ئۇيغۇرچە Windows 8 سېتىۋالالمىغانلارغا يەنە بىر پۇرسەت – ھەقىقى نەشىردىكى 8 Win يەنىلا 250 سوم (سانى چەكلىك)
شۇنداق قىلىپ مىكروسوفتنىڭ پەخىرلىك مەھسۇلاتى Windows8 مۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىلەن قوشۇلۇپ تارقىتىلدى. ئەلۋەتتە ھېچقاچان ھەقىقى نەشردىكى سېستىمىسىنى بىرمۇنچە پۇلغا سېتىۋىلىپ ئىشلىتىشنى ئويلىشىپمۇ باقمىغان بىزلەردە، بۇ قېتىم ئورگان تەرەپنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تارقىتىش قارارىدىن كېيىن 180 گرادۇس بۇرۇلۇش بولدى.
مىكروسوفت windows 8 قاپلىق نەشرىنى رەسىمى تارقىتىشتىن بۇرۇن، ئېتىبار باھادا توردىن سېتىۋېلىشنى يولغا قويغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمىز ئەلۋەتتە. كەمىنە ۋىروسمۇ بىرقانچىنى ئېلىپ تاشلاپ قويدۇم. ئەتراپىمدىكى بىرقانچە ئاكاشلارمۇ مىكروسوفىتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان بۇ ئەمگىكىنى ئاڭلاپ، كومپيۇتېر ساۋادىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي بەسبەستە سېتىۋالدى. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ مىكروسوفت تەرەپنىڭ بىزدىن(شىنجاڭ بازىرى) كۈتكەن نىشانىغا يىقىنلاشمايدۇ. بىز تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىپ بۇ مەھسۇلاتنىڭ شىنجاڭ بازىرىدىكى سېتىلىشى ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈلۈش نىسپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك!
بىلىشىمچە ئېتىبار باھا، ھازىرقى رەسمى باھاسىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سېتىۋىلىش قىزغىنلىقى پەقەت كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەر ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ خادىملىرى بىلەن چەكلىنىپ قالدى. مانا ئەمدى بۇ پائالىيەت ۋاقتىمۇ توشۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بىشىدىن باشلاپ رەسىمى ھالدا 1988 سومدىن سېتىلىشقا باشلىدى. ئەسلىدىنلا رايۇنىمىزدا سېتىلىشى دىگەندەك بولمىغان بۇ جانىۋارنى ئەمدى سېتىۋېلىش تېخىمۇ تەسلەشتى. ئەلۋەتتە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن، سېتىۋېلىش ئويى بولسىمۇ پۇرسەت بولمىغانلار يەنىلا مەۋجۇت. مۇشۇ ئەھۋالنى ئويلاپ ئۇيغۇربەگ بۇرادەر بىلەن 15 يۈرۈش Windows8 نى زاپاس ساقلاپ قويغان(ئەلۋەتتە ئىشەنچىلىك). بۇنى بىز يەنىلا ئېتىبار باھا بىلەن تورداشلارغا تەمىنلىمەكچى. سېتىۋېلىش ئويى بار ئەمما سېتىۋېلىشقا پۇرسەت بولمىغانلار ئەڭ ئاخىرقى بۇ بىر نەچچە يۈرۈش Windows8 قولدىن بېرىپ قويماڭلار. باھا يەنىلا 250 سوم. ناۋادا بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى باھادا سېتىۋالىمەن دېسەڭلارمۇ كېرەك يوق، بىز بىر تىيىن پايدا ئالمىغان شەرت ئاساسىدا كېرەكلىك قىسمىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، قالدى قىسمىنى بىر سوم پلانى قاتارلىق ئىشلارغا تورخۇمارلار نامىدىن ئىئانە قىلىمىز. سىز بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك ئۇيغۇرچە سىستېما سېتىۋالغاندىن باشقا، يەنە جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ياردەم كۈتۈپ تۇرغان ھەدە-سىڭىللىلەر، ئاكا-ئىنىلەرگىمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ياردەم قولىڭىزنى سۇنالايسىز.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى :
ئۇيغۇربەگ | QQ : 761250477 & E-mail : uyghurbeg@yahoo.com & TEL : 15622899182
ۋىروس | QQ : 496538818 & E-mail : jewlani@torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 8 win، windows 8، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 22,093 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows8-peqet-250-som.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پۇل تېپىش بىرگەپ،خەجلەشمۇ بىرگەپ | تېخنىكا دۇنياسىدىكى مىليادىرلار پۇلنى قانداق خەجلەيدۇ؟
- كېيىنكى يازما > ئامراق يانفونىڭىزنىڭ توكى تېز تۈگەمدۇ ؟ بۇندىن كېيىن ستولبا تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تېلىفۇن ئويناڭ!
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
- مىكروسوفت شېركىتىنىڭ يوقلىمىسى، دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاجايىپ تەدبىرلىرنىمۇ ئاڭلاپ باققۇلۇق
- مىكروسوفتنىڭ كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونا ۋە يېڭى Logo لىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
- Lumia 920 ۋە Lumia 820 – نوكىيانىڭ ئەڭ يېڭى WP8 مەھسۇلاتلىرى
- مىكروسوفتنىڭ يېڭى Logo ئۇسلۇبى ناۋادا باشقا داڭلىق ماركىلارغىمۇ ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى قانداق بولار؟
- مىكروسوفت 1987-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىركەت لوگوسىنى ئۆزگەرتتى
- مىكروسوفت Metro چە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى E-Mail مۇلازىمىتى Outlook.com نى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى!
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
ماۋۇ بىزنىڭ ئىشخانىدىكى كومپىيۇتېرلارنى پەقەت ئۇيغۇر باللا ئىشلەتكەن بولسىدى مەنمۇ بىرنى سېتىۋىلىپ قاچىلاپ قوياتتىم، ئەپسۇس، ما ئۆلگۈر ئىشخانىدا ئون ئادەمنىڭ بەشى خەن…..
تورخۇماردىكى باللا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەپ قويۇڭلار، مىكروسوفىنىڭ بىز ئۇيغۇرلار قىپ بەگەن چوڭ ئىشىنىڭ بىرسى شۇ، بىز قەدىرلىمىسەك بۇندىن كىيىن، ۋىندوۋىس 9 نى بازارغا سالغان چىقىرۋېتەمدۇ تېخى بىر نىمە دېگىلى بولمايدۇ… مۇشۇ ئۇيغۇرچە كۆزنەكنى دەپ جاپا تارتىپ تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس جۇمۇ!!! تاغ تۇرا سېستىمىلاردىن تېزراق خوشلىشايلى باللا…
ناۋادا ئاۋۇ 15 نۇسخا يىتىشمەي قالسا مىنىڭ نامىمدىكى تارىم بلوگىدىمۇ بىر نەچچە نۇسخابار، ئۇنىمۇ يۇقىرىدىكى باھادا ئۆتۈنۈپ بىرىمەن…
مەنزىل: Www.TarimBlog.Com Www.TarimBeg.Com
لازىملىقلار يۇقىرىدىكى ئادرىس بويىچە مەن بىلەن ئالاقە قىلساڭلارمۇ، ياكى ئۇيغۇربەگ ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلەشسەڭلارمۇ بولىدۇ…
سىزدە ھازىرمۇ بامۇ. ئەگەر بوسا ماڭا بىرنى سېتىپ بەرگەن بولسىڭىز سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلمىدىم
qq:843726419 kkurbanjan@outlook.com
ئەمدى سېتىۋالمىساڭلار زىيان تارتىسىلەر جۇمۇ!
سېتىۋالغانلارغا يىراقتىن باشقۇرۇپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ بېرىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ بېرىش مۇلازىمىتىنىمۇ قىلىپ بېرىمەن جۇمۇ!
بەگلىكنىڭ سىماسى تورخۇماردىن ئۇچقىلى ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن !
ئەمەلىيەتتە مەن بار جۇمۇ مۇشۇ يەدە…
سىز باشقا ۋىروسلارغا ئوخشىمايدىكەنسىز ، سىز بەك بەلەن ۋىروسكەنسىز ، ھازىر 360 قاراۋولدا ۋىروس تازلىسام تۇرۇپ تۇرۇپ سىزنى ئويلاپ قالىمەن دىسە ، راس گەپ ماۋۇ .
دىققەت قىلغىلى بەك ئۇزۇن بولدى ، تورخۇماردا ئوينايدىغان بىر قانچە باللا ھەقىقەتەن بەك ياخشىكەن ، دائىم باشقىلارنى ئويلايدىكەن ، كىشىگە قۇلۇڭدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىل ، ساۋابى ئاللادىن .
مۇشۇ قېرىنداشلارنىڭ ئىشىغا چىن دىلىمدىن ئۇتۇق تىلەيمەن ، ئىشىڭلار تېخىمۇ روناق تاپسۇن .
(سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم ، سەت تۇدى )
توۋا خۇدايىم ما ئوخشاشلىقنى، مەنمۇ مۇشۇنداق ياخشى نىيەتلىك ۋىروسلارنى «ئۆتتۈرۈپ» قويماي دەپ مەخسۇس ۋېرۇس تازلىغۇچنى تازلاش دېتالى بۇيرۇتۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن
ما كومپىيۇتېرىمدا يەر شارىدىكى ھەرقانداق ۋىروس تازلاش دېتالى ئىشلىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يامان ئىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى يولغا ماڭغان ۋېروسلار خېلى كۆپ ما كومپىيۇتېردا، ئالىدىغانلار بولسا ساتىمەن جۇما
« ۋىروس » دىسە مېنىڭ كۆز ئالدىمغا كالىنىڭ بۇرنى كېلىدۇ . نېمىشقا دىسەڭلار مەن « ۋىروس » نى توردا تۇنجى كۆرگەندە ئۇنىڭ باش سۈرىتىدە كالىنىڭ بۇرنىنىڭ رەسىمى بار ئىدى
راستىنلا يىراقتىن باشقۇرۇپ تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇپ بىردىغان ئش بولسا مەن بىرنى ئالاي ئەتە تېلفۇن قىلاي
دوستلار سىلەرنىڭ ياخشى ئىشىڭلاردىن دىللار سۆيۈنسۇن. مەن سېتۋىلىپ بولغان، ئەمدى ئالىمىز دىگەنلەرگە تورخۇماردىكى بۇ خەۋەرنى يەتكۈزەي.
تورخۇمار___ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى باشلامچى دىيىشكە مۇۋاپىق توربەت دەپ قارايمەن، تورخۇماردىكى بۇ تېما مېنى تەسىرلەندۇرگەن يەنە بىر ياخشى تېما، مېنىڭچە دائېم ئىنكاس يازىدىغان تورداشلار تورخۇمارنىڭ سادىق قوللۇغۇچىلىرى (كەچۇرۇڭلار تەسىرلىنىپ ئازراق ھايانانلىنىپ قالدىم:shock: )
ئىشقىلىپ بىرنى سېتىۋالىمەن .
مەنمۇ بىرنى ئالاي
مەنمۇ سېتىۋالاي..
مەن كومپپىيوتىردىكى سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي بىرنى سىتىۋىلىپ ئالىم ئەھەت مالىمنىڭ يىتەكلىشىدە قاچىلاپ ،ئۇيغۇرچىمۇ قىلىۋالدىم، بىراق مەن يولوققان مەسىلىلەر خىلى بار، سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكىدىن بەزى ئاددى مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلالماي بەك قىينالدىم. شۇڭا مۆمكىن بولسا مۇشۇ windows8دا يولۇققان مەسىلىلەردە ھەممىمىز ئورتاقلىشىدىغان بىر مەيدان بولسا دىگەن ئۈمۈدتىمەن!
مەن كومپپىيوتىردىكى سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي بىرنى سىتىۋىلىپ ئالىم ئەھەت مالىمنىڭ يىتەكلىشىدە قاچىلاپ ،ئۇيغۇرچىمۇ قىلىۋالدىم، بىراق مەن يولوققان مەسىلىلەر خىلى بار، سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكىدىن بەزى ئاددى مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلالماي بەك قىينالدىم. شۇڭا مۆمكىن بولسا مۇشۇ windows8دا يولۇققان مەسىلىلەردە ھەممىمىز ئورتاقلىشىدىغان بىر مەيدان بولسا دىگەن ئۈمۈدتىمەن!
مەن ئالاي دىگەن بامۇ
باغۇ، نەچچىنى ئالىسىز..؟! ئەڭ يۇقىرى بولغاندا يەنە 20 نۇسخا بار …
ناۋادا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز ئاۋۇ يۇقىرىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇربەگ ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ …
مىنىڭ مۇ سىتىۋالغۇم بارئدى.سەۋيەم تىخىكامچىل پۇل تىخى كامچىل بوپقالدى بۇكۇنلەدە
مەنمۇ ستىۋالدىم ……ئاخرى
مەنمۇ سېتىۋالدىم ..
بۇ ياخشى پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتكىم پەقەتلا كەلمىدى…
چولتا تاغتۇرا سېستىمىلاردىن كۆچەي ئەمدى..
ھەرقانچە قىلىپمۇ سېستىما فونتىنى چىرايلىق نۇسخىسىغا يۆتكىيەلمىدىم ! بىلىدىغانلار بىر سۆزلىۋەتكەن بولساڭلار !
توردىن ئۇيغۇرچە فونتنى چۈشۈرۈپلا كومپيۇتېرنىڭ سېستىما ئىچىدىكى فونت ئىچىگە تاشلاپلا باسۇرۇپ ، ئارقىدىن كومپيۇتېردىن چىكىنىپ ياكى قايتا قوزغىتىپ كىرسىڭىزلا تامام…
مەنمۇ سېتىۋالاي دىگەن، لىكىن كومپىيۇتىر سەۋىيەم بولۇپمۇ تور سەۋىيەم تۆۋەن، شۇڭا سىتىۋىلىپ قاچىلىيالماسلىقتىن ئەنسىرە ۋاتىمەن.
كۆپ رەھمەت! ئۇيغۇر بەگدىن مەن بىرنى سېتىۋالدىم. قاچىلاپمۇ بولدۇم.
سىلەر يولۇقتۇڭلارمۇ ئىلگىرىكى سىناق نەشىرىدە بولمىغان بىر ئىش بولۇپ قالدى تېخى ئېتىشقىدەك بولمۇدۇم، ئۇ بولسىمۇ شېفىت كۇنۇپكىسى بىلەن 2 رەقىمىنى باسقاندا ” چىقىدۇ، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى شۇ بەلگىنى باسقاندا ئاندىن @ چىقىدۇ.
يەنە بىر مەسىلە سىناق نۇسخىدىمۇ شۇنداق ئىدى يەنى: كەڭ بەلباغلىق تورغا ئۇلاشتا ھەر قېتىم ئاكونت ۋە پاروللىنى كىرگۈزۈش كېرەك، قانداقلا قىلىپ ساقلىغۇزالمىدىم. توردا دىيىلگەن ئاماللارنىڭ بىرىمۇ كېرەككە كەلمىدى.
ئۆيدىكىلەر زىنھار بىلگەن بولسىدى كومپىيوتىرنىڭ نىمىلىكىنى ھەي جىق چۈشەندۈرۈپ كەتسەممۇ ئۇنىمىدى 250سومغا ئالىمەن پۇل بېرىڭلاردەپ . بىر ئايدىن ياقى شۇ گەپنى توختىماي دەۋاتىمەن . ئەپسۇس ئۇنداق بولمىدى ، زادى قانداق قىلسام بولار ،
مەن ئوقۇغۇچى
شۇنداق قىلىپ بۇ 15 يۈرۈش Windows8 بۇگۈن رەسمى سېتىلىپ بولۇندى. ئالالماي قالغان تورداشلاردىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمىز. ئەگەر قولىدا يەنە زاپاس Windows8 بار دوسلار، پايدا ئالمىغان ياكى ئاز پايدا بىلەن تورداشلارغا تەمىنلەشنى خالىسا بىز بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. بىز داۋاملىق تۈردە تورخۇمارلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى خالايىمىز!
مەنمۇ ئۇيغۇربەگدىن win 8 دىن بىرنى سېتىۋالدىم، رەھمەت.
Windows8 نى مەن ياقتۇمىدىم.ئۇيغۇرچە بولۇپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا Windows7دىن پەرقى يوق.قالغان نۇقسانلىرىنى دىمەي بولدى(ھەقىقىي نەشىرى جۇمۇ!ساپ ئورگان تەرەپ تارقاتقانIOS نۇسخىسى،قانداقتۇرWindows7نىڭ كۆتۈرۈلمە نەشىرى ئەمەس).
Windows8باشقىلارغا قانداقكىن ئىشقىلىپ ماڭا بەك يارىدى ئالىم ئەخەتنىڭ دىيىشىچە يېقىندا يەنە يېڭې ئىقتىدارلار ۋەيېڭى ئەپلەر قۇشۇلغىدەكبۇلارنىڭ تەرجىمىسىمۇ تاماملانغاندا، ھەممە تىللارنىڭ بىراقلا مۇلازىمەت بولىقى شەكىلدە تارقىتىلىدىكەن
200 يۈەندىن يەنە 100 دانە windows 8 كەڭ قېرىنداشلارغا سۇنىلىدۇ!
كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىنلقى ۋە ئالدىنقى قېتىم سىلەرگە سۇنغان 50 دانە ئاچقۇچنىڭ سېتىلىپ بۇلىشى، كۆپ قىسىم قېرىنداشلارنىڭ تېلفۇن قىلىپ يەنە بولسا كۆپرەك ئېلىپ قۇيۇشنى تەۋسىيە قىلىشى، بۇ قېتىمقى پائاليەت ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۆنۈگۈن توردىن windows 8 نىڭ ئېتىبار نۇمۇرىدىن 100دانە ئېلىپ، ئىككى كۈن ئولتۇرۇپ 100 دانە ئاچقۇچ ئېلىپ قويدۇم. ئانا تىلىمىزنى كومپىيوتېر ساھاسىدە يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تورداشلارنىڭ ئىلتىماسى بويىچە بۇگۈندىن باشلاپ 200 يۈەندىن 100 دانە ئاچقۇچ كەڭ قېرىنداشلارغا سۇنىلىدۇ. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار qutyar.net تورىدىكى axik123 ياكى rohlan.biz تورىدىكى كۈرەش123 بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بۇلىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى TEL:13779767323 QQ:408137091
ھەرگىز ساختا نەشىرىمىدۇ دە شۇبىلىنىپ قالماڭ! قالغىنىغا كەڭ تورداشلار باھا بەرسۇن. يەنە كەڭ دوستلارنىڭ قاچىلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىمەن. قاچىلاش جەريانىدا يۇلۇققان ھەر قانداق قىيىنچىلىققا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمەن.
قالغىنىنى alimahat.com تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن كورۇڭ!
ئۆزىڭىز سېتىۋالالىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، يەنى http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/download-shop مۇشۇ ئادىرىستىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
يەنە بارمىدۇ ؟ مەن ئالاي دېگەن
مىنىڭ دوستۇمwindows7نى ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ بولدى.ئەمما سىغىمې8.32GBبولغاچقا كۆپ كومپىيۇتېرلار قوللىيالمىدى ياكى نۇرمال قوزغىلالمىدى.
ئۇ پەقەت سىناق نۇسخىسىتى شۇڭا بەزى كومپىيۇتېرلار قوللىغان بولسىمۇ نۇرمال ئشلىمىدى.ئەپسۇس