«خوبېتلار»نىغۇ يىشىل تەگلىكتىلا ئىشلەپتۇ، ئۇنداقتا بۇرۇن كۆرگەن ھېلىقى كىنولارنى قانداق ئىشلىگەن بولغۇيتى؟
ھەممىمىزگە ھوللىۋود فىلىملىرىنىڭ قانداق ئىشلىنىدىغىنى سىر ئەمەس. ھەتتا بۇ يىللىق ئوسكار ساھىبى «Life of Pi» نىڭمۇ تەڭدىن تولا قىسىمىنى بىر زال ئىچىدىلا، كومپيۇتېر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىۋەتتى. بۇ ھەقتىمۇ تورخۇمارغا ئاز بولمىغان يازمىلار يوللاندى. ئۇنداقتا كومپىيۇتېر گىرافىكى ئۇنچە تەرەققى قىلمىغان زامانلاردا كۆرگەن ھېلىقى كىنولىرىمىزنى قانداق ئىشلىگەن بولغىيتى؟ چوقۇم جىق جاپا تارتتى…
تۆۋەندە بالىلىق دەۋىرىمىزدە(بىر قىسىملىرىمىزنىڭ ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق دەۋىرىدە)كۆرگەن، نادىر فىلىملىرىمىزنىڭ ئىشلىنىش جەريانىدىكى قىممەتلىك رەسىملىرىدىن كۆرۈپ باقايلى. ئەلۋەتتە شۇنى بايقايمىزكى، بىز تولىمۇ ھوزۇرلىنىپ كۆرگەن بۇ كىنولارنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئاز بولمىغان جاپا-مۇشەققەتلەر يۇشۇرۇنغان. قېنى سىز قانچىسىنى ئەسلىيەلىدىڭىز؟
Back to the Future III
(Batman (1966
Childs Play
A Clockwork Orange
Coraline
Critters III
Dark Crystal
Harry Potter and the Deathly Hallows
ET
Eternal Sunshine of the Spotless Mind
Ghostbusters
halloween
Icredible Shrinking Man
Inception
Iron Man
It
Jaws
Jaws
Marie Antoinette
Planet of the Apes
Raiders of the Lost Ark
Star Wars
Superman
The Birds
The Fantastic Mr. Fox
The Graduate
Videodrome
2001: A Space Odyssey
A Nightmare on Elm Street
A Nightmare on Elm Street
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، تېخنىكا، رەسىم، كىنو، ھوللىۋود
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,542 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: kona-kinolarning-ishlinishi-heqqide.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > خۇدايىم ساقلىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلىپ قالىسىز—بۇ فىلىمدىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن تەلەيلىككەن!
- كېيىنكى يازما > كورىيەلىك چەۋەنداز Psy نىڭ ئەڭ يىڭى MTV سى _ Gentleman | ئۇ يەنە تارىخ يارىتالامدۇ؟
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
كۆزۈم خېلى ئېچىلىپ قالدى دىسە …..
ماۋۇ يان تەرەپتىكى راكىتاغا ئامراق بوپ قالدىم دىسە ….
باشقا ئىشىڭىز بولمىسا بىردەم بېسىپ ئويناڭ
بىر مىنۇت بۇرۇن كەلسەمچۇ….
مىنۇت؟بۇ يەردە سېكۇنت بويىچە ۋاقىت ھېسابلايدۇ.
ھازىر تورخۇماردا دەقىقە ھېساپلايدۇ .
ما گەپ جىڭ
ۋوججو نىمدا ھەقەسىڭلا دەيمەن بىردەم سىگىلى چىقىپ كىرىپ بولغۇچە بىرمۇنچە ئىنكاس چۈپ بوپتۇ،ئەۋاقتىن بىرى ئولتاسام قاراپ تىمىمۇ يوق ،بۇندىن كىيىن مىدىلىماي ئولتۇراپ ساقلىمىساق بوممۇغۇدەك باللا
ھا ھا ھا … بىز ئەمسە دەۋىرنىڭ خېلە كەينىدە قاپتۇق
نېمىدىگەن جاپالىق…..
بۇرۇن راستىنلا ئاسان ئەمەسكەنتۇق كىنو ئىشلەش.
ھاھاھاھاھا
مەن تۇغۇلماستا چىققان كىنولارمۇ نېمە بۇ؟ بىرەرسىنىمۇ كۆرگەندەك قىلمايمەنيا
تورخۇماردا تېما كۆرۈش بىر ھوزۇر ! تۆۋەندىكى دىۋان ماجراسى بىر كۈلكە ! گەرچە دىۋانغا ئولتۇرۇش نىسىپ بولمىسىمۇ تىرىشىۋاتىمەن ….
ۋاھ مەن كۆرگەن فىلىمدىن بىرسى باركەن جىن قوچاقنىڭ
مەنمۇ فىلىم ئىشلەشكە قىزىقىمەن يىقىندا بىر پاركۇئور فىلىمنى سۈرەتكە ئالدىم ھەم ئۆزەممۇ قىزىقىمەن پۇتۇم ھازىرمۇ سەل ئاغرىۋاتىدۇ قىزىقىدىغان دوسلار بوسا قەشقەردە بولساڭلار تونۇشۇپ قالايلى چچ 1737813738 ئۈندىدارغا قوشىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ
شەرقىي كۆل باغچىسى يېنىدا مەشىق قىلىدىغان بالىلار سىلەر شۇمۇ ؟
يان تەرەپتىكى راكىتاغا مەنلا ئامراق بوپ قالدىممىكى دىسە ، يەنە باكەندە …
ئاۋۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى جىننىڭ كىنوسىغۇ ، ھەيرانمەن مۇشۇ جىننىڭ كىنوسىنى ئىشلەيدىغانلا نىمىشقا بەك مەينەت ئىشلەيدىغاندۇ
نەچچە يىللىق كىنو كۆرۈش تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا ھەر قايسى دۆلەتنىڭ جىنلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن، مەسىلەن: مىسىرنىڭ جىنلىرى پەقەت بىر ئىسكىلىت، يەردىن چىقىدۇ، ئامىركىنىڭ جىنلىرى تىرىك مۇردىلار، ياپۇننىڭ جىنلىرى چاچلىرى چۇۋۇق، يۈزىنى توسىۋالغان ياكى بەك ئاشكارە يۈرمەيدىغان ئەڭ پاكىز جىنلار، جۇڭگونىڭ جىنلىرى ئۇچىسىغا چىڭ سۇلالىسىنىڭ كىيمىنى كىيۋالغان ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ سەكىرەپ ماڭىدىغان جىنلار…. دىگەندەك.
خېلى تەتقىق قىپسىز ھە ؟! دىمىسمۇ شۇنداق ئەمدى.
لىكىن ھەممىسىنىڭ ئورتاقىلقى مەينەت ، قان چاچىرتىپ ، كۆيدۈرۈپ دىگەندەك ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىر قىسما قىپ قويىدىكەن …. قان چاچراتماي قورقىتىدىغىنى بامىدۇ مۇشۇ جىننىڭ كىنوسىنىڭ ، يا مەن كۆمىدىممۇ
سىز دىگەندەك قان چاچىراتمايدىغان پاكىز جىنلارنىڭ كىنوسىمۇ بار. ئۆتكەندە خەنچە توربىكەتتىن بىر جىننىڭ كىنوسىنى كۆرگەنتىم، ئىسمى خەنچە بوغاچقا ئېسىمدا قالماپتۇ، كارۋات ئاستىدىن چىقىدىغان، بەك چىرايلىق، بەك پاكىز، بەك ئۇماق جىنكەنتۇق (چۇۋۇق چېچىنى ھېسابقا ئالمىغاندا). بەك قورنۇشلۇقمۇ ئەمەسكەن ئۇ جىن.
دىۋاندا ٸولتۇرعانلارعا راكىتا بىرەمدىكە
سىلى بىزدەك دىۋانغا چىقالماي پەگە قالغانلارغا تورخۇماركام بىردىن تورخۇمار 1-نومۇر دەيدىغان راكىتانى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ، مائۇسىڭىزنىڭ غالتىكىنى چۆگىلتىمە دەپ ئولتاغىچە ئوڭ تەرەپتىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى باسسىڭىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇدۇل دىۋانغا بارىسىز.
بۇ كىنولاردىن خېلى جىقلىرىنى كۆرۈپتىكەنمەن.
ئاۋۇ Back to the Future 3 دىگەن فىلىم يەنى كەلگۈسىگە قايتىش دىگەننى يەنە قايتا كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ.
ياخشى !!!
مۇشۇ جىن ، ئالۋاستنڭ يەنە بۇدا يىڭى چىققان مۇردا دىگەندەك فىلىملەر بىلەن پەقەت خوشۇم يوق. قاچانلا قارسا ئادەمنى ۋەھىمگە سېلىپ ، يۇركىنى ئالىدۇ . كەچلىدە سىرتقا چىقساڭلار ئالۋاسىتى بار دىكىسدەك ھېس كىلىدىغان بوپ قالمىسۇن ئادەم . راست بىر گەپ تۇرخۇمارداشلار ھازىر كەچلىدە ‹‹ئۇندىدار مۇردىلىرى كۆپيىپ قاپتۇ مىش ، دىققەت قىلمىشاڭلار سىلەرنى دوست قىلۋالارمىش شۇنىڭ بىلەن سىلەرمۇ مۇردىلارغا ئايلىنىپ ، كەچتە سىلەرمۇ مۇردىلاردەك دوست ئىزدەيدىغان بوپ قالارمىش ››
ماۋۇ youku نىكى ئالدى كەينىدىكى ئېلانىدىن ھەجەپ زېرىكتىم
مەن بۇ تېمىدا سىن دەپ بىرەر نەرسە كۆرمىدىمغۇ؟!
مەن بۇ تېمىدا سىن دەپ بىرەر نەرسە كۆرمىدىمغۇ؟!
مەزكۇر ئىنكاس ۋە ئۈستىدىكى تەكرارلىنىپ كەتكەن ئىنكاسنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولساڭلار!