نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

بىر ئەر iPad 2 ئارقىلىق توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان! بويتاقلار iPad كە سەل قارىماڭلار!!!




توي تەكلىۋى قويۇشنىڭ ئۇسۇللىرى خېلىلا كۆپ. ئەمما، iPad 2 بىلەن توي تەكلىۋى قويغاننى تېخى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم.

ئامېرىكىنىڭ كالېفورنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق جوردان(Jordan) ئىسىملىك بىر يىگىت، قىز دوستى جېشكا(Jessica)غا توي تەكلىۋى قويماقچى بولغان، بىراق كونا قېلىپلىشىپ كەتكەن ئۇسۇللارنى ئىشلەتكۈسى كەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن جوردان جېشكانى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە بىر دانە iPad2 سېتىۋېلىپ، كەينىگە «ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟» دېگەن خەتنى ئويدۇرغان، ئاندىن ئۇنى قىزىل شەمشاد دەرىخى بىلەن پۈركەنگەن پالىساندىر ياغىچى باغچىسىغا تەكلىپ قىلغان، دەل قىزىل شەمشاد دەرىخى ئاستىدا، iPad2 نى جېشىكاغا سوۋغا قىلغان.

نەتىجىدە بۇ توي تەكلىۋى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان! جېشىكامۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا «خالايمەن!» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئەمما تېخىمۇ كومىدىيەلىك يېرى شۇكى، جېشىكا گېپىنى تۈگىتىپلا، تاقەتسىزلىك بىلەن iPad 2 نى ئېلىپ ماڭغان. قارىغاندا، جېشىكا جوردانغا قارىغاندا iPad 2 نى بەكرەك ياخشى كۆرگەن بولسا كېرەك؟



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 15 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 02-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: ipad2-propose.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پرېستان 2011.04.02 , 00:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بىرنى ئېلىپ سىناپ باقمىسام كېيىنچە… :grin:

    • ۋىروس 2011.04.02 , 11:45

      ھازىرچە نىپىز ئېكىرانلىق تېلىۋېزور بېرىپ تۇرۇڭ بولمىسا !

  2. ئەززام 2011.04.02 , 01:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق تەلەپنى ئايپەدنى بىلمەيدىغان قىزغا بىرىپ توي تەلىپى قويسا ئارقىغىمۇ قارىماي كېتە.. :mrgreen:

  3. ۋىروس 2011.04.02 , 11:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىجارە Jordan قويۇلۇپ كەتتى دىسەم ئىشەنمەيسىلە ھەقىچان !

  4. رازۋىتچىك 2011.04.02 , 13:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ!!!

  5. سۇمپىيان 2011.04.02 , 15:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭدا ipad مۇھىم ئەمەس جىشكا مۇھىم. :cry:

  6. ياۋايى 2011.04.02 , 17:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىپاد قا تۇرۇپتۇ ئۇ قىز … مەن تىخى بىرەر ماھارەت قىپ تەكلىپ قويغان ئوخشايدۇ دىسەم …ئىپادنىڭ كەينىگە خەت ئويۇپ سوۋغا قىپ تەكلىپ قويۇپتۇ …

  7. چەۋەندازلار بلوگى 2011.04.03 , 13:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىغاندا بۇ i pad نى تازا ئېلان قىلاي دىگەن ئوخشىمامدۇ :mrgreen:

  8. شاھزادە 2011.04.03 , 14:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالما شىركىتىنىڭ ئىلانىمۇ بۇ تىخى كىم بۇلىدۇ… :???:

  9. تورباجىن 2011.04.03 , 20:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا شۇنداق نوچىمىىدۇ بۇ ئايپەد 2 دىگەن كەمپۇتەر.

  10. ئىخۋان 2011.04.04 , 13:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ipad نى ئالغاندىن كىيىن توردا باشقىنى تاپامدۇتېخى!! :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  11. كۆك كەپتەر 2011.04.05 , 23:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالتۇن بىلەزۈك ياكى زەنجىر بىلەن قويسا، تېخىمۇ ئاسان بولار؟ :???:

    • بەگزادە 2011.04.06 , 00:23

      نەلەردە يۈرۈيسىلە ۋوي كەپتەرجان؟ ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشكەن بىلەن ماۋۇ iPad نىڭ باھاسى چۈشمىدى، قىزلار ئوبدان بىلىدۇ جۇما بۇنى :mrgreen:

  12. كۆك كەپتەر 2011.04.06 , 00:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەمنى كومپىيۇتېر ئالدىدىن ھەيدەپ بولالمايۋاتقاندا، iPadنىڭ قەدرىنى بىلىشى بىرگەپ جۇما. گۇاڭچاڭدا ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇشى مومكىن. :???: :mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif