خۇدايىم ساقلىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلىپ قالىسىز—بۇ فىلىمدىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن تەلەيلىككەن!
بۈگۈن تورخۇمارغا چىقىدىغان دوستلارنىڭ تېنىنى ”سەل-پەل“ شۈركەندۈرىدىغان بىر قسىقا فىلىم ئىلىپ كەلدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ فىلىمنىڭ Youtube دىكى كۆرۈلۈشى رېكورت ياراتقانمىش. فىلىمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئەمەلىي قاتناش ھادىسىلىرى تەسۋىرلەنگەن. قاتناش ھادىسلىرى دىسەم ئادەم ئۆلىدىغان كۆرۈنۈشكەن دەپ قالماڭ، بۇنىڭدىكى دەھشەت ئېغىر قاتناش ۋەقەلىرىدىكى ئادەملەر ”تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ“ ئۆلمەي قالغاچقا، بۇ فىلىمنى كۆرگەن كىشى تىلىنى چىشلەپ قالىدىكەن. ئۇلارنى خۇدايىم بىر ساقلاپتۇ دىمەكتىن باشقا گەپ توغرا كەلمەس. قېنى سىزمۇ بۇ فىلىمنى باشتىن -ئاخىرىغىچە بىر كۆرۈپ چىقىڭ. سىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولوقۇپ ياكى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ئىنكاس ۋە تەسىراتلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز.
تەھرىردىن: قوشۇمچە مۇناسىۋەتلىك ماشىنا ئېلانى
تورداش دىلشاتنىڭ مەزكۇر يازمىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: youtube، ئاجايىپ، ئېلان، فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,819 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: qatnash-hadisisi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2013-يىللىق يەرشارىدىكى قاتىل پاركورچىلارنىڭ ماھارەت توپلىمى | دوراپ سالماڭ، كومپيۇتېردا كىرىشتۈرىۋالسىڭىز باشقا گەپ
- كېيىنكى يازما > «خوبېتلار»نىغۇ يىشىل تەگلىكتىلا ئىشلەپتۇ، ئۇنداقتا بۇرۇن كۆرگەن ھېلىقى كىنولارنى قانداق ئىشلىگەن بولغۇيتى؟
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- بىز كۆرەلمەيدىغان Youtube تورى 10 ياشقا كىردى | چېكىلىشى ئەڭ كۆپ 10 ۋىدېئو
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
دىۋان مۇ
ۋاي ئىسىت تۇنجى قېتىم دىۋاندا ئولتۇرۇپ دىۋانغا قارشى باللانىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىغان بوپسىز ، دىۋانچىلار قۇشۇنىغا ۋاكالىتەن دىۋاندا ئولتۇرغىنىڭىزنى قەتئى مەرەكلەيمە …
تۇنجى قىتىم
نىمە تۇنجى قىتىم ،پەگادا ئولتۇرشىڭىز تۇنجى قىتىمما
بۇنى دېۋان دەمدۇق
ياق دىمەيمىز دىۋاندىمۇ ئالدى كەينىگە قاراپ بىقىپ ئولتۇرامىز ماندا
ھېچكىمنىڭ بۇ تېمدىن ھۇزۇرلانغان باھاسى يوقكەن ، يەنە شۇ تۆرە تالشىپ دېگەندەك .
پەستىكى ئىلان بەك پەيزى ئىكەن ئۆزنىڭ خاسلقىنى ، ئويلىغانلىرىنى ئېنىق قىلىپ چۇشەندۇرۇپتۇ . رەھمەت
ئەدەمنى يۈرەك كىسلى قىپ قويغۇدەك كۆرۈنىشلەركەن
كۆزلىرىنى يوغون ئېچىپ ئى ئاستىغا قايلاپ باقسا، باھا ئەمەس ئىنكاس دىگەننى تۆكىۋىتىپتىغۇ كورۇلنىڭ نەشپۇتىدەك.
HAYATIM53 قارىغا دىمەكچىتىم، خاتا كىتىپتا.
ۋاي ، خۇدايىم نەق ساقلاپتۇ مالارنى دەپ قالدىم….
راستىنلا خۇدايىم ساقلاپتۇ
Youtube دا رىكورت ياراتقان سىن « ئوپپا گاڭنام سىتايىل » دۇ
youtube دا سىن دىگەن تولا ! ھەرقانداق سىننىڭ ئۆز تۈرىدە رېكورت يارىتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۈت ! لىكىن ئەممازە نىمىشقا ئاۋۇ سىننىڭ ئىسمىنىڭ بېشىغا ئوپپانى قېتىۋالدىڭىز ؟؟ ئۇندىن كۆرە ناخشا تېكىستىنىڭ ھەممىسىنىلا شۇ سىننىڭ ئىسمى قىلىۋالماي شۇنداق قىلغان بولسىڭىز ئەڭ ئۇزۇن ناخشا ئىسمى بولۇپ رېكورت يارىتىلاتتى ئەمەسمۇ ؟!
مەن باشتىكى ئىلاننى كۆرۈپ بوپتىكەنمەنمۇ نىمە؟
ئەرۋاھلانى قوغلىغۇچىلا ئاشۇ ماشىنىنى ئىشلەتسە بوغىدەك جىنلامۇ تىگەلمىگەندىكىن ھوھوھوھوھو
ئاللا ھەممىمىزنى مۇنداق بالا قازادىن ساقلىغاي،ئامىن
خۇدايىم ساقلىسا ئاشتا ساقلايدۇ .
مەنمۇ مۇشۇنداق ۋەقەگەئۇچراپ ماشىنىنىڭ تىگىدىن ئۆزەم ساقچىققان …… موتورۇمنىڭ ھىشنىمسى قالمىغان.. خۇدايىم ئاجايىپ ساقلاپ تىكەن سىننى كۆسەم
كىچىكىمدە كەپسىزلىك قىپ كوچىدا ئويناپ مەنمۇ پاقىۋاش دەپ قۇيىدىغان يامان سەت بىر موتونىڭ تېگىدىن ساق چىققان ، ئا موتوكەش ئون كويچەن بەرسە خوشلۇقۇمدا ئانامغىمۇ دىمەپتىكەنمە ، شۇ پۇلغا نىمە ئالدىم بىلەمسىلە ؟ دىمەيمە بولدى ھې ھې
چوقۇم ئويۇنچۇقخانىغا كىرىپ تەڭگە ئالدىڭلا…
ۋاي ياقەي ، ئۇ چاغدا مەلىمىزدا بارى يوق پەقەت ئىككىسىلا باتى ئۇ ماشنىدىن ، يەنە كىلىپ تازا قىزىقمىغان ، بىر كويچەنگە شىكەر ئېپ يىگەنتىم ، ئاساسەن ھەممىسىنى قوساققا خەجلىگەن مەن
دىۋان بولسا نىمە با باللا ھېچقانداق گەپ يوق دىۋان دەپ يېزۋالدىغان گەپ
خۇدايىم ساقلىسا مۇشۇنداق ساقلايدۇ، خۇددى پاختىنىڭ ئىچىدە ئوت ساقلىغاندەك،
ئىھ! قۇدىرتى ئۇلۇغ ئاللا، ھەممىزنى كۆرۈنە- كۆرۈنمەس بالا- قازادىن، ئاغىرىق-سىلاق، تۇيۇقسىز كەلگەن بالايى -ئاپەتتىن ساقلىغايسەن، سىنىڭدىن باشقا تايانچىمىز يوقتۇر، پەقەت ساڭىلا ئىشنىمىز، ساڭىلا تايىنىمىز.
ئامىن!
ما ئىنكاسقا ئەلا كەتتى ، شۈكرى قانائەتچان بۇلايلى ، قىلغانلىرىمىزغا تۆۋە قىلايلى ، ئاللا بۇ ئامانىتىنى قاچان ئالسا ئالىدۇ ، بۇ دۇنيالىقىمىزدا ئۇ دۇنيالىق ئۈچۈن ئويلاپ قۇيايلى
ئابومجان كۆرۈنمەيدا ھىلىقى ئىسمى نىمىتى بىر قىزچاق باتى ئۇمۇ يوق 5ياش ۋاختىمدا مىنىمۇ ئات دەسسىۋىتىپ ساق قالغانتىم
ھە نەفىسە راس
چىم دەيدا مىنى يوق دەپ ، دىۋانغا قىستلامماي ژۈسەم ، ھې ھې
ئۇ قىزچاقنىڭ ئىسمى نەفىسە ئىدى ، شۇندامۇ يا ، دىۋان تالىشىش جېڭىدە مەغلۇپ بۇلۇپ شۇندىن بېرى دىۋانغا قاراشتىنمۇ خىجىل بۇلدىغان بوپ قالدىم ، پونى چاغلاپ ئاتىدىغان ئىشكەنتۇق ئەسلى
ئاللاھەممىمىزنى ئامان ئىسەن قىلسۇن
بۇ باللا مارىلاپما تۇرامدىغاندۇ دەيمەن. كۈندە نەچچە ۋاخ ئىچىپ قاراپ باقسام ھىچنىمە يوق. بىردەمدىلا ئىنكاسلار كۆمۈلۈك كىتىپتۇ دىسە
مەندەك ۋىروس بىلەن تەدبىركارغا ئارقا ئىشىك قىلسىڭىز سىزگىمۇ يېڭى تىما يوللانغاندا قىسقا ئۇچۇر قىلىدۇ ، يېقىننىڭ ياقى ئۇلارغا پار ئاقماس بوپ قالدىدە ھې ھا ھى ھۇ
بىر ئىغىز گەپ
خۇدا ساقلىغاي.
شىيەندەينىڭ يىڭى چىققان فىيسې ماشىنىسىنى ئالامەت ماختاپ قويۇپتۇ ما خەخ.
بۇ ماشىنا ئوڭ تەرەپكە ئىككى ئىشىك سول تەرەپكە بىرلا ئىشىككەنتۇق، نىمانداق غەيرى لاھىيەلىدىكىن دىسەم ئەسلى مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنىشى باركەندە.
ئوڭ تەرەپكە ئىككى ئىشىك، سول تەرەپكە بىر ئىشىك، ماۋۇ لاھىيە خېلى بوپقويىدىكەن !
ھە ئىشنىڭ ماھىيىتى مۇنداق دەڭ بۇ يەردىمۇ پارخورلۇق توۋا توۋا ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن ئۆز كۈچۈم بىلەن تۆرگە ئىرىشىمەن
ماۋۇ youku نىكى ئالدى كەينىدىكى ئېلانىدىن ھەجەپ زېرىكتىم
ئاۋۇ ئېلان بەكلا ئۆزگىچە ئىشلىنىپتۇ.