Super Mario نىڭ بارلىق ئۆتكىلىنى 19 مىنۇتتا تۈگىتىش – قوشۇمچە ئويۇننى چۈشۈرۈش
Super Mario(بىز كىچىك چېغىمىزدا سەيموگو دەپ ئاتىۋالىدىغان ئويۇن شۇ) نىڭ دۇنيادىكى ئەك كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئارىمىزدا بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانلار يوققۇ دەيمەن؟ يېقىندا بىر تورداشنىڭ بۇ ئويۇننىڭ بارلىق ئۆتكەللىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تاماملىغان سىن خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم، تېز تاماملىغىنىغۇ بوپتۇ، بىراق بۇنداق يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئوينىۋەتكىنىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ ئاغزىم ئېچىلىپ قالدى…
قوشۇمچە Super Mario ئويۇنى بىلەن 魂斗罗 – Contra ئويۇنىنىڭ PC نۇسخىسىنى قالدۇرۇپ قوياي. ئويۇننىڭ ئومۇمى سىغىمى 300KB ئەتراپىدا، قاچىلاش ھاجەتسىز. چۈشۈرۈپ پرىستىن يېشىپلا ئويناشقا بولىدۇ، ئويۇننىڭ بارلىق كۆرۈنمە يۈز ۋە ئۆتكەل ئەھۋالى بۇرۇنقى كلاسسىك نەشىرى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش، ھەتتا تېخى يىراقتىن تورلاشتۇرۇپ ئويناشقىمۇ بولىدۇ!
قوزغىتىش ئۇسۇلى: پرىستىن يەشكەندىن كېيىن ئىچىدىكى VirtuaNES.exe ناملىق NES تەقلىدچىسىنى قوزغىتىمىز ۋە 文件 تىزىملىكىنى بېسىپ نۆۋەتتىكى ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى rom دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ ئىچىدىن ئويۇننى تاللاپ بەرسەكلا بولدى.
پرىستىن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
ھۆججەت چۈشۈرۈش مەنزىلى: SuperMario + Contra بولاق نەشىرىنى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن,سىن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,731 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: super-mario-clearance.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىزىل ئارمىيە ئىجادىيەتنى توختاتقىنى يوق – ۋاسكېتبول ماھىرى فىلىمىنىڭ ناخشىلىرى!
- كېيىنكى يازما > بالىلىق دەۋرىمىزدىكى كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى – كوچا زومىگىرى ئەڭ يېڭى نەشىرى
تېخى ئىككى تاشپاقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىڭپ كېتىدىغان يەرلىرى بار…
ما گۇينى،بىرەر قاراقچى دىتال(ۋەيگۇا)ئىشلىتىپ يۈرمىگەندۇ ھە؟
3-1 مەيداننىڭ بايراق چۈشۈرۈش مۇراسىمى پەيزىكەن ھەي!
بىزنىڭ فىزىكا مۇئەللىمنى باي قىلغان ئويۇن بۇ، ئۆيىدىكى تېلېۋۇزۇرغا چېتىپ قوياتتى، ئوقۇغۇچىلار كۈنۈم كۈنۈم نۆۋەت ساقلاپ ئوينايتتۇق. بىر نۆۋەت ئوينىشىمىز 5 مو غۇ دەيمەن. بەزى گۇيلار بىرەر سائەت ئۆلمەي ئويناپ مۇئەللىمنىمۇ جىلە قىلىپ قوياتتى …
ماۋۇنىڭ ئىسمى موگو، سەيموگو دىگەن يەنە بىرسى، ئۇنىڭدا mario مەخسۇس كۆتتاتلارنى يەيدۇ.
چوقۇم ساقتىلىق ئىشلەتكەن يەرلىرى بار، بەزى يەرلىرىدە گۈل قىسىۋالدى، بەزى يەرلىرىدە ئوت كالتەككە دەسسىۋالدى، يەنىلا ئۆلمەيدىكەن بۇ ئاداش.
ئۆزى ئوينىغاندەك قىلمايدۇ جۇما ، كونتروللىغۇچنى بۇنداق تىز سۈرەتتە باسالايدىغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ ئادەمنىڭ !
نىماندا چەپەر
مەن بېرەر سائەتتە تۈگۈتەلەيمەن.
كەينىەگە قاراپمۇ ئالدىغا ماڭىدىكىنا بۇ چوقۇم ساختىلىق ئىشلەتكەن
بىراق ئىنكاسى ھەقىقەتەن تىز ئىكەن