بەدەل تۆلىمەي بىر نەرسىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس، ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلەيدىغان بەدىلىڭىزگە باغلىق
تۇرمۇشتىكى ئاشۇ نازۇك ھېسلار، چوڭقۇر پەلسەپىلەر بەزىدە كىشىنىڭ دۇنيا قارىشىغا، ھەتتا كېيىنكى تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
ئايرىلىپ كەتكەن بىر جۈپ تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قاپتۇ.
يىگىت: ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
قىز: ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن.
يىگىت: ئۇ ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟
قىز: ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ.
قىز: ئۆزىڭىزچۇ؟ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
يىگىت: مەنمۇ ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن.
قىز: ئۇچۇ؟ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟
يىگىت: ئۇ ھېلىلا ماڭا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى…
ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلىگەن بەدىلىڭىزگە باغلىق
بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە چاشقان كۆپىيىپ كېتىپ،ئۇنى يوقاتقىلى بىر مۈشۈكنى ئېلىپ كەپتۇ.بۇ مۈشۈك چاشقان تۇتۇشقا ناھايىتى ماھىر ئىكەن،ئەمما توخۇنىمۇ بوغۇپ قويىدىكەن.بىر مەزگىل ئۆتۈپ،مۈشۈك ھېلىقى كىشىنىڭ ئۆيىدىكى چاشقانلارنى يوقىتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۇنىڭ توخۇلىرىمۇ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ تۈگەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بالىسى دادىسىغا:« دادا،بىز نىمىشقا توخۇلىرىمزغا زىيان سالىدىغان مۈشۈكنى قوغلىۋەتمىدۇق؟» دەپتۇ. دادىسى:« چاشقان بولسا بىزنىڭ ئاشلىقلىرىمىزنى ئوغرىلاپ يەپ،كىيىملىرىمىزنى تىتىۋىتىدۇ،ئەمما توخۇ بولمىسا بىز پەقەت ۋاقتىنچە توخۇ يېيەلمەيلا قالغان بولىمىز ؟خالاس،بۇ ئاچلىقتىن ۋە يالىڭاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغانغا سېلىشتۇرغاندا ھېچقانچە ئىش ئەمەس،بىز نىمىشقا مۈشۈكنى قوغلىۋەتكۈدەكمىز؟» دەپتۇ.
ھېكمەت: بەدەل تۆلىمەي بىر نەرسىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس،ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلەيدىغان بەدىلىڭىزگە باغلىق.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، ھېسىيات، ھېكايە، ھېكمەت
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: نۇر تورى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,505 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: two-simple-stories.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىش(فېليەتون)
- كېيىنكى يازما > Microsoft شىركىتىنىڭ ئىشىك باقارى ۋە E-Mail ھەققىدە پاراڭ
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
تازا چۈشىنىشلىك ئەمەسكەن، سىلەرچىمۇ شۇنداقمۇ؟
چوقۇم بىرىنچىسىنى چۈشەنمىدىڭىز ! ياخشى ئويلاڭ .. ئەمەلىيەتتە شۇنداق چۈشۈنۈشلىك
كونىلار ئېيتقاندەك دۇنيادا ئۇچۇق گۆر بولمىسا كېرەك
بىرىنچىسىدا،يىگىت گەپلەشكەن قىز دوستىنى دىمەكچى….
شۇنداق چۈشۈنۈشلىك تۇرمامدۇ
كەللىسى ئىشلەيدىغانلا چۇشىنەلمەپتۇ دە
مەن ئۈستىدىكىنى تۈنۈگۈن ئەتىگەن نۇر تورىدىن كۆرۈپ بىرەيلەنگە ئوقۇپ بەرسەم چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى ، ئاندىن كەچتە تېلىفۇن قىلىپتۇ ، چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتىپ
راسلا باشتىكىسىدە ئادەم سەل قايمۇقۇپ قالىدىكەن، ئاددى ئىشنى مۇرەككەپ قىلىپ ئىپادىلەپتۇ، ئۇ يىگىت تېخىچە ئاشۇ قىزنى قىزدوستۇم دەپ يۈرۈيدىكەن …….
چۈشىنىشلىك تۇرمامدۇ…؟ يىگىت ھېلىھەم شۇ قىزنى ياخشى كۆرىدىكەن، ھەم ئۇنى ساقلاۋېتىپتۇ… لېكىن قىز …………….؟
بەدەل تۆلىمەي ئىرىشكەن نەرسە – ئۇ بەرىبىر قىممەتسىز…
مىنىڭ باش سۈرىتىم نىمانداق ئۆزگەرمەيدۇ…؟ Gravatar غا چىقارغانتىم بولمىسا…؟ ياردەم قىلساڭلارمۇ بوپتىكەن…؟!
مۇتلەق ئەمەس … بەزىدە بەدەل تۆلىمەيمۇ بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش مۇمكىن …
سىلەر بەك چۈشەنگەن بولساڭلار بۇ تېمىدا تورخۇماردىكى باشقا تېمىلاردا يوق نەرسىنىمۇ چۈشەنگەنسىلەر؟
بىرىنجىسىنى ئىككى قېتىم ئۇقۇپ چۈشەندىم
بىرىنچىسىنى بىر قېتىم ئوقۇپلا چۈشەنگەنتىم .
قارىغاندا مەن بەك دۆت ئوخشايمەن
چۈشەنمىگۈدەك نېمىسى بار؟ لېكىن تازا ياقمىدى ئۇ گېپى ماڭا لاۋزا گەپكەن
ھا ھا بىرنجىسىنى مەن بىر خەنزۇچە توربەتتە كۆرۇپ يىرىم سائەت ئوقۇپ ئاران چۇشەنگەن.لىكىن چۇشۇنۇپ بولۇپ شۇنداق يىغلاپ كەتكەن ئىدىم تەسىرلىنپ،ھازىرقى مەزگىلدە ئۇنداق ئۇچرىشىپ قالسا قارماي مىڭىشى تۇرغانلا گەپ.
بىشىمدىن ئۆتكەن ئىشلاركەن
ئالامەت ئالامەت، بەك قايىل بولدۇم بۇ سۆزلەرگە
قارىغاندا ئىككىسىلا بويتاق ئۈتىۋاتقان ئوخشايدۇ ئەمسە، بۇمۇ راست بەك رۇمانتىك ئكەن ،ئاڭلاپلا تورخۇمارغا كىرىپ دىگىم كەلدى .
نەدە يالغۇز،قىز تىپىپ بوپتىغۇ
مىنىڭ قىشىم كۆزۈم بار ئىدى ،باش رەسىم ئالدىدىكى غۇۋا قىلىش تاختىسىنى ئىلۋىتىڭلا