كۆرۈنمە يۈزى ئاجايىپ فەچەت ئاز ئۇچرايدىغان مېدىيا قويغۇچ – Mirro Player
ھازىر مېدىيا قويغۇچلارنىڭ تۈرى خېلىلا كۆپ. توردىن خالىغانچە ئىزدىسەكمۇ كۆمۈلۈپ كەتكۈدەك نەتىجىگە ئېرىشىمىز. ئەمما رەسىمدىكى بۇ كىنو-مۇزىكا قويغۇچنى سىز چوقۇم كۆرۈپ باقمىغانغۇ دەيمەن.
بۇ ئاجايىپ چىرايلىق ۋە كۆركەم لايىھەلەنگەن مۇزىكا قويغۇچ دەل Mirro Player دۇر. ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر قويغۇچ ھەقىقەتەن چىرايلىق، بىراق ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاددى دېيىشكە بولىدۇ. يەنى Mirro Player كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە خىل فورماتتىكى ھۆججەتنىلا قويالايدۇ. ئاپتور ئەسلىدىنمۇ بىر گۈزەل سەنئەت لايىھەلىگۈچى بولغاچقا، قويغۇچنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندەك قىلىدۇ. نۆۋەتتە Mirro Player كۆپ خىل ئاۋاز ھۆججىتى فورماتىنى ۋە بىر قىسىم سىن ھۆججەت فورماتىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى ناخشا ئاڭلاش ئېھتىياجىدىن تامامەن چىقالايدۇ. ناۋادا سىز ئادەتتىكى ناخشا ئاڭلاش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ۋە شۇنداقلا سەنئەت تۇيغۇسى كۈچلۈك شەيئىلەرنى ياقتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا Mirro Player سىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولالايدۇ!
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Mirro Player نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىنقويغۇ، قويغۇچ، ناخشا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,030 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mirro-player.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پەقەت 2M كېلىدىغان، ئېلان قوشۇلمىغان، چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان مىكرو 迅雷!
- كېيىنكى يازما > كومپيۇتېردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ياخشى ھەقسىز رەسىم-سۈرەت كۆرۈش يۇمشاق دېتالى – XnView
- سەتەڭ قىزلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى See You Again
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- بۇ قېتىمكى ئوسكارنىڭ نامزاتى – مۇز مەلىكە(Frozen) فىلىمىنىڭ ناخشىسى: Let It Go
- 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- فەچەت ناخشىلار بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن يەنە بىر يۈرۈش فەچەت كىنو پارچىلىرى!
- 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باش ناخشىسى چىقىپتۇ
- 10 مىنۇتلۇق ناخشا & كارتون كىرىشتۈرۈلمە | ئۆزبېكچە كۈيلەر كارتون ئوبرازلار ئارىسىدا مودا بولغاندا…
- «يېڭى ناۋا»تۇنجى سان | كۆپچىلىك سىلەرچە يېڭى ناۋا قانداقراق بوپتۇ؟
- كورىيەلىك چەۋەنداز Psy نىڭ ئەڭ يىڭى MTV سى _ Gentleman | ئۇ يەنە تارىخ يارىتالامدۇ؟
ۋىىندوۋىس 7 گە ماس كېلدىكەن.
باشقا خىل تىرىسى يوقمىدۇ ؟؟
ھەجەپ چىرايلىقكىنا …
بىژ كۆرەي قەنە. قايداراقكىن
ھەقىقەتەن كۆركەم تۇيۇلدى،قېنى ئاۋۋال بىر چۈشۈرۈپ كۆرەي…
مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ قالدىم …. راستىنلا چىرايلىقكەن …. رەھمەت ھە……
ۋوجججججججون ! ھەقىقەتەن فەچەتكەن جۇمۇ !
بۇ دىتالغۇ راست ياخشى ئىكەن، لىكىن «فەچەت» دىمەي «پەچەت» دەپ سۈپەتلىسەك توغرا بولاتتى.
مەن چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم ، ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن ، مەن بىلوگىڭىزدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ، ھەم ئۆزۇممۇ بىر بىلوگ قۇرماقچى بولىۋاتىمەن، كۆپرەك ياردەم قىلارسىز ، رەخمەت !~~
گۈزەل ،،،،،تارتىنماي گۈزەللىكتىن ھوزۇر ئالدۇققۇ ،،،،
مەن قاچىلىدىم لىكىن ناخشىلىرىمنى تۇنۇمىدى قانداق قىلمەن
نۆۋەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە خىل فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى قويالايدۇ، ناۋادا مەخسۇس ناخشا ئاڭلاش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا تېخىمۇ كەسپىي يۇمشاق دېتاللارغا مۇراجىئەت قىلغىنىڭىز ياخشىراق.
فورماتتىكى ھۆججەتلەر دىگەن نىمە؟
مەسىلەن mp3,wma دېگەندەك، خاسلىقى مۇشۇ شەكىلدە بولغان ھۆججەتلەرنى (ئۈن ھۆججىتى) دېمەكچى
ئى سەھرالىق جىنىدا بىلىدىكەن، سىز نىمىشقا بىلمەيدىغانسىز ئالىمجان،،،، ھې ھې چاقچاق جىمۇ سەھرالىق،،،