«غەربكە ساياھەت» قىلىش مۈشكۈلاتىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار…
بىر كۈنى ئەتىگىنى، تاڭسىڭ تاتلىق چۈشىدىن ئويغىنىپ قارىسا، ۋۇكۇڭ ئۆزىنىڭ كارىۋىتىنىڭ ئاستىدا ئاغزىلىرىدىن كۆپۈك ياندۇرۇپ ياتقۇدەك، نېمە ئىشلىكىنى بىلمىگەن تاڭسىڭ سوراپتۇ: ۋۇكۇڭ؟ ھەي ۋۇكۇڭ؟ ساڭا نىم بولدى؟ ۋۇكۇڭ كۆزىنى ئېچىپلا تاڭسىڭنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ: ئۇستاز، سىزدىن ئۆتۈنەي، بۇندىن كېيىن چۈشىڭىزدە جۆيلۈپ قالسىڭىز، ھەرگىز چەمبىرەك ئەپسۇنىنى ئوقىماڭ، ماقۇلمۇ؟
ۋۇكۇڭ پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنى ئۈچ قېتىم ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا تاڭسىڭ تەرىپىدىن چىمەنتاغقا ھەيدىلىپتۇ. بىر قانچە ئايدىن كېيىن باجى تۇيۇقسىز چىمەنتاغقا ۋۇكۇڭنى يوقلاپ كەپتۇ ۋە ئىشىكتىن كىرىپلا يىغلاشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋۇكۇڭ سوراپتۇ:
- قىسىم نەگە يېتىپ باردى؟
- لىنفېنغا
- يەنە ئالۋاستىلارغا يولۇقۇپ قالدىڭلار ھەقىچان؟
- ياق
جىددىلىشىپ كەتكەن ۋۇكۇڭ يەنە سوراپتۇ:
- ئەمىسە نېمىگە يىغلايسەن زادى؟؟؟
ۋۇكۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان باجى تېخىمۇ ئازاپلىنىپ ئاخىرى ئېغىز ئېچىپتۇ: مايمۇن ئاغا، تېزرەك قايتىپ بارسىڭىز، ئۇستاز ھايانكەشلەر تەرىپىدىن قارا خۇمداندا ئىشلەيدىغانلارغا سېتىۋېتىلىپتۇ، بىزمۇ قانداق قۇتۇلدۇرۇپ ئەچىقىشنى بىلمىدۇق.
—————————————————–
ئۇستاز شاگىرت تۆتەيلەن مېڭىپ خېلى چوڭ بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ، ۋۇكۇڭ تاماق تىلەشكە، شاسىڭ يۈك تاققا، باجى بولسا ئات يېتىلەشكە مەسئۇل بوپتۇ. كەچتە باجىنىڭ قۇرۇق قول كەلگىنىنى كۆرۈپ تاڭسىڭ سوراپتۇ:
- ئاق ئات قېنى؟
- قاتناش ساقچىسى مۇسادىرە قىلىۋالدى
- نېمىشقا ئەمدى؟
- ئات ئوسۇرىۋەتكەنتى…
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاڭسىڭ كەينىگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قاپتۇ:
- ھەي كالۋا، ئوسۇرىۋەتكەنگە مۇسادىرە قىلىش كەتمەيدىغاندۇ ھەر قانچە بولسىمۇ؟
- مەنمۇ شۇنداق دېدىم، بىراق قاتناش ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە ھازىر ئولىمپىك مەزگىلىكەن، بىزنىڭ ئاتنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارى نورمال ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىپتۇدەك…
——————————————————-
ۋۇكۇڭ تاماق تىلەپ قايتىپ كېلىپ قارىسا تاڭسىڭ يەنە كۆرۈنمەپتۇ، باجى بىلەن شاسىڭ بولسا يەرگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاۋاتقۇدەك. ۋۇكۇڭ سوراپتۇ:
- ئۇستاز قېنى؟
- يۈتۈپ كەتتى…ھۇ…ھۇ…ھۇ
- ئەمىسە بېرىپ ئىزدەشمەمسەن؟؟!
- ئىزدىدۇق، يوق…ھۇ…ھۇ…ھۇ
شۇنىڭ بىلەن ۋۇكۇڭ بۇلۇتقا چىقىپ ئۈچنى پىقىراپ يەنە تاپالماي يېنىپ كەپتۇ. ئۈچەيلەن ئىچى سىقىلىپ تۇرغاندا ۋۇكۇڭ تۇيۇقسىز يەنە سوراپتۇ:
- ئۇستاز بۇ ئايدا ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىدىمۇ؟
- ياق
- يول ئاسراش ھەققىنىچۇ؟
- ياق
- تورنىڭ پۇلىچۇ؟
- ياق
شۇنىڭ بىلەن ۋۇكۇڭ بىرنى تىنىۋېتىپ دەپتۇ: بولدى، ھەممىڭلار كىرىپ ئۇخلاڭلار، بىز ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ، بانكا بىلەن ساقچى ئۇستازنى ھامان تېپىپ كېلىدۇ
——————————————————–
تاڭسىڭ ۋە شاگىرتلىرى مېڭىپ شىر-تۆگە تېغىغا كېلىپ قاپتۇ، شىر ئالۋاستى بۇلارنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ تاڭسىڭنى تۇتۇپ كېتىپتۇ، ۋۇكۇڭ مىڭبىر جاپا مۇشەققەتتە شىر ئالۋاستىنى مەغلۇب قىپتۇ ۋە قاتتىق دۇمبالاي دەپ تۇرغاندا ۋېنشۇ بۇتساتۋا كېلىپ قاپتۇ ۋە ۋۇكۇڭغا: «ئەمدى ئۇرما، بۇ مېنىڭ مىنىدىغان كۇرسام ئىدى» دەپتۇ، ئەمدى ئۇرۇپ ئاچچىغىنى چىقىراي دەپ تۇرغان ۋۇكۇڭ قاقشاپ كېتىپتۇ، بۇ چاغدا باجى ۋۇكۇڭغا نەسىھەت قىلىپ، «مايمۇن ئاغا، بولدى قىلىڭ، خەق دېگەن بۇتساۋانىڭ شوپۇرىكەن، ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ دۆلەت مەمۇرى خادىمى دەرىجىسى باردۇ» دەپتۇ
——————————————————–
تاڭسىڭ تۆت شاگىرتى بىلەن غەرپكە بېرىپ نومنى ئالغاندىن كېيىن، تاتاھاگوتو ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىپ ماڭدۇرماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆتەيلەن تۇرىدىغان يەر ئىزدەش ئۈچۈن تۆت تەرەپكە چېپىپ ئۆي ئىزدەشكە باشلاپتۇ، بىر كۈن كەچكىچە ئىزدەشتىن كېيىن ھەممىسى قۇرۇق قول يېنىپ كەپتۇ.
تاڭسىڭ: بىز يەنىلا قايتىپ كەتسەك ئوڭ ئوخشايدۇ، غەرپتە ئۆي باھاسى بەك يۇقىرىكەن، بىز تۇنجى ئايلىق پۇلىنىمۇ بېرەلمىسەك؟
شاسىڭ: تۆۋەن كاپالەتلىك ئۆيلەر بار دەيدىغۇ؟ ياكى بولمىسا بىز بېرىپ سوراپ باقمايمىزمۇ؟
ۋۇكۇڭ: بولدى قىلە شاسىڭ ئىنىم، غەرپ دېگەندە ساپلا ئەمەلداركەن، قايسى بىر ئەمەلدارنىڭ تۇغقىنى يوق؟ بۇ ئۆيلەر بىزگە ئاشامدۇ دەمسە؟
———————————————————
باجىنىڭ ئۈچ-تۆت كۈنگىچە پەقەت قاپىقى ئېچىلماپتۇ، كەچكىچە ئايغا قاراپ چاڭئېنى خىيال قىلىپ ئولتۇرىدىكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ۋۇكۇڭ ئەرشكە چىقىپ ئەھۋال تىڭتىڭلاپ كەپتۇ ۋە نېمە ئىشلىكىنى بىلىپ باجىغا دەپتۇ: ئىنىم، بولدى غەم قىلمىغىنە، جۇڭگونىڭ ئايغا ئەۋەتكىنى شۇ بىر تال سۈنئىي ھەمراكەن، شۇنىڭغىمۇ كۈنلەش كېتەمدۇ ئەمدى؟
———————————————————
باجى نوم ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن كورىيەگە بېرىپ ھۆسىن تۈزىتىپ ئاجايىپ كېلىشكەن بىر يىگىتكە ئايلىنىپ يېنىپ كەپتۇ ۋە بىر كۈنى كەچتە قاۋاقخانىغا بېرىپ ھاراق ئىچكەچ ئەتراپنى كۆزىتىپ ئولتۇرۇپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن، ئاجايىپ تەنناز ۋە چىرايلىق بىر قىز ئۇنىڭغا قاراپ قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىشقا باشلاپتۇ. ئىككىيلەن قاۋاقخانىدىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن، باجى ھاياجىنىنى بېسىۋالالماي قىزغا دەپتۇ: سىز مېنىڭ كىملىگىمنى بىلەمسىز؟ سىز مېنىڭ ئىلگىرى قانچىلىك بىچارە ئىكەنلىگىمنى بىلەمسىز؟ گەپ قىلىڭە ھېي خان؟؟ مەن ئىلگىرى باجىتىم، ئۇقامسىز شۇنى؟!!! بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى قىز تۇيۇقسىز كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ تۇرۇپ باجىغا دەپتۇ: ئوتتۇرانچى ئاغا!!! بۇ مەن!!! ئىنىڭىز شاسىڭ!!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ساياھەت,قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,176 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: funny-journey-to-the-west.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سەزگۈ ئېكران تېخنىكىسىدىكى ئۇقۇم دەرىزىسى سەپلەنگەن Toyota ماركىلىق ئاپتوموبېل، مانا بۇ كەلگۈسى دۇنيا!
- كېيىنكى يازما > بىر قىسىم ئۆزگىچە ئايرىلىپ كېتىش سەۋەپلىرى، بەزىلىرىنى كۆرۈپ قان تۈكۈرۈپ سالىسىز!!
دىۋان
ئاجايىپ جېق رىۋايەتلەر يېزىلىپ كەتتى .
زىرىكىپ قالغانلارمۇ غەرىپكە ساياھەتنى يېزىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرامدىكىن
دىققەت قىلىڭلار قىزلار ، يەنە جۇباجىغا ئۇچراپ قالماڭلار.
كىم بىلىدۇ، ئاشۇ قىزلارنىڭ قانچىسى شاسىڭ؟
ناۋادا جۇباجى كورىيەگە كەتكەن بولسا جۇڭگۇلۇق خىنىملار كورىيەلىكلەر بىلەن نىمە بوپ كىتەر كۈنلەپ ئۇ يىگىتنى….
يەنە شۇ ئاچچىق تەنە!
ھىم ھىم…رومانتىزىم دەمدۇق بۇنى‹؟؟
ھاھا كارامەت قىززىقارلىق گەپلەر كەن دىسە……
يەنە بىر ۋارىيانتى بارغۇ بۇنىڭ…
تاڭسىڭ ۋە شاگىرتلىرى تۈمەنمىڭ مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، تاتاگاتانىڭ قېشىغا نوم ئالغىلى كىرسە، تاتاگاتا «بارماق دېسكا، كۆچمە دېسكا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ ئەكەلمىگەن بولساڭلار قايتىپ شۇنى تەييارلاپ كېلىڭلار، سىغىمى 80G دىن كىچىك بولمىسۇن» دەيدىغان…
قېنى، ئاخىرىنى قايسىڭلار داۋاملاشتۇرالايسىلەر…؟؟؟
بۇنى تورخۇمار داۋاملاشتۇرۇپ بەرسۇن !
tangseng-nom.html
تورخۇماردا بار . . . ئىزدەپ بېقىڭە
Forever نىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلمايلا ئا ئىنكاسنى يېزىۋېتىپتىمەن
ۋاي بەك پەچەت يۇمۇرلاكەنغۇ…..ئەتتىگەندە بىر كىلو كۈلىۋالدىم…
يەنە بامىدۇ؟
ئوتتۇرانجى ئاغا بۇ مەن شاسىڭ دېگەن يىرى ئەجەپ قىزىق چىقىپتا تازا كۈلىۋالدىم
ئوتتۇرانچى ئاغا مەن شاسىڭ دىگەننى نەچچە يىل بۇرۇن خەنچە بىر ھېكايە كىتابتىن ئوقۇپتىكەنمەن ، ماۋۇ تورخۇمار ئەجەب يۇمۇرلۇق تەرجىمە قىپتا
ناھايىتى قىززىقكەن چۈشەنمىگەنلگە ئامال يوق يازغۇچى غا رەخمەت
دەششەت قىزقار لق يېزىلىپتۇ.
ما تاقا-تۇقا
نەدە قېززىق تىتىقسىز ئانچە بولمايدىكەن
كىچىككىنە بىر قانچە يۇمۇرلار ئارقىلىق جوڭگۇ جەمىيىتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىلىپتۇ.