نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

كولا ئىچمەي ئۆمرىڭىز ئۆتەمدۇ؟ | مەن ۋە سىز ئامراق ئەشۇ كاربونلۇق ئىچىملىكلەر ھەققىدە يېڭى گەپلەر

بئولوگىيە ئالىمى Hans-Peter Kubis دوكتور كاربونىك ئىچىملىكلەرنى بەدىنىمىزگە بولغان تەسىرى ھەققىدە بىر مەخسۇس تېماتەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، نەتىجىسى كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر سىز دوكتۇرنىڭ بايقىشى ھەققىدىكى مەزكۇر يازمىنى ئوقۇپ چىقسىڭىز، ئەشۇ بۇژژىدە ئاۋاز چىقىرىدىغان نەرسىگە مەڭگۈ يېقىن يوللىماسلىقىڭىز مۇمكىن. راستىنى ئېيتسام مەن بۇخىل ئىچىملىكلەرگە بەكلا ئامراق ئىدىم، بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھەقىقەتەنمۇ قورقتۇم ھەم چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىمنى قۇربان قىلىپ، سىزئۈچۈن بۇنى ئۆزتېلىمىزغا ئاغدۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. ھەراست، ئەگەر كاربونىك ئىچىملىكلەردىن مېھرىڭىزنى ئۈزۈشكە كۆزىڭىز يەتمىسە بولدى، بۇ يازمىنى مۇشۇ يەرگىچىلا ئوقۇڭ.

karbonik-ichimlik

بىزلەر ئۈچۈن تېخى نەچچە يىللار ئىلگىرى بىرقۇتا كاربونىك ئىچىملىك ئىچىشنىڭ ئۆزى بىر پاراغەتلىك ئىش ئىدى، لېكىن ھازىرقى كۈندە ھەركۈنى دېگۈدەك ئىچىپ تۇرىدىغان بولدۇق.
ئەمەلىيەتتە بۇخىل ئىچىملىكلەرنىڭ تازا ساغلام ئەمەسلىكى ھەققىدە ئوڭ-تەتۈر تارقىلىپ يۈرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا ئۇزۇن بولدى، بىراق خۇددى تاماكىغا ئوخشاش ئۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجسىدە ئەسكەرتىپ، قۇتىسىغا يېزىپ قويۇش كېرەكمۇ؟ ئاڭلىماققا بۇ تازا ئورۇنسىز غەم-ئەندىشىدەك بىلىنىدۇ، ئەمما ئەڭ يېڭى تىببىي تەتقىقاتلار بىزنى ھەقىقەتەنمۇ غەم قىلغۇدەك نەتىجە بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.
كۈندە بىرەر قەدەھ ياكى ھەپتىدە بىر-ئىككى قۇتا ئىچىشتەك مۇشۇنداق مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىستىمال قىلىشمۇ بىزنىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ، ياغ توپلىنىش، ھەتتا يۈرەك كېسلى خەۋپىنى كۈچەيتىش، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى قان بېىسمىگە گىرىپتار قىلىشتەك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىكەن.
بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بۇخىل ئىچىملىكلەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش ئاقىۋىتى كېلىپ چىقىشى بەك يۇقىرى بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئەخلەت يېمەكلىكسىز كۈنى ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
Bangorئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات مەركىزى ياۋروپادائىرىسىدە تارقىلىدىغان مەلۇم ئوزۇقلۇقشۇناسلىق ژورنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، كاربونىك ئىچىملىكلەرماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىركۆرسىتىپ، مۇسكۇللىرىمىزنىڭ قەنتلەرنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ياغنىڭ توپلىنىشىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.
ئەلۋەتتە ماددا ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىشى بەدىنىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، قەنت ماددىسى ئۆرلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىككىلەمچى دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يەنە خىلى كۆپ تەتقىقاتلار بۇھەقتە توختىلىپ كاربونىك ئىچىملىكلەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ھەققىدە بىزنى ئاگاھلاندۇرماقتا. مەسىلەن؛ 2012-يىلى 3-ئايدا ئا ق ش يۈرەك ساغلاملىقى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ژورنىلىدا بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭدا بىلدۈرۈشىچە: ھەركۈنى 12ئۇنسىيە قەنتلىك ئىچىملىك ئىستىمال قىلىدىغان ئەرلەر، ئىچمەيدىغان ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %20 يۇقىرى بولىدۇ. قان تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا كۆزەتكەندە دائىم كاربونىك ئىچىملىك ئىچىدىغان ئادەمنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ ياللۇغلىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، يۇقىرى زىچلىقتىكى ئاقسىل ستىرول سەۋىيسى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. بۇ دەل قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنىڭ ئامىلى. بۇ نەتىجە دەل journal Cancer Epidemiology, Biomarkers and Prevention نىڭ تەتقىقات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرھەپتىسى ئىككى قۇتا كاربونىك ئىچىملىك ئىچىدىغان ئادەمنىڭ( ھەر قۇتىسى تەخمىنەن 330 مىللىلېتىر بولسا ) مەزى بىزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى نورمال كىشىلەرنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.

Enjoy_by_BlotoAngeles

شۇنىڭ بىرۋاقىتتا ئىسرائىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرتەتقىقاتىدا كۆپ مىقداردىكى مېۋەشەربىتى كاربونىك ئىچىملىكلىرىنىڭ جىگەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھەركۈنى ئىككى قۇتا كاربونىك ئىچىملىك ئىچىدىغان ئادەمنىڭ ياغلىق جىگەر( جىگەر قېتىش ۋە جىگەرراكىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى) گە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال ئادەملەردىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
ئادەمنى يەنە بىئارام قىلىدىغىنى تۈرلۈك تەتقىقاتلار كاربونىك ئىچىملىكلەرنىڭ ئۆسمۈرلەرنى ئاسانلا سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ. 4 يىل بۇرۇن ، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق تەتقىقات مەركىزى بىرتۈرلۈك تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنغان 346 نەپەر ئوتتۇرىچە يېشى 11 ياش بولغان ئۆسمۈرلەرگە كاربونىك ئىچىملىك ئىستېمال قىلغۇزغاندىن كېيىن قايتا ئىستىمال قىلىش تەقەززاسى بولغانلىرى كۆپ بولغان، ئەمما ئادەتتىكى مېۋە شەربىتى ئىچكەندىن كېيىن بولسا ئۇنداق ئىنكاس بولمىغان. تەتقىقات نەتىجىسىدىن يەنە مەلۇم بولغانكى كاربونلۇق ئىچىملىك بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بالىلاردا تاتلىققا خۇمارى تۇتۇشتەك يامان ئادەت شەكىللىنىپ قالىدىكەن.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى St George تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كاربونلۇق ئىچىملىكلەرگە ئامراق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ، تۇز مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىككە ئامراق ياش-ئۆسمۈرلەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. Kubis دوكتۇرنىڭ قارىشىچە، سۇيۇق قەنت بەدىنىمىزگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي يەنە بىزنى خۇمار قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سۇيۇق قەنت ناھايىتى ئاسانلا ئاشقازانغا كىرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ تەنگە سۈمۈرۈلۈشى تېخىمۇ ئاسان، بۇنداق ئاسان سۈمۈرۈلۈش بەدىنىمىزنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇپ قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چوڭ مېڭىنىڭ ۋىتامىن مىنېرال ماددىلارغا بولغان تەم سېزىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇخىل ئىچىملىكلەرگە بولغان خۇمارلىق بارغانسىرى كۈچىيىپ بارىدۇ. بۇنىڭ جەريانى خۇددى خۇمارقىلغۇچى دورىلارغا خۇمار بولۇپ قىلىش جەريانىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى توختاتقاندا ئاچچىقلىنىش، تىت-تىت بولۇشتەك بىئاراملىقلار يۈز بېرىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، ھازىر تېخى كاربونلۇق ئىچملىكلەرنىڭ ئورنىنى ئالغۇدەك مەھسۇلاتلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، گەرچە ساپ لىمۇن شەربىتى ياكى قۇتىسىغا ساغلاملىق ئىسپاتى بېسىلغان تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرى بار دېسەكمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ سۇيۇق قەنتتىن مۇستەسنا ئەمەس، ھەتتا بەزى مېۋە ئېچىملىكلىرىنىڭ سۇيۇق قەنت مىقدارى كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنىڭكىدىن كۆپ.»

كاربونلۇق ئىچىملىكلەر يەنە چىشىمىزنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ زىيانلىق. 2012-يىلى 6-ئايدا General Dentistry ژورنىلىدا بىرپارچە تەتقىقات نەتىجىسى ئاشكارىلانغان بولۇپ، كولانى ئىچكەندىن كېيىنكى دەسلەپكى 30 مىنۇتتا ئۇنىڭ چىشنى چىرىتىش ئىقتىدارى مېۋە شەربىتىنىڭكىدىن 10 ھەسسە كۈچلۈك ئىكەن، بۇنىڭدىكى باش جىنايەتچى ئىچىملىك تەركىبىدىكى سىترات كىسلاتاسى. ئەنگلىيە چىش ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەركۈنى 4 قۇتا كاربونلۇق ئىچىملىك ئىچكەندە چىشنىڭ كاۋاكلىشىش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى 252% يۇقىرىلىتىدۇ.

Coca_Cola_Styled_by_Luxorian.jpg

قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار ئاللىقاچان ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، نيۇيورك شەھەر باشلىقى Michael Bloomberg ھەرقۇتىسىغا 16 ئۇنسىيەدىن ئارتۇق قاچىلانغان كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى سېتىشنى چەكلەش پەرمانىنى جاكارلىغان.2011 -يىلىدىن باشلاپ ھونگىرىيە ھۆكىمىتى مۇشۇنداق ئەخلەت يېمەك-ئىچمەكلەردىن يۇقىرى باج ئېلىشنى باشلىغان. 2012 يىلىنىڭ بېشىدىكى بىرتۈرلۈك تەكشۈرۈشتە نۆۋەتتە فرانسىيە شەھەرلىرىدە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 2 مىليۇندىن ئارتۇق كىشى بولۇپ، فىرانسىيەمۇ كاربونلۇق ئىچىملىكلەرگە نىسبەتەن باج ئېلىشنى كۈچەيتكەن. بۇخىل قانۇن ۋاسىتىسىنى قوللىنىش ھەقىقەتەن زۆرۈر، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق ھېسابلىغان ئەگەركاربۇنلۇق ئىچىملىكلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى %20گە كۆتۈرسە ئەنگلىيىدىكى زىيادە سېمىزلار %1 كېمىيىدىكەن (400000 ئادەم )
Mike Rayner دوكتۇر مۇنداق دەيدۇ:« بىز كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتە كىشلەرنى چەكلەپ بولالمايمىز، شەخسەن ئۆزۈممۇ بەك ئامراق، بىراق بايرام ۋەئارام كۈنلىرىدىكى تەمىنلەشنى جەزمەن قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك.»
دېگەندەكلا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باج ئېلىشى ئەنگلىيە كاربونلۇق ئىچىملىكلەر جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچار بولدى. ئۇ لارنىڭ باياناتچىسى Richard Lamingنىڭ قارىشىچە كاربونلۇق ئىچىملىكلەر خۇددى باشقا خىلدىكى ئىچىملىكلەردەك بولۇپ، نورمال يېمەك-ئېچمەكلەرنىڭ بىرقىسمى سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىشقا مۇۋاپىق، بۇنىڭدىن باج ئېلشنىڭ ھېچقانداق باھانىسى يوق. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئەنگلىيە كاربونلۇق ئىچىملىك ئىشلەش ساھەسى نۇرغۇن قەنت تەركىبى تۆۋەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارماقتىكەن. ئۇ : ئەنگىلىيىدىكى تەخمىنەن يىرىم شۇخىلىدىكى مەھسۇلاتلار نۆل كالورىيىلىك ئىچىملىكلەردۇر -دىگەن.
يېقىندا Bangorئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكىلاتى Richard Laming ئەپەندىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. تەتقىقات 4 ھەپتە داۋام قىلغان بولۇپ پەقەت 11 ئادەم قاتناشقان. Kubisدوكتۇربۇ تەجرىبىنىڭ چەكلىك بولۇپ قالغانلىقىنى ئىقرار قىلغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە تەجرىبە دائىرىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىۋىتىپتۇ، ئۇلار يېڭىدىن كۆپ مىقداردا كاربونلۇق ئىچىملىك ئىچىشنى باشلىغانلارنىڭ كاربونلۇق ئىچىملىكنى ئېستمال قىلىشنى توختىتىش -توختاتماسلىق نەتىجىسىگە قارايدىكەن. بىراق، ئۇ قېيىن بىر مەسىلىگە دۇچار بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىلگىرى كۆپ مىقداردا كاربونلۇق ئىچىملىك ئىچىش تارىخى بولمىغان ياشلارنى تېپىش بەسى مۇشكۈل بىر مەسىلە ئىكەن.

 



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 39 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بەند : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏ناھايتې ياخشې تەشۋېقات بۇپتۇ ‏ئچمەيلې قرېنداشلا

  2. مۇسلىمە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزىمىز ئۆيدە تەييارلىغان ئىچىملىك ئەڭ بېخەتەر ھەم ئىشەنچىلىك

  3. تەرسا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ بۇرادىرىمىزنىڭ پىكرىگە تامامەن قوشۇلىمەن. بىزمۇ ‏ئەخمەق خەقدە نىمە زىيان قىلسا شۇنىئىزدەپ تۇرۇپ يەيمىز دىسە.

  4. سابا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    !ماشاالللا

  5. Elif : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Towa hodayimai biz pakat oylap bakmaydigan ixlarka hakikatan dikkat kiliximiz kerakkan

  6. ئابدۇرەھىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىچمىسەكمۇ كۈنىمىز ئۆتىدىغۇ.

  7. ئالىمجان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈزىڭىزنى زەھەرلەشتىن سىرت سىز سېتىۋىلىپ ئىچكەن ئاشۇ ئىچىملىكلەرنىڭ مەلۇم مىقتاردىكى پايدىسى ئەرەب دۇنياسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ئېزىشكە ئىشلىتىلدىكەن. دوستۇم تاللاش ئۈزىڭىزدە يەنە داۋاملىق ئىستىمال قىلماقچى بولسىڭىز ئۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تاللشى!!!!

  8. yaxa10 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەتتە كولا بىلەن ئانچە خوشۇم يوق

  9. بېيجىڭ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تىما بەك ياخشى يوللىنىپتۇ رەخمەت سىزگە!!!

  10. ئەپەندى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گازلىق ئچىملىك دىسە بېشىم ئاغرىيتى،زادىلا ئىچمەيتىم ،ئەمدى ھەممەيلەن ئچمەيدىغان بولساق ئۇلۇغ ئش بولاتتى ، مىللەتنىڭ ئومۇمى ساپاسى بىر كۆتۇرۇلسە…
    ئەڭ خەتەرلىكى ،باشلانغۇچ،تولۇقسىز باللىرى بەك ئچىدىكەن ،شۇلارنى توسساق بولتى . ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيتى ئېغىر.

  11. سەرسان@روھ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېمىڭىزغا تەشەككۈر. ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز. مەنمۇ دىققەت قىلاي.

  12. مەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى يوللاپسىز قىرىندىشىم

  13. ~‏ئشەنچ@~ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن

  14. بىرزات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ھەقتە 80خالتا بلوگىدا تولا دەپكەتتۇق،ئاڭلاشمىدىڭلار.
    چەتئەللىك گۇيلارئاۋۋال بۇ زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىپ يانچۇقنى بىر توملاپ بولغاندا ئاندىن تەتقىقاتچىسى ئوتتۇرغا چىقىپ يۇقۇرقىدەك قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇردىكەن. :mrgreen: :mrgreen: خۇددىي شەيتان كەبى: ئاۋۋال يامان ئىشقا قىزىقتۇردۇ، يامان ئىشقا ئۈگۈنۈپ بولغىنىڭىزدا سىزگە مالامەت قىلىدۇ. :mrgreen:

  15. يۇلا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭمۇ كولا بىلەن خوشامەت يوق.

باھا بېتى: 1 2





باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)