كۆزىڭىزنى ئېتىپ تۇرۇپ «مەن كىم؟» دەپ سورىغانلارنىڭ ھەممىسى تونۇشىڭىز بولۇشى ناتايىن…
مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇراتتىم، تۇيۇقسىز كەينىمدىن بىرى كېلىپ كۆزۈمنى ئېتىۋالدى…
ـــــ كىمسىز؟ – سورىدىم جىلە بولۇپ.
ـــــ قېنى مېنىڭ كىملىكىمنى تېپىپ بېقىڭە؟ – بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ـــــ مەن بىلەلمىدىم، بولدى كۆزۈمنى قويۇۋېتىڭ، – دېدىم بىرئاز تېرىككەن ھالدا.
ـــــ بولمايدۇ، تاپالمىسىڭىز ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن، ياخشى ئويلاپ بېقىڭ، مەن سىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىڭىز، ئىككىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس، – ئۇنىڭ ئاۋازى سەل بوغۇلۇپ چىقتى.
ـــــ سىز شىياۋۋاڭمۇ؟
ـــــ ئەمەس.
ـــــ شىياۋلىمۇ؟
ـــــ خاتا.
ـــــ شىياۋجاڭمۇ ئەمىسە؟
ـــــ ياخشىغۇ، سىزمۇ چاغلىقكەنسىز، ئۇنىۋېرسىتېتقا چىققىلى نەچچە ئاي بولا – بولمايلا ساۋاقداشلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز – ھە؟ ئەمدى مېنى مېھمان قىلمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ؟ – دېدى ئۇ تېرىككەن قىياپەتتە.
ـــــ بولىدۇ، بولىدۇ. مەن سىزنى مېھمان قىلاي، قولىڭىزنى قويۇۋېتىڭ، – دېدىم مەن ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ.
ـــــ مېھمان قىلىشقا ماقۇل بولدىڭىز – ھە؟ لېكىن مەن ئىشەنمەيمەن، ھازىرقى ئىسىتۇدىنتلار بىر ـ بىرىدىن ھىيلىگەر، مۇنداق بولسۇن ئەمىسە، سىز سومكىڭىزنى ماڭا تۇتقۇزۇڭ، قېچىپ كەتمەڭ يەنە؟ – دېدى ئۇ قولىنى سەل بوشىتىپ.
مەن سومكامنى ئۇنىڭغا بەرگەندىن كېيىن ئۇ قولىنى بوشاتتى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، كۆزۈمنى ئاچالماي قالدىم، كۆزۈمنى بىر ئاز ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن يانچۇقۇمدىن كۆزئەينىكىمنى ئېلىپ تاقاپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم. كەينىمدە ‹‹ساۋاقدىشىم›› كۆرۈنمەيتتى.
نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭقىرالماي بىر ھازا ھاڭۋىقىپ تۇرغاندىن كېيىن قاتتىق ۋارقىرىدىم:
ـــــ ئوغرىنى تۇتۇڭلار…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق,ھېكايە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,193 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: who-i-am.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مارىيو تاغا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى مۇردىلارغا يولۇققاندا…
- كېيىنكى يازما > iPhone دىن كەلگەن يەنە بىر ئىجادىيلىق: iPhone غا قامىلىپ قالغان ئادەم
ھا ھا ھا …. ئەجەپ بىر قاپاق باش بىرنىمىكەن بۇ ~!
ھى ھى …… قىزلارمۇ ئوغۇرلىق قىلىدىكەن دىسە …
شۇنداق قىلىپ سومكا يۇقالدىما ؟
مەن بۇندىن كىيىن كۆزۈمنى ئىتىۋالغانلار بىرنەرسەڭنى تۇتۇپ تۇراي دىسە قەتتى بەرمەيمەن ھى ھى ھى …..
مىق قېقىپ قويۇپ تۇراي جۇما،
نەدە بۇنداق ئىش با؟ ھەقانچە بولسىمۇ قولنى بوشۇتۇش ۋە كەينىگە قاراش ۋاقىت ئارلىقى ئۇنداق ئۇزۇن بولماس؟! بۇ مىنىڭ قارىشىمچە 70% ئويدۇرما ھىكايە!!!!
جىڭ!
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن.
كۆزنى قاتتىق بېسىپ بىر ھازا ۋاقىت تۇرۇپ قويۋەتكەندە . كۆز قاراڭغۇلىشىدۇ . قارىشى تەرەپ تەيارلىقسىز تۇرغان ھالەتتە قېچىپ ئۈلگۈرۈش تامامەن مۈمكىن .
شۇ!!!!
تۆت كۆزلەر بولسا بۇنداق ئوغىرىلار بۇ ئامالنى ئىشلىتەلمىگۈدەك ھە!؟
ئەمىسە مەن ئەڭ ياخشى نامزاتكەنمەن(ئۇيغۇربەگمۇ بار)
ئاللا…
تۆت كۆز بولسىمۇ ئىتىۋالىدۇ بەزى يۈزى قېلىنلار كۆزەينەكنى مىجىپ
نىمە بۇ؟؟
بۇنداق ئىشلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ.
ئۆزۈڭنى چىڭ تۇتۇ، قوشناڭنى ئوغرى كۆرمە دەيدىغان گەپ بەر!
ۋاي توۋا مۇنداقمۇ ئوغرىلىق قىلىدىغانلارمۇ باركەندە، ئوغرىلارمۇ شۇشەنلىشىپ كېتىپ بارامدۇ نېمە؟
ئاشۇ ئوغرى سىزمۇ تېخى لەدىي گاگا
ئۇنىڭدىنمۇ يامىنىغۇ بىز؟ دىققەت قىلىڭ سىزنىلا ئوغۇرلاپ كەتمەي يەنە ؟
ئىم، تازا چا بازارچىغا ئۇچرىدىممۇ نېمە؟
ھەجەپ قىزززقچى ئوغرى كەنغۇ بۇ ئاداش ،،،،،،،،،
سەھرالىق ، ئوغرىلىنىپلا كېتىڭە بولدى
مەن قەشقەردە بىڭسى بولسا ئوغىرلاپ كەتسۇن، ئاۋۋال 119 غا تىلىفون قىلىپ ئىككى قوشنىسىنى چاقىرىشنى ئۇنتۇماي…ئاندىن تاماششا بولسا كۆرەرمىز
شۇ باھانىدە لەدىي گاگا بىلەن بىرەر پارچە سۈرەت ئويناپ قويسام، قىز دوستۇمنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ، (يارىشىپ) ئەپلىشىپ قالامدۇق تېخى
ئاق-پىچاق، كۆك پىچاق،
قىزىپ كەتتى بۇ چاقچاق ۋەت …………….