نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تور بايلىقلىرى > يازما كۆرۈش

يەنە بىر دانە سىرتقى ئۇلانما قوللايدىغان ھەقسىز سۈرەت-رەسىم تور ئالبومى – Photobucket

Photobucketبولسا، چەتئەلنىڭ ھەقسىز تور ئالبومى بولۇپ، چىقارغان رەسىملەرنى سىرتقا ئۇلانما قىلىشنى قوللايدۇ. ھەقسىز ئەزالارغا 500MB بوشلۇق بېرىلگەن بولۇپ، چىقارغان رەسىمنىڭ سىغىمىغا نىسبەتەن چەكلىمە يوق، فورماتىغىمۇ چەكلىمە قويۇلمىغان. ھەر ئايدا 25G ئېقىم مىقدارى سەپلەپ بېرىلگەن. بۇ شارائىت ئادەتتىكى ئەزالارغا نىسبەتەن تامەن يېتىپ ئاشىدۇ، مۇنبەرگە باش رەسىم بەلگىلەش، بلوگ قىستۇرما رەسىملىرىنى چىقىرىش قاتارلىقلاردا ناھايىتى ياخشى ئەسقاتىدۇ!

ئەلۋەتتە، بىر ئايدا 500MB بوشلۇق ۋە 25G ئېقىم مىقدارىنى تۈگىتىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس. Photobucket گەرچە چەتئەلنىڭ مۇلازىمېتى بولسىمۇ، بىراق سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ۋە تۇراقلىق. مەن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىلىمۇ 3 يىلدەك بوپتۇ. ناۋادا بۇ بوشلۇقنى ئىشلىتىپ بولسىڭىز، ئەلۋەتتە ئەنسىرىمەي يەنە بىر ھېسابات ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ، پۈتۈنلەي ھەقسىز!

Photobucket قا تىزىملىتىش ۋە رەسىم چىقىرىش

Photobucket چەتئەلنىڭ مۇلازىمېتى بولغاچقا، نۆۋەتتە كۆرۈنمە يېزى ئېنگلىزچە. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەن ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى تىزىملىتىش ۋە رەسىم چىقىرىش ئۇسۇللىرى خېلىلا ئاددى. ناۋادا سىز توردىكى كۈندىلىك ھەرخىل مەشغۇلاتلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىسىڭىز، بۇ سىزگە ھېچقانچە گەپ ئەمەس.

ئاۋال http://www.photobucket.com نى ئاچىمىز ۋە ئۈستى ئوڭ تەرەپتىن Sign up نى باسىمىز. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تەرتىپ بويىچە، ئىسىم، پارول، يەنە پارول، ئېلخەت، جىنس، دەلىل كود قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن جەزملەشتۈرۈشنى باسساق بولىدۇ. بۇ چاغدا ئېلخەتكە بىر دانە ئاكتىپلاش ئۇچۇرى كېلىدۇ. شۇ ئۇچۇر بويىچە ئاكتىپلىۋەتسەكلا كۇپايە.

ئەمدى سىزدە 500MB لىق بىردانە ھەقسىز يۇقىرى سۈرئەتلىك رەسىم ئالبومى بار بولدى دېگەنلىك. Photobucket كۆپ خىل ئالبوم قۇرۇش، توپ ھالدا رەسىم چىقىرىش، يانفوندىن يوللاش قاتارلىقلارنى قوللايدۇ. Photobucket قا تىزىملىنىپ كىرگەندىن كېيىن، رەسىم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۈستى قىسىمدىكى يېشىل رەڭلىك Upload now دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز، بۇ جايدىن ئوتتۇرىدىكى يېشىل رەڭلىك Select photos and videos نى بېسىپ، كومپيۇتېردىكى يوللىماقچى بولغان رەسىمنى تاللاپ بەرسەك بولىدۇ، بىر قانچە رەسىمنى تەڭ يوللاش ئۈچۈن Ctrl كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تاللاپ يوللايمىز. تاللاپ بولغاندىن كېيىن رەسىم چىقىرىش مەشغۇلاتى تېز سۈرئەتتە تاماملىنىدۇ. ئاندىن Save and continue to my album نى بېسىپ جەزملەشتۈرىمىز.

رەسىملەرنى سىرتقى ئۇلانما ئادرېسىغا ئېرىشىش

ئۈستىدىكى مەشغۇلاتلار تۈگىگەندىن كېيىن، ئاپتوماتىك ھالدا بايا چىقارغان رەسىم تۇرۇشلۇق ئالبومغا قايتىدۇ(ناۋادا تېخى ئالبوم قۇرمىغان بولسىڭىز ھەمدە رەسىملەرنىڭ رەتلىك تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، بىر دانە ئالبوم قۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ). ئاندىن ئۇلانما قىلماقچى بولغان رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكەلسەك، ئاستىدا تۆت دانە ئۇلانما ئادرېسى قىستۇرۇلغان كۆزنەك كۆرۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن Direct link نى يېنىدىكى ئادرېسنى بىر چەكسەك، ئادرېس ئاپتوماتىك كۆچۈرىلىدۇ. ئەمدى بۇ رەسىمنى باشقا جايدا خالىغانچە ئۇلانما قىلىپ ئىشلەتسەك بولىۋېرىدۇ.

ئىزاھات: سىناق ئۈچۈن، مەزكۇر يازمىنىڭ قىستۇرما رەسىمى Photobucket قا يوللاندى. بۇ ئارقىلىق مەزكۇر يازمىنىڭ Photobucket بىلەن تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنى بىلىپ تۇرۇشقا پايدىسى بولار.

ئەلۋەتتە، ناۋادا Photobucket نىڭ مۇقىملىقىدىن ۋە ئېقىم مىقدارى چەكلمىسىدىن ئەنسىرىسىڭىز، ئىلگىرى تونۇشتۇرغان دۆلىتىمىزنىڭ ھەقسىز تور ئالبومى – mypoco مۇ سىناپ كۆرىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ!

مەنزىل تونىلى:

Photobucket قا بېرىش |   مەنبە: torhumar.com | دۆلەت ئىچىدىكى يەنە بىر ھەقسىز تور ئالبومى – Mypoco

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 9 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. قەيسەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوبدان نەرسىكەن، مەن تىزىملىتىپ كۆرۈپ باقاي، بولسا تېخى چچ بوشلۇقى، فېنبېي، دىگەنلەرنى ئىشلەتمەمدۇق……

  2. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى بېكەت بۇ، بىر مەزگىل ئىشلىتىپ باققان ئىدىم.

  3. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئېسىل ئالبۇم بۇ. يۈكسەلمۇ ئىلگىرى مۇشۇ ئالبۇمنى ئىشلەتكەن ئىدى. ئەمما، ئاۋۇ ئېقىم توشۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ، داۋاملىق ئىشلىتىشكە ئىمكانسىز قالغان ئىدىم.

  4. سەرقۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىلىكتە 2-3 يىل بۇرۇنلا تونۇشتۇرۇپ بولغان بۇنى، لېكىن بۇنداق قىزىقارلىق قىلىپ تونۇشتۇرالماپتىكەنمەن دېسە! :mrgreen:

  5. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بلوگ قىستۇرما رەسىملىرىنى مۇشۇنداق بىكەتلەرگە يوللىساق ئىشەنچىلىكمىدۇ ؟ مەن بوشلۇققىلا يوللاۋاتىمەن !

  6. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلوگىم بولغان بولسا ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقىدىغان ئىشكەنتۇق … شۇنداقتىمۇ ساقلاپ قۇيۇشقا تېگىشلىك ….

  7. ئابدۇۋەلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن رەسىمنى پۈتۈنلەي SkyDrive غا يوللايمەن .

  8. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزىمىزنىڭ بوشلۇقى ياخشى! :cool: :lol:

  9. كارو : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر مۇقۇملىقى ياخشى بولسا بۇندىن كېيىن مۇشۇ تورنى ياخشىراق ئىشلەتسەك بولغۇدەك

 汗