ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىش(فېليەتون)
ئىدارە باشلىقىمىز مۇئامىلىسى قىزغىن كىشى بولۇپ ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قىيىنچىلىققا يولۇقسىلا ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراشقا ئامراق ئىدى . ئىدارە باشلىقىمۇ بۇنى ئاۋارىچىلىق ، دەپ قارىماي ، كىشىلەرگە ئاۋۋالقىدەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى…
بەزىدە ئىدارە باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يېقىندىن ياردەم قىلىدىغان ئىشلار بارمۇ ؟ دەپ سورايدىغان بولۇپ قالدى . ئاشۇنداق ئۇنى ئىزدەيدىغان ھەم ئارىسالدى بولغانلار ھازىر زادى قانچە رەھبەر ئىدارە رەھبىرىمىزدەك بىزگە غەمخورلۇق قىلالايدۇ ؟ دەپ تەسىرلىنەتتى . ئىدارە رەھبىرىمىز ناھايىتى ئالدىراش يۈرگەچكە ، ھەر كۈنى بىر تالاي ئىشلارنى قىلاتتى .
ئىدارىگە يېڭى كەلگىنىم ئۈچۈن ، بۇ ئەھۋاللارنى بىلمەيتتىم ، باشقىلارمۇ ماڭا بۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرمىگەنىدى .باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشتىن قورقىدىغانلىقىم ئۈچۈن ، ئىش بولسا ئۆزۈم ئامالنىڭ بارىچە ھەل قىلاتتىم . ئىدارىدا خىزمەتداشلىرىم ئىدارە باشلىقىنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ ، ئۇنى ئاۋارە قىلاتتى ، مېنىڭ ئويۇمدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەل يۈزى قېلىندەك كۆرۈندى . ئىدارە باشلىقى تېرىكمەيتتى ، ھەر قانداق ياردەمنى ئايىماي قىلاتتى ، ئاۋارىچىلىق ھەل قىلىنسا، ئۇنى ئىزدىگەنلەر خۇددىي گۆھەرتېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كېتەتتى ، ئىدارە باشلىقىمۇ خۇشال بولاتتى ، چىرايىدىن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغاندەك شادلىق كۈلكىسى جىلۋە قىلاتتى.
بۆلۈمىمىزدىكى شياۋ خېمۇ ئىدارە باشلىقىنى بەك ئاۋارە قىلىدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ باشقىلارغا مۇلايىم بولغاچقا، ئىككىمىزنىڭ سۆھبەتلىرى بىر يەردىن چىقاتتى . بىر قېتىم پەقەت تاقەت قىلالماي، شىياۋ خېدىن ئاستاغىنە:
— سىلەر نېمە ئۈچۈن دائىم ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىسىلەر، ئىدارە باشلىقى كۈن بويى ئالدىراش يۈرسە بىزار بولمامدۇ؟ — دەپ سورىدىم.
شىياۋ خې كۆزىنى چەكچەيتىپ قاراپ ، بىر ئاز ئەجەپلەنگەندىن كېيىن:
— سىز تېخى بىلمەمسىز؟ — دېدى، مەن شۇئانلا بىلمەيدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ ، باش لىڭشىتتىم . شياۋ خې تۆت ئەتراپقا قاراپ ، ئادەم يوقلۇقىنى پەملىگەندىن كېيىن ، تۆۋەن ئاۋازدا:
— سىزنىڭ كەلگىنىڭىزگە ئۇزۇن بولمىدى ، سىزگە دېمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ، ئىدارە باشلىقىنى دەرھال ئاۋارە قىلىڭ ، بولمىسا ئەھۋالىڭىز ياخشى بولمايدۇ ! نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئاددىي، كۆپچىلىك ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلسا، سىزچۇ، ئۇنداق قىلمىدىڭىز، كۆپچىلىك سىزنى پاك دەپ قارىسىمۇ ، ئىدارە باشلىقى سىزنى ئۆزىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ ، دەپ ھېس قىلىدۇ ، ئىدارە باشلىقىنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلسىڭىز، سىز خۇشال بولسىڭىز، ئىدارە باشلىقىمۇ خۇشال بولىدۇ ، ئىدارە باشلىقى سىزگە ياردەم قىلسا، سىزمۇ ئىدارە باشلىقىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىڭ ، ئۇمۇ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ……. بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن سىز ئۈچۈن قىيىن بولسىمۇ ، ئەمما بۇ يەردە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، — دېدى ئۇ ماڭا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ .
ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى مېنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى ، بۇنداقمۇ غەلىتە ئىشمۇ بولامدۇ، دەپ ئويلىدىم.
ئەمما، مېنىڭ ھەقىقەتەن ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىشىممۇ يوق ئىدى ، توي قىلىپ بولغان، بالاممۇ كىچىك ، چوڭلارنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولغاچقا ئۇنى ئاۋارە قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى . ناھايىتى تېزلا ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىدىم . بىنانىڭ ئىچىدە ئىدارە باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ ماڭا باش لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن، پەرۋا قىلماي كېتىپ قالدى .
بۇنداق ئوسال ئەھۋالغا يولۇققىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى . شياۋ خې ماڭا ئامال قىلىپ ئىش تېپىپ ، ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىشىمنى ئېيتتى . شۇنچە باش قاتۇرۇپمۇ ، باشقىلار ماڭا ياردەم قىلىدىغان ئىشنى ئويلاپ تاپالمىدىم . ئاخىرى مەن نەزىرىمنى يېقىندا يېزىپ تاماملىغان ‹‹ئائىلە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى يېڭى ئۇقۇم ›› دېگەن ماقالەمگە قاراتتىم . مۇشۇ ماقالە بىلەن ئۇنى ئاۋارە قىلايچۇ، ماقالىنى تەھرىرلەپ بەرسۇن ، دەپ ماقالىنىڭ قوليازمىسىنى ئېلىپ ، ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن چېغىمدا ، ئىدارە باشلىقىنىڭ چىرايىدا ئاخىرى تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى . مەن ئىززەت–ئىكرام بىلەن ماقالىنىڭ قوليازمىسىنى ئىدارە باشلىقىغا سۇنۇپ ، ئۇنىڭدىن ياخشىراق تۈزىتىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم . ئىدارە باشلىقى خۇشال بولغان ھالدا قول يازمىنى ئېلىپ ، تەپسىلىي كۆرۈپ قول يازمىنىڭ ئۈستىگە دۈگلەك سىزىشقا باشلىدى . ئىدارە باشلىقى بىر ھازادىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ، تەنتەنىلىك ھالدا قوليازمىنى ماڭا سونۇپ ، ئۆزىنى چوڭ ئىش قىلىپ بەرگەندەك كۆرسەتتى .قوليازمىنى قولۇمغا ئېلىپ قاراپ ، توساتتىن ھوشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم ، ئەسلىدىلا رەتلىك قول يازمىنىڭ ئۈستىگە دۈگىلەك سىزىپ تولدۇرۇۋەتكەن ، يەنە بۇ ئابزاس قىسقارتىلسۇن ، بۇ يەر تۇرىۋەرسە بولىدۇ ، بۇ يەر مۇنداق بولسۇن، ئۇ يەر مۇنداق بولسۇن ، دەپ ئەسكەرتىپ ، ھەممە يېرىنى ئالا-قويماي ‹‹تۈزەتكەن ›› ئىدى ، مەن ئۆزۈمنى زورلاپ تۇرۇپ، ناھايىتى خۇشال بولغان قىياپەتتە چوڭقۇر تەشەككۇر بولغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.
ئىدارە باشلىقى ماڭا قىلغان بۇ ‹‹ياردىمى ›› دىن بىر ئاز بولسىمۇ نەپ ئالىدىغاندەك كۆرۈنمەيتتى ، ئەمما، مەن ئۇنىڭغا ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردىم ، ئۇ ئۆزىنىڭ «ئەدەبىي تالانتى»نىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ، سەۋىيەسىنىڭمۇ قول ئاستىدىكىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلغاچقا، قانائەت ھاسىل قىلغانىدى . دەرۋەقە، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىدارە باشلىقىنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىمۇ كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى .
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: باشلىق، تۇرمۇش، جەمئىيەت، خىزمەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 4,371 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: boss-trouble.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىزلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى نېمىشقا بۇنچە تەس؟
- كېيىنكى يازما > بەدەل تۆلىمەي بىر نەرسىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس، ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلەيدىغان بەدىلىڭىزگە باغلىق
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
بۈگۈن ما دىۋانىچىلار يوققۇ؟
ما فىليەتۇن ياقتى!!!
بۇ دىۋانچىلار ساقلاۋىرىپ ئۇخلاپ قاغاندا ئۆزلە كەپ قاپلا … خىجىل بولماي نەفىسە خىنىمدەك ئوتراۋەسە
ئەمدى دىۋان ساقلاپ تورخۇماردىلا24 سائەت ئولتۇرىمەن ….. ياۋايىنىڭ ئىچى ئاداپ كېتىدىغان بولدى…..
يېقىندىن بېرى بىزنىڭ باشلىقمۇ ئىشلىرىمدىن تولا قۇسۇر تېپىپ، ئىشلىرىمغا چېپىلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىمۇ سەل «ئاۋارە قىلىپ» باقسام بولامدىكىن يە…
ۋاي توۋا ….. باشلىقلارنى ئاۋارە قىلغاندىن كۆرە ئەڭ ياخشىسى ئۆزەملا باشلىق بولايچۇ……
سىز باشلىق بوسىڭىز ئۆزىڭىز زىرىكىپ قالاسىزمىكى … ئەڭ ياخشىسى باشلىقتىن بىرنى تۇغۇزۇپ مىنى باشقۇرۇڭ دەڭ
كاتىپ بولىڭە بولمىسا….
بولدى…. مەن سادا بىلەن ياۋايىغا باشلىق بولۇش قارارىغا كەلدىم….. لېكىن ئاۋارە قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ جۇمۇ
پوق قوساق باشلىقلار
بۇنى باشلىقىڭىز كۆرۈپ قالىدىغان بولسا ھىممممممممممم….. تۈگەشتىڭىز دە …. راۋۇرۇس ئاۋارە قىلمىسىڭىز ئىشلىمىكىڭىز تەس بولىدۇ
ئەمما، بۇ يازمىدىكى گەپلەر ھەرگىز چاقچاق ئەمەس. بەلكى، سىز خىزمەت سورۇنىدا شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك. مېنىڭ بېشىمدىنمۇ ئۆتكەن ئۇنداق ئىشلار …
ئەمىسە بۇلارنىمۇ كۆرۈپ قويغىنىمىز ياخشى بوپتۇ دە… لېكىن بىزنىڭ باشلىق خىلى دانا رەھبەر….
ئاۋارە قىلىپ كۆڭۇل ئىزھار بۇمۇ مودىلىشىپتۇ
بۇ باشلىقنىڭ ئازراق چاتىقى بارمۇ كاللىسىدا ،،،،بۇنداق ئاۋارچىلىقتىن چارچىمامدىغاندۇ قارىغاندا تىنىچ تۇرمۇشنى خالىمايدىغان چېغى با…
باشلىق بولغاندىن تورخۇماردا دىۋانە بولغان ياخشى!
يولداش ئۇيغۇربەگنىڭ پىكىرى ئورۇنلۇق.