نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

[بىر كىنو بىر دۇنيا] Pi نىڭ ئاجايىپ سەزگۈرەشتىلىرى – كۆرمەسلىككە نىمە باھانىڭىز بار؟

ئانچە-مۇنچە كىنو كۆرۈشكە ھەۋىسىمىز بولغاچ، ھەر يىلقى يېڭى كىنولارنى ئامال بار قولدىن بەرمەي كۆرۈپ قويىمىز. ئەگەر بەكرەك ياراپ قالسا شۇ زامان تورخۇماردا «كۆرۈشتىن كىيىنكى تەسىرات» يازىمىز. ئۇزۇندىن بۇيان يېزىپ كېلىۋاتقان [بىر كىنو بىر دۇنيا] سەھىپىسىنى خېلى بولدى يېڭىلىمىغىلى. بۇ ياخشى كىنونىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىن بولغان، ئەمما بۇ قېتىم قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر يازماي بولمىدى.

life of pi

خەنلەر «少年派的奇幻漂流» نامىدا ئۆزلەشتۈرگەن مەزكۇر فىلىمنىڭ داڭقىنى بەلكىم خېلى ئاڭلىغانسىز. ھېچ بولمىسا ئۇنۇڭ-بۇنۇڭ قەيەرلەردىدۇر كۆرىۋاتقىنىنى ۋە ياكى گېپىنى قىلىۋاتقىنىنى بولسىمۇ ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. مەنمۇ ئەينى چاغدا مەزكۇر فىلىمنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالغان. كىيىنچە ئوباما(ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزدېنتى)نىڭمۇ بۇ كىنونى ئالاھىدە ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ بىر كۆرۈش ئىستىكى قوزغالغان(بۇ ئاداش بىلەن كۆڭلىمىز يېقىنچۇ). گەرچە بىرىنچى ۋاقىتتا كىنوخانىغا بېرىپ كۆرۈش نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما كومپىيۇتېردا بولسىمۇ سۈزۈك نۇسخىسىنى قولدىن بەرمەي كۆرۈپ قويدۇم. فىلىمدىكى ئۆزگىچە ھېكايە بىلەن ئالاھىدە چىرايلىق كۆرۈنۈشلەر مېنى راسلا رام قىلىۋالدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇزۇندىن بۇيانقى تازا قانماي كىلىۋاتقان كىنوخۇمارىمغا تازا بەلەن مەلھەم بولدى.

[ فىلىمدىن بىرقانچە كەسمە ]

فىلىم ۋەقەلىكى ھەققىدە :

ھېكايە كانادا Montreal دىن باشلىنىپ يەنە شۇ Montreal دا ئاخىرلىشىدۇ. يەنى بۇ بىر ھىندىستانلىق كۆچمەننىڭ ھېكايىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھىندىستاندىن مېكسىكا كىيىنچە كاناداغا كەلگىچە بولغان ھېكايىلىرى بايان قىلىنىدۇ. Pi (پاي) بولسا ھىندىستاندىكى بىر ھايۋاناتلار باغچىسى قۇرغۇچىسىنىڭ ئوغلى. ئۇ كىچىكلىكىگە باقماي دىن ۋە ئىنسان تەبىئىتى جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە كۆز قاراشقا ئىگە. شۇڭا ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ چوڭ دىنغا ئىشىنىدۇ. Pi نىڭ 17 ياش ۋاقىتلىرى، دادىسى ئۇلارغا (ئىككى پەرزەنتى ۋە ئائىلىسى) تېخىمۇ ياخشى ياشاش شارائىتى ھازىرلاش ئۈچۈن يىراق قىردىكى كاناداغا كۆچمەكچى بولىدۇ. گەرچە Pi نىڭ ئۆز يۇرتىغا نىسبەتەن ئوتتەك سۆيگۈسى بولسىمۇ ئەمما دادىسىنىڭ قارارى بويىچە ئامالسىز كۆچمەن بولۇشقا قاراپ يول ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا ئۆزىنىڭ تۇنجى سۆيگۈنىدىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

ئەمما ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ. يولغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار چىققان كېمە كۈچلۈك قارا بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. تاساددىپى پۇرسەتتە قۇتقۇزۇش كېمىسىگە چىقىپ قالغان Pi دىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى بۇ قارا بوراننىڭ زەربىسىدە چوڭقۇر دېڭىزغا غەرىق بولىدۇ. بالا كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك، ھاياتىنى قىل ئۈستىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن Pi، بۇ قۇتقۇزۇش كېمىسىدە ئۆزىدىن باشقا كۈتۈلمىگەن مېھمانلارنى بايقايدۇ. مانا شۇندىن تارتىپ، Pi ئۆزىنىڭ دېڭىزدىكى ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرىنى باشلايدۇ. بىر دانە غالجىر يولۋاس بىلەن كىچىك قولۋاقتا ئىككى يۈز نەچچە كۈن لەيلەپ يۈرىدۇ. ئۇنداقتا Pi بۇ غالجىر بىلەن بولغان ئارلىقنى قانداق ساقلايدۇ؟ قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا يەم بولمايدۇ؟ نېمە يەپ نېمە ئىچىدۇ؟ جاۋابىنى يەنىلا كىنو تەپسىلاتىدىن ئىزدەڭ!

تەشۋىق فىلىمى : 超清 ھالەتكە تەڭشەپ كۆرۈشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

كۆرۈشتىن كىيىنكى تەسىرات:

ئىلگىرى دائىم كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا ياكى ھاياتتىن ئۈمىتسىزلەنگەن چاغلىرىمدا، دۇنيادا ئۆزۈمدىن باشقىنى خالىماي قالاتتىم. شۇنداق بىر ماكان بولسا بىر مەن ئۆزۈم ياشىسام، بىراۋ كېلىپ ئاۋارە قىلمىسا، بىراۋلار غورۇرۇمنى دەپسەندە قىلمىسا، ئەركىن نەپەس ئېلىپ باقسام دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بۇ كىنونى كۆرۈش جەريانىدا يالغۇزلۇقنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. Pi نىڭ كېمىسى خۇددى ھازىرقى دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى ئىدىكى، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يوقىتىدىغان، ھايات قالىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم سەگەك بولىدىغان، ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلىماقچى بولىدىكەنسىز چوقۇم جۈرئەتلىك بىلەن ئۇرۇنۇپ باقىدىغان. شۇنداق، بۇ كىنودىن ھوزۇرلانغىنىم يالغۇز ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنۈشلەرلا ئەمەس، بەلكى بىر كىچىك قولۋاق ئىچىدىكى بىر پۈتۈن دۇنيا.

فىلىم ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلار:

رېژىسسور  : لى ئەن| تەيۋەن
سىنارىست : Yann Martel / David Magee
باش روللاردا : Suraj Sharma / Irrfan Khan /  Tabu قاتارلىقلار
فىلىم تۈرى : ۋەقەلىك / تەۋەككۈلچىلىك
قويۇلغان ۋاقتى : 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21 كۈنى (ئامېرىكا) ، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى (جۇڭگو)
فىلىم ئۇزۇنلىقى : 127 مىنۇت
ساغلاملىق دەرىجىسى : USA:PG (بۇ يەردىكى PG دەرىجە سېرىق مەزمۇنغا قارىتىلمىغان، خاتىرجەم كۆرىۋېرىڭ)

چۈشۈرۈش مەنزىلى (شۈنلېيدە چۈشۈرۈڭ)

HR-HDTV نۇسخىسى 1.94GB |   مەنبە: تورخۇمار   |  WEB-DL 720P نۇسخىسى  3.88GB | قوشۇمچە 1080 نۇسخىسى 4.7G



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئابومجان 2013.02.25 , 11:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىرىپ قالدىم خالتا كۇچىغا ، بار ئىكەن ئالدىمدا دىۋان !

    • ئەلكان 2013.02.25 , 12:07

      بىر نەچچە كۇندىن بىرى دىۋان تالاشماي يۈرەتتىڭىز. بۇگۈن ماراپ يۈرۈپتىكەنلا ھە؟

    • كۇسەن 2013.02.25 , 12:51

      خەپ يەنە كىيىن قاپتىمەن :sad:

    • ئابومجان 2013.02.25 , 13:58

      تورخۇماردىكى باللادىن دىۋان تالىشىپ ئولتاساق تازا بەلەن بوممايدىكەن ، لىكىن خېلى ساقلىسام باللا كەممەيدۇ ، ئەسلى پەگادا ئولتۇراي دىگەن ، يا بۇ دىۋاندىن ئاتلاپ ئۈتۈپ پەگادا ئولتاغىلى بولمىسا (خىجىل بولغان چىراي ئىپادىسى

  2. ئابومجان 2013.02.25 , 11:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما كىنو ئەمما لىكىن ئۇندا بۇندا ئەمەس بىر كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ ، بۇلۇپمۇ كەچتە نائۇشنىك تاقاپ كۆرسىڭىز ھەقىقى ھۇزۇرىنى سۈرۈسىز ، ئىسىل كىنو

  3. مەن 2013.02.25 , 11:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى فىلىمكەن،

  4. ئەلكان 2013.02.25 , 12:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىچلىقمۇ باللار؟

  5. Goodluck 2013.02.25 , 12:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەق كىنوخانىدا كۆرىدىغانلا فېلىم بۇ، دېڭىزدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر كىنوخانىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا بەك پەيزى نامايەن بولىدۇ.

  6. بەختىم 2013.02.25 , 12:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈلۈشكۈن كەچتە رەھمەتلىك قىلۋەتكەنتىم تېخى بۇ كىنونى..:idea::grin:

  7. گىلورىس 2013.02.25 , 12:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گەرچە سىغىمى چوڭ بولسىمۇ، ۋىروسجاننىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشىرىۋاتىمەن، لىكىن تاقىتىم تاق بولىۋاتىدۇ، تاشپاقىدەك ئۆمىلەيدىكە يا باللا بۇ……………

    • ۋىروس 2013.02.25 , 13:26

      ئىكىرانىڭىزغا نىسپەتەن ئەڭ ماس كېلىدىغىنىنى چۈشۈرۈڭ. 19 سۇڭلۇق ئىكىران بولسا يەنىلا 720Pنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  8. ئايشەم تورى 2013.02.25 , 13:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا رەھمەت !

  9. Forever 2013.02.25 , 16:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    V字仇杀队 دىگەن كىنونىمۇ بىر تونۇشتۇرىدىغان يەرگە كەلدى .

    • ئابومجان 2013.02.25 , 17:03

      خېلى مەنىسى بار كىنو ، بوپ قالىدۇ

    • ئۆمەر 2013.02.25 , 23:31

      ۋاي مۇشۇ كىنونىڭ ئىسمىنى تاپامماي يۇرەگىلى ناۋاخ،رەھمەت ھە :wink:

  10. پەنجىر 2013.02.25 , 18:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن يەنە كەش بازىردا قاپتىمەن ،خەپ !
    بۇ كېنو ئاخشاملىققا بەيدۇ قويغۇچىدا چۈشۈرۈپ كۆرسەم بولغۇدەك !

  11. ياساۋۇل 2013.02.25 , 19:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ مۇشۇ كىنونى كۆرۋىتىپ كاللامغا مەنمۇ مۇشۇ بالا يۇلۇققان ئىشلارغا ئۇچۇرسام قاندا بوپ كىتەمە دەپ ئويلاپ كەتتىم ،بىچارە ئاچلىقتا تاس قالىدىكەن ئۆز گۈشىنىمۇ يەۋەتكىلى .،.لىكىن ئاۋۇ بىزەڭ يولۋاسنى بەك تەستە كۆندۈردىكەن ئەمەسمۇ .،.

  12. تاماشىبىن 2013.02.25 , 19:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق قىلىپ كىنونىڭ دۆلەت تەۋەلىكى قەيەر بوپكەتتى؟

    • ۋىروس 2013.02.25 , 21:43

      كىنونى 20-ئەسىر فوكىس شىركىتى ئىشلىگەن. باش رېژىسسورى تەيۋەنلى لى ئەن. كىنو كۆرۈنۈشلىرىنى ئاساسەن ھېندىستان بىلەن تەيۋەندە ئالغان. ھازىرغىچە بۇ كىنو 4 تۈردە ئوسكار مۇكاتاپىغا ئېرىشىپ 8 تۈردە ئىسمى ئاتالدى.

  13. مايماق 2013.02.25 , 20:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت جۇما ۋىروسۋاي،قاچان سۈزۈك نۇسخىسى چىقاركىن،دەپ پات-پات ئىزدەپ بېقىۋاتاتتىم.:wink:

  14. قارا ھەرە 2013.02.25 , 20:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1080 لىكىنى چۈشۈرۈپ كەتتىم ئەمسە، كۆرۈپ بوپ رەھمىتىمنى ئېيتاي

  15. تاماشىبىن 2013.02.25 , 21:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قۇتقۇزۇش قولۋىقىنىڭ يېرىمى بار يەرگە سىيىپ يولۋاسقا بۇ مېنىڭ تەۋەلىكىم دەپ ۋاقىرايدىغان يېرىدە كۈلۈپ قاپتىمەن ئەمما……دېمىسىمۇ ھايۋاناتلاردا ياشاش تەۋەلىكىگە سىيىپ باشقىلارغا ئۇ يەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىدىكەن. قايسى بىر ئادەم ۋە تەبىئەتتە كۆرگەنىدىم.

  16. تاماشىبىن 2013.02.25 , 21:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۆلچەملىك خەنچە ئاۋازلىقىكەن. qvod قويغۇچىلۇق. كۆرۈپ بېقىڭلار.(تور بەت يۈزى مەينەت چىرايراق ) ئۆزتىلنى چۈشۈنەلمىدىم، خەنچە ئاۋازدا كۆرىمەن دېگۈچىلەر پايدىلىنارسىلەر

    ئادرېس: http://www.jisuba.com/video/?32276-0-2.html

  17. تەلبا 2013.02.25 , 21:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كىنونڭ ئېسىللىكىدىن كىنوخانىغا ئىككى قېتىم كىرىپ كورۇپتىمەن. چوڭ بولغاندا بالامغا كورسەتكىلى چۇشۇرۇپ قوياي ھە~~

  18. سەنسىز 2013.02.25 , 22:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى فىلىمكەن قاچانمۇ تەرجىمىسى چىقار

  19. توختى 2013.02.25 , 23:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاتىنمىدىم ئەمىسە،،،،

  20. نەفىسە 2013.02.26 , 00:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسىت گەپ قىلسام ئىككى قىزىقىشىم بار، بىرى كىنو كۆرۈش يەنە بىرىمۇ كىنو كۆرۈشتە توۋا…. :evil:

    • ئايشەم تورى 2013.03.06 , 16:33

      كىنو كۆرۈش زەھەر چىكىشكە ئوخشايدۇ دىسەم ئىشىنەمسىز !

  21. ۋەيران 2013.02.26 , 01:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر مۇشۇ فىلىمنى ھىندىستانىڭ فىلىم ئۇسۇلىغا چۇشۇرسە ھەرگىزمۇ مۇشۇنداق تەبئىي ۋە گۇزەل ئادەمگە ئىستىتىي ۋە روھىي زوق ئاتا قىلغۇدەك مۇھىمى بۇنچە كۆپ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكۇدەك فىلىم چىقالمايتى، رىجسور ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن ،،
    يىقىندا ھىندىستاننىڭ 2013 يىللىق فىلىمدىن 3..4نى كۆردۇم ،ھەممىسى شۇنداق كۆپتۇرۇلگەن،فىلىمدىكى قەھرىمانلار ئادەملەرنى توپتەك ئۆلىتىۋاتقان،پۇۋلەپ قويسا ئۇچۇپ كىتىشى تىخى..ئۇف
    天命玩家,将领之子,无畏警官2,热血无赖 ھەممىسى ئاشۇنداق بىرسى ئەمىلىيەتكە يىقىن ئەمەس ،تەبىيلىكى يوق ..مۇشۇ ھىندىستاننىڭ يىڭى كىنوچىلىقى ،،

    • تىكەن 2013.02.26 , 03:06

      بۇ كېنو ھىندىستاننىڭ ئەمەس
      يېرىم كېچىدە بىر كۆرۈپ قويسىڭىز ھەرگىز پۇشايمان قىلمايسىز

  22. تىكەن 2013.02.26 , 03:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كۆرگەن فىلىملەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ نادىرلىرىنىڭ بىرى بۇ!
    ئاۋۇ «لىئەن» دىگەن ئاداش مۇشۇ فىلىمى بىلەن بۇ يىللىق ئوسكار ئەڭ نادىر رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

  23. گىلورىس 2013.02.26 , 10:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ۋىروسجاننىڭ تەسىرگە ئۇچىراپ ئاخشام كېچىلەپ كۆرۈپ بۈگۈن ئەتتىگەن بەك قىينالدىم، مېنىڭچە بىر ئۇتۇقلۇق بولغان كىنو ئەسىرى يۇقىرى تېخنىكا بولىشىدىن سىرىت، يۇقىرىدا ۋەيران دەپ ئۆتكەندەك ئادەمنى مەھلىيا قىلغۇدەك، ئەمەلىي تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئۆزىگە تېما قىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن…دەپ ئۆتكەندەك بۇ فىلىم مۇۋاپىق تېخنىكا بولغاندىن سىرىت تولىمۇ ئۆزگىچە بىر تېمىنى ئۆز مەزمۇنى قىلىپ تاللاپتۇ، ئىشقىلىپ بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن دەپ بېرەلمەيمەن، گەپنىڭ قىسقىسى مەن بۇ فىلىمنى كىنوخانىلار بازارغا سالغاندا يەنە بىر قېتىم كۆرىمەن….قايسىڭلار بىللە كېلىسىلەر:shy:

  24. بانكىر 2013.02.26 , 11:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭ 3د نۇسخىلىقىنىڭ ئادىرسى يوقمۇ؟ بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلارچۇ؟

  25. شىرخان 2013.02.26 , 16:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماكىنونىڭ يېرىمى چۈپ بۇلۇپ يېرىمى قالغاندا تاشپاقابىلەن بەسلشەمىگۈدەك تىزلىكتە كىتىپ باردىيا ئەجەپ ئىكران 4.8سۇڭ تى پاتماي قاممىسۇن دەپ چوڭ بۇلىشىنى ساقلاۋاتامدىغاندۇيە 1080لىكنى باشلىۋاپتىكەنمە

  26. دىيانەت 2013.02.26 , 23:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن كىنۇ ئىكەن . سۈزۈكلىكىمۇ ئادەمنى قايىل قىلىدۇ . مەزمۇنى ئۆزگىچە . مۇشۇندق ياخشى يىڭى كىنۇلار بولسا كۆپرەك يوللاپ تۇرسىڭىز . بىزمۇ كۆپرەك تورخۇمارنى يوقلاپ تۇرساق تىخىمۇ ياخشى بولاتتى .

  27. ئەركە 2013.02.27 , 13:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەيدۇ دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقما ماندا؟ بىزدەك كومپيۇتېرسى يوقلارغا شۈنلېيدىن چۈشۈرۈشكە ئامال يوقكەن. بەيدۇ دىسكىسىدا بولغان بولسا ئايپەد تىلا چۈشۈرۈپ كۆرەكەنمەن.

  28. wasdnoasdw 2013.02.27 , 17:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3D نۇسخىسىنى كۆرمىسەڭلا ھەقىقى ھۇزۇرىنى سۈرەلمەيسىلەر !

  29. ئوغلانبەگ 2013.03.05 , 23:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەدىن چۈشۈرۈشنى بىلمىدىم،ياردەم قىلساڭلار!!!:mad:

    • ۋىروس 2013.03.06 , 21:24

      چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قالدۇردۇققۇ .

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量