور بىكىتىڭىز رۇسچىما ؟ قارىغاندا دوسلىشىش بىكىتىدەك قىلامدۇ نىمە
روسچە دوستلىشىش توربېكىتى،ھارزىرقى ۋاي ۋۇي تورىغا ئوخشايدۇ
QQ نىڭ رەسىم كۆرگۈچىمۇ ئالاھىدە ياخشى ئىكەن، سىناپ بېقىڭلار.
زادى بىر سىناپ باققۇلۇق…
بۇنىڭ يەنە PPT ھۆجەتلىرنى، PDF ھۆجەتلىرنى،….. ئۇقۇيدىغان قىتۇرمىلىرى بار. بۇ ئادديغىنە رەسىم كۆرۈش دىتالى بۇلۇپلا قالماي بىر ئىقتىدارى كۆپ قولىنىشچان ياخشى دىتال.
ئەمسە ھازىرلا چۈشۈرۈپ ئىشلەتكۈلۈك
مەنمۇ ھازىرلا چۈشۈرۈپ ئىشلىتپ باقاي..
ئىچكى سىغىمنى بەك يەۋەتەمدۇ نېمە ؟
شۇندقتەك قىلىدۇ ! مىنىڭ جىزامنىڭ سۇرۇىتىمۇ سەل ئاستا بوپ قالدى !
ئەمسە مەنمۇ سىناپ باقاي. بولمىسا