نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

جۇڭگۇلۇقلاردىكى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان توققۇز ئىش

مەن ئىزچىل جۇڭگۇلۇقلارنىڭ پىكىر قىلىش ۋە ھەركەت قىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىمەن، قانۇنىيەتلىرى ۋە ئەندىزىلىرى ھەققىدە ئىدىنىۋاتىمەن، بۇنداق بولغاندا ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا پايدىلىق بولاتتى. مېنىڭچە جوڭگۇ مەدەنىيەت، ئۆرۈپ ئادەت، رەسىم- قائىدە قاتارلىقلار ئىنتايىق قويۇق جەمئىيەت، يۇقارقىلار ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن. بىراق، بەزى ھادىسىلەرگە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بولغاچقا، بۇلارنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم، شۇڭا نەزىرىمدىكى «جۇڭگولۇقلاردىكى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلار» نى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، بۇلار نىسپى بولۇپ، ئۇمۇمىي يۈزلۈك ئەمەس، ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس.

جيايتىڭ جىيايى
(ياپونىيە)
بىرىنچى، جۇڭگۇلۇقلار ئۆز دۆلىتىنىڭ «ئىستىمال بېجى»نىڭ قانچە پىرسەنت ئىكەنلىكىنى نېمىشقا بىلمەيدۇ؟ باج يىغىش ھەر بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولوپ تۇرۇشىنىڭ يولى، ئىستىمال ھەربىر پۇقرانىڭ مەۋجۇت بولوپ تۇرۇشىنىڭ يولى، دۆلەت پۇقرالار تاپشۇرغان باج بىلەن مەۋجۇت بولوپ تۇرالايدۇ. ياپونىيىدە، ئىستىمال بېجىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ ئىش، ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلالمىسا، چوقۇم تەخىتتىن چۈشىدۇ، ئىچكى كابېنت غۇلايپ چۈشىدۇ. %5 ۋە %8 پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇم، بىراق بارلىق جۇڭگۇلۇقلار دىگۈدەك نەرسە كېرەك سېتىۋالغاندا دۆلەتنىڭ قانچىلىك تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ.
ئىككىنچى، جۇڭگۇلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ قان تىپىنىڭ زادى قايسى تىپقا كىرىدىغانلىقىنى نېمىشقا بىلمەيدۇ؟ ياپونىيىدە كىشىلەر قان تىپىنى سوراشقا ئادەتلەنگەن، جۇڭگۇلۇقلار يۇلتۇز تۈركۈمىنى سوراشقا ئادەتلەنگەن، بۇ، تۇرمۇشتىكى بىرخىل ئادەتتىكى ئىش، لېكىن بىراۋ ئۆزىنىڭ قان تىپىنى بىلمىسە چاتاق چىقىدۇ. «قان» ئادەمنىڭ ياشاپ تۇرۇشىنى بەلگۈلەيدۇ. كىچىك چېغىمدا ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ نۇرغۇن قان چىقىپ، قان جىددىي سېلىش لازىم ئىدى، ئەگەر ئاتا ئانام شۇ چاغدا مېنىڭ قان تىپىمنى بىلمىسە چاتاق چىقاتتى، مېنىڭ جېنىمنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالالمايتتى. قان تىپىنى بىلىش ئاددىي بىر ساۋات، «ۋاقتى كەلگەندە» كېسەل كارۋىتىدا تەكشۈرۈشنىڭ ئورنى يوق.
ئۈچىنچى، جۇڭگۇدا نېمىشقا بۇنچە كۆپ «دوكتۇر ئەمەلدار» لار كۆپ؟ مەن تونۇيدىغان ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار، بىراق، ئۇلار دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان چاغدا ئەمەل تۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولوپ، دەرسكىمۇ قاتناشمايدۇ، ھەممىسىدە دىگۈدەك ئىلمىي ماقالە يازالىغۇدەك ساپا يوق، ئۇلار ئەمەلدار بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى سىياسىي ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەپ، «ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن تېگىشىدۇ». جۇڭگۇدىكى دۇكتۇرلۇق ئۇنۋانى شۇنچىۋالا ئەرزانمىدۇ؟ ياپونىيىدە، بۇنداق قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر بۇنداق سىياسىيون ياكى ئەمەلدار بولۇپ قالسا، ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن رەسۋا قىلىنىپ، سالاھىيتىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالىدۇ. مەن ياپونىيىلىك بىرقانچە دوكتۇر ئەمەلدارنى تونۇيمەن، ئۇلار ئادەتتە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ ياكى خىزمىتىنى توختىتىپ، مەخسۇس ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرەپ قىلىپ ئۇنۋان ئالغان، ھەرگىزمۇ ۋەزىپىدىكى «ئاسپىرانت» لاردىن ئەمەس.
تۆتىنچى، جۇڭگۇدا، مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، «جىنسىيەت» كە بولغان تونۇشى ۋە بىلىمى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. كۈزىتىشىمچە، نۇرغۇن جۇڭگۇ ياشلىرى جىنسىيەتكە قارىتا توغرا چۈشەنچىدە ئەمەس ئىكەن. بۇ ئىش ئەۋلاد قالدۇرۇشتەك چوڭ ئىشقا چېتىلىدۇ، شۇڭا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. ياپونىيىدە، تولۇقسىزمەكتەپتىن باشلاپلا  «ساغلاملىق تەنتەربىيە دەرسى» تەسىس قىلىنغان بولوپ، ئوغۇل،قىزلار بىرلىكتە جىنسىيەت تەربىيەسى قۇبۇل قىلىدۇ، ھەمدە بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىدۇ. بىراق، نۇرغۇن جۇڭگۇلۇق ئوقۇتقۇچىلار بۇ تەربىيىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاتالمىش «سېرىق فىلىم» ئارقىلىق جىنسى تەربىيە ئالىدۇ، بۇنى چۇڭقۇر ئىجتىمائىي مەسىلە دېيىشكە بولىدۇ.
بەشىنچى، جوڭگۇلۇقلار يىغىن ئېچىۋاتقاندا نېمىشقا تېلفونىنىڭ ئاۋازىنى ئېتىۋەتمەيدۇ ھەم قاپ يۈرەكلىك بىلەن تېلفۇن قۇبۇل قىلىدۇ؟ بۇنى ئەدەپسىزلىك ھېساپلىمامدۇ؟ بۇ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ «ئابروي مەدەنىيىتى» گە زىت كېلىدىغان بولوپ، يىغىننىڭ ئۈنۈمى ۋە تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئىناقلىق ۋە تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدۇ. راستىنى دىگەندە، مەن پەقەت چىداپ تۇرالمىدىم، ھەر قېتىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاشۇ ئەدەپسىز ئاتالمىش مۇتەخەسىس ئالىملارنى ئەدەپلىگۈم كېلىپ كېتىدۇ. جۇڭگۇنىڭ يىغىن زالىدا ھېمىشە ئادەملەر بارا بارا ئاز قالىدۇ، يىغىن باشلانغاندا نۇرغۇن ئادەملەر كىرىدۇ، كۆپچىلىك بىر قېتىم چاي ئىچىپ بولوپلا، ئىسىم كارتۇچكىلىرىنى ئالماشتۇرۇشىدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر مەقسەتلىرىگە يېتىشكەندىن كىيىن يىغىن زالىدىن ئايرىلىشىدۇ. خەلقئارالىق يىغىندا، ئاخىرغىچە قاتنىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى چەتئەللىكلەر، جۇڭگۇلۇقلاردىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ياكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يىغىندىن بالدۇر قايتىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئالدىرىشدۇ. مېنىڭچە، ئۇمۇمىي يۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان بۇ  خىل ئىستىل جۇڭگۇنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئالتىنچى، جۇڭگۇلۇقلار نېمشقا ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى قايتۇرمايدۇ ياكى قايتۇرسىمۇ نېمىشقا بۇنچە ئاستا؟ مەن جوڭگۇلۇقلار بىلەن ئېلىكتىرون پوچتا يولانمىسىنى ئارقىلىق ئالاقىلىششقا تاقىتىم قالمىدى، ئامالسىز تېلفون ئۇرىمەن، ياكى بىۋاستە يۈز تۇرانە سۆزلىشىشكە مەجبۇر بولىمەن. جۇڭگۇلۇقلاردا ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئىشلىتىدىغان ئادەت يوقمۇ ياكى ماڭا پەرۋاسىز قاراۋاتامدىغاندۇ؟ نۇرغۇن چەتئەللىكلەر بۇنىڭدىن «رەنجىيدۇ». مەن باشقا ياپونىيلىكلەر ياكى باشقا باشقا چەتئەللىكلەر بىلەن تېز، ماس قەدەم بىلەن خەت ئالاقىسى قىلالايمەن، مېنىڭچە بۇ، ئىشەنچنىڭ ئاساسى. ئەمەلىيەتتە ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى يۈز كۆرۈشتىكى تەننەرخنى تىجىگىلى بولىدۇ، تېلفۇنغا سېلىشتۇرغاندا، پىكىر يولىنى رەتلىۋالغىلى بولىدۇ. ھەمدە ئىش بىجىرىش ئۈنۈمى ۋە مۇۋەپپىقيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مېنىڭچە، جوڭگۇلۇقلار ئېلىكتىرۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بىلمىسە كېرەك.
يەتتىنچى، جۇڭگۇدا نېمىشقا بۇنچىۋالا «بىكارچىلار» كۆپ؟ بىلىمەن، جۇڭگۇدا ئادەم كۆپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئىشسىز قالدى. يىراقتىكىنى قويۇپ تۇرايلى، بېيجىڭدەك بىر دۇنيانىڭ مەركىزىدە، ھەرقانداق ۋاقىتتا بىكار ئادەملەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار ھەركۈنى قوشنىلىرى بىلەن پاراڭلىشىشىدۇ، ماجىياڭ ئوينىشىدۇ، شاھمات ئوينىشىدۇ. ئەجىبا ئۇلارغا راستىنلا قىلىدىغان ئىش يوقمىدۇ؟ تولۇقسىز ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، جوڭگۇدا ئاز دىگەندە، 3، 400يۈز مىليۇن بىكار ئادەملەر بار ئىكەن. مەن ئويلايمەن، ئاشۇ بىكار ئادەملەر نېمە يەيدىغاندۇ؟ دۆلەت تولۇقلىما بېرەمدىغاندۇ؟ تۇغقانلىرى پۇل بېرەمدىغاندۇ؟ ياكى قىمار ئوينامدىغاندۇ؟
سەككىزىنچى، جوڭگۇدىكى ھاجەتخانىلاردا نېمىشقا قەغەز يوق؟ بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا ئاساسەن دىگۈدەك قەغەز بار، ئەمما، نۇرغۇن تاللا بازارلىرى، ئاشخانا، كىتابخانا، ئاممىۋىي ھاجەتخانىلاردا قەغەز قويۇلمايدىكەن، بۇ، ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، ھاجەتخانىنى تېخىمۇ قالايمىقان، تېخىمۇ مەينەت قىلىۋىتىدۇ. پاكىزلىقىنى ، مەدەنىيلىكنى، تەرتىپنى ساقلاش نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇمۇمنىڭ ياكى شەخسنىڭ بولسۇن، مېنىڭچە دۆلەت بەلگۈلىمە چىقىرىپ، بارلىق ئاممىۋىي، شەخسي سورۇندا چوقۇم قەغەز بولۇشىنى تەلەپ قىلسا بولاتتى.
توققۇزىنچى، جۇڭگۇدىكى ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ ئشىغا نىمانچە ئۇزاق ئارلىشىۋالىدۇ؟ نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ غەمخۇرلۇق قىلىدۇ، ئۆي ئېلىش، ماشىنا سېتىۋىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆي كۈچۈش دىگەندەك. بۇ ياشلار ئەقىللىق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزىگە تايىنىپ ماڭالمايدۇ. ياپونىيىدە، بالىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاساسەن يېرىم مۇستەقىل بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش پۇلىنىڭ يېرىمىنى ئاتا ئانىسىدىن ئالغاندىن سىرت، قالغانلىرىنى ئۆزى ئىشلەپ تاپىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۈزۈل كېسىل مۇستەقىل بولىدۇ. ياپونىيىنىڭ بالىلىرى ئاتا ئانىلىرىدىن قەرز ئالىدۇ، مەن دادامدىن ئالغان 50مىڭ يۈەن قەرزىمنى تېخى قايتۇرۇپ بولالمىدىم.


无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 21 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ھونزادە 2011.08.07 , 14:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    .ئەمىليەتتە ساناپ كەلسە توققۇزدىنمۇ كۆپ چىقىدۇ؟ مەسىلەن:
    نىمىشقا جۇڭگۇلۇقلار ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چىكىۋىرىدۇ؟
    نىمىشقا جۇڭگۇلۇقلار دىنغا ئىشەنمەيدۇ؟…. دىگەندەك.

  2. سەھرالىق 2011.08.07 , 15:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەجەپ ئۇزۇن بوپ كەتتى تورخۇمارغا كىرمىگىلى :roll:

  3. ئەلشات 2011.08.07 , 16:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يەردە ئىلخەت نى ئانچە ئىشلەتمەيدۇ ماۋۇ چ چ پىچى لارنى بەك ئىشلىتىدۇ، ئەمەسمۇ، ئوبۇرنىغا قەغەز قويۇپ قويماسلىق قەغەز پۇلىغا چىدىمايدۇ. بىكارچىلارنىمۇ باقىدىغانلار باردە، ياكى تاپقاندا تىپىۋىلىپ كىيىن بىكار يىتىپ يەيدۇ، چاشقاندەك. ھى ھى

  4. GoodLuck 2011.08.07 , 17:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاممىۋى ھاجەتخانىلارغا قەغەز قويۇپ قويۇلسا، ئەگەر قەغەز ساندۇقىغا قۇلۇپ سېلىنسا تارتىپ چىقىرىپ، قۇلۇپ سېلىنمىسا ھەممىنى بىراقلا كۆتۈرۈپ مېڭىپ، بىر يۆگەم قەغەز نەچچە مىنۇتتىلا تۈگەپ كېتىدۇ. بۇ ياپونلار جۇڭگوچە ھاجەتخانا مەدەنىيىتىنى نەدىنمۇ بىلسۇن.

    • پرېستان 2011.08.07 , 23:13

      ھىچ بولمىسا چالما قويۇپ قويغان بولسىمۇ مەيلىتىغۇ… :mrgreen:

  5. خىيال 2011.08.07 , 18:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش بۇلارلام ئەمەس ئىكەن. مىنىڭ مەھەلەمگە بارسىڭىز 1كۈندە مانچە يۈز يۇەن پۇل تىپىشنى بىشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ بۇ نىمە ئۈچۈن دىمەيسىز

  6. نۆل ۋە بىر 2011.08.07 , 19:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    …دەپ كەلسەك گەپ جىق…ھىم.

  7. كارۋانىم 2011.08.07 , 23:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جۇڭگودا ئىلخەتنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى تۆۋەنمىكىن دىسە ئۇنداق ئەمەس،ھەممىدە دىگۈدەك ئىلخەت بار،ئۇنداق ئەمەسمىكىن دىسە…

  8. دىغار 2011.08.08 , 12:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي! بۇ دىگەن جوڭگوچە مەدەنىيەت، جوڭگوچە ئىغارلىق! بۇنى چەتئەللىكلەر نەدىنمۇ چۈشەنسۇن! جوڭگودىكى ئىشلار دىگەن جوڭگوچە بولىدۇ!

  9. تۇ غيار 2011.08.08 , 14:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياپۇنلۇقلار زادى ئەزەلدىن جۇڭگولۇقلارنى كۆرەلمەيدۇ :mrgreen:

  10. شىرۋاجىم 2011.08.08 , 21:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە بۇنىڭ بەزىللىرىنى بىزلەرمۇ ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ كۆرسەك بولىدۇ .ئاشۇ ئۇستىدە دىيىلگەننىڭ قانچىسىنى بىزلەر قىلالىدۇق ..

  11. روھچىن 2011.08.09 , 18:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇقۇرقى مەسىسىلىلەر ئۇيغۇرلاردىمۇ ئوخشاشمىدۇ؟

  12. ياغما 2011.08.10 , 01:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزلەرىمۇ جۇڭگۇلۇق، جۇڭگۇدا ياشاۋاتىلا، سىلىدىمۇ ئاشۇ توقۇزىنىڭ يېرىمىدىن جىقراقى با!!!!!

  13. تەمبۇر شاھزادىسى 2011.08.10 , 10:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە بۇلانى ئاڭلاپلا قويساق بوغىدەك ، بولمىسا ئاچچقتىن بوغىلىپ :twisted: كىتىمىزكە .

  14. جەسۇر 2011.08.13 , 21:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جۇڭگۇدا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلار بەك كۆپ :cry:

  15. مەنگۈنۇر 2011.08.15 , 17:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋۇي خېلى ياخشى كۈزۈتۈپتۇ…ھەممىسى ئەمىلىي ئەھۋال -دە…ھەي دۆلىتىمىزدىكى كۆز بويامچىلىق،سەللە يوغان ئىمان يوق،سۇپۇر يوغان بىر نان يوق..شەخسىيەتچىلىكلەر قاچانمۇ بۇ كۈزەتچىلەرنىڭ تەلپىگە ئۇيغۇن كېلەلەر؟؟؟؟

  16. يولوچى 2011.08.26 , 17:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىسى ئەمەلىي ئەھۋال~~قاچان ئوڭشىلاركى~~

  17. تەمكىن 2011.12.01 , 01:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى تىما ئىكەن .جۇڭگولىق قا تون پىچىپ تۇدە ھەمىلا نەرسىنى پۇلدا ئولچەپ ھەمنى قىلىپقا سالمىز دەپ ئاخىرى ئوزى چىدماي ئورمان لىقتا ئولىۋالدىغانلار جۇڭگوچە مەدىن يەتنى نىمە بىل سۇن

  18. دوكتۇر 2011.12.01 , 20:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    «بىكارچىلار»بېزدە كۆپقۇ؟

  19. مەن 2013.01.29 , 22:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن گەپلەركەنغۇ. بۇلۇپمۇ دۇكتۇر باشلىق دىگەنلار راستقۇ؟

  20. ساددا 2013.02.04 , 15:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس بەك كۆپ :eek:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif