نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > مــۇڭ كـۈيــلــەر > يازما مەزمۇنى

2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باش ناخشىسى چىقىپتۇ

4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى(World Cup) ئۆتكۈزىلىدىغانغا يەنە بىر يىل ۋاقىت قالدى. ھازىر تاللاش مۇسابىقىسى ئويناپ ئاسىيا رايونىمۇ تۈگەپ بولدى. ھەر قېتىملىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىدا، نادىر مۇسابىقىلەر ۋە چولپانلارنىڭ ئىپادىسىدىن باشقا يەنە بىر يارقىن نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ World Cup نىڭ ئاساسى ناخشىسى.

wakawaka

بۇ قېتىملىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسىنى برازىلىيەلىك ناخشىچى Gaby Amarantos بىلەن Monobloco سامبا مۇزىكا ئەترىتى بىرلىكتە ئورۇندىغان بولۇپ، ناخشىنىڭ ئىسمى Todo Mondo(پۈتۈن دۇنيا دېگەن مەنىدە). سامبا ۋە پۇتبول برازىلىيەنىڭ سموۋللۇق بەلگىسى.

2014 برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسى ناخشىسى Todo Mundo

Todo Mundo ناملىق بۇ ناخشا، ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، كوكا-كولا دۇنيا لوڭقىسى ئاساسى ناخشىسى بولۇپ، ئورگان تەرەپنىڭ ئاساسى ناخشىلىرىنىڭ بىرسى ئىكەن. 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا، كوكا-كولا دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى ئاساسى ناخشىسىغا K’naan نىڭ Wavin Flag ناملىق ناخشىسى تاللانغان بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئاساسى ناخشىسى بولسا Shakira ئېيتقان Waka Waka ئىدى.

K’naan – Wavin Flag

Shakira – Waka Waka



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تەخەللۇس 2013.07.02 , 00:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياۋ، ياۋ، ياۋ :idea:

    • پرېستان 2013.07.02 , 00:31

      :wink:شاكىرانىڭ MV سىنىڭ ئارقىسىغا كەلگەندە ئاۋازى يوقاپ كەتتا؟

  2. ئابومجان 2013.07.02 , 00:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوي ، مامۇ خېلى جانلىق چىقىپتا … لىكىن تىكىستى سەل تەسراقكەن …ۋاكا ۋاكانى تۇلۇق بىلمىسەممۇ خېلى غىڭشىپ قۇيىتۇم …پۇتبۇل ھېجىپ بى سىھرى كۈچى با تەنھەركەتكەن ، يېڭى مەكتەپكە كەگەندە رونالدۇ مارادونا دىگەن نەچچەلام بالىنى تۇنۇيتۇم ، مانا دوسلۇرۇمنىڭ كەينىدە يۈرۈپ خېلى توپچىلارنى تۇنۇپمۇ قالدىم ، بەزى پۇتبۇلنىڭ گىپى چىقسا پونىمۇ ئېتىپ قۇيىمە بىلگىنىمنىڭ تايىنلىقلىقىغا قالىماي …
    ھېيييي ، كىلەر يىلى مۇسابىقە باشلانغاندا بىزمۇ تورخۇماردا پائالىيەت قىلساق بوپتىكەن ، كىم يېڭىدۇ دىگەندەكنى پەرەز قىپ ئوينايدىغان ، مەخسۇس دۇنيا لۇڭقىسى توغرىلىق كىچىك تۈشۈكتىن بىرنى ئاچساقمۇ بۇلىتى بوممىسا ، تۇرخۇماردىكى پۇتبۇلغا قىزىقىدىغان باللا تازا تىپىشكىدەك ماندا

    • مايماق 2013.07.02 , 15:59

      سازكەن:mrgreen:

    • نەۋقىران 2013.07.02 , 17:44

      توۋا ياۋرۇپا دۆلەتتىكى ئەرلەر ئاجىزلاشتىمۇ نىمە بۇرۇنلاردا بۇندا ناخشىلارنى ئەرلەر ئىيتاتتى شۇندامۇ يا ئابومجو بىر ئىككى كەلىمە دەپ باقمامسىز

  3. ئازادبېك 2013.07.02 , 00:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس ئاشۇنداق پالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا تورخۇمار تېخىمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق تورخۇمار بولاتتى !!!!….

  4. بۆرەزادە 2013.07.02 , 06:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىلەر يىلى نەچچىنجى ئايدا باشلايدۇ بۇ مۇسابىقىنى …

  5. تۈركلان 2013.07.02 , 08:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاز قالدى شۇ گۈزەل دەقىقىلەرگىمۇ

  6. گۈلۈم با ،، 2013.07.02 , 10:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىلەريىل 6-ـېايلاردا باشلايدۇ

  7. تەپەككۇر 2013.07.02 , 11:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەششەت ناخشا ئېيتىدىغان چوكان كەن بۇ:mrgreen:

  8. قىران 2013.07.02 , 19:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ھېلىقى رىيو دىگەن كارتوننىڭ باشلىنىشىدىكى مۇزىكا ئەمەسما؟!
    بىرازىلىيەلىكلەر ھەممىسى مۇشۇنداق چالامدۇ يا ئوپچىغا :???:

  9. دىلمۇرات 2013.07.03 , 13:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي راس ئالامەتكەن ھە …. ۋۇيييييۇ :grin:

  10. ئارىئان 2013.07.03 , 13:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قەتتى ياخشى چىقماپتۇ بۇ ناخشا .،ئۇنىڭدىن كۆرە لىن كىن پارىك ياكى ئېمىنەمنى تەكلىپ قىلىپ ئېيتقۇزغان بولسا بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە پەيزى ئېيتىپ بېرەتتى .،.

  11. نامخار 2013.07.15 , 16:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رېك مارتىن قىنە؟

  12. چاتقال 2013.07.16 , 02:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمبۇ

  13. سادىق 2013.08.03 , 10:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ۋاكاۋاكا نىڭ بەك سۈزۈك mtv نۇسقىسى كىمدە بار؟؟ يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن ماڭا
    77850442@qq.com

  14. قادىخان 2013.08.15 , 16:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەت:idea::idea:

  15. نۇراخۇن 2013.08.18 , 00:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    98 نىڭ گو گو دىگەن ناخشىسىدەك پۇتبۇل ناخشىسى چىقىپ باقمىدى دىسەم ئىشىنەمسىلە ؟ سازكەننى بېسىڭلار قوشۇلساڭلار !:wink::wink::wink::wink::wink::wink:

  16. شوخ بوۋاي 2013.11.14 , 22:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس قوللايمەن :idea:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量