نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تور بايلىقلىرى > يازما كۆرۈش

ھەقسىز رەسىم/سۈرەت چىقارغىلى بولىدىغان ۋە تاشقى ئۇلانما قوللايدىغان ئالبوم – MyPoco

ھەقسىز رەسىم/سۈرەت چىقارغىلى بولىدىغان ۋە تاشقى ئۇلانما قوللايدىغان ئالبوم - MyPoco

يېقىندىن بۇيان ھەر قايسى مۇنبەرلەردە باش سۈرەت ئۈچۈن ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ئۇلانما قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ھەقسىز ئالبوم تاپالمايۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ھەقسىز رەسىم چىقارغىلى بولىدىغان ۋە رەسىمنى سىرتقى ئۇلانما قىلىشنى قوللايدىغان تور بېكەتلەر يوق دېيەرلىك. mypoco بولسا Flickr نىڭ ئىزىنى دوراپ مېڭىۋاتقان كەسپىي فوتو-سۈرەت تور بېكىتى بولۇپ، تىزىملاتسىڭىزلا مەخسۇس رەسىم چىقىرىدىغان بوشلۇق تەمىنلەيدۇ ۋە بۇ رەسىملەرنى خالىغانچە باشقا تور بېكەتتە ئۇلىنىش قىلغىلى بولىدۇ، تامغا بېسىش باسماسلىقنىمۇ ئۆزىمىز بەلگىلىيەلەيمىز.

poco نىڭ نۆۋەتتە مۇلازىمىتى بىر قەدەر مۇقىم بولۇۋاتقان بولۇپ، ھەقسىز ئالبوم بوشلۇقى تەمىنلىگەن. ئەلۋەتتە بۇ مۇلازىمەتنىڭ قاچانغىچە مۇقىم ۋە ھەقسىز بولۇشىغا مەنمۇ بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، بىراق نۆۋەتتىكىدەك ھەقسىز تور ئالبومى بولمىغان شارائىتتا ۋە بولغان تەقدىردىمۇ سىرتقا ئۇلىنىش قىلغىلى بولماسلىقتەك ئەھۋالدا، بۇ ھەقسىز رەسىم يوللاش ئالبومى چوقۇم تورداشلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە poco دۆلەت ئىچىدىكى تور بېكەت بولغاچقا، رەسىملەرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ خېلىلا تېز.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

www.poco.cn نى بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۈستى قىسىمدىكى 免费注册 دېگەن ئورۇندىن بىر ھېسابات ئىلتىماس قىلىمىز، ئېلخەت ئۇچۇرى ئارقىلىق ھېساباتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھېسابات نومۇرىمىز بىلەن mypoco غا تىزىملىتىپ كىرىمىز ۋە 进入管理 دېگەن ئورۇندىن ئۆزىمىزنىڭ ئالبوم باشقۇرۇش ئورنىغا كىرىمىز، ئاندىن سول تەرەپتىكى 相册管理 نىڭ يېنىدىكى 上传 نى بېسىپلا بىۋاستە رەسىم يوللاش ئورنىغا كىرسەك بولدى. بۇ چاغدا بىزگە توپ ھالدا رەسىم يوللاش ۋە تاق ھۆججەت يوللاش ئورنى كۆرۈنىدۇ. توپ ھالدا ھۆججەت يوللاش ئۈچۈن بىر قىستۇرما قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ناۋادا يوللايدىغان رەسىم كۆپ بولمىسا، ئاستىدىكى تاق رەسىم يوللاش ئورنىدىن يوللىساقمۇ بولىدۇ، بىرلا قېتىمدا 5MB تىن كىچىك رەسىم ھۆججىتى يوللاشقا بولىدۇ.

دىققەت: تاق ھۆججەتلىك رەسىم يوللىغان چاغدا رەسىمنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، 添加水印 دېگەن ئورۇندىن، رەسىمگە تامغا باسىدىغان باسمايدىغانلىقىنى تاللاپ بېرىمىز. 不加水印 نى تاللىساق رەسىم ئەسلى ھالەتتە تامغا بېسىلماي يوللىنىدۇ.

رەسىم يوللىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن، شۇ رەسىمنى بېسىپ كىرسەك ئوڭ تەرەپ بۇرجەكتە رەسىمنىڭ ئادرېسلىرى كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردىن 查看原图 نى باسساقمۇ، ياكى 原图地址 دېگەن ئورۇندىكى ئادرېسنى كۆچۈرىۋالساقمۇ بولىدۇ. بۇ ئادرېسنى مۇنبەرلەردە، بلوگىمىزدا ياكى باشقا لازىملىق ئورۇنلاردا ئىشلەتسەك بولدى. بۇ يازمىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىنى سىناش ئۈچۈن، مەزكۇر يازمىنىڭ قىستۇرما رەسىمىمۇ mypoco غا چىقىرىلدى، تورداشلارنىڭ ناۋادا بۇ ئۇسۇل ئەسقېتىپ قالسا، ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى قارشى ئالىمەن.

ئۇلانما مەنزىل: http://www.poco.cn

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 14 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: mypoco-img.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. رازۋىتچىك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆ لدىڭلىمۇ نىمە…ھېي !!

    • torhumar :

      ئادىشوي، كىمۇ سىلە؟ ھېيتتا ئادەم قاغاپ :mad:

    • دولقۇن731 :

      تورخۇمارغا جىڭ خۇمار بۇلۇپ قاپتۇدە بۇ ! بەكلە سېغىنىپ كەتكەن چىراي :mrgreen:

  2. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۆلىتىمىزنىڭ بولسا ئىشلەتمەيمەن، 2 ئايدىن كېيىن ھەقلىق قىلىۋالىدۇ.
    ماۋۇمۇ بولۇپ قالىدۇ:http://photobucket.com

    • torhumar :

      بۇنى كېلەر قېتىم تونۇشتۇرۇپ قوياي دېگەن ئىدىم تېخى :oops:

    • پرېستان :

      ئىنكاسنىمنى ئەخلەتخانىغا يولغا سېلىپلا، تونۇشتۇرىۋەرمەمسىز.. :lol:

    • دولقۇن731 :

      بۇ ھەقىقەتەن بۇلىدىغان بوشلۇق . ئىشەنچىلىك ئەمما پەرەڭلەرنىڭ بۇ تورىغا قۇلۇپ سېلىپ قۇيامدىكىن دەيمەن بەزەن بىرلەر چىقىپ

  3. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ديلىتىمىزنىڭ سۇرئىتى تىز ھەقسىز دىگەن بىلەن كىيىن ھەقلىق قىلىۋالامىكى … 51 تورىمۇ شۇندا قىلىۋالدى . بۇرۇن ھەقسىزتى كىيىن ھەقلىق قىلىۋالدى … يەنىلا چەتنىڭكى سۇرئىتى ئاستا بولسىمۇ داۋاملىق ھەقسىز بولسا شۇلارنى ئىشلىتىپ تۇرغان ياخشى …

  4. بايلىق بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقلىق قىلىۋالغان يىرىگىچە ئىشلىتىپ تۇرمامدۇق ھەقلىق قىلىۋالغاندا كۆتە كەشىڭنى دەپ تاشلاپ قىچىپ كىتەرمىز

  5. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لىكىن شۇ چاغقىچە ئىشلەتكەن رەسىملەرنى يەنە بىر بوشلۇققا يۆتكەپ ئۇنى ئۇلانما قىلغان يەلەرنىڭ ھەممىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىش بادە ھەييي .. بۇرۇن مۇنبەرلەرگە ئاشۇنداق ھەقسىز بوشلۇققا چىقىرىپ ئۇلىنىش قىلاتتىم ھەقلىق قىلغاننىڭىزى ھەممىسى شۇ تور بەتنىڭ ئىلانى بولدى دىسە … تور بىكەت بولسا ئۆزى بوشلۇققا چىقارسا بىلوگ بولسا بىلوگ بوشلۇقىغا چىقارسا بولغىدەك … باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكەندە قىينىلىدىغاندەك تۇرىمىز …

  6. ئەرۋاھ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    http://photobucket.com
    ماۋۇ ئادرىستىكىسىنىڭ تىزىملىتىش،ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدا بىر رەسىملىك قىلىپ دەرسلىك ئىشلىۋەتمەمسىز دوستۇم.

  7. ئوبۇلقاسىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    mypoco غا چىقارغان رەسىملەرگە بلوگىمىزنىڭ رەسىم تامغىسىنى چىقارغىنى بولارمۇ ؟

    • torhumar :

      ئەسلى رەسىمگە ئۆزىڭىز PS تا تامغا ئۇرۇپ ئاندىن poco غا چىقارسىڭىز بولىدۇ.

  8. ئوبۇلقاسىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەخمەت قىرىندىشىم

 汗