خىزمەت تېپىش بەك تەس بولۇپ كەتتى…
بىر بالا ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ،ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ خىزمەت ئىزدەپتۇ
چارۋىچىلىق ئىدارىسى
-ئۇكام بىر خىزمەت، سەل جاپالىق، مائاشى 3000 سوم
-بولىدۇ، بولىدۇ، مەن قىلاي، نېمە خىزمەت؟
-سەرادا ھاشىم دەيدىغان بىر دېھقاننىڭ ئالتە كالىسى بار، چىشى تولۇق چىقمىغان، شۇلارغا سامان چايناپ بېرىسەن!
-ۋاي مېڭىشە ۋا……
دېھقانچىلىق ئىدارىسى
-ئۇكام، بىر خىزمەت بار، 3500 سوم ئايدا، سەل ئاۋارە شۇ
-قىلىمەن، نېمە ئىش؟
-ھېلىقى ھاشىمنىڭ يېرى چوڭ، ساپىنى يوق، قارىسام ئىڭەكلىرىڭ ئۇچلۇق بالىكەنسەن، ئىڭكىڭكنى ھارۋىغا چاتىمىز، ئىڭكىڭ بىلەن يەر ئاغدۇرىسەن
-دادداڭ بېرىپ قىلىۋالسۇن
ئورمانچىلىق ئىدارىسى
-ئۇكام، ئامما لېكىن بىر خىزمەت بار، 4000 سوم، ئانچە تەس ئەمەس
-بولىدۇ، بولىدۇ، نېمە خىزمەت؟
-قولۇڭغا كورۇشكا ئېلىپ، ئاغزىڭ بىلەن دەرەخلەرگە سۇ پۈركۈيسەن!
-بولدى قىلالمىغۇدەكمەن……
سۇچىلىق ئىدارىسى
-بىزدە ئىش بار ئۇكا، مائاش 3500 سوم، سەل شۇ……
-قىلىمەن بولدى، نېمە ئىش؟
-بەدىنىڭگە سانلارنى يېزىپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئۆلچەيمىز!
-خاپا بولماڭلار، باشقا يەرگە باراي
بانكا
-بىزنىڭ ئىدارىدە بىر ئىش بار، 6000 سوم
-قىلىمەن، چوقۇم قىلىمەن، نېمە ئىش؟
-بانكىنىڭ ئىچىدە تىلىڭنى ساڭگىلىتىپ تۇرىسەن، پۇل سانىغانلار بارمىقىنى نەمدەيدۇ
-ئاپ……
تاللا بازار
-بىزگە كېلىپ ئىشلەڭ، 6500 سوم بېرىمىز
-نېمە خىزمەت؟ چوقۇم قىلىمەن
-بىزدە ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش كامېراسى يوق، شۇڭا سىز ئاۋۇ ئېگىز يەرگە چىقىپ، بوياق قەغەز تۇتۇپ، گۇمانلىق ئادەملەرنى سىزىپ چىقىسىز!
-مەن ئاۋۋال رەسىم سىزىشنى ئۆگىنەي!
ساقچى ئىدارىسى
-بىزدە نەقلا بىر ئاپشاركا كامتى، ئايلىقى 5000 سوم، پەقەت قاۋاپلا……
-خەپ……
شۇڭا، خىزمەتنى بەك تاللاپ كەتمەيلى، چوڭ كىچىك ھەممىسى خىزمەتقۇ….
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، خىزمەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,482 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: looking-for-work-humor.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(5)
- كېيىنكى يازما > بىر ئۆسمۈرنىڭ رامىزانلىق كۈندىلىك خاتىرىسى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
قىزىقتە…. خىزمەت تاپماق تەس،قىلماق تېخىمۇ تەس…..
بەك قىززىقارلىققۇ بۇ .تاس قالدىم كەينىمگە تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتكىلى .
-بىزدە بىر ئىش بار ،5000سوم.
-نىمە ئىش؟
-تورخۇمارغا كىرىپ دىۋانغا ياماشقانلارغا ‹‹مازكەن››دەپ باسىسەن.
ما گەپ راسما ؟ مانا ئۆزەم ئىشلەيمەن راس بولسا….
مەنمۇ ئىشلەيچۇ ئاداش! سېنىڭكىنىلا باسىمەن!
ئۆتتۈرۈپسە لېكىن!
ھاھاھا…ماۋۇ يامان قىززىقكەن
ئۈستىدىكى ئىنكاس ئالامەت كەپتۇ لېكىن
ھا ھاھا
ۋەخشى دەڭلا!
ئەڭ ئاخىردىكىسى بەك پوچىكەن .
ئەڭ ئاستىدا دېيىلگەن خىزمەتنى قىلىۋاتقلار كۈرمىڭغۇ بىزدە….
بولدى بۇنداق خىزمەتنى كىم ئىشلە؟؟؟
تورخۇمار ئادەم قۇبۇل قىلمامدىكەن ؟ wifi سىنى ئوينىغاچ باكاغا ئىشلەيتتىم .