Internet Explorer 9 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى!
شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، Internet Explorer ئارىمىزدا ئىشلەتكۈچىسى ئەڭ كۆپ تور كۆرگۈنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر مانا IE9 نىڭ رەسمىي نەشىرىمۇ ئېلان قىلىنىپتۇ! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇدا ئېلان قىلىنغان IE9 رەسمى نەشىرى بىلەن كونا نەشىردىكى IE لار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق خېلى چوڭ بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد IE تور كۆرگۈسىنىڭ يادروسى دۇنياغا كەلدى دېگەن گەپ…
IE9 دىكى بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار
IE9 دا تور بېكەتنى مۇقىملاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن مەلۇم تور بېكەتنى تارتىپ ئاپىرىپلا ۋەزىپە ستونىغا مۇقىمدىيالايدىكەنمىز، كېيىن شۇ تور بېكەتنى زىيارەت قىلماقچى بولساق، ناھايىتى قولايلىق ھالدا بىر چېكىپلا ئېچىشقا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تور كۆرگۈ ئۆزىدىكى JavaScript ماتورلىرى يېڭىلانغان بولۇپ، تور بېكەتنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرئىتى بۇرۇنقىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تېزلەشكەن، ئەڭ يېڭى html5 ۋە CSS3 ئۆلچىمىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا GPU نىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، تور بېكەتنى ئېكرانغا سىزىش جەھەتتە قاتتىق دېتال سۈرئىتىنى تېزلىتىش تېخنىكىسى قوشۇلغان بولۇپ، GPU نىڭ ئىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، تور بېكەت زىيارەت سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە راۋان بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
مۇشۇ ئەۋلادتىن باشلاپ، IE ئەمدى XP نى قوللىمايدۇ
مىكروسوفت نېمىنى ئويلىشىپ شۇنداق قىلدى بىلگىلى بولمايدۇ، بىراق ھەقىقەت شۇكى، IE9 پەقەت Vista، Server2008 ۋە Windows 7 دىلا ئىشلەيدۇ، XP ئاللىقاچان قوللاش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن، بەلكىم بۇندىن كېيىنمۇ قوشۇلماسلىقى ئېنىق. شۇڭا، ناۋادا ئەڭ يېڭى IE9 نىڭ ئۈنۈمىدىن ھوزۇرلىناي دېسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى سېستىمىڭىزنى يېڭىلىغىنىڭىز ياخشى.
ئاخىرقى سۆز
IE9 قا نىسبەتەن ئۆزگەرتىشلەر بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بولۇپمۇ HTML5 ۋە CSS3 قاتارلىقلارغا بولغان قوللاش قاتارلىقلار جەھەتتە، IE9 ھەقىقەتەن كىشىنىڭ تەقەززاسىنى قوزغايدۇ. كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ سىناق نەتىجىسىگە ۋە تەسىراتىغا ئاساسلانغاندىمۇ، IE9 ئىلگىرى ھەرقانداق نەشىردىكى IE دىن كۈچلۈك چىققان بىر مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم قوشۇلغان GPU تېزلىتىش ئىقتىدارى، ئەڭ يېڭى ئۆلچەملەرنى قوللاش، پاكىزە كۆرۈنمە يۈز ۋە يۇقىرى زىيارەت سۈرئىتى تەمىنلەنگەن يېپيېڭى IE9، ھەرگىزمۇ بىز ئاغرىنىدىغان ئاشۇ ئاستا، ئۆلچەمسىز، زاماننىڭ كەينىدە قالغان Internet Explorer ئەمەستەك قىلىدۇ. شۇڭا دىققەت قىلىڭ: IE9 سىزنىڭ IE غا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
32 بىتلىق Win7 نەشىرى | 64 بىتلىق Win7 نەشىرى | مەنبە: تورخۇمار |
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:
Windows 7 ئەسلى ھەقىقى نەشىرىنى چۈشۈرۈش | كومپيۇتېر سەپلىمىڭىز Win7 غا ماس كېلەمدۇ يوق؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: html، windows7، توركۆرگۈ، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 47,634 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ie9.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كومپيۇتېردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ياخشى ھەقسىز رەسىم-سۈرەت كۆرۈش يۇمشاق دېتالى – XnView
- كېيىنكى يازما > Windows 7 دە XP دىكىگە ئوخشاش كلاسسىك باشلاش تىزىملىكىنى ئىشلىتىش – Classic Shell
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- ئۇيغۇرچە Windows 8 سېتىۋالالمىغانلارغا يەنە بىر پۇرسەت – ھەقىقى نەشىردىكى 8 Win يەنىلا 250 سوم (سانى چەكلىك)
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
- بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق 优酷/土豆 نىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىنى تەلتۆكۈس كۆزدىن يوقىتىش
- IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
- مىكروسوفت شېركىتىنىڭ يوقلىمىسى، دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاجايىپ تەدبىرلىرنىمۇ ئاڭلاپ باققۇلۇق
- مىكروسوفتنىڭ كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونا ۋە يېڭى Logo لىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىتېمىنى يېڭىلاش كېرەككەن
ئارىمىزداie6نىڭ قوللىغۇچىلرى بار تېخى
ئەلۋەتتە ! بىرنىڭ ئۇرۇندىكى 10كومپيۇتېرنىڭ 1سىگە ie8، يەنە 2سىگە ie7قاچىلانغان . قالغىنى بىردەك ie6، لېكىن بۇ كومپيۇتېرلار ئاساسەن تورغا كۆپ چىقىپ كەتمەيدۇ .
تولىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ ! ئەمما مېنىڭچە پات يېقىندا IE9نىڭ جۇڭگۇچە XP قوللايدىغان نۇسقىسى چىقىشى مۇمكىن ، بۇ گۇيلار ئۆزگەرتىشكە تولىمۇ ئۇستىكەن ياساشنى بىلمىگەن بىلەن
مېنىڭ windows قا پەقەت بىر ئېغىز گەپ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ.
فاااااااااااااااااااااااااك.
خەپ ئەجەپ رەھىمسىزلىك قىپتۇ.
مىنىڭچە يەرشارىدا يەنىلا XP ئىشلىتىۋاتقانلار ئار ئەمەسمىكىن دەيمەن . XP گە بولغان قوللاشنى بۇنداق بالدۇر توختىتىۋېتىش سەل ئادىللىق بولمىدىمۇ قانداق ؟!
راس گەپ قىلغاندا بەك قوتو كەن.
ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئەڭ ئىسراپ قىلىدىغان تور كۆرگۈچلەرنى تىزىشقا توغرا كەلسە مۇشۇ قوتو تور كۆرگۈچ بىرىنچى ئورونغا ئۆتىدۇ.
مېنىڭچە ئۇلارنىڭ xpغا بولغان قوللاشنى توختاتقىقىنى قاملاشماپتۇ ، قارىغاندا مىكروسوفت يەنە بىر قېتىم قاتتىق دېتال ئىنقىلابى قوزغىماقچىدەك قىلىىدۇ
IE9 for Linux بولغان بولسا، بىر سىناپ باققان بولساق ھە…
ۋىيەي ما گەپنى
Windows ئارقىلىق IE نى 10 نەچچە يىلدىن بېرى نۇرغۇن ئادەمگە تېڭىپ تومۇرىغا سىڭدۈرىۋەتتى. ئەمدى IE ئارقىلىق Windows نى تاڭىدىغان ۋاقىت بولدى بولغاي
قالتىس گەپ!!!
بۇنىڭ سىناق نەشىرى چىققاندىلا ئىشلەتكەن ئىدىم .
ھازىمۇ ئوت تۈلكە بىلەن ئىشلىتىۋاتىمەن
رەھىمسىز مىكروسوفىت. xp ئىشلەتسە نېمە بولۇپتۇ. بۇنداق قىلغىنى جۇڭگوغا ئېنىقلا بېسىم ئىشلەتكىنى بولماي نېمە؟
خەپ، ئىتتىكراق win8 چىقسا بولاتتى
مەن ھازىر قاچىلاۋاتىمەن مەن بىر يىلدىن ئاشتى xp بىلەن خوشلاشقىلى win7 نىڭ ھۇزۇرى باشقا جۇمۇ
XP نىڭمۇ ۋاقتى ئۆتتىما بىر دەمدە !
جۇڭگۇ تۇپىرىقىدا زادى ئېنتىرنىتنىڭ ھوزورىنى سۈرگىلى بولمايدۇ .
تەخىر قىلىڭ، ئىلانلاردىن كىيىن تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلار ھوزۇرىڭىزدا
ئاتايىن مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىش ئۈچۈن قايتا كىرىشىم بۇ تىمىغا. IE9 نىڭ بەت ئىجرا قىلىش سۈرىتى ھەقىقەتەن تىزلىشىپتۇ، كۆز ئالدىمدىكىسىنىڭ IE تور كۆرگۈچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدىم. تازغا چاچ چىقمايدۇ دېسە ھەرگىز ئىشەنمەڭلار !
ماڭا Windows دىن خوشلاشقىلى 4يىل بولدى، ھېلىمۇ 1999-يىلىدىن باشلاپ ئېشلىتىپتىمەن… ھازىر مەك ئېشلىتىۋاتىمەن… ۋەھشى راھەت…
تورخۇمار، قارىغاندا IE9 نىڭ نېمىشقا Windows XP نى قوللىمىغانلىقىنى بىر تەھلىل قىلىۋەتمسىڭىز بولماپتۇ:
The reason IE9 doesn’t work in XP is that it uses the Direct2D feature of DirectX when accessing the graphics hardware to accelerate image creation and drawing. Direct2D was introduced in Windows 7, but then added to Windows Vista SP2 and Windows Server 2008 R2. But not to WIndows XP.
ئا…بۇرادەر ئاشۇنى ئۆرۈپلا يېزىۋەتكەن بولسىڭىز، ئاندىن بىر دانە مەنبە قىستۇرىۋەتسىڭىزلا تۈگەيدىغان ئىشكەنتۇق.
قاچىلسام تور كۆرگۈلەردىن پەقەت ئاتەش تۈلكىلا ئىشلىدى، قالغانلىرى ئېچىلىپلا كەينىدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ.
باشقا تور كۆرگۈلەر يېڭى چاپان كىيەي دېسە، IE9 دەل كەلمەي قاپتۇدە
«تور خۇمار»نىڭ گېپى نەق جايىغا چۈشۈپتۇ، ھەم قىزىققارلىق ھەم ئىلمىيلىككە ئىگە بوپتۇ.
مەن IE9 نى ئىشلىتىۋاتقانغا خېلى بولغاندەك قىلغان. مەندىكىسى قانداق نەشىرى بولاپ كەتتى ئەمدى ؟
سىزدىكىسىئوخشايدۇ
بۇ كۆرگۈچنىڭ ھەممە يىرى ماڭا يارىدى، ئىككى تەرپى بىلەن سەل قاملىشالمىدىم.
1- ئۇيغۇرچە خەت بەك ئىنچىكە ئىكەن.
2-تور بەت يۈزىدە چاشقىنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چەككەندە چىقىدىغان تىزىملىك ئىنگىلىسچە ئىكەن، بۇنى خەنچە قىلىپ تەڭشىگىلى بولامۇ.
未能完成安装دەپ چىقېۋىلىپ، مەن زادىلا قاچىليالمىدىم ….
googleنىڭ سۈرئېتى تىزدەك ھىس قىلدىم
تىجارىتىم ئۈچۈن Win7 نى گوستلاپ قويۇپ يەنە XP غا قايتىپ كەلدىم. Office بىلەن 金山 نىڭ تور دېسكىسىنى ياخشى ئىشلىتەلمىدىم.
ئاتەش تۈلكە ياخشىمۇ يەنىلام؟
باشقا تىمىدا ئىنكاس يېزىشقا بولمىغاچقا ئامالسىز ماۋۇ تىمىغا يېزىۋاتىمەن .
بىزدەك شەرىت شارائىت پىشىپ يىتىلمىگەنلەرگە زادى ئامال يوقكەن ، بولسا XP بىلەن Windows7 نى قوش سىستىما قىلىپ قاچىلاشنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارلانغان بولسا ، ھەم تورخۇماردىكى Windows7 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنگەن بولسا بەك مىننەتدار بولغان بۇلاتتىمكەن . مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا قۇرالىمۇ بار ؟!