ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان 600 دىن ئارتۇق خىزمەتكارى بار دەرىجىدىن تاشقىرى شەخسى تۇرالغۇ!!!
ھىندىستاندىكى بىرىنچى باي مۇكاش ئامبان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ قىممەت دەرىجىدىن تاشقىرى شەخسى تۇرالغۇدىن بىرنى سالغان، تۇرالغۇ جەمئىي 27 قەۋەت بولۇپ، پۈتكۈل شەھەرنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدىكەن، 600 دىن ئارتۇق خىزمەتكار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، 9 دانە لېفت سەپلەنگەن، ئىمارەتنىڭ چوققىسىغا ئايروپىلان توختىتىش ئورنى تەسس قىلىنغان، ئۆي ئىچىگە داڭلىق رەسىملەر ۋە ئالتۇن رەڭلىك ئاسما چىراغلار ئېسىلغان…ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ تۇرالغۇنىڭ باھاسى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئېگىزلىكى 173 مېتىر كېلىدىكەن…
ئۇنىڭدىن باشقا ئىچىگە بىر دانە چېنىقىش زالى، ئۇسۇل زالى، سۇ ئۈزۈش كۆلى، بىر مۇراسىم زالى، يەنە 50 نەچچە ئادەم پاتىدىغان ئائىلىۋى كىنوخانا سەپلەنگەن ئىكەن. ئۆگزىگە ئۈچ دانە تىكئۇچارنى بىرلا ۋاقىتتا قوندۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا 160 دانە ئاپتوموبېل سىغىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنداق چوڭ تۇرالغۇنى باشقۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، شۇڭا ئامبان بىراقلا 600 نەچچە نەپەر خىزمەتچى ياللىغان ئىكەن…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىمارەت، تۇرالغۇ، تۇرمۇش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: most-expensive-house.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر ئەر iPad 2 ئارقىلىق توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان! بويتاقلار iPad كە سەل قارىماڭلار!!!
- كېيىنكى يازما > بىر ئايال 19300 مېتىر يىپ بىلەن بىر دانە Ferrari ماركىلىق ئاپتوموبېلنى توقۇپ چىقىپتۇ!!!
- مارىيو بىزگە ئۆگەتكەن 10 چوڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى
- بىر مىنۇتتا قېرىپ كېتىش | ھېچكىم مەڭگۈ ياش تۇرىمەن دېيەلمەيدۇ، ياشلىقىمىزنى قەدىرلەيلى
- يېمەك -ئىچمەك مەسىلىسى كۆز ئالدىمىزغا تاشلانغان تەخىرسىز مەسىلە
- قىزلارغا …! | تەگسىڭىز پىروگىراممېرغا تېگىڭ! ئۇ سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىشى مۇمكىن!
- ئادەملەرنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋىتىپ بارغىنى بەلكىم يان تېلېفون بولۇشى مۇمكىن
- قۇلىقىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟ | قىزىقارلىق ئاڭلاش سىنىقى، قۇلىقىڭىز قېرىپتىمۇ ياكى تېخى شاشمىكەن؟
- تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئوغۇللار ئۇچرىشىشقا چىققاندا ھېساباتنى تەڭ قىلىدىغان قىزلارنى تېخىمۇ ياقتۇرىدىكەن
- ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىشلەنگەن ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى ئېلانلار
- ھازىرقى بايلىق ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىلەردىن ئايرىلىپ قالغانسىز؟
- خىزمەت تېپىش بەك تەس بولۇپ كەتتى…
ئالدىنقى قېتىم كەمەغەللەر شەھەر قۇلۇرۇشىغا پۇتلاشسىمۇ چاققىلى ئۇنىمامتىڭ دەپ غەلىيان كۆتۈرگەن بىنا مۇشۇغۇ.
قاراشقا يامان ئاقسا……….
ئاۋۇ يېنىدىكى بەش قەۋەتلىك بىنامۇ يا نىمانچە كىچىك كۆرۈنىدۇ.
نىمەنچە سەت بۇ بىنا
نىمانداق ئەسكى-تۈسكىدە تىزىپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان سەت بىنا بۇ…؟
…..
ھىندىستاندا نامراتلار شۇنداق كۆپ، مانىڭدەك بۇزۇپ چاچقىلى يەر تاپالمىغانلىمۇ شۇنداق كۆپ….
600كەمبەغەلنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدۇق دەر ھەقىچان؟…ھى ھى
ما دۇلقۇنجان، باياتى يوقتى، ئىنكاس يېزىپ بولغۇچە بىردەمدە تۆرگە چىقىۋاپتۇ…
مانا بۇ تور كۆرگۈچىڭىزگە بەكلا ئىشىنىپ كەتكىنىڭىزنىڭ ئاقىۋىتى
ھىندىستاننىڭ باشقا ئاھاللىرىنىڭ ئۆيى بىلەن ماسلاشقىننى سەزمىدىڭلارمۇ، قالايمىقانلىغۇ. ھىچقانداق سەنئەت پۇرىقىنى سەزمىدىم مەن .
كۆزۇمگە نىمانچە سەت كۆرۇندۇ بۇ
بۇنى سىرتقى كۆرۈنىشىگەقارىغاندا تۇرالغۇ جاي دىمەي يىغىۋېلىش ئورنى ( 收废站 )دىسە بولامدۇ نىمە؟
بۇ بىنانىڭ كۆرنىشىغۇ راس غەلىتىكەن ،لىكىن سىلەر دىققەت قىلدىڭلەرمۇ ئاۋۇ v شەكىللىك تۇرۇك بار يەرگە ،مىنىڭچە بۇيەر بىنانىڭ ئون نەچچىنجى قەۋتىگە توغرا كىلىدىكەن ئۇيەر دە بوشلۇق كوپ بىنانىڭ ئۇستىدىكى شۇنچە ئىغىر بىسىمغا بۇيەر قانداق بەر داشلىق بىردۇ؟ قارغاندا بىنانى لاھىلىگەن كىشى تالانلىق كىشىدەك تۇرىدۇ
بۇنىڭغا ئانچە ھەيران قالغۇدەكمۇ ئىش ئەمەسقۇ ؟ ئۇ W بولسا ئاساسى جەھەتتىن كۈرۈنمە يۈز ئۇنداق بېسىمغا بەرداشلىق بېرىدىغىمى ئوڭ تەرەپتكى رەسىم W ئۈستى سول تەرىپىدىكى لىمغىلا چۈشىدۇ خالاس سىزنىڭچە مۇشۇ W كۆتىرەلەيدىغان بولسا نىمە ئىش قىلىدۇ نۇرغۇن بىنالاردىكى چوڭ چوڭ لىملار ؟ ئەڭ ئاددىسى 高层 لارنىڭ بىرىنجى قەۋىتى ئاساسى جەھەتتىن زال، ئىش بىجىرىش تىجارەت زاللىرى قىلىپ بىكىتىلىدۇ، شۇ يەرگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ، ئەگەر ئاشۇ W شۇنچە يامان بولسا قۇرلۇشلاردا ھەجەپ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانماپتا؟
ئەگەر شۇ شەھەردە يادرو قىچىپ كەتسە نىمىمۇ بولاپ قالا ئۇ يە … ئويناپ كىلىدىغان يەلام بولىدىكەندە ….
ياۋ.. سېپ قۇياپتۇغۇ بىنا دىگەننى
نامراتلارغا ئىلھام بىرىۋېتىپتىدە ، ياخشى ئىشلىسەڭ مەندەك باي بۇلۇپ ئۆيدىمۇ باشقىلاردىن ئىگىز ئولتۇرىسەن دەپ .
بىناكارلىق سەنىئىتى جەھەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا بۇ بىنا ياخشى لايىھەلىنىپتۇ…ھىندىستاننىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭكىدىن قىلىشمايدۇ جۇمۇ؟!
بەزى قازالارنى ئويلىسا، بۇنداق ئېگىز بىنالار ئادەمنىڭ تېنىنى شۇركەندۇرۇىدىكەن
بۇ ئاداش ئۆي سىلىپ ئولتۇرغىچە مىھمان كۇتۇشتىنلا بىرنى ئاچسا 10يۇلتۇزلۇق مىھمان كۇتۇش بولىدىكەن بۇ
بەك سەتكەن بۇ بېنا