نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

چۈش سەيلىسى قىلىۋاتقانلارنى ئويغىتىۋەتسە راستىنىلا ئۆلۈپ قالامدۇ؟ بۇ قاراشنىڭ زادى قانداق ئاساسى بار؟

كۆپىنچىلىرىمىز مۇنداق بىر گەپىنى ئاڭلىغان بۇلىشىمىز مۇمكىن : ئەگەر بىر ئادەم چۈش سەيلىسى قىلىۋاتقان بولسا ئۇنى ھەرگىز ئويغاتماسلىق كېرەك، ئەگەر ئويغاتساق چۈش سەيلىسى قىلىۋاتقان ئادەم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ، بۇ خىل قاراشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەت كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كۆز قاراشلىرى بىلەن قارمۇ-قارشى ئىكەن، چۈنكى چۈش سەيلىسى قىلىۋاتقان ئادەمنى ئويغىتىۋېتىش ئەمەلىيەتتە شۇ ئادەمنى قۇتقۇزغانلىق بولىدىكەن.

چۈش سەيلىسى قىلىۋاتقان ئادەم دائىم ئاجايىپ غەلىتە ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىدىكەن. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆز كۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ چۈش سەيلىلىرىدە ئىچ كىيىم بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىش، ئۆزى يالغۇز ئاشخانا ئۆيگە كېرىپ تاماق ئېتىپ، ئۆزى بىر قوشۇقمۇ يەپ باقماي ئارقىسىغا يېنىپ كىرىپ ئۇخلاپ قېلىشتەك ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەن ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا بىر قىسىم كىشىلەر  ئەگەر مۇنداق چاغدا ئۇلارنى ئويغىتىۋېتىدىغان بولسا ئۆزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىن قورقۇپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن دەيدۇ. بۇنىڭغا مۇتەخەسسىسلەر ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشىدىن ئويغىنىپ قورقۇپ ئۆلۈپ كېتىشى، خۇددى  ئۆلۈپ كېتىپ چۈش كۆرۈپ ئەمەلىيەتتە راست ئۆلۈپ قالغىنىغا ئوخشاش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن دەيدۇ.

چۈش سەيلىسى بىر خىل ئادەتتىكى كېسەللىك بولۇپ، ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكى ئىچىدىكى بىر خىلى. نۇرغۇن ئادەملەر چۈش سەيلىسى قىلغاندا تۇرمۇشتىكى ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ،مەسىلەن: كارىۋاتتا ئولتۇرۇش،ئۆيدە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىش،كىيىم كىيىش ياكى سېلىش… قاتارلىق.يەنە ئاز ساندىكى بەزى ئادەملەر سەل مۇرەككەپ ئىشلارنى قىلىدۇ،مەسىلەن: تاماق ئېتىش،كىر يۇيۇش، دېرىزىگە يامىشىش، ماشىنا ھەيدەش… ۋەھاكازالار. مۇنداق چۈش سەيلىسى كۆپىنچە بەك قىسقا بولىدۇ، بەزلىرى بىر قانچە سېكۇنتتا ئاخىرلىشىدۇ. ئاز بىر قىسىملىرىنىڭ 30 نەچچە مىنۇت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.

ئامېرىكا مىننېسوتا شتاتى ئۇيقۇ توسالغۇسىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىدىن كارلوس شېنك (Carlos Schenck)مۇنداق دەيدۇ : «چۈش سەيلىسى قىلغاندا، ئادەم يېرىم ئويغاق ھالەتتە تۇرىدۇ.بۇ جەرياندا، چوڭ مېڭە دېلتا دولقۇنى بىلەن زېتا دولقۇنى تارقىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال دەل ئادەمنىڭ غۇۋا ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا چۈش سەيلىسى ئادەم قاتتىق ئۇخلايدىغان ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بۆلەكتە يۈز بېرىدۇ، بۇ ئىككى بۆلەكتە چوڭ مېڭە دېلتا دولقۇنى تارقىتىدىغان بولغاچقا ئادەم ئاساسەن چۈش كۆرمەيدۇ».

شېنك يەنە مۇنداق دەيدۇ : «يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ چۈش سەيلىسىنىڭ خەتىرى باشقىلارغا قارىغاندا سەل چوڭراق بولىدۇ. ئەگەر بىر بالا چۈش سەيلىسى قىلسا ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىپ 45 مىنۇتلاردىن كېيىن ئۇنى ئويغاتساق ئۇنىڭ ئۇيقۇسى بۇزۇلىدۇ. مۇنداق چاغدا، بالىنى تىنچلاندۇرۇپ كارىۋىتىغا چىقىرىپ قويۇش كېرەك، بۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل».

17%بالىلار ئاز بولغاندىمۇ بىر قېتىم چۈش سەيلىسى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 11-12 ياشلارغىچە بولغان بالىلارنىڭ نىسبىتى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. ياشلىق مەزگىلىدە چۈش سەيلىسى قىلىش قېتىم سانى ئازلايدۇ، ياش چوڭايغانسېرى چۈش سەيلىسىمۇ ئاز بولىدۇ. چوڭلارنىڭ ئاران %ى2.5 بەزىدە چۈش سەيلىسى قىلىدۇ.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. جۇغلان 2011.08.01 , 22:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇرۇن ئاڭلىغان ، شۇ چاغدىمۇ بۇگەپكە ئىشەنمىگەن، مانا دىگىنىمدەك قۇرۇق گەپكەن.

  2. كارۋانىم 2011.08.01 , 23:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا مەنمۇ ئاڭلىغان،پالانى ئۇخلاپ جۆيلۈپ ياتاقتىن چىقىپ كىتىپ قاپتۇ…دىگەندەك،لىكىن كۆرۈپ باقمىدىم:???:

  3. سەھرالىق 2011.08.02 , 01:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېسىمدە قىلىشىچە مەنمۇ بىر كۈنى كەچتە سىرىتقا چىقىپ كېتىپتىكەنمەن، دادام سىلكىشلەپ نەچچە مۇشت قويسىمۇ ئويغانماپتىكەنمەن، كىيىن قانداق بولدۇم كۆزۈمنى ئاچسام دادام بېلىكىمگە چىڭ ئىسلىۋاپتۇ، ئۆزەم ھويلىدا يۈرىمەن… تولىمۇ ھەيران قالغان ھەم خېجىل بولغان ئىدىم،شۇندىن كىيىن ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ ياتىدىغان بولدۇم:mrgreen:

    • GoodLuck 2011.08.02 , 10:01

      مېنىڭ تولۇقسىزدا بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان، مۇشۇنداق جۆيلۈپ تۇرۇپ كەتسە، قولىغا چىققانلا نەرسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىكەنتۇق، ئۆزىنىڭ خروم بەلتاسمىلىرىنىمۇ تارتىپ ئۈزىۋىتەتتىكەن، بۇ ۋاقىتتىكى كۈچنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەنتۇق.

  4. ئۇنىڭ 2011.08.02 , 10:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ چۇش سەيلىسى قىلغۇم كىلىۋاتىدۇ ، سىرىتقا چىقىپ بىر ئايلىنىپ كەلسە نىمدىگەن ياخشى . :mrgreen:

  5. نۇرلۇق 2011.08.02 , 12:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئۆتكەن يىلى ياتاقتا يېرىم كېچىدە ئورنۇمدڭن تۇرۇپ ياتاقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەممىسىگە قارىۋىتىپ«ھەي باللا ئىشكاپقا گۆش سېلىپ قويدۇم، ئېلىپ يەڭلا» دەپتىكەنمىزمەن، باللا سەت قورقۇپ كېتىپ ئەتىسى ماڭا مۇشۇداق دېۋىدى ئىشەنمىدىم، كېيىن يەنە بىركۈنى ئۈستىمدىكى كارۋاتتا ياتىدىغان ئاداشنى تاتلىغاندەك ھالەتتە«سۈت قېنى ماڭا سۈت بەر» دەپ تارتىشلاپ كېتىپتىكەنمەن. ئاتىسىدىن باشلاپ ئاۋۇ ئاداش « خۇش بوپ كېتەي ئاداش، نىمە قىلساڭ مەيلى، ماڭا چېقىلما» دەپ كېتەتتى…:lol:

    ئۆزۈممۇ سەل قورقۇپ قالدىم. كومپىيوتېر بىلەن توختىماي ھەپىلىشىپ ۋاقتىدا ئوخلىماي مۇشۇنداق بوپ قالدىممىكىن دەيمەن. ئەمدى ئۆتگە كەلسەم ھەر ھالدا خۇداغا شۈكرى. ئاكام ئۇ-بۇ دېمىدى. قارىغاندا ئوڭشىلىپ قالغان ئوخشايمەن.

    «دىۋان قېنى دىۋان، ماڭا دىۋان بەر، تېز بول… ئالە… قېنى دىۋان دەيمەن»….:mrgreen:

  6. روھچىن 2011.08.02 , 13:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرخوشنىمىز كىچىسى يالىڭاچ تۇرۇپ كىتىپ، ئېتىنى مىنىپ ئۈيىدىن بىركىلو مىتىرچە يىراقلاپ كىتىپ، ئېتى بىر ئېرىقتىن ئۆتكەندە سۇ چاچىراپ كىتىپ ئويغىنىپ كىتىپتىكەن.
    ئۇندىن كىيىن ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قۇيۇپ ياتىدىغان بۇلۇپ قالغان

  7. ئەلشات 2011.08.02 , 16:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھى ھى ھى! مەن بۇنى بايا تىخى نۇرتورىدا كۆرگەن، نۇر تورىمۇ كۆچۈرمىكەش ئوخشىمامدۇ؟:lol:

    • ھەۋەسكار 2011.08.02 , 19:44

      يامان لاۋزا بالىكەنسىز! چىيەنلوڭنىڭ زامانىسىدا بولسىڭىز، ئاغۋات قىلىپ قويۇپ خەقنىڭ كەينىگە پايلاقچىلىققا سالىدىغان ئىشتىكەن سىزنى!

    • پرېستان 2011.08.02 , 21:15

      ھەۋەسكار قاتىل يۇقۇرچىكەن!:mrgreen:

    • پرېستان 2011.08.02 , 21:16

      ھەۋەسكار قاتىل يۇمۇرچىكەن!:mrgreen:

    • ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى 2011.08.03 , 04:16

      ئەلشاتنىڭ لاۋزىلىقىنى ئەمدى بىلگەنما ؟ ئادەمغۇ ئەمەسكەن بۇ بالا ! ئاغزى ھاجەتخانىدىكى سېېىپ ئېچىپ كەتكەن پوقتىن ئۆتە ! ئىشقىلىپ شۇ ئاغزى ئۇزۇن ئۆتمەيلا چىشىنى چۈشۈرۋىتىشكە سەۋەب بولىدۇ ! راست دېدىڭىز ، ئاغۋات دەپسىز ! بۇنى كۆتلا قىلىۋىدىغان لاتا لاۋزا بۇ ! ئەسلى ئۆزۈڭ ئوغرى ، كۆچۈرمىكەش !
      ئەلشات دىگۈچە ئەلكۆت دېسە بولغۇدەك !

    • روھچىن 2011.08.04 , 03:20

      ئەڭ ياخشىسى سەتلەشمەيلى ئاغىنىلەر.
      ھەممە ئادەم بىر قېلىپتا بولمايدۇ. كىچىككىنە يەردە سىغىشماي، بىرىمىزئۇنداق، بىرىمىز مۇنداق، دەپ يۈرسەك سەت تۇرىدىكەن.

  8. دوكتۇر ۋەتەن 2011.08.03 , 12:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرنېمە دېمەك تەس، بەزىدە ئويغىتىۋىتىش ھەقىقەتەنمۇ خەتەرلىك. ئىشقىلىپ بۇ بىر خەتەرلىك كېسەللىك ئالامىتى ئىكەن، مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۇرىدىغان يىلى ، مەكتىۋىمىزگە يېڭىدىن كەلگەن بىر قازاق قىزنىڭ شۇنداق كېسىلى باركەنتۇق، ئۇ بىرنەچچە قېتىم قولىدا پىچاق، يېرىم كېچىدەئوغۇللار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا يۈرۈپتىكەن…
    شۇ مەزگىللەردە ئوغۇللار ياتاق بىناسىنى ۋەھىمە قاپلاپ كەتكەن :cry:

  9. شەمسى 2011.08.03 , 13:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭ بىر قوشنىمىز شۇنداق بىر ئىشنى دەپ بېرىدىغان، ياش ۋاقتىدا ئىككى تەڭتۇشى بىلەن جاڭگالغا ئوتۇنغا بېرىپ، كېچىسى گۈلخان يېقىپ شۇ يەردە يېتىپ قاپتىكەنتۇق، بىر چاغدا قوشنىمىزنىڭ كۆزى ئەمدى ئۇيقىغا ئىلىنغانىكەن بىر دوستى چۈشەكەپ تۇرۇپ كېتىپ، سېلىپ ياتقان پالازلىرىنى سۆرىگەنچە يۈگۈرگىلى تۇرۇپتۇ، قوشنىمىز ھوي نېمە بولدۇڭ دېگەنچە كېلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلغانىكەن، ئۇنىمۇ قوشۇپ سۆرەپ قونغان يېرىدىن خېلى يىراق بىر يەرگىچە ئاپىرىۋېتىپتىكەن.

  10. ئۈشقول 2011.08.03 , 13:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر ھىلىقىندەك جەسەت يەۋاتقان بولسا ئويغاتساق ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ ساراڭ بولۇپ قالا

  11. بۆرەيار 2011.08.04 , 11:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا ئىنكاس كۆرۈشمۇ ھۇزۇر ئىش:mrgreen:

  12. ئىزدەن 2011.08.10 , 20:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تېخى ئويغىتىۋەتسە بولمامدىكىن دەپ ئويلاپ يۆرۈپتىمەن!
    كىرگۈملا كېلىدۇ دە مۇشۇ تورخۇمارغا….

  13. كەچكۇز 2011.08.22 , 13:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چوقوم ئولوپ قالىدۇ ھامان بۇركۇنى

  14. ئالمىچى 2013.03.12 , 01:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي مەن مۇشۇ تۇرخۇمارغا تىمىنى ئەمەس ئىنكاسنى دەپلا كۇندە يۇقلايمەن دىسە يامان قىززىق ئىنكاسلار كۇپ جۇمۇ :lol:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量