سىزگە ئالدامچىلىق ئۇچۇرى ئەۋەتكەنلەرنى قانداق جايلاشنى ئۆگۈتۈپ قوياي | ئەڭ قەبىي ۋاستىلەر
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يانفون ياكى QQ، E-mail قاتارلىقلاردا خىلمۇ-خىلمۇ ئادەم ئالدايدىغان ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالىمىز، مەزمۇنى ئاساسەن «سىزگە مۇكاپات چىقتى، مانچە پۇل سالسىڭىز سىزگە مانچە سوم قىممىتىكى مال ئەۋەتىپ بېرىمىز» دېگەندەك ئۇچۇرلار، بەزىدە بۇ ئالدامچىلار ھەددىدىن تېخىمۇ ئېشىپ توختىماي تېلىفون ئۇرىدۇ ۋە ئۇچۇر يوللاپ بىزنى قويماقچى بولىدۇ. ئۇنداقتا مەن سىزگە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ ئالدامچىلارنىڭ ئەدىۋىنى قانداق بېرىشنى بىر ئۆگىتىپ قوياي.
1. ئەگەر سىز مەلۇم بانكا كارتىسىغا مۇنچە پۇل سېلىڭ،دىگەندەك قىسقا ئۇچۇرلارنى تاپشۇرىۋالسىڭىز، ئالدىراپ ئۆچۈرىۋەتمەي، كارتىنىڭ قايسى بانكىنىڭ كارتىسى ، نومۇرى دىگەندەكلەرنى ئەستە تۇتىۋېلىپ شۇ بانكىنىڭ تور بانكىسىغا كىرىڭ، ئاندىن تىزىملىتىدىغان كۆزنەككە كارتا نومۇرىنى كىرگۈزۈپ مەخپى نومۇرىنى خالىغانچە ئۈچ قېتىم كىرگۈزىسىز، بۇ ۋاقىتتا بۇ كارتا قولۇپلىنىپ، 24 سائەت ئىچىدە ھېچنىمە قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، يەنى كارتا توڭلىتىلىدۇ. قېنى ئۇ ئالدامچى داۋاملىق ساقلاپ باقسۇن، ناۋادا كاللىڭىزدىن ئۆتمىسە كۈندە ئۈچ قېتىم كىرگۈزىۋېرىڭ، ئادەم ئالدىغانغا تويۇپ كەتسۇن!! ناۋادا تەلىيىڭىز كېلىپ بىرەر قېتىم پارولنى توغرا كىرگۈزۈپ قالسىڭىز، ئۇ ھالدا ئالدامچىنىڭ كارتىسىدىكى پۇللارنى نامراتلارغا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىئانە قىلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، ناۋادا سىزمۇ بەشتە كېپىل بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ كارتىسىغا ئاغدۇرۇپ قويۇپ تۇرسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.
2. شۇ تىلفۇن نومۇرىنىڭ قايسى شەھەرنىڭ تىلېفۇن نومۇرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، شۇ شەھەرنىڭ ھەمجىنسلار(同性恋) تورىنى ئېچىڭ-دە، تىزىملىتىپ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى دىگەن يەرگە مۇشۇ تىلېفۇن نومۇرىنى كىرگۈزۈپ قويۇڭ.
3. شۇ يەرنىڭ ئۆي-مۆلۈك ئىجارىگە بېرىش ئېلانى چىقىرىدىغان تورى (مەسىلەن« شىنجاڭ ئۇچۇر تورى :http://uqur.cn غا ئوخشاش تورلار)نى تېپىپ ، شەھەر مەركىزىدە ئىككى ياتاق ، بىر مىھمانخانىلىق ئۆي ئىجارىگە بېرىلىدۇ، ئايلىقى 300يۈەن، جىددىي قولدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ، دەپ ئۇچۇردىن بىرنى يېزىڭ -دە، ئالاقىىشىش تىلېفونىغا شۇ نومۇرنى كىرگۈزۈپ قويۇڭ.
4. ئالدامچىنىڭ يانفون نومۇرىنىڭ قايسى خەۋەرلىشىشنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شۇ يەرلىك خەۋەرلىشىش تور بېكىتىنى ئېچىڭ -دە ئۇنىڭ يانفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قېلىش كۇنۇپكىسى ياكى باشقا كۇنۇپكىلارنى بېسىۋېرىڭ. ئادەتتە خەۋەرلىشىش ئورۇنلىرىنىڭ تور بېكىتىدە يانفون مەخپىي نومۇرىنى شۇ يانفونغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ، ئاندىن خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئارقىلىق ئالدامچىغا توختىماي ئۇچۇر ئەۋەتىۋېرىڭ، بەرىبىر سىز ئەۋەتمىگەن ئۇچۇر بولغاندىكىن، قېنى كىمنىڭ ئىچى بەكرەك پۇشىدىكەن، كۆرۈپ باقايلى.
5. ناۋادا سىز بانكا خىزمەتچىسى بولسىڭىز، ياكى بانكىدا تونۇشلىرىڭىز بولسا بۇ تېخىمۇ ئاسان. ئۆزىڭىزنىڭ كارتىسىدىن ھەر قېتىم 1 پۇڭنى قارشى تەرەپنىڭ كارتىسىغا يوللاڭ ۋە رەسمىيەت ھەققىنى پۇل تاپشۇرىۋالغۇچى تۆلەيدۇ دەپ بەلگىلەپ بېرىڭ، بۇ چاغدا سىز يوللىغان بىر پۇڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپتىن ئىككى سوم تۇتىدۇ. سىز 10 سوم يوللاپ بولغىچە ئۇ ئالدامچىنىڭ سىزگە يالۋۇرمىغىنىنى بىر كۆرەي.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالدامچىلىق,كارتا,پۇل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 850 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: against-fraud.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > پۈتۈنلەي يېڭىچە كۆرۈنمە يۈز ۋە كۆرۈنمە ئۈنۈم ئىشلەتكەن يېڭى بىر ئەۋلاد 迅雷7(ئاتەش تۈلكە قوللايدۇ)
- كېيىنكى يازما > Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011 | ھەقسىز بىر يىللىق 卡巴斯基
بۇ ھەقىقەتەن بولدىغان ئۇسۇلكەن … مەن باشكا كارتىسىنى قۇلۇپلاش ئۇسۇلىنى بىلەتتىم . بۇ باشقا ئۇسۇللارنى ھەقىقەتەن بولىدىكەن …
بولىدىغان ئۇسۇلكەن بۇ ؟
پاھ! كارامەت ياخشى ئۇسۇللاركەن بۇ!
پاھ-ھوي،ماۋۇ ئۇسۇل بوپ قالىدىكەن ئەمما!
تەدبىركار ئەپەندى. سىزنىڭ بانكا كارتىڭىز 50سوم ئۇرۇپ بەرگۈم كېلىۋاتىدىغۇ؟
نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ؟
0.01پۇڭدىن
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى :http://uqur.cn ئاڭلاپ قالمىسۇن ماۋۇ گەپنى…
بەكلا قەبىيكەن
بۇنى ئىزدىنىشتا كۆرگەندەك قىلىۋىدىم، تەدبىركار ئەپەندىنىڭ بۇنداق قالتىس ھۈنىرى بارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، چۈشتە ياتاقدىشىمدىن بىرسى ماڭا 15000 يۈەن قىممىتىدە خاتىرە كومپىيۇتېردىن بىرسى مۇكاپات چىقىپتۇ، ئاۋۋال خەقنىڭ كارتىسىغا 2500يۈەن سالىمىشمەن دىۋىدى… مۇشۇ ئامالنى دەپ بىرىۋىدىم ياتاقتا كۈلۈشمەك بوپ كەتتى… تەدبىركارنىڭ تەدبىرلىرى جايىدا جۇمۇ…
قويولۇپ كەتكەن قويىچىى بولۇپ قالىدىكەندە كاساپەتلە…
راسلا بەك قەبىكەن،ھەمجىنىس دىگەن ئاتاقنى چاپلاپلا ۋاتايلىڭ
ھا ھا ھا راستىنلا ۋەششى ئۇسۇللاركەن بۇ بولىدىغان ئۇسۇللاركەن جۇمۇ تەدبىركار ئەپەندىنىڭ تەدبىرى تولىكەن راسلا
بۇ ئۇسۇللار بەك قالتىسكەن ، تەدبىركار نىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن قالتىسكەن جۇمۇ!
ئاجايىپ بەنپاكەن بۇ رەھمەت؟
بۇ ئۇسۇل ھەم كۇلكۇلۇك ھەم بەك رەزىل ئىكەن