كورىيەلىك چەۋەنداز Psy نىڭ ئەڭ يىڭى MTV سى _ Gentleman | ئۇ يەنە تارىخ يارىتالامدۇ؟
بىر كىچىدىلا Gangnam style بىلەن پۈتۈن دۇنياغا نامى پۇر كەتكەن كورىيەلىك تالانتلىق ياش سەنئەتكار Psy نىڭ يىڭى ناخشىسى ئىنىقكى بىر قىززىق نۇقتا. كىشىلەر ئۇنۇڭ داۋاملىق تارىخ يارىتالايدىغان ياكى يارىتالمايدىغانلىقىنى كۈتمەكتە. بەلكىم دىيارىمىزدىمۇ ئۇنۇڭ ئاز بولمىغان مەستانىلىرى بولىشى مۈمكىن. يېقىندا Psy نىڭ ئەڭ يىڭى ئەسىرى «Gentleman» بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، تۆۋەندە تورخۇمارلار كۆرۈپ باھا بېرىشكەيلا…
Gentleman تولۇق نۇسخىسى : Psy
Psy نىڭ سېئۇل دۇنيا لوڭقىسى سارىيىدا ئۆتكۈزگەن Happeneng ناملىق ناخشا كېچىلىكىدىن ئارىيە:
توردىشىمىز سامان يولى بىلەن نۇر نىجاتنىڭ مەزكۇر فىلىمنى تەۋسىيە قىلغىنىغا ئالاھىدە رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: MTV، سىن، مۇزىكا، ناخشا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 24,623 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: psy-gentleman.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «خوبېتلار»نىغۇ يىشىل تەگلىكتىلا ئىشلەپتۇ، ئۇنداقتا بۇرۇن كۆرگەن ھېلىقى كىنولارنى قانداق ئىشلىگەن بولغۇيتى؟
- كېيىنكى يازما > ئۈچ تال كۇبىكنى بىر تەرەپتىن ئاسمانغا ئېتىپ ئويناتقاچ بىر تەرەپتىن رەڭلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۇبىك ئوينايدىغانلار بارمۇ؟
- سەتەڭ قىزلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى See You Again
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- روسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇش نۇسىخىدىكى GTA 5 | بەزى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ توۋا دەپ قالىسىز
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- بىر-بىرىنى قورقىتىپ ئەخمەق قىلىپ توردا داڭق چىقىرىپ كەتكەن بۇرادەرلەر
- بۇ قېتىمكى ئوسكارنىڭ نامزاتى – مۇز مەلىكە(Frozen) فىلىمىنىڭ ناخشىسى: Let It Go
- ئۆتكەن بىر يىلقى توردا نام چىقارغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كارامەتلىرى توپلانمىسى
- YouTube دىكى 2013-يىلى چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك 10 فىلىم(TOP 10)
بۇ يەنە چىقىپتىدە
كىلون دىۋان !
سىز دېمىگەندىكىن مەن دەۋالدىم ....
ساغلام ئەمەس ! سرىق
ئەمسە سىز كۆرمەڭ جۇمۇ،قارىغاندا كۆرۈپ بولغاندەك قىلىسىز
دىۋان تالىشىدىغانلار يوقكەندە…
دىۋاندا خەق ئولتۇرۇپ بولغان تۇرسا يەنە نىمىنى تالىشىمىز .
ناخشىسى يارىدى ، لېكىن MTV نىڭ مەزمۇنى سەل تېتىقسىز بولۇپ قالغاندەك ….
بۇ ئانچە ياخشى ئەمەسكەن ھە
ئوخخو، ما ناخشىنى ئىم پ ئۈچ قىلىپ ماشىنىدا ئاڭلىغاچ دەم ئېلىش قىلغانتىم، دوستلۇرۇم سەت ماختاپ كەتتى دىسە.
چاق چاق ئەامەس، پوسكامغا باغۇچە قارىسام كەينىمدىكى ماشىنىلار تولغاپ مېڭىپتۇ ما ناخشىغا كەلتۈرۈپ (ئەمما ئۇدۇلۇمغا كەلگەندە ساراڭما سەن دەپ تىللىدى)
ۋاھ
يۇمۇر بوپتۇغۇ بۇ
گەپنىڭ قىسقىسى، بىزدەك خىزمەت بېسىمى تۈپەيلى زېرىكىپ ئاران قالغانلار ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى ناخشا، تېىما يوللىغان ئۇكۇلىرىم رەخمەت جۇما.
مەن بۇ گۇينىڭ Gangnam Style دىن باشقا Korea , ،،Gentleman دىگەن مۇشۇ ناخشىلىرىنى ياقتۇرىمەن.
Gangnam Style نىڭ پۇرىقى بار ئىكەن. لىكىن ئۇزۇنراق يولغا ماشىنا ھەيدىگەندە مۇشۇنداق مۇزىكىلار كىرەك بولۇپ قالىدۇ.
توغرا، يەنىلا Gangnam Style نىڭ پۇرىقى بار. ئوخشاشلىق جىق.
ساغلام ئەمەس
بۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ MV سىنى كۆرمەي شۇ MP3 نىلا ئاڭلىسا بولىدۇ. ماۋۇ gentleman دىگەن ناخشىسى ئاۋۇ GangnamStyle دىنمۇ ئۆتە Sexy چىقىپ كىتىپتۇ.
لېكىن ئاۋۇ Korea دىگەن ناخشىسى ئۇنداق Sexy ئەمەس.
ئۇمۇ سېكسىي بولۇپ كەتسە،ئۆز ۋەتىنگە ھاقارەت قىلغان بولمامدۇ؟!
im a mother father gentleman دىگىنى نىمە دىگىنى ئەمدى ئۇ؟ نىمە دىمەكچى، ھېچنىمىسىنى چۈشەنمىدىم مەن. جى جى دى تەرجىمە قىلسا ھېچنىمە مەنا چىقمايدىكەن. قالايمىقان ھېلىقى رەپمۇ گەپمۇ دىگەندەكما ئەمدى؟!
ئاناڭ داداڭ مۆتىۋەر!دېگەن گەپتەك قىلىدۇ!ئاتالمىش مۆتىۋەرلەرنى مەسخىرە قىلىپ.
بۇنىڭ ‹‹كورىيە››دېگەن ناخشىسىدىن باشقا كۆپىنچە ناخشىلىرىدا مەلۇم بىر نەرسىنى مەسخىرە قىلىدىكەن.
مەن پەقەت ياختۇر مايمەن بۇنىڭ ناخشىلىرىنى
مەن پەقەتلا ياختۇرمايمەن بۇناخشىلانى
ما ناخشىنىڭ Youtube تىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىردەمدە 2،402،600 قېتىمدىن ئېشىپتۇ توۋا… !
مەنمۇ بار ئۇ ناخشىنى چەككەنلەر ئىچىدە.ھەتتا لايىك مۇ قىلدىم.
قانداق ساراڭ باھالىغاندۇ دەيمە بۇنى ساراڭلامكەن1مىنۇت بولا بولماي سەسكىنىپ كەتتىم ئوغۇل بالىدەك بولماي چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ
چولپان بولغان ئادەم ھاڭراپ بەرسىمۇ مودا دەپ ئاڭلايدىغان گەپكەن.
ساغرىسىنى تولغىغان يېرى نەپىس چىقىپتۇ
مەنلا جاۋاب بېرىۋىتەي! يېڭى MTV سى چىقىپتۇ دەپ سىز ۋە بىزگە ئوخشاش كۆرۈپ بېقىش نىيىتىدە ئېچىپ، چېكىلىش قېتىم سانىدا رېكوت يارىتىشى مۇمكىن. لېكىن كۆرگەنلەر ئات ئۇسۇلىدەك جەلىپ قىلىش كۈچى يوقلىقىنى بىلىدۇدە ئالقىشقا ئېرىشەلمەي تارىخ يارىتالمايدۇ.
يەنە بىرگەپ ، ئاۋۇ Happeneng ئەمەس، Happening دۇ ؟!
mother futher gentlman
بۇنى mother fucker gentlaman دەپ چۈشەنسەڭلار مەزمۇنى چىقىدۇ…
سەت گەپ قىلماڭلا دەيمە !!!
بۇ ئادەمنىڭ تولغىنىپ كېتىشلىرىدىنلا ناخشىسىنىڭ چاكىنىلىقىنى بىلگىلى بۇلدۇ….
ما چوشقىنى ! بۇ سىنمۇ رېكورت ياراتسا كېلەر نۆۋەت ساپسېرىق سىن ئىشلىگۈدەك .... لىكىن مۇزىكىسى يامان ئەمەس ...
بۇدا ئەمدى 慢摇吧دىكى باللا كاسىسىنى تولغايدىغان بوپتۇدە ئەگىشىپ…………….
ماڭا بۇ يىتىمنىڭ ناخشىلىرى بەك ماز بىلىنىدۇ ؟
قەتئىي ياخشى چىقماپتۇ ! بۇ ئەمدى تۈگەشكەن ئوخشايدۇ . ئىشقىلىپ بىرخىل لاۋزا ئوبراز يارىتىپتىغۇ ، ساراڭدەكلا !
ماۋۇ مازنى…
دۇنيادىكى ئەڭ تېتىىقسىزلىق بىلەن ئىشلەنگەن MTV جىنىس مۇكاپاتى ، دۇنيادىكى ئەركەكلەردىن چىققان ئەڭ مۇنەۋەر غىتمەك لاۋزا چولپان نوبىل مۇكاپىتى ، بۇ نۆۋەتلىك شەھۋانى تۈسى قۇيۇق بولغان گىراممى مۇزىكا مۇكاپاتى ………….دىگەندەك مۇكاپالارنى بىرىپ باھالىسا ئارتۇق كەتمىگۈدەك .،..
خەنچىدە بۇنداق ئادەمنى بىيەنتەي دەپ قويدىكەنتۇق ،.
بىزنىڭ تىلىمىزدا ھەزىلەك ياكى ك…ت دەمدۇق ،..
بىز تىللاۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتىغۇ شۇنداق تىلغا لايىق بىرنىمەبۇ .
لېكىن، مۇشۇ سىن چىقىپ بولغۇچە مۇشنىمۇ دوراپ بوپتۇ نۇرغۇن خەقلەر. مۇشۇنى دوراپ يولدىكى كىشىلەرگە چاقچاق قىلىپ، بىر نەرسىلەرنى بۇزۇپ، خەقنى جىلە قىلىپ ئىشلىگەن سىن شىددەت بىلەن كۆپىيىۋېتىپتۇ توردا .
……
ھەي، ئاجايىپ ئادەملەر بادە .
قاراڭلار ئەمدى پۇزەيششىياڭنىڭ قوڭىدىكى ئاۋۇ ئىشتان مودا بوپ كىتىدۇ …
ھەر قايسىڭلار بىر نىمىنى چۈشىنىش دىگەننى بىلەمسىلەر… پياۋزەيشىياڭ بۇ قىتىملىق ناخشىسىدا كورىيەلىك بايلارنى تىخىمۇ چۈشۈرگەن…بۇ دىگەن ئۆزگىچە ئۇسلۇب