نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك جايلار، ئۈرۈمچىگە كەلگىنىڭىزدە چوقۇم ئەسقاتىدۇ

ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ئەھلى مۇسۇلمان : ئۈرۈمچىگە خوش كەپسىز ، مەيلى ئۈرۈمچىدە بىر كۈن تۇرۇڭ ياكى 10 كۈن تۇرۇڭ ۋە ياكى رەڭگارەڭ تۇرمۇشقا باغلىنىپ قېلىپ بوشىنالماي مەڭگۈ تۇرۇپ قېلىڭ، تۆۋەندىكىلەرنى بىلىپ قويسىڭىز پايدىسى تىگىدىكى زىيىنى تەگمەيدۇ.

1.مېھمانخانىغا چۈشسىڭىز ،ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى پارلاق رېستۇرانىغا ياكى بولمىسا چوڭ بازادىكى ئاقساراي مېھمانخانىسىغا قاتارلىق مېھمانخانىلارغا چۈشسىڭىز بولىدۇ . باھاسى بەك يوقىرىمۇ ئەمەس ، ياخشى يېرى كېچە بولغاندا قالايمىقان كېلىدىغان تېلفۇنلاردىن ساقلىنالايسىز .

2. ئەمدى ئادەم دىگەننىڭ لەغمەنگە ئىشتىياقى بەكرەك كىلامدىغاندۇ دەيمەن ، ئوخشىغان لەغمەن يەيمەن دېسىڭىز ،كونسول كوچىسىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى ئەشكەن لەغمەنخانىسىدىن يەڭ . ئىچى ئالاھىدە بىزەلمىگەن بولسىمۇ تامىقى ئالاھىدە ياخشى  . بىر ناچار يېرى بەك ئۇزۇن ساقلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، ھەمدە ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە غىزالىنىپ تازا ئەركىن بولالمايسىز .

3.ئۆپكە ھېسىپنى قەيەردە يىيىشنى بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر بىلىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ كونسول كوچىسىدىكى دىلبەر ئۆپكە ھسىپلىرى .

4.ھاۋا ئىسىپ كەتسە لەغمەن -سومەنگە كۆڭۈل تارتماي قالىدۇ . بۇنداق چاغدا كونسول كوچىسىدىكى ئەتىرگۈل راڭپىزىخانىسى ھاجىتىڭىزدىن چىقىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.

5.ئۈرۈمچىدە ئۇسسۇپ قالسىڭىز دوغاپ ئىچىڭ ، دابازا ، سانشىخاڭزا تەرەپلەردە بىر خىل توڭلاتقۇتىدىن ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ بۇلاقتىن چىققاندەك شارىلداپ تۇرىدىغان بىر خىل رەڭلىك سۇلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ ، قارىماققا ئۇسسىغان يەرگە تېگىدىغاندەك كۆرىنىدىغان بۇ رەڭلىك سۇلارنىڭ سۇچلىك تەمى بولسا نىمە دەي، بەربىر جورەن قىلىپ ساتقاندىكىن شىكەرنى ئازراق سېلىۋەتكەن بولسىدى ،شۇڭا دەيمەن بولسا مۇزدەك مىنىرال سۇ ئىچىسىڭىز ئۇسسۇزلىقىڭىزنى خېلى بېسىپ قويىدۇ .

6.مالاچۇەر دەپ بىر ئەخلەت تائام بار، شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ يەيدىغانلار باردە، ئەمدى زادى يەيمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز  يەنئەن يولى مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇددۇلىدىكى تار كوچىدىكى خۇمار زىقلىق يىمەكلىلىرىدىن يەڭ ، ھە نىمە بولسا خېلى ياخشى ، ئەگەر زادى خوگو يەيمەن دەپ قالسىڭىز ، خويەنشەنگە بېرىڭ ، ئورنى  خەلق مەيدانى ئەتراپىدە ، 68 يۈەن تۆلەپ قويۇپ ياخشى غەيرەت قىلسىڭىز  نەچچە يۈز يۈەنلىك تائامغا ئېغىز تىگەلەيسىز ، ، ئۇنىڭ ئىچىدە تاۋۇز قوغۇن ، ئالما نەشپۈت ، خوگونىڭ ھەرخىل تۈرلىرى ، كاۋاپ ، توخو ، پولو ، كاۋاپ توخو . شورپا ، سومەن ھەممىسى بار  ، ئېچىملىكنىڭمۇ ھەرخىلى بار.

7.كېندىجى دىگەنگە كەرو كىرمەڭ ، ھازىر چوڭ بازا كەينىدە تۈركىيەنىڭ ئەلبىك نامىدىكى كېندىجىگە ئوخشاش يەر ئېچىلدى ، رىۋايەت قىلىنىشىچە 100% ھالالمىش ،نى ھاجىملار ئايال توقاللىرىنى ، بالا ۋاقىسى بىلەن بىللە كىرىپ يەۋاتقىدەك.

8.ئەمدى ئۈرۈمچىدە بىرەر ئىش پۈتتۈرۈش سەۋەبى بىلەن چىققان بولسىڭىز چوقۇم بىراۋلارنى يەنى كانىيى يوغان غوجاملارنى مېھمان قىلىمسىڭىز بولمايدۇدە ، مائارىپ نازارىتىنىڭ يېنىدىكى باغۋەن تائام سارىيىنىڭ بېزىلىشى ئورنى خېلى ياخشى ، شۇ باھاسى سەل ئۆرە ، ئىش پۈتتۈرۈشتە پۇلىنىڭ كۆزىگە قارىمىغاندىكىن كىرىۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ  . ئەگەر سەل تىجەشلىك بولايمىكىن دىگەن خىياللاردا بولار بولسىڭىز سەنشىخاڭزا ئارقا كوچىسى تۇڭگانلار مەسچىتىدىن نەنمىن تەرەپكە 200 مېتىر ماڭسىڭىز ئەلقوت تېز تاماقخانىسى بار ،بېزىلىشى باغۋەن ،قورغانلاردەك بولمىسىمۇ بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ غىزالىنىشقا بولىدۇ ، ياخشى يېرى باھاسى مۇۋاپىق .

9.كەچلىرى ئۈرۈمچىنىڭ كەچلىك ھاۋاسىدىن ، كەچلىك ھاۋاسىدىن دىگەندىن كۆرە كەچلىك ۋاراڭ -چۇرۇڭلاردىن ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇراي دېسىڭىز داۋەن كەچلىك بازىرىغا مەرھەمەت قىلىڭ ! بۇ يەردە ھەممە نەرسە بار ، ئۆتكەندىلا تېخى جاڭچۈنشەن شۇجى كېلىپ نەچچە زىق كاۋەپ بىلەن نەچچە رومكا پىۋا ئىچىۋېتىپ ماختاپ كېتىپ قالدى.

10.تور خۇمارى بار كىشى دىگەن باشقا يۇرتقا كەلسىمۇ بىر يەرلىرى تورغا چىققۇسى كەپ تۇرىدۇ، چوڭ بازاردىكى مارس تورخانىسىنى بىلىۋېلىڭ! ئەلۋەتتە تورخۇمارغا چىقىپ يېڭى يازمىلاردىن ھوزۇرلىنىشنى ئۇنتۇماڭ!

11.لەغمىنى ئوخشايدىغان يەنە بىر ئېسىل جاي بولسا سەنشىخاڭزا ئالتۇن بۇلاقنىڭ يان كوچىسىدىكى تىللا تاماقخانىسى ، لەغمىنى خېلى كۈنلەرگىچە يادىڭىزدىن كەتمەيدۇ ، ئۆچرەتتە بەك تۇرمايسىز .

12.لېكىنزە ئۈگرە دىگەنمۇ ياخشى تاماق ، ئىككىنجى دوختۇرخانا ئۇددۇلسىدا ئاتۇش ئۈگرىخانىسى بار ، بۇ يەرنىڭ ئۈگرىسى بىلەن گۆشنان خېلى ئوخشاپ قالىدۇ لېكىن .

13.ئېرجەنزى سومەن ، يەنى لەغمەن سومەن ، بۇنىڭغا خوتۇن خەقنىڭ خېلى ئىشتىياسى بار ، نەنمىن شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىدىكى كىچىكرەك كەلگەن خانتەڭرى تاماقخانىسىنىڭ مۇشۇ نەرسىسى بەلەن .

14.يەنە بىر گەپ ،رامزان كەپ قالدى ئەمەسمۇ ؟ زولىقنى سىرتتىن ئەكىرىپ تەييارلاپ قويىمەن دېسىڭىز نەنمىن خانتەڭرى جامائەسىنىڭ يېنىدىكى تار كوچىدا گۆشناننىڭ قاتىلى بار ، ئۈرۈمچىلىكنىڭ گېپى بويىچە ئۆتتۈردىغىنى

ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن سىرت ئۈرۈمچىدە غىزالىنىشقا ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت سورۇنلىرى خېلىلا كۆپ. ھازىر دەل ساياھەت ئەۋجىگە چىققان مەزگىل ، يۇرت يۇرتلاردىن يۇرت ئاتلاپ ساياھەتلەر بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە تورداشلار بولسا ھەممىڭىلەر ئۆز يۇرتىڭلارنىڭ يوقىرىدىقىدەك ئورۇنلارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويساڭلار ساياھەت قىلماقچى بولغانلارغا پايدىسى بوپ قالار!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سەھرالىق 2011.07.28 , 23:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولاپتا، ئۈرۈمچىگە باغاندا لازىم بولا دەپ ئورۇن ئەپ قوياپ تۇدۇم تۇققانلا

  2. روھچىن 2011.07.28 , 23:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا ماتىمىنى.. . ئاجايىپ ۋاقتىدا كۆرۈپتىمەن. ئەتتىگەندە ئۈرۈمچىگە ماڭماقچى ئىدىم.
    يۇقۇرقى ئۇرۇنلارنىڭ ھەممىنى بىلىدىكەنمەن ئەمما بەزەنلىرىگە كىرىپ باقماپتىكەنمەن. خۇدا خالىسا بۇقېتىم چالا قالمايدۇ.

  3. چوڭ دادام 2011.07.29 , 01:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    موللىكا، ئاۋۇ ئەلبېك دېگەن ئاشخانا تۈرۈكلەرنىڭ ئەمەس ئەرەبلەرنىڭمىش، :grin:

  4. چوڭ دادام 2011.07.29 , 01:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    14. ماددىدا زوھورلۇق دىمەكچى بولغانمىتىلىكىن تاڭ، روزىلىق دەپ تۇرىدا؟ :?:

  5. پرېستان 2011.07.29 , 01:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايتىپ كېلەشىمدە ئاغىينەم كونسول كوچىسىدىكى دىلبەر ئۆپكە ھسىپلىرى پەيزى دەپ ئەكىرىپ 1 كىلو يەپتىكەنمەن. :mrgreen:

  6. ئەززام 2011.07.29 , 09:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەلبېك سەئۇدىنىڭ…

  7. ئۈرۈمچىلىك 2011.07.29 , 10:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈرۈمچىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغان بىرسى يازىدىمۇ؟
    تىللا لەغمەنخانىسىنى تەڭگە تاماقخانىسى دەپتۇ.
    ئەلبېك يۈز پىرسەنت سەئۇدىنىڭ ماركىسى. تۈرۈك مۇناسىۋېتى يوقمىش.

  8. ماتېماتىك 2011.07.29 , 10:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىر قاتاي، بۇ تاماقنىمۇ يېگىڭىز كېلىدۇ ھەقاچان!!!
    15. توخۇ قوردىقى يەي دېسىڭىز، كونسۇل كوچىسىدىكى قوش ئامەت توخۇ قورداقخانىسىغا كىرىڭ. توخۇلىرىنىڭ تەمى شۇنداق ياخشى ، ئارتۇقچە پۇراق يوق. ئاشپەزلىرىدىن تارتىپ ھەممىسى ئۇيغۇر. قوردىقى شۇنداق ئوخشايدۇ.
    ======================================
    ماۋۇ «سومەن (چاۋمىيەن)» دېگەننى ئۇيغۇرچە «قورۇلغان چۆپ» دېسەك بولىدۇ. شۇڭا «ئېرجەنزى سومەن» دېگەننى «قورۇلغان لەغمەن چۆپ» دېسەك بولىدۇ. بۇلسا ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئاتاشقا ئەھمىيەت بەرسەك !!!

  9. بىلىملەر بلوگ 2011.07.29 , 12:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جۇۋاۋا يەيمەن دىگۈچىلەر 铁路局 گە بىر كەپ بېقىڭلار، چۇقۇم كۈندە كەلمىڭىسز دەپتىدە بىرەر قېتىم كېلىدىغان بۇلۇپ قالسىز.

  10. ئەركان 2011.07.29 , 12:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تور بەتكە خۇما بۇلۇپ قالدىم جۇما، ھەردائىم كىرسەم يىڭى يىڭى ، قىزىقارلىق تىمىلار تۇلۇپ تېشىپ تۇرغان، بەك ياخشى

  11. نۆل ۋە بىر 2011.07.29 , 13:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى كۆرۈپ يەنە بارغۇم كەلدى…

  12. خىيال 2011.07.29 , 17:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ دەپ قوياي راست. ناۋادا لىياڭپىزا يەيمەن دىسىڭىز 甜甜香 غا بىرىڭ . ھەممىسى بار .لىكىن زە خۇيزۇ يولداشلار لوبەن.كىيىم ئالىمەن دىسىڭىز.南门二غا بىرىڭ . قىزبالىغا خۇمارىم با دىسىڭىز 小西门儿نى ئايلىنىڭ ئىتنىڭ بىشىغا مۇشلىسىڭىزمۇ تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ ئۇ ئەرزىمەس خىنىملار. تىخى ھەممىسى سىتودىنت . يىۋىتىدىغاندەك قاراپ ماڭىدۇ. يەنجۇقىڭىزغا دىققەت قىلىپ قويارسىز ئەمما.
    تىلفۇن ئالاي دىسىڭىز 中山گە بىرىڭ. لىكىن ئالدىراپ كەتمەڭ. بەك بىكا بوپ قالغاندا ئاپىرات ئىلىپ 红山گە چىقىڭ ئورۇقلايسىز.

    • سەھرالىق 2011.07.29 , 21:44

      ئۇغامبالا ،راڭپىزىنى ئاز يىگۈلۈك:mad:

    • ئەلشات 2011.07.30 , 00:43

      توغرا دەيسىز، ئاڭلىشىمچە ئاشۇ 小西门儿 دا مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرنىڭ ئاتىشىدا «« ھايۋاناتلار باغچىسى »» دەيدىغان بىر بىنا باركەن، بىر قىتىم بىلمەي كىرىپ قاپتىمەن، قارىسام ساپلا قىزبالىلار يىرىم يالىڭاچ كىيىنگەن، ئۆز ئىشىمنى تۈگىتىپلا ئاستا قىچىپ چىقتىم، كىيىن شۇ يەردىكى بىر دوستىمىزغا دىسەم ھايۋاناتلار باغچىسىنى ئايلىنىپ چىقىپسىزدە دىگەنتى ئەجەپ خىجىل بولۇپ كەتتىم.:???:

    • دۆت بالا 2011.07.31 , 19:50

      ئەلشات ‹‹ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ›› كىرىپ نىمە ئىشىڭىزنى تۈگۈتۈپ چىققان ؟ :grin::grin::grin: (چاق چاق) ……. دېمىسىمۇ مىلىتىمىز نىمە بوپ كىتىپ بارىدىكى تاڭ…….

  13. تەشنا 2011.07.29 , 17:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈرۈمچىگە بىرىپ قالسام چوقۇم لازىم بولىدۇ .

  14. تەشلەپكە 2011.07.30 , 03:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا بەك ئەسكى ئادەملەر باكەن، مۇشۇنداق تىمىلانى يوللاپ ئادەمنىڭ ئاغزىغا سىرىق سۇ كەلتۈرۋەتتى ،:cry: بىزدەك چەتئەلدىكى مۇساپىرلار بۇنداق تىمىنى كۆرسەك ھازىرلا ۋەتەنگە ئۇشقىمىز كىپ كىتىدىكەن .بىراق ئامال يوق، مەن بۇ تىمىنى facebook قا يوللاپ قۇيدۇم . بۇ تور بىكەتنى تىخىمۇ كۆپ چەت ئەلدىكى قىرىنداشلىرىمىز كىرىپ ئاۋات قىلغۇسى، رەھمەت ساڭا تورخۇمار!!

    • جۇشقۇن 2011.07.31 , 12:36

      ھەي ھەي تەشلەپكە ئىسمىڭىزدىن قارغاندا غولجىدىن ئوخشايسىز؟ ئاۋۇ facebook دىگەننى بەك قالتىس دەيدىغۇ؟ بىزنىڭ بۇياقتىكىلەر ياسىغىنى ئۇنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمىگۇدەك، شۇ facebook دىگەننى بىر كۆرسەك بولاتتى. ئەمدى تېمىغا كەلسەك يىقىندا ئۇرۇمچىگە بىرىشىم مۇمكىن بىراق ئۇنچىلىك كۆپ جايلارنى كۆرشۇم تەسەرەك تۇردۇ. كىيىىن ئوينىغىلى بارغاندا كۆرۋالارمەن.

  15. ئۇنىڭ 2011.07.30 , 04:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ يەنە بارغۇم كىلىۋاتىدۇ :cry:

  16. بەگزادە 2011.07.30 , 08:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈرۈمچىگە باغاندا تىلفۇنۇدا بۇ تىمىنى ئىچىپ قوياپ يول باشلاتساق بوغىدەك:mrgreen:

  17. رىتا1028 2011.07.30 , 20:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ساپلا يەيدىغان ئىچىدىغاننىڭلا تونۇشتۇرۇشىغۇ بۇ ، يېتەرلىك ئەمەسكەن ، يەنە بارمۇ ؟

  18. بىرزات 2011.07.31 , 12:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئاشخانا-ئۆپكە-ھېسىپ، راڭپىزىچىلار تېددىي غوجامنى ئەمدى بىر ئۆمۈر مىھمان قىلىدىكەن دە، جان بېقىشنىڭ يولىنى تېپىپلا:mrgreen::lol:

  19. Forever 2011.07.31 , 14:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەدبىركار ئەپەندىم قوساققا ئامراقمۇ نېمە؟
    ساپلا ئاشخانىلارنىلا تونۇشتۇرۇپتۇ :lol:

  20. ئۇيغۇرتېكىن 2011.07.31 , 16:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نان تېگىدىغان يازما بوپتۇ

  21. سادا 2011.08.01 , 16:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تولۇقلاپ قوياي!
    تورغا چىقاي دىسىڭىز مۇھىتى ، تور سۈرئېتى ياخشى 海狮 غا بىرىڭ،راڭپىزىغا ئىشقى بارلار 天天凉皮 يىيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!پولو يەيمەن دىسەڭلا ئەنجۈر ياكى دولاندىن يەڭلا،ئەتكەن چاي دىگەن كونسۇل كوچىسىدا ئەڭ ياخشى.لەغمەن بىلەن كاۋاپنى بوغۇندىن يەڭ!…….ئويناي دىسىڭىز سۇ ئۈستى باغچىسى بىلەن قىزىل تاغنى ئايلىنىپ بىقىڭ. ھاۋارايى يار بەرسە جەنۇبى تاغقا چىقىپ ئات مېنىپ كىلىڭ! ۋاي جىقكەن ……

  22. كروران 2011.08.04 , 11:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېلىمۇ ئىسىمدە ،كىچىك چاغلادا ئاپام لەغمەننى لېگەندە ئەپ بېرەتتى يەپ بۇلۇپ يەنە بىر لېگەن يەيتتۇق ، ئۈرۈمچىگە چىقسام ئامدى چاي ئىچىدىغان پىيالىدە لەغمەن ئۈسۈپ بېرىدىغان بوپ قاپتۇ …. نىمىشقا ھازىرقى ياشلانىڭ قۇۋىتى تۆۋەنلەپ كەتتىكىن دەپتىمەن….:mrgreen:

  23. كىراۋۇس 2011.08.06 , 16:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سۇيقاش ئىچكۈڭىز كىلىپ قالسا ، بەخىت يولى تەرەپكە بىرىڭ 幸福路 ، شۇ تەرەپتە بىر خۇيزۇلارنىڭ مەنپەرخانىسى بار. پۈتۈن ئۈرۈمچىگە داڭلىق.

    جىمجىتلىقنى خالىسىڭىز ، جەنۇبى باغچا 南公园 گە بىرىڭ . ئادەم ئاز ، مۇھىتى ياخشى .

    كونسول كوچىسىدىكى يېڭى ئارماننىڭ بىناسىنىڭ ئالدىدىمۇ كەچلىك بازار قاينىغىلى تۇرۇپتۇ . ساپلا ئارمان ئۆزىنىڭ يىمەك ئىچمەكلىرىنى ساتىدىكەن. ئىشەنچىلىك پاكىز.

  24. كىراۋۇس 2011.08.06 , 16:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تونۇر كاۋاپ يېڭۈڭىز كەلسە ، كونسول كوچىسىدىكى ئىلىجان خوتەن تونۇر كاۋابلىرىغا بىرىڭ.

  25. سەمىي 2011.08.08 , 00:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىلىۋالدىم رەھمەت

  26. بىغەم 2011.08.10 , 22:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆپكە-ھىسىپ يىيىشكە دىلبەرخان بولماي قالدى. مەن ئۇرۇمچىدە تۇرغىلى بىر يىل بولدى. ھازىر تەمى تۇنجى قىتىم يىگەندەك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۇسىتىگە ئۇستەللەرنى تازىلاپمۇ قويمايدۇ.
    ئۇنىڭ يىنىدىلا بىرسى باركەنغۇ؟ تەمى بولىدىكەن. مۇھىتى دىلبەرگە قارىغاندا خىلىلا ياخشى.

  27. بىغەم 2011.08.10 , 22:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نارىن چۆپ ئىچىدىغانلار سەنشىخاڭزادىكى ئاتۇش نارىنخانىسىدىن ئىچسەڭلار بولىدىكەن. پاچاقلىرىنىمۇ ئالامەت ياخشى پىشۇرىدىكەن.

  28. رازۋىتچىك 2011.08.11 , 16:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا..مانا،قورساق ماقراسى قايناپ كىتىپتۇ….ھورساقنىڭ غېمى دەڭلا!!!
    راسگەپنى قىلسام تىللانىڭ لەغمەنلىرىنى بەك سېغىندىم.:grin:

  29. تەلىمات 2011.08.12 , 23:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىسى ئويناش، ياشاش ئۈچۈنلا كەلمەس. ئىلىم مەرىپەت ئىزدەيدىغانلارمۇ باردۇ. ئۈرۈمچىدە دەسلەپكى قەدەمدە يۇلىقىدىغىنىڭىز تىل مەسىلىسى. شۇڭا ئاتلان بىلەن تەۋپىقنىمۇ زىيارەت قىلىپ، تىل بايلىقىغا تويۇنۇپ بولۇپ، ئاندىن نەنىلا ساياھەت قىلماڭ تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇغۇ دەيمەن.

  30. مەنگۈنۇر 2011.08.15 , 18:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋۇ بۇ يەردە تاماقنىڭ پارىڭى بۇپ كىتىپتىغۇ …:!:

  31. رويال 2013.06.27 , 12:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىلىۋالدىم رەھمەت

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量