Microsoft شىركىتىنىڭ ئىشىك باقارى ۋە E-Mail ھەققىدە پاراڭ
بىر ئىشسىز كىشى بىر كۈنى Microsoft شىركىتىگە كېلىپ،ئىشىك باقىدىغان خىزمەتنى قىلماقچى بوپتۇ. دېرىكتۇر ئۇنىڭدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى بىردەم يەر سۈپۈرگىلى ساپتۇ…
ئەمگەك كۈچى بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
_بۇ خىزمەت سىزنىڭ بولدى، ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىڭىزنى ئېيتىپ بىرىڭ،كېيىن مەن سىزگە بىر جەدۋەل ئەۋەتىمەن،سىز ئۇنى ياخشى تولدۇرۇڭ.ئاندىن سىزنىڭ خىزمەتكە چۈشىدىغان كۈنىڭىز ۋە ۋاقتىڭزنى ئۇقتۇرىمەن ،_دەپتۇ.
_مېنىڭ كومپيوتىرىم يوق،ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانماممۇ يوق،_دەپتۇ ھىلىقى كىشى.
ئەمگەك كۈچى بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى بولمىسا بۇ خىزمەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.خىزمەتنىڭ قولدىن كەتكىنىدىن كەيپى ئۇچقان بۇ كىشى نېمە قىلارىنى بىلمەي كېتىپ قاپتۇ.ئۇنىڭ يانچۇقىدا پەقەت 10 دوللارلا بار ئىكەن.
ئۇ تاللا بازىرىغا بېرىپ بىر يەشىكى ئون كىلولۇق پەمىدۇردىن بىر يەشىك سىتۋاپتۇھەمدە بۇ پەمىدۇرنى ئۆيمۇ_ئۆي يۈرۈپ سېتىپتۇ.2سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پەمىدۇرنى سېتىپ بولۇپ مەبلىغىنى بىر قاتلاپتۇ.
ئۇ مۇشۇنداق ئۈچ قېتىم سېتىپ،پۇلىنى يانچۇقىغا سىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ.ئۇ بۇ ئۇسۇل بويىچە ياشىسا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى سەھەر چىقىپ كەچ قايتىپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇ ھەر كۈنى ئىلىپ چىققان پۇلىنىڭ 4 ھەسسىچىلىك تېپىپتۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كىچىكرەك يۈك ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋاپتۇ،بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ يەنە بىر چوڭ يۈك ماشىنىسى سېتىۋاپتۇ،يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ كىچىكرەك بىر مال يەتكۈزۈپ بېرىش ئاپتىموبىل ئەتىرتى بار بوپتۇ.
5يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ.بۇ كىشى ئامېرىكىدىكى بىر چوڭ يىمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرىش شىركىتىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپتۇ.ئۇ ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ،بىر كىشىلىك ئۆمۈر سۇغۇرتىسى سىتۋىلىشنى قارار قىلىپ،سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ دىرېكتورغا تېلېفۇن بېرىپ،بىر سۇغۇرتا تۈرىنى تاللاپتۇ،سۆھبەت ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا دىرېكتور ئۇنىڭ ئىلىكتىرۇنلۇق پوچتا يوللانمىسىنى قانداق يازغاندا ئۇنىڭغا سۇغۇرتا تالونىنى ئەۋەتىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.
بۇ كىشى ئۆزىنىڭ پوچتا يوللانمىسى يوقلىقىنى ئېيتقاندا،دىرېكتور ھەيران قىلىپ ئۇنىڭغا:
_سىزنىڭ ئىلىكتىرۇنلۇق پوچتا يوللانمىڭىز يوق تۇرۇپمۇ،يەنە مۇشۇنداق بىر سودا ئىمپىريەسىنى قۇرۇپ چىقىپسىز.ئويلاپ بېقىڭ،ئەگەر پوچتا يوللانمىڭىز بولغان بولسا سىز قانداق بولار ئىدىڭىز……_دەپ سوراپتۇ.
بۇ كىشى دەرھال:
_ئۇ چاغدا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئىشىك باقارى بولغان بولاتتىم_دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: Microsoft، پاراڭ، ھېكايە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,894 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: microsofts-guard.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بەدەل تۆلىمەي بىر نەرسىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس، ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلەيدىغان بەدىلىڭىزگە باغلىق
- كېيىنكى يازما > «غەربكە ساياھەت» قىلىش مۈشكۈلاتىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار…
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- غەربكە ساياھەتتىكى ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەر
- [پارول] دوختۇرخانىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
- [پارول] نوم ئالغىلى بارغانلار (غەرپكە يەنە بىر ساياھەت)
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 2
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر
- تېرورچىنى «توسقان» قەھرىمان توختى ھەققىدە ھېكايەت
بۈگۈن ئادەم يوققۇ بۇ يەردە
شەنبە قىلغان گەپ.
ھى ھى ،،يۇمۇر بولا مۇشۇنداق بولا
بەك قىززىقكەن
شاھىم بىلەن پىرىستانغا بوپ بېرىپتىغۇ بۈگۈن
ئاۋۇ ئادەمنىڭ جاۋابى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن.
سىلى بىلەن بىژ ژۇتلۇق ئوخشايدا
ئاغنلەر قۇرۇق گەپ قىلماي يازمىنىڭ مەزمۇننىغا كىلەيلى ،بىزدە ئېلىكتىرۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى بولۇش ئەمەس ھەتتا ئۇنىڭ نىمىلىگنىمۇ بىلمەيدىغان كىشىلەر كۆپ
ساناپ باقسام ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقۇمدىنلا بەش ئالتىسى بار ئىكەن جۇمۇ!!!
غەرىبتە مەكتەبتىن ئىش ئورنىغىچە جەمىيەتتىم …..گىچە ھەممە ساھەدە ئېلخەت ئىشىلتىش ئوموملىشىپ كېتىپتۇ … بىزمۇ شۇنىڭغا يۈزلىنىشىمىز كېرەكمۇ قانداق چ چ غىلا ئېسىلىۋالماي.
نۇرغۇن يەردە ئابونىت نامىغا ئېلخەت ئىشلىتىش ئۇمۇملاشقىلى تۇرۇپتۇ. كىيىنچە ئابونىت نام پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالامىكى
خەپ ! مەن ئاشۇ ئېلخەت ساندۇقىنى ئالدىراپ ئىشلىتىپ يۈرمىگەن بولسام ھېچ بولمىسا ئاۋۇ كىشىدەك لوبەن بوپ قالاكەنمەن،
راست يامان ئەدەمكەن
مۇشۇ يەردە ئىنكاس يېزىپ يۈرگەنلىرىمىزدىن چوڭ خوجايىن چىقسا دۇكاندار چىقار ھە… چۈشەنگەنلەرگە بۇ ئەڭ مەنىلىك ئىنكاس
ئالامەت يۇمۇر بوپتۇ جۇمۇ. لىكىن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەن. ھەممە ئادەم نەچچە مىڭ يۈەننىڭ قۇلى بولۇپ خىزمەتكە تايىنىۋالىدىغان خاتا كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىپتۇ.
مەنچە ھازىرقى جەميەتتە بولمىسا بولمايدىغان نەرسە بۇ ، بۇنىڭ پايدىسى بەك كۆپ …ھىچ بولمىسا ئاشىقى بىلەن ئۇرشۇپ قالغاندىمۇ ناھايتى كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ …ھې ھې ھې
راسىت مەنمۇ )新浪)(سىنا)دىن ئاران بىرنى ئىلتىماس قىلالىغان( HOTIMAIL)ساپلا مىنىڭ ئىسىمىم بىلەن توشۇپ كەتكەن ساپلا پارول خاتا دەپ چىقىۋالتتى.
بىزدە ئېلىكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى بارلار ناھايىتى كۆپ،لېكىن ھەقىقى پايدىلىندىغان ناھايىتى ئاز،كۆپلىگەن كىشىلەر ھەتتا يىقىن دوستلىرىنىڭكىنىمۇ بىلمەيدۇ!
توغرا ھازىر ئارخىپ تولدۇرغاندا ئىلخەت ئادرىسى دەپ بار كۆپىنچىىمىز ئۇ يەرنى تولدۇرمايمىز.
ئەگەر تەدبىركارنىڭ بىلوگى بولمىغان بولسا قانداق بولاركىن؟ بۇنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمايلىمۇ؟
مەن تىخى بۇ كىشىنى بىل گايتىسمىكىن دەپ قاپتىمەن،ھى ھى
بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن ، مەنىسى خېلى چوڭقۇركەن !