نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(5)

يۇمۇر ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ. بۈگۈن توردىن يىغىپ تۆشىگەن بىر قىسىم يۇمۇرلارنى تۆكمە قىلاي، كۈلگۈدەك يەرلىرى بولسا بىللە كۈلىلى ھە

humor-0730

بىر يىگىت چەتئەلگە چىقىپ كېتىش ئالدىدا ، قىز دوسىتىغا ئۆزىنى ساقلىشىنى ئېيتىپتۇ ، بىر قانچە يىلدىن كىيىن يىگىت قايتىپ كەلگىنىدە قىز ئاللىبۇرۇن تويىنى قىلىپ بولغان ئىكەن . يىگىت قىزدىن نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى ساقلىمىغانلىقىنى سورىغىنىدا ، قىز :
-  سىز كەتكەندىن كېيىن مەيلى قانچە كەچ بولسۇن ، سوغوق ياكى يامغۇر ياغسۇن، ھازىرقى يولدىشىم ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ ، مېنىڭ ئىشتىن چۈشىشىمنى ساقلايدۇ ……
يىگىت ھەيران بولۇپ :
– شۇنىڭ ئۈچۈنلا سىز  مېنىڭ شوپۇرۇمغا ياتلىق بولدىڭىز ؟!……
********************************************
ئالىملار قەيەرنىڭ ھارىقى ئەڭ كۈچلۈك بۇلىدىغىنى ھەققىدە ئىزدىنىپ ، بىر چاشقانغا روسىيەنىڭ ۋوتكىسىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرسا ، چاشقاندا ھىچقانداق ئىنكاس يوق …… گىرمانىيەنىڭ بىراندىسىنى ئۇرۇپتۇ ، يەنىلا ئىنكاس يوق ……ئاخىرى شىنجاڭ غۇلجىنىڭ « قەھرىماننىڭ جاسارىتى » نى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپتىكەن ، چاشقان ھاۋاغا ئىككى مۇش تۆت پەشۋا ئېتىپ :
– قېنى ما مۈشۈك دېگەن ھارامزادە !……
********************************************
پىسخىكا دوختۇرى : يېقىندىن بۇيان نېرۋام بەك چارچاپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، دائىملا جىددىلىشىمەن ، پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ باقسام بولغۇدەك ……
دوستى : سەن بۇ كەسىپتە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگىنىغۇ ؟ باشقا دوختۇر ئىزدەپ نىمە قىلىسەن ؟
پىسخىكا دوكتۇرى : ئۇغۇ شۇ ، لېكىن مېنىڭ كېسەل كۆرۈش ھەققىم بەك قىممەت ……
********************************************
بىر يېزىنى كەلكۈن بېسىۋاپتۇ ، بۇ يېزىنىڭ چېركاۋسىدىكى پوپ « مېنى تەڭرىم ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ » دەپ ، چېركاۋنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋاپتۇ ، بىردەمدىن كېيىن ، كەلكۈندە بىر ياغاچ تاختىغا ئېسىلىۋالغان بالا كېلىپ ئۇنىڭغا :
– پوپ ، دەرھال مەن بىلەن كېتىڭ ، بولمىسا كەلكۈندە ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىسىز .- دېسە ، ئۇ :
-ھىچقىسى يوق ئوغلۇم، مېنى تەڭرىم ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ .-دەپتۇ . بالا ئىلاجىسىز كېتىپتۇ . يەنە بىردەمدىن كېيىن ، قولۋاق ھەيدىۋالغان بىر قىزچاق كېلىپ ئۇنىڭغا :
-پوپ ، دەرھال قولۋاققا چىقىڭ ، بولمىسا ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىسىز ! – دېسە ئۇ يەنە:
– ھىچقىسى يوق قىزىم ، مېنى تەڭرىم ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ .- دەپتۇ ، قىز ئىلاجىسىز قولۋاقنى ھەيدەپ كېتىپتۇ . يەنە بىردەمدىن كېيىن كاتىر ھەيدىۋالغان بىر يىگىت كېلىپ ئۇنىڭغا :
-پوپ ، دەرھال كاتىرغا چىقىڭ ، بولمىسا ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىسىز ! -دېسە ، بۇ جاھىل پوپ يەنىلا :
-ھىچقىسى يوق ، مېنى تەڭرىم ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ . -دەپ ئۇنىمۇ كەتكۈزىۋېتىپتۇ . ئاخىرى بۇ پوپ كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلىپ تەڭرىنىڭ ئالدىغا بارغاندا ، تەڭرىدىن نېمىشقا ئۆزىنى قۇتقۇزىۋالمايدىغانلىقىغا ئاغرىنىپتۇ ، تەڭرىم ئۇنىڭغا :
– مەن سېنى قۇتقۇزغۇلى بىر ياغاچ تاختاي ، بىر قولۋاق ، بىر كاتىر ئەۋەتتىم ، ئەجىبا ساڭا بىر ئاۋىئاماتكا ئەۋەتسەم ئاندىن چىقامتىڭ !……
********************************************
ئا: ھەي ، ماروژناڭغا بىر تال چىۋىن چۈشۈپ قالدى .
ب: خوپ بوپتۇ ! توڭلاپ ئۆلسۈن ……
********************************************
ئايالى : ئېدىسون لامپۇچكىنى ناھايىتى توغرا كەشىپ قىلىپتىكەن .
ئېرى : قانداق دەيسەن ؟
ئايالى : ئەگەر لامپۇچكا كەشىپ قىلىنمىغان بولسا ، بىز ھازىر شامنىڭ يۇرىقىدا تېلىۋۇزۇر كۆرەتتۇق ……
********************************************
بىر ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ماختاپ مۇنداق دەپتۇ :
– مېنىڭ ئېرىم مېنى ساراڭدەك ياخشى كۆرىدۇكى ، جۆيلىسىمۇ ماڭا شۇنداق تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ بېرىدۇ ، لېكىن شۇ ئىسمىمنى دائىملا خاتا چاقىرىپ قۇيىدۇ ……

9 بىلەن 6 ئۇچرىشىپ قاپتۇ، 9 ئىچ ئاغرىغان ئاھاڭدا
-بىچارە، ئايالىڭ ئۇرۇپ بېشىڭنى يەرگە، پۇتۇڭنى ئاسمانغا قىلىۋىتىپتۇ ھە……
6:ئۇف……ساڭا گەپ يوق

0 بىلەن 8 ئۇچرىشىپ قاپتۇ ،0 رەنجىپ:
-پىدىيىڭنى بوشراق تاقىساڭ بولمامدا ۋا، قېزىغا ئوخشاپ قاپسەن……
8:ئۇف……ساڭا گەپ يوق…

بىر كۈنى Z بىلەن N ئۇچرىشىپ قاپتۇ، Z كۆيۈنگەن ئاھاڭدا:
-قوپە ئاداش يەردە دۈم ياتماي، مەينەت ئەمەسمۇ؟
N: ۋاي ئىشىڭنى قىلە، ساڭا گەپ يوق!

شۇ كۈنى M كېتىۋىتىپ W نى كۆرۈپ قاپتۇ
-ۋاھ ۋاھ ئاداش، پۇتلىرىڭنى كېرىپ ئوڭداڭدا يىتىپسەنغۇ؟
W: ئۇف……ساڭا گەپ يوق

بىر كۈنى 1 بىلەن 10 ئۇچرىشىپ قاپتۇ
1: پاھ ئاداش، بۇياق كىم؟
10: قىزدوستۇم……
1: ھەجەپ بودەك قىزدوست تۇتىۋاپسەن، تاماققا يېتىش قىۋاتامسەن؟ھۇھۇ
10: مەن ھېچقانچە ئەمەس، ئانىڭغا قارا
1 بىشىنى كۆتىرىپ قارىسا 100 كېلىۋاتقۇدەك……
بۇچاغدا 11 كەپتىكەن، ھەممەيلەن:
-مىڭىشە، توڭ شىڭلىيەن

تۈنۈگۈن قىززىق، بىر يامان قىززىقچى ئاغىنەم بار ئىدى، تىكەسلىك، ھور قازانغا زىق چىلاپ يەپتىكەن ئۇنىڭ ئالدىدا، تۈنۈگۈن ماڭا قىززىقچىلىق قىلدى:
ئۇ: ئايىجان، ئايەي، قوساغىم ئاغرىدى يەي
مەن: قوساغىڭىزدىن ئاتى ئايلانسۇن، نىمىلەرگە ئاغرىدى يەي

ئۇ: بازارلاردا ساتاركەن، خۇيزۇ ئۇيغۇر ياساركەن، ئىچىگە لازا سالاركەن، ئۇنىڭ ئاتى قىززىق خوگو، شۇنىڭغا ئاغرىدى يەي!

ئاھاڭغا سالسا قىززىق تۇرىدىكەن، كۈلمىسەڭلار مەيلى، ئىشقىلىپ مەنمۇ كۈلمىدىم…

ئايال: ئەگەر ئاچچىغىمنى كەلتۈرسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
ئەر: ئاچچىقىڭىزنى ياندۇرىمەن
ئايال:قانداق قىلىپ؟
ئەر: ئۈچ تۆت كۈن ئۆيگە كىرمەي……
ئايال: ئۇف……بولدى ئاچچىقلىمايمەن……

بىر ھەدىمىز باتى مەھەللىدە، ئۆزىنى خەنزۇچىغا ئۇستا دەپ ئويلايدىغان، بىر كۈنى ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرسا بىر خەنزۇ خىزمەتدىشى:
-گۇلى، گەنما زو زەي جې لى؟ – دەپ سورىسا
-جىيۇۋسى تەيياڭ ئاستىدا رى لاپ ئولتادىم!
-سا؟؟؟

راست بولغان ۋەقە ماۋۇ……

ئەڭ ئاخىرىدا كونا يۇمۇر
تىزىملىغۇچى: ئىسمىڭىز نىمە
ئەر: ئا،ئا،ئا،ئابدۇ دۇ دۇ قاقاقادىر……
تىزىملىغۇچى: كەچۈرۈڭ، سىز كىكەچما؟
ئەر: مەن كىكەچ ئەمەس، دادام كىكەچتى، ماۋۇ نوپۇسقا ئىسىم يازىدىغان گۇي كاللىسى ئىشلىمەيدىغان نىمىكەن، دادام نىم دىسە شۇنى يېزىپتۇ……

بىر مۆتىۋەر ئۆيلىنىپ يەتتە ئاي بولغاندا ئايالى يەڭگىپ قويۇپتۇ، مۆتىۋەر دوختۇردىن سەۋەبىنى سوراپتۇ.
– ئەنسىرىمەڭ -  دەپتۇ دوختۇر – بۇنداق ئىش تۇنجى تۇغۇتتا يۈز بېرىپ قالىدۇ، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىش قايتىلانمايدۇ

*********************************************************

ئەمدىلا مۇھەببەت يولىغا قەدەم تاشلىغان بىر يىگىت پىسخىلوگدىن سوراپتۇ:

– ئەپەندىم، سىزنىڭچە «بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىش» قا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدىغان دورا بارمۇ؟
– بار، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ پىسخىلوگ، ئىككىنچى قېتىم تازا زەڭ سېلىپ قاراڭ

**********************************************************

بىر ئورمانلىقنى ئوتتۇرىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر دەريا بار ئىكەن، دەريانىڭ بىر تەرىپىدە توشقان، يەنە بىر تەرىپىدە يولۋاس ياشايدىكەن.

توشقان بىر كۈنى ئەتتىگەندە دەريا بويىغا يۈزىنى يۇغىلى چىقىپ يولۋاسنى چاقىرىپتۇ:
– ھەي يولۋاس! ھەي يولۋاس!
يولۋاس توشقاننىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ دەريا بويىچە چىقىپتۇ.
– ھە، نېمە دەيسەن؟ – دەپتۇ يولۋاس
– ئاچاڭنى ئالايمۇ، نېسىغا – دەپتۇ توشقان

يولۋاس ئىچى ئاچچىق بولغان ھالدا كىرىپ كېتىپتۇ.

ئەتىسى ئەتىگەندە توشقان يەنە شۇنداق قىپتۇ. يولۋاس نېمە قىلارىنى بىلمەي تازا ئاچچىغى كەپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى بۇ ئىش يەنە تەكرارلانغاندىن كېيىن يولۋاس زادى چىدىماي دەريانىڭ يۇقىرىسى تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. قارىسا ناھايىتى چوڭ بىر دەرەخ ئۆرۈلۈپ دەرياغا كۆۋرۈك بولۇپ قاپتۇ. يولۋاس ئۇ دەرەخكە يامىشىپ دەريادىن ئۆتۈپتۇ ۋە توشقاننىڭ ئۇۋىسىنىڭ كەينىگە مۆكۈنۈپ توشقاننىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ يېتىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى ئەتتىگەندە توشقان يەنە دەريا بويىغا چىقىپ ئادىتى بويىچە يولۋاسنى مازاق قىلماقچى بولۇپ چاقىرىپتۇ:

– ھەي يولۋاس، ھەي يولۋاس!
يولۋاس ئاستا ئويغىنىپ توشقاننىڭ كەينىدىن كېلىپ مۈرىسىنى تۇتۇپ:
– ھە، نېمە دەيسەن، دەپتۇ.
ھودۇقۇپ كەتكەن توشقان دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭشاپ:
– ئاچام خېلى چوڭ بولۇپ قالدى، ئالامسە نىسىغا؟ – دەپتۇ.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئويۇنچى 2013.07.31 , 00:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىزىملىغۇچى: ئىسمىڭىز نىمە
    ئەر: ئا،ئا،ئا،ئابدۇ دۇ دۇ قاقاقادىر……
    ھا ھا ھا .. ماۋۇ يۇمۇر بولىدىكەن . :mrgreen:

  2. ئويۇنچى 2013.07.31 , 00:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ دىۋان دىگۈم كەپ كەتتى يا. پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ئەمەس، ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ . دىىىىىىىىىىىۋاااااااااااااااااااان!

  3. چاتقال 2013.07.31 , 00:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ ئاستىدىكى پەچەتكەن،لېكىن يولۋاس قەن يۇتماپتۇ ياخشى

  4. ھەۋەسكار 2013.07.31 , 06:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر قىز يولدا موتو مىنىشنى مەشىق قىلىۋاتقاندا ،ئالدى تەرەپتىن بىر بوۋاينىڭ كىلىۋاتقانلىغىنى
    كۆرۈپ ،ھۇدۇقۇپ كەتكىنىدىن : دەپ ۋاقىراپتۇ .بوۋاي دەرھال
    توختاپتۇ ،لېكىن قىزچاق ئېرغاڭلىغان پېتى ئۇدۇل بېرىپ ،بوۋاينى سوقۇپ يىقىتىۋېتىپتۇ ،
    بوۋاي تەسلىكتە ئورنىدىن ئۆمۈلەپ تۇرۇپ ئاچچىقلانغان ھالدا :دەپتۇ .

    • ئەنىشتە 2013.07.31 , 11:07

      ئىنكاسنى سىز يازىدكەنسىز ھە….. نىمە دىگەنلىكىنى ئۆزىمىز بىلىۋالامدۇق؟؟؟

    • سەھرالىق 2013.07.31 , 12:49

      ئاخىرىنى مەن يېزىۋىتەي…
      -ئىسمىڭىز نېمە قىزىم؟
      -پالانى
      -ئۆيىڭىز نەدە؟
      -پوكۇنى يەردە
      -كىمنىڭ قىزىسىز؟
      -پالانىنىڭ
      -ھە،-كېتىۋىرىڭ،ھېچ ئىش يوق!مۇشۇنداق ۋارقىراپ سوقسىڭىز مەن تېخى سىزنى بىزنىڭ خوتۇننىڭ سىڭلىسىمىكىن دەپتىمەن:mrgreen:

    • ھەۋەسكار 2013.07.31 , 13:03

      ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﻮﺗﻮ ﻣﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ
      ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﮪﯘﺩﯗﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﺪﯨﻦ: جايىڭدا جىم تۇر ﺩﻩﭖ ﯞﺍﻗﯩﺮﺍﭘﺘﯘ .ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ
      ﺗﻮﺧﺘﺎﭘﺘﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ ﺋﯧﺮﻏﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﻰ ﺳﻮﻗﯘﭖ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ ،
      ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﯜﻟﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪا: ھەي قىزىم مىنى جايىمدا مىدىرلىما دەپ قويۇپ قارغا الغانما، دەپتۇ
      يازغىنىم ىىنىق يادىمدا، ‹ › تىرناقنىڭ ىىچىگە الغان كود ھالىتىدە ىوقۇلۇپ كەتكەن ىوخشايدۇ

  5. شامال 2013.07.31 , 14:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يەتتىنچى ئاينىڭ ئىسسىق بەك بولغان بىركۈنى كەچتە ئىككى دوستۇم بىلەن قەشقەرنىڭ شەرقىي كۆل بويىغا سالقىندىغىلى چىقتۇق. كۆل ئەتراپى سالقىنكەن، ئەمما سۈيى بىر خىل سېسىق پۇرايدىكەن . دوستۇم :“بۇ سۇ نىمانداق سېسىق پۇرايدىغاندۇ ؟ ”دېۋىدى، قارىسام نۇرغۇن كىشى سۇغا پۇتىنى چىلاپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ . دوستۇمغا دېدىم- ئەگەر ئاۋۇ كىشىلەر پۇتىنى چىلاپ ئولتۇرىۋەسە ھېلىغۇ بۇ كۆلكەن ، تۈمەن دەرياسىمۇ ئۇزاققا قالماي بۇ كۆلدەك پۇرايدىغان بولىدۇ جۇما… …

  6. Forever 2013.07.31 , 15:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاپىڭىز بارمۇ ؟
    قىزى ئۈگىنىش قىلىۋاتسا تىلفۇن كېلىپ :
    _ ئاپىڭىز بارمۇ ؟
    _ ئاپام يۇينىۋاتامدىكىن، سەل ساقلاپ تۇرۇڭە قاراپ باقاي ._ دەپلا مۇنچىنىڭ سىرتىدىكى قىززىق جۈمەكنى بىر تولغاپتىكەن، مۇنچىدىن چىقىرىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.بۇ ۋاقىتتا قىزى :
    _ شۇنداقكەن، ئاپام يۇينىۋېتىپتۇ، سەل تۇرۇپ قايتا ئۇرۇڭ!

  7. Forever 2013.07.31 , 15:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر دىھقان قەشقەرگە كىرىپ دوغ ئىچىپتۇ ، ئىچىپ بولۇپ قانچە پۇل دەپ سوراپتىكەن ، دوغچى ئىككى كوي دەپتۇ ، ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىدا بىر كويلا پۇل باكەنتۇق شۇنىڭ بىلەن بىر كوي بەرسەم بولاما دەپتىكەن ھېلىقى دوغچى قايلاپ تۇرۇپ كېتىپ ، قاغىنىغا 5 مىنۇت ئاياغلىرىنىڭ شوينىسىنى ئېتىپ تۇراملا ؟ 

    • كۆك بۆرە 2013.08.01 , 02:06

      ما گەپنى چۈشەنمەي بىردەم تۇرۇپ كىتىپتىمەن، نىمە دىگەن گەپتۇ دەپ، بىر چاغدا پاللىدە ئىسىمگە كەلدى ، نىمانداق لاۋزا پاراڭ بۇ، :mrgreen:

    • شامال 2013.08.01 , 12:01

      ئەجەب بىر ئىنكاس يازىدىغان يەگە ياراشمىغان بىر يۇمۇركەن ماۋۇ !!!:arrow:

    • مېھمان 2013.08.02 , 12:06

      مانى ھەجەپ چۈشەنمىدىم

  8. رىچارد 2013.07.31 , 16:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەجەپ كۈلكىلىك يۇمۇرلار ھە…

  9. مۇرات 2013.08.01 , 01:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇمۇر دىگەننى تۇكمە قىلىۋىتىپسىلەغۇ ! ۋاي رەخمەت بىر كۇلۇۋاالدىم دۇم يىتىپ :mrgreen:

  10. ئىسيانكار 2013.08.01 , 17:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر دىنسىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىكەن . ئۇ بىركۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە قوي سويۇپ يىيىشنى ئويلاپقاپتۇ .شۇنىڭ بىلەن قولىدا پىچاق ئارغامچا ئالغان ھالدە جۈمە نامىزى ئوقۇۋاتقان مەسچىتكە كىرىپتۇ :
    دىنسىز : ئاراڭلاردا مۇسۇلمان بارمۇ ؟
    ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرگەن جامائەت جىممىدە تۇرۇپ تۇ
    دىنسىز : ئاراڭلادا مۇسۇلمان بارمۇ ؟
    يەنە ئوخشاشلا
    دىنسىز : ئاراڭلاردا مۇسۇلمان بارمۇ ؟
    بىر ياشانغان كىشى : مانا مەن مۇسۇلمان
    دىنسىز : بۇ ياققا چىقىڭە
    ئۇ قوينى مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە سويۇپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ .ياشانغان كىشى ماقۇل دەپ قوينىڭ پۇتىنى تېڭىپ بوغۇزلاپ يېرىملاشقاندا قوينىڭ پۇتى بوشۇنۇپ كىتىپتۇ ۋە ئۇلار ھەرقانچە قىلىپمۇ كۈچى يەتمەي بوۋاي ياشلاردىن بىرەنى ياردەمگە چاقىرىشقا بۇيرۇپتۇ .
    دىنسىز : ئاراڭلاردا مۇسۇلمان بارمۇ ؟
    ئۇنىڭ قان يۇقى تۇرغان قولىنى كۆرگەن جامائەت قورقۇپ كىتىپتۇ ۋە ئىمامغا شۇنداق قارىسا
    ئىمام : نىمە ماڭا قارىشىسە ھەرقايسىڭغا ئىمام بۇلۇپ ناماز ئوقۇپ قويغۇنىمغا مۇسۇلمان بوپقالمايمەن مەن …..

  11. ئۇغۇز 2013.08.01 , 17:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر توشقان شەپكىسىنى تەتۈر كىيىپ مېڭىۋاتسا بىر بۆرە ئۇچراپ يۇلىنى تۇسۇپلا« نىمە شەپكىنى تەتۈر كىيۋالدىڭ» دەپ شاپىلاق بىلەن بىرنى سېلىپتۇ. بۇ ئاچچىققا چىدىمىغان توشقان يولۋاسنىڭ قېشىغا كېلىپ ھەممە ئىشنى ئۇنىڭغا دەپتۇ بۇنى ئاڭلىغان يولۋاس« سەن كېتىپتۇر مەن ئۆزەم گەپ قىلىمەن ئۇنىڭغا» دەپ يولغا سېلىپ قۇيۇپتۇ. توشقان كاللىسىنى بىر ئىشلىتىپ كەتمەي ئاستا بېرىپ دەرەخنىڭ ئارقىدا تۇرۇپ تۇرۇپتۇ، يولۋاس بۆرە كەلگەندە دەپتۇدە «ئەي بۆرە سەن كىچىك ھايۋانلارنى ئۇندا قالايمىقان ئانى تاپساڭ بولمايدۇ ئۇنى بىرەر سەۋەپ بىلەن بابلىشىڭ كېرەكتە ؛ ئۈزۈم ئېلىپ كەل دەيسە كۆك ئۈزۈم ئەكەلسە قىزىلنى ئەكەلمەپسە دەپ ئۇرىسە قىزىلنى ئەكەلسە كۆكنى ئەكەلمەپسە دەپ ئۇرىسە؛ گۆش ئەكەل دەيسە قار گۆش ئەكەلسە ياغلىق يېرىنى ئەكەلمەپسە دەپ ئۇرىسە ياغلىق يېرىنى ئەكەلسە قار گۆش ئەكەلمەپسە دەپ ئۇرىسە » دەپتۇ. بۇنى توشقان دەرەخنىڭ ئارقىدا تۇرۇپ ھەممىنى ئاڭلىۋاپتۇ . ئەتىسى توشقان يەنە شەپكىنى تەتۈر كىيىپ ماڭسا بۆرە چاقىرىپ«ماڭە كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي گۆش ئەكەل» دەپتۇ توشقان«بۆرە ئاكا قارا گۆشمۇ ياغلىقمۇ؟»دەپتۇ . بۇنى ئاڭلاپ بۆرە توقسانغىلا چىقىپتۇدە ئۆزىنى سەل بېسىۋېلىپ «بولدى بولدى بېرىپ ئۈزۈم ئەكەل دەپتۇ» توشقانمۇ بوش كەلمەي« ئاكا كۆكنىمۇ قىزىلنىمۇ؟» دەپتۇ بۇنى ئاڭلاپ بۆرە توقسان توققۇزغىلا چىقىپتۇدە تۇرۇپ كېتىپ شاپىلاق بىلەن بىرنى سېلىپ « نىمە شەپكىنى تەتۈر كىيۋالدىڭ؟ » دەپتۇ.:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  12. ئىمامجان ئۇيغۇر 2013.08.29 , 19:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەچەت پەچەت يۇمۇرلاركەن بۇ

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量