نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > رەقەملىك دۇنيا, چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما كۆرۈش

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا «رىۋايەتلەردىكى iPhone 5» جۇڭگو بازىرىدا سىرلىق ھالدا پەيدا بوپتۇ!!!

ئالمىنىڭ بايراقدار مەسھۇلاتى بولغان iPhone نىڭ تۇنجى نۇسخىسى بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە iPhone(ئايفون) سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلىگىنى يوق، ھەر قايسى جايلاردىكى iPhone ھەۋەسكارلىرى، ھەر دائىم مۇشۇ قارارنىڭ ئالدى كەينىدە iPhone نىڭ يېڭى نەشىرى ھەققىدە غۇلغۇلا قىلىشىپ يۈرۈشىدۇ ۋە iPhone نىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ تىزراق بازارغا سېلىشىنى كۈتىدۇ. بۇ يىل سېتىۋ جوبىسنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغاچقا، بۇ قېتىملىق iPhone نىڭ يېڭى نەشىرىنى بالدۇرراق ئېلان قىپتۇ ، تۆۋەندە بىز بەشىنچى ئەۋلاد ئايفون iPhone5 كە دائىر بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى كۆرۈپ باقايلى…

1. بەشىنچى ئەۋلات ئايفوننىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. بۇ لاھىيەدىن قارىغاندا ئالما شىركىتى ئىچكىردىن خەلق ئىشچىلىرىنى يانفۇن لايھىلەش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. يەنە تېخى كۇنۇپكىلارمۇ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.

2. بەشىنچى ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى . بۇ كۆرۈنۈشتىن بۇ قېتىملىق يېڭى نەشىردىكى ئايفونغا 3 مىليۇن پىكسلللىق كامىرا سەپلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

3. ئايفوننىڭ قوزغىلىش ھالىتى. يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ئالمىلىقىلار بۇ قېتىم ئېكراننىڭ سۈپىتىنى ياخشى ئويلاشمىدىمۇ قانداق؟ بۇ چوقۇم ئايفون ھەۋەسكارلىرىنى ئۈمسىزلەندۈرىدۇ.

4. قارىماققا يېڭى نەشىردىكى iOS مۇ چىققان ئوخشايدۇ ، قارىماققىلا بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. قارىغاندا ئالما شىركىتىمۇ MTK تىپلىق CPU لارغا قىزىقىپ قالغان ئوخشايدۇ.

5. ئالما شىركىتىنىڭ مەخسۇس جوڭگۇ بازىرى ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشىنى كىم ئويلىغان؟ بۇنىڭغا قوش كارتا چۈشىدىكەن . شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى ، ئاۋازىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. چۈنكى بۇ جوڭگۇ بازىرى ئۈچۈن لايھىلەنگەن ئايفوندە.

6. بۇ قېتىملىق يېڭى نەزىرىدە تېلفۇننىڭ مېيىنى چىقىرىپلا ئۇنۋېرسال زەرەتلىگۈچكە چاتسىڭىز بولىدىكەن. بۇرۇنقىدەك سىمغا تاينىپ زەرەتلەش ئۇسۇلىغا تايىنىپ قېلىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 24 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
باھا بېتى: 1 2
  1. يانغىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماش توربەتتە دەششەت قىززىق گەپلەر بولدۇ-دە!!!!! :grin: :grin: :grin: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

باھا بېتى: 1 2
 汗