نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

پۇل تېپىش بىرگەپ،خەجلەشمۇ بىرگەپ | تېخنىكا دۇنياسىدىكى مىليادىرلار پۇلنى قانداق خەجلەيدۇ؟

pul

غايەت زور تىپتىكى پەن تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى،شەخىس قىممىتى مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان مىليادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،پۇلنى قانداق خەجلەش ھەرگىزمۇ بىر كىچىك مەسىلە بولۇپ ھېساپلانمايدۇ.ئەلۋەتتە،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى نۇغۇن پۇل خەجلەپ ماشىنا،ئالىي تۇرالغۇ جاي،ئايروپىلان ھەتتاكى ئارال قاتارلىق قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سېتىۋالىدۇ.لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى يەنە ئىنسانىيەتكە ياردەم قىلىپ دۇنياۋى مەسلىلەرنى ھەل قىلىش،ياكى ئادەمنىڭ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرىدىغان غايىۋى دۇنياغا جىمجىت چۆكۈش قاتارلىق ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلىدۇ.يېقىندا،ئامېرىكا پەن تېخنىكا بىلوگى Business Insider  نىڭ ئەسەر يازغۇچىسى جولى بورت (Julie Bort) پەن تېخنىكا دۇنياسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە 15  نەپەر چوڭ باينىڭ پۇل خەجلەش ئۇسۇلىنى يېزىپ چىققان ماقالىسىنى ئېلان قىلغان،قىزىقسىڭىز،دىققىتىڭىز بۇ ماقالىدە بولسۇن.

لاررى.ئېللىسون (Larry Ellison)-قېرىپ كېتىشكە تاقابىل تۇرۇش دورىسى

1

چىغناق-تارغاق يېزىقى شىركىتىنىڭ قرغۇچىسى ھەم قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لاررى ئېللىسون ئامېرىكا لوڭقىسى يەلكەنلىك كېمە يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسى،مابۇلدىكى < مىليادىرلارنىڭ ساھىلى> نى سېتىۋىلىش،ھاۋاي ئارىلىدىكى لانەي ئارىلىنى بىر تۇرمۇش تەجرىىبىخانىسىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق بىر قانچە < ئەرمەك تۈرى> نى قۇرغانلىقى بىلەن داڭىق چىقارغان.
لېكىن،لاررى ئېللىسوننىڭ ئەڭ چوڭ پايدا كۆزلىمىگەن تۈرى بولسا تىببىي دورا ساھەسىدە بولۇپ،ئۇ بىر مېدىتسىنا  فوندى-ئېرىسسون تىببىي فوندى (Ellison Medical Foundation) نى قۇرغان.بۇ فوند جەمئىيىتى قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى تەتقىق قلىپ ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئېرىسسون بۇ فوند جەمىئىيەت ئۈچۈن ئاللىقاچان بىر مىليارد ئامېرىكا  دوللىرى ئىقتىساد سەرپ قىلغان بولۇپ،ئۇ بۇ يىل ئاللىقاچان 68 ياشقا كىرگەن.

بېل گەيتىس (Bill Gates)-يۇقىرى پە تېخنىكىلىق ھاجەتخانا

2

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان بېل گەيتىس،بېل ۋە مېلىندا گەيتىس فوندى جەمئىيىتى (Bill and Melinda Gates Foundation) ئارقىلىق سەھىيە،مائارىپ ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق جەمئىيەت ئاممىۋى ساخاۋەت ئىشلىرى تەرەپلەردە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان.
ئۆتكەن يىلى بېل ۋە مېلىندا گەيتىس فوندى جەمئىيىتى بىر قېتىملىق < ئىجادىي ھاجەتخانا> كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ،گەيتىس بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ رىپىرى بولغان ھەم شەخسەن ئۆزى مۇكاپات تارقاتقان.گەيتىس بىر پارچە بىلوگىدا مۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن،ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان،ئۇ ئۆزلۈكسىز ھالدا ئىنسانلانىڭ ئاجراتمىلىرىنى توپلاپ ھەم بىرتەرەپ قىلىپ،ئۇنى پايدىلىق بايلىق مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى،ئۆزىنىڭ ئىجادىي ھاجەتخانىغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىشى ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى  بولۇپ ھېساپلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پائۇل ئاللېن (Paul Allen)-مېڭەشۇناسلىق تەتقىقاتى،تەنتەربىيە ئەترىتى ۋە يىغىپ-ساقلانغان بۇيۇملار

3

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يەنە بىر قۇرغۇچىسى پائۇل ئاللېنمۇ بىر قانچە تەنتەربىيە ئەترەتلىرىنى سېتىۋىلىش،بىر تولغىما  مۇزىكا مۇزىيى قۇرۇش ۋە 2-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن كونا ئايروپىلانلارنى يىغىپ ساقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئەرمەك تۈرىنى قۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇ يەنە تەخمىنەن 500 مىليون ئامېرىكا  دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئاللېن مېڭە ئىلمى ئاكادىمىيىسىنى (Allen Institute for Brain Science) قۇرغان.بۇ ئاكادىمىيىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا  ئادەم مېڭىسىنىڭ خىزمەت قىلىش پىرىنسىپىنى ئېنىقلاش ۋە قېرىلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىق مېڭە كېسەللىكلىرىنى قانداق داۋالاش (ئۇنىڭ ئانىسى قېرىلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى) قاتارلىقلار ئىدى.بۇ ئاكادىمىيىنىڭ يەنە بىر تەتقىقات نىشانى بولسا،ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنى كۆچۈرۈش ھەم ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ماشىنا ئادەمنى كەشىپ قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت.

ۋىنود كوسلا (Vinod Khosla)-تەقلىدي كالا گۆشى ۋە ئېرىمچىك ياساپ چىقىش

4

يۇقىرى دەرىجىلىك خېيىم خەتەرگە مەبلەغ سالغۇچى ۋىنود كوسلا ئەگەر ناھايىتى ياخشى بولغان تېخنىكا بولسا ئىدى،ھامبۇرگ بولكىسى بازىرى بولسا 10 مىليارد ئامېرىكا  دوللىرىلىق چوڭ بازار بولاتتى دېگەن ئىدى.
ۋىنود كوسلا بىر مەخپى ئېچىش تۈرىگە مەبلەغ سالغان بولۇپ،بۇ تۈر بولسا ئۆسۈملۈكلەردىن ئېلىنغان ئاقسىل،ماي،تالالارنى قانداق قىلىپ  شىرنىسى كۆپ،كالا گۆشى تەملىك گۆشلۈك قاتلىمىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت.
ۋېسكو< بۇ خىل قاتلىمىنىڭ ئىچىدە گۆش يوق بولسىمۇ،لېكىن ئۇنى تېتىغاندا ھەقىقىي گۆشتىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ> دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇ يەنە بىر خىل ئېرىمچىك ياساش تۈرىگە مەبلەغ سالغان بولۇپ،ئېيتىلىشىچە،بۇ خىل ياسالغان ئېرىمچىك تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن.

بىز سىتون (Biz Stone)-گۆش ياساش ۋە ھايۋاناتلار ھوقۇقى

5

Twitter نىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى بىز سىتون بولسا ناھايىتى ئىرادىلىك گىراخامىست (گۆش يىمەيدىغانلار) دىن بولۇپ،شۇڭلاشقا ئۇ ھايۋاناتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بىز ۋە لىۋىيا سىتون فوند جەمئىيىتىنى (Biz and Livia Stone Foundation)  قۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا،بىز يەنە Twitter   نىڭ يەنە بىر ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى Ev Williams بىلەن بىللە بىر گۆش تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان شىركەت قۇرغان بولۇپ،بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى Beyond Meat  ئىكەن،Beyond Meat شىركىتى بەلكىم 2013-يىلى ئشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

پېتېر تىيىل (Peter Thiel) -ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۇسۇلى

6

خېيىم خەتەرگە مەبلەغ سالغۇچى پېتېر تىيىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ بۇرۇن Facebook قا مەبلەغ سېلىشى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇ تېيىل فوند جەمئىيىتىدىن ئىبارەت بىر فوندنى قۇرغان.بۇ فوند جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتالايدىغان دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.
تېيىل ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى 150 ياش ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق قىلىپ ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ < بەزى كىشىلەر ئۆلۈمنى بىر خىل تەبىئىي جەريان،ھاياتلىقنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى دەيدىكەن،لېكىن مېىڭچە بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە چالۋاقاش بولمايدۇ دەپ قارايمەن> دېگەن.
تېيىل فوندى يەنە نۇرغۇنلىغان باشقا قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغان.

سېرگېي بىرىن (Sergey Brin)-پاركىنسون كېسلىنى داۋالاش ئۇسۇلى

7

2008-يىلى،گوگۇلنىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى سېرگىي بىرىن ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭ پاركىنسون كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ،كېيىن،ئۇ ئايالى Anne Wojcicki  قۇرغان گېن تەكشۈرۈش شىركىتى 23andMe ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى ئۇققان،لېكىن 23andMe شىر كىتى  يەنە بىرىنننىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان تىببىي ئۇسۇلنى بايقىغان.
ھازىر،گوگۇل شىركىتىنىڭ خېيىم خەتەرگە مەبلەغ سېلىش بۆلۈمى  Google Ventures  ئاللىقاچان 23andMe  شىركىتىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسىغا ئايلانغان بولۇپ،23andMe  شىركىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى بولسا گېنگە ئالاقىدار كېسەللەرنى داۋالاشنى تەتقىق قىلىش بولۇپ،ئۇ پاركىنسون كېسىلىنى داۋالاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە.

جەف بېزوس (Jeff Bezos) -مىڭ يىللىق سائەت ۋە ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى

8

ئامازوننىڭ CEO سى جەف بېزوس 42 مىليون ئامېرىكا  دوللىرى خەجلەپ غايەت زور سائەت ياساپ چىققان بولۇپ،بۇ سائەت ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن  كېيىنكى 10 مىڭ يىلنىڭ ھەر بىر يىلىدا،ھەر 10 يىلىدا،ھەر 100 يىلىدا،ھەم ھەر مىڭ يىلىدا بىر قېتىم قوڭغۇراق چېلىپ ۋاقىتنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
بېزوس ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سانى ئانچە كۆپ بولمىغان ھەق تۆلىگەن خېرىدارلار ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىنى ساياھەت قىلدۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان يېڭى قۇرۇلغان شىركەت-Blue Origin شىركىتى قاتارلىق ئەرمەك تۈرلەرنى قۇرغان.

مىكائىل دېل (Michael Dell)-تارىخىي رەسىملەرنى يىغىش

9

دېل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مىكائېل دېل ۋە ئايالى سۇسان بىلەن بىللە شەھەردىكى نامرات بالىلارغا ياردەم قىلىدىغان خەير ساخاۋەت فوندىنى باشقۇرىدۇ.
دېلنىڭ يەنە باشقا قىزىقىشلىرىمۇ بار بولۇپ،2011-يىلى ئۇنىڭ نامىدىكى شەخىسىي مەبلەغ سېلىش شىركىتى MSD Capital بىر Magnum Collection ئىسىملىك يىغىپ ساقلاش شىركىتىنى سېتىۋالغان.بۇ شىركەتتە 1947-يىلىدىن كېيىن تارتىلغان 180000 پارچىدىن ئارتۇق كونا ئامېرىكىنىڭ رەسىملىرى بار بولۇپ،ئۇ بۇ قىممەتلىك رەسىملەرنى تېكساس شىتاتى ئوستىن شەھىرىدىكى Ransom Center مۇزىيىغا قۇيۇپ ساقلاۋاتىدۇ.

مارك بېنوف (Marc Benioff)-تۆرەلمە تاشقى كېسەللەر ئوپراتسىيىسى

10

Salesforce.com تورىنىڭ CEO سى مارك بېنوف داڭلىق 1-1-1 خەيىر ساخارەت ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىققان.
بېنوفنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەرمەك تۈرلىرى بار بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن تۈرلەر ئۇ ياخشى كۆرىدىغان سان فىرانسىسكوغا قۇرۇلغان.لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ داڭق چىقارغان تۈرى بولسا يۈز مىليون ئامېرىكا  دوللىرى مەبلەغ سېلىنىپ كالىفورنىيە شىتاتى ئۇنۋېرسىتىتى سان فىرانسىسكو تارماق مەكتىپى بېنوف بالىلار دوختۇرخانىسى (UCSF Benioff Children’s Hospital) تۈرى بولغان بولۇپ،بۇ دوختۇرخانا 180 دانە كېسەللەر كارۋىتىغا ئىگە قىلىنغان.

داستېن موسكوۋىتىز (Dustin Moskovitz)-بەزگەك ۋە پارازىت قۇرت كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش

11

Facebook نىڭ ھەمكارلىىشپ قۇرغۇچىسى داستېن موسكوۋېتىز نامراتلىق بىلەن ئالاقىدار كېسەللەردىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ،شۇ سەۋەپتىن ئۇ Good Ventures فوندىنى قۇرۇپ چىققان.بۇ فوند ياردەم قىلىدىغان ئوبيىكتى بولسا  ئاساسلىقى مسكوۋىتىزنىڭ قىز دوستى باشقۇرىدىغان GiveWell ناملىق پايدا كۆزلىمەيدىغان تەشكىلات تەۋسىيە قىلغان كىىشلەردۇر.
Good Ventures ئاللىقاچان بەزگەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 500000 ئامېرىكا  دوللىرى ئىئانە قىلغان بولۇپ،يەنە 250000 ئامېرىكا  دوللىرىنى قان شورىغۇچ قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىئانە قىلغان.

خاسسو پىلاتنېر (Hasso Plattner)-لايىھىلەش ئىنىستىتۇتى ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

12

پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ERP يۇمشاق دېتال شىركىتى SAP نىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچسىى خاسسو پىلاتنېر سىتانفورد ئۇنۋېرسىتىتىغا 35 مىليون ئامېرىكا  دوللىرى ئىئانە قىلىپ،خاسسو پىلاتنېر لايىھىلەش ئىنىستىتۇتى (Hasso Plattner Institute of Design) نى قۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا،پىلاتنېريەنە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىغا نەچچە  مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلغان بولۇپ،ئۇ يەنە جەنۇبىي ئافرىقىدا بىر قېتىملىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇزىكا كېچىلىكىنى ئۇيۇشتۇرغان.
ئۇ يەنە تەنتەربىيىگە ناھايىتى قىزىقىدىغان بولۇپ،ئۆزىنىڭ مەخسۇس يەلكەنلىك كېمە ئەترىتى بار.

جون چامبېرس (John Chambers) -راك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى

13

سىكو شىركىتىنڭ CEO سى جون چامبېرس ئىنسانىيەتنىڭ راك كېسىلى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ،بىر يىل بۇرۇن،ئۇ ئامېرىكا غەربىي پېنسىلۋانىيە ئۇنۋېرسىتىتىغا راك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلىغائىشلىتىش ئۈچۈن 750 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى غەربىي پېنسىلۋانيە ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن دوختۇرلار ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇ يەنە تېخىمۇ ئىندىۋىداللاشقان ئۇسۇلدا راك كېسىلى بىلەن كۈرەش قىلغۇچى بولۇپ،ئىلگىرى سىكو شىركىتىنىڭ بىر خادىمى راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قۇيۇلغان ھەم بۇ كېسەلنى ئوپراتسىيە قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارالغان،لېكىن چامبېرس بۇ خادىم ئۈچۈن مەخسۇس 2-قېتىملىق دىئاگنوز ئورۇنلاشتۇرغان ،ئاقىۋەتتە،بۇ كىشىنى ئوپراتىسىيە قىلسا بولىدۇ دەپ قارالغان ھەم ئوپراتىسيە قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ كىشى ھايات قالغان.

مارك زۇكېربېرگ (Mark Zuckerberg ) -نۇۋاك مەكتىپى

14

2010-يىلى، زۇكېربېرگ بىر مائارىپ فوندى قۇرغان ھەم ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتى نۇۋاك شەھىرىدىكى بىر ئۇمۇملار ئىگىدارلىقىدىكى مەكتەپكە 100 مىليون ئامېرىكا  دوللىرى پۇل ئىئانە قىلغان، يېڭى جېرسىي شىتاتى زۇكېربېرگنىڭ يۇرتى ئەمەس، لېكىن زۇكېربېرگ ئۆزىنىڭ بىر يىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نوۋاك شەھىرىدىكى بۇ مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى لازىملىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
2010-يىلى، زۇكېربېرگ يەنە <ئىئانە قىلىش قەسەميادنامىسى > (Giving Pledge) غا ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم مال مۈلكىنى مائارىپ ۋە خەير ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋاپسىز 2013.01.27 , 13:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇلا مەبلەغ سالغان بەزى تۇرلەر سەل ئەخمىقانىمۇ قانداق

    • ئاجايىپ 2013.01.28 , 11:29

      ۋىرۇس ئەپەندى، پەش « ، »تىن كېيىن بوشلۇق كونوپكىسىنى بىر بېسىۋەتسىڭىز ئىملا تېخىمۇ توغرا بولاتتى :!:

  2. بىغەم 2013.01.27 , 14:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان

  3. جاھانكەزدى 2013.01.27 , 14:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۋال دىۋاننى ئىگەللەپ ئاندىن ئىنكاس يازساقمۇ كىچىكمەيمىز .:grin:

  4. قاراتاش 2013.01.27 , 14:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    داڭلىق شەخىسلەرنىڭ كۆز قارىشىمۇ ئۆزگىچە بولىدىكەن. بولۇپمۇ ئاۋۇ بىل گەيتىس دېگەن ئاداشنىڭ… ھەجەپ بىر ھېچكىم ئويلىمىغانلا گەپنى قىلىدىكەن…

  5. قارا ھەرە 2013.01.27 , 14:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزىلىرى تاپقان پۇللىرىنى ئورۇنلۇق يەرگە ئىشلەتكەن بىلەن يەنە بەزىلىرى ئەخمىقانە ئىشلارغا ئىشلەتكەندەك بىلىنىدىكەن. ئەمما نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ بايلار تاپقان پۇللىرىنى خەجلەشكە ئۇستىكەن.

  6. قارا ھەرە 2013.01.27 , 14:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا، نىم بوپ كەتتى ئەمدى، ما جاھانكەزدى بۇرادەر بايا يوقتى، مەن تېمىنى ئوقۇپ بولغىچە تېمىغا قاراپمۇ قويماي دېۋانغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ دە!!!:mrgreen:
    بوپتۇ، پەگادە جوزا قويۇپ مېھمانلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇراي…:evil:

  7. داداش 2013.01.27 , 16:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇلار ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە پۇلنى قانداق خەجلەش ئەمەس، قانداق ياشاش مەسىلىسىلا مەۋجۈت.

  8. موللاخۇن 2013.01.27 , 18:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوججون ئۇقۇپ بۇلالمىدىم ئىشقىلىپ ئەگەر مېمنىڭ ئاشتا پۇلۇم بولغان بولسا ئەڭ ئاۋۋال ئاتا-ئانامنى ھەرەمگە ئاپراتتىم(ئەلۋەتتە ئۈزەممۇ بارمەندە، ئەندىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار مۇسۇلمان قېرىنداشلىرغا ياردەم قىلاتتىم.ھەم ئۇيغۇرلار ئارسىدىمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئوخشاش مۇكاپات تەسىس قىلىپ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىجاتچانلىق رۇھىنى ئۆستۈرەتتىم:grin::grin:

  9. سەھرالىق 2013.01.29 , 18:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاركىنسون كېسىلىنىڭ ئىرسىيەت قالىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.ھەي…مەن ئانداق كۆپ پۇل تاپسام ھەممىنى ئىئانە قىلىۋىتىپ، مېنى تونۇمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا تىنىچ تۇرمۇش كەچۈرەتتىم…:razz:

    • مەن 2013.01.29 , 22:06

      شۇ پۇلنى تاپقاندا… تاڭ جۇمۇ؟؟؟؟؟:mrgreen::mrgreen:

  10. yaxa10 2013.01.30 , 03:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىسى قېرىماسلىقنىڭ ئامالىغا چۈشۈپتۇدە

  11. ياشلىقىڭدا تىرىشقىن 2013.02.09 , 23:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ ئۇنچىلىك كۆپ پۇلۇم بولغان بولسا,مارىپقا مەبىلەغ سالاتتىم,ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ,ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدائوقۇتۇپ,تەراققىيات ۋە دەۋىرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ,بىز ئۇيغۇر مىللىتىدىنمۇ ئاشۇنداق كۆپلىگەن بايلارنىڭ چىقىپ ئۇلارنىڭمۇ ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم

  12. مخ 2013.02.14 , 00:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئەشۇ پاشا چىۋىننى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بىلىدىغان خەققە ئۇيغۇرئاتلىق بىرمىللەتنىڭ مۇ يەرشاردا بارلىغىنى بلدۇرگەن بولاتتىم.:sad:

  13. تۇرانى 2013.04.07 , 22:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنى دەپتىمىز بۇنى دەپتىمىز ،ئىشقىلىپ مائارىپقا مەبلەخ سېلىش كېرەك.بىر مىللەتنىڭ باي ياكى نامرات ،مەدەنىيەتلىك ياكى مەدەنىيەتسىز بولىشى شۇ مىللەتنىڭ‹‹ ئوقىغان كىتابى ››بىلەن بەلگىلىنىدىغانلىقىغا ئېشىنىمەن.:razz:

  14. تۇرانى 2013.04.07 , 22:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنى دەپتىمىز بۇنى دەپتىمىز ،ئىشقىلىپ مائارىپقا مەبلەخ سېلىش كېرەك.بىر مىللەتنىڭ باي ياكى نامرات ،مەدەنىيەتلىك ياكى مەدەنىيەتسىز بولىشى شۇ مىللەتنىڭ‹‹ ئوقىغان كىتابى نىڭ ئاز كۆپلىكى››بىلەن بەلگىلىنىدىغانلىقىغا ئېشىنىمەن.:razz:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量