نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 3

ھەممىمىز كىچىكىمىزدە گۈزەل چۆچەكلەرنى، سىرلىق رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولىمىز. بۇ ھېكايەتلەر ھەمىشە ئىنتايىن گۈزەل بىر نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بىراق، يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جەمئىيەت قوينىغا بارا-بارا شۇڭغۇغاندىن باشلاپ، بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئارزۇ قىلغان، خىيالىمىزدىكى بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي باشقىچە ئىكەنلىگى ھەر ۋاقىت سەمىمىزگە سېلىنىپ تۇرىدۇ…

alibaba

بۇ نۆۋەت ئۆسمۈرلىكىڭلارنى ۋەيران قىلاي جۇمۇ……

1.ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچى

ئەلى بابا قىرىق قاراقچىدىن بايلىقنى پەم بىلەن تارتىۋالغاندىن كېيىن، پۇقرالارنى باشلاپ غارنى ئېچىپتۇ:
-كۈنجۈت، ئىشىكنى ئاچ!
غارنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كەمبەغەللەر بايلىقلارنى ئىلىشىپتۇ
بىرمەزگىلدىن كېيىن كىشىلەردە يەنە پۇل قالماي ئەلى بابانى ئىزدەپ كەپتۇ، ئەلى بابا ئۇلارنى غارنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ:
-كۈنجۈت، ئىشىكنى ئاچ!
ئىشىك ئېچىلىپ كىشىلەر ئالتۇنلارنى ئېلىپ مېڭىشىپتۇ، ئۇلار ئەلى بابادىن:
-كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ دىسىڭىز ئىشىك ئېچىلىدىكەن، بۇ بىر سېھىرمۇ؟
ئەلى بابا كۈلۈپ تۇرۇپ:
-بالام، ماياققا چىقە!
بىرمۇنچە ئاچقۇچ ئاسقان بىر بالا يۈگۈرۈپ كەپتۇ، ئەلى بابا:
-مېنىڭ ئوغلۇم، ئىسمى كۈنجۈت!! ئىشىك ئېچىشقا مەسئۇل!
ئاھ خۇدا!!

2.دىدەك ئىزورا

شىكەر قۇمۇشلۇقتىكى قورۇقتا توك كىتىپتۇ، ھەممە يەر قاپقارەڭغۇ بوپ كېتىپتۇ، ھېلىقى ئىزوراغا ئامراق ئايال كىرىپ:
-ئىزورا، ئىزورا، سىز بامۇ قىزىم؟
-مەن بار خانىم، مۇشۇ ئۆي قاپقاراڭغۇ بوپ كەتتى، شام يوق، ئۆزەم يالغۇز ئولتۇردۇم قورقۇپ…
-تولا زاڭ گەپ قىلماڭە ئىزورا-تۇيۇقسىز يانۇئارىيانىڭ ئاۋازى چىقتى-مەن باياتىن بېرى مۇشۇ ئۆيدە بارغۇ،
ئىككىيلەن ۋايجان دەپ چېرقىرىۋەتتى
-مەنمۇ بار- بۇ سانتانىڭ ئاۋازى
-مەنمۇ بار، ئىزورا دىگەن نايناق -بۇ ئىزوراغا ئۆچ روزا نىڭ ئاۋازى
-بىزبار ،بىز…-بۇ قۇمۇشلۇقتىكى بارلىق نېگىر قۇللارنىڭ ئاۋازى……

ۋايۋاي، مۇشۇ ئۆزگەرتكەن ئادەمنىزە……

3.بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت

بىر قىز ئورمانلىقتا ئىككى نېمىسنى بايقىغاندىن كېيىن، يۇقىرىدىن چارلاشنى بۇيرىدى، پىروپورچىك بەش قىزنى تاللاپ، ئورمانلىقنى چارلاشقا ئەۋەتىلدى
كەچتە…
پىروپورچىكنىڭ ئايالى:
-بامايسەن، بىشىڭنى يەيدىغان تاز، باغۇزمايمەن، بەش قىزنى يىتىلەپ، ئورمانلىقتا نىم قىمماقچىتىڭ، بامايسەن!
-ۋوي بۇ يۇقىرىدىن چۈشكەن ھەربىي بۇيرۇق، ئىجرا قىممىسام بولمايدۇ
-بىشىڭنى يەيدىغان……يۇقىرىدىن تۇمۇچۇقتەك بەش قىز بىلەن باسۇن دىگەنما، سەن بامايسەن، ھېچ يەگە چىقمايسەن، بەش ناينىقىڭ ئۆزى بېرىۋالسۇن
-ھەي جاھىل خوتۇن، ئۇلار دىگەن ئەسكەر، ھەممىسىنىڭ مابىتى بار
-ئىشقىلىپ بامايسەن!
-ئاپئاق دەپكىتەي، مۇشۇ بىرقېتىم……
-ياق
-جىننىم دەپ كىتەي……

شۇنىڭ بىلەن پىروپورچىك بەش قىزنى باشلاپ چارلاشقا كەتتى.

4.ئوڭۇشسىزلىق

مارىياننا كىسەل بوپ كىتىپ، ئوغلىنى يۈتتۈرۈپ قويدى، كىيىن ئۇ ساقچىخانىغا بېرىپ دىلو مەلۇم قىلدى، ساقچى:
-تاپەلمەيسىز،ئوتتە تاپالمەيسىز؟
-نىمىشقا؟
-شۇنەقە ھازىر ئۈندىدار يوق بىزدە، بولگەن بولسەدى، 朋友圈گە چىقارگەن بولسەك، دوستلەر بىردامدىلە تاپىپ بىرەردى، ھازىر بىزدە ۋىيشىن يوق ئەمەسمۇ؟

خەپ……

5.رەنانىڭ تويى

رەنا بىلەن ياسىن يىراقتىن بىربىرىنى كۆرۈپ،بىربىرىگە قول پۇلاڭلىتىپ يۈگۈردى
رەنا ا ا ا ا ا ا ا ا ا ا!
ياسىن ن ن ن ن ن ن ن!
رەنا ا ا ا ا ا ا!
ياسىن ن ن ن !
رەنا ا ا ا!
ياسىن ن ن !
رەنا ا!
ياسىن ن!
رەنا!
ياسىن!
رەنا ياسىن ، رەنا ياسىن، رەنا ياسىن، رەنا ياسىن! رەنا ياسىن، رەنا ياسىن!
ئىىككىيلەن تاكى خوشلاشقۇچە، بىربىرىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ چىقتى!

ھەي~~~~

6.ئەرتىس بولالمىغان قىز

-ئۇقىزنىڭ ئىسمىي ماھىرە ئىكەن، ئۇسسۇلنى،ناخشىنى، دېسكونى، تانسىنى بەك ياخشى ئوينايدىكەن، شۇ قىزنى چوقۇم تېپىشىمىز كېرەك……
ئەتىسى، سەنئەت يۇرتىدا
-ئىسمىڭىز نىمە؟
-ماھىرە
-نىمە قىلالايسىز؟
-ئۇسسۇل ئوينىيالايمەن
-قۇبۇل قىلىندىڭىز

-ئىسمىڭىز نىمە
-ماھىرە
-نىمە قىلالايسىز؟
ناخشا ئېيتالايمەن
-قۇبۇل قىلىندىڭىز……

-ھوي بوۋا، سىز كىم؟ ئىسمىڭىز نىمە؟ بىزگە ماھىرە كېرەك
-مىنىڭ ئىسمىم پالتاخۇن، مەلىدىكىلەر مىنى ماھىرە دەپ چاقىرىدۇ! مەن تاماق قىلالايمەن!!

رېژىسسور، مىنى كەچۈرۈڭلار……

7.قېنى ئەتە بولۇپ باقسۇن

داڭلىق ئايال ئوغرى سىتىفىننى بىرسى ئوغۇرلۇققا سالماقچى بولۇپ:
-ھېلىقى باينىڭ ئۆيىدە داڭلىق رەسىم بار، ئېلىپ چىقىڭ
ئەتىسى سىتىفىن ئۇلارنىڭ توي رەسىمىنى ئىلىپ چىقتى……
ھېلىقى ئادەم:
-بۇ نىمە، مەن داڭلىق ماي بوياق رەسىمنى دىگەن……

8.ئېرەمباغقا قايتىش

رەھىمسىز ئەر بىلەن ئاشنىسى بىرلىشىپ، سىتىۋىننى تىمساق بار كۆلگە ئىتتىرۋەتتى، تىمساقلار تەرەپ تەرەپتىن كېلىپ، سىتىۋىنغا ئېتىلدى……
ئەتىسى ئەر بىلەن ئاشنىسى چاي ئىچىپ ئولتۇرسا، ئايالى خىيالىدا يوق كىرىپ كېلىۋاتقان، ئەر:
-بۇ……بۇ……تىمساقلارچۇ؟
-ھەممىسى قىرغاققا چىقىپ ھۆ قىلەۋاتىدۇ، مىنى كۆرۈپلا شۇنداق بولدىغۇ تاڭ!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. goodluck 2013.07.29 , 12:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما باللىنىڭ ئىنكاس يازمىغىنىنى قايلاڭ

  2. Forever 2013.07.29 , 12:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرەيلەن نەچچە ئايلىق مائاشىغا iphone 3تىن بىرنى ئېلىپ خوشلۇقىدا ھىڭگاراپ كېتىۋاتسا ماشىنا سوقىۋېتىپتۇ،تەلىيىگە يارىشا بۇ ئەبلەخ ھېچنىمە بولماي تېلفونى ماكچىيىپ كېتىپتۇ.شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنىسىغا قارىۋېتىپ دەپتۇ.
    -خۇداغا شۈكرى يېڭى ئالغان ماشىنام ھېچنىمە بولماپتۇ.
    بىر يېنىغا قارىسا ئاۋۇ ئەبلەخ چاچلىرىنى يۇلۇپ يىغلاۋاتقان.شوپۇر تېرىكىپ نېرۋىسى 250كە چىققان بولسىمۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ مۇلايىملىق بىلەن سوراپتۇ:
    -يې ئەبگا شۇنچىۋالا چوڭ بالا -قازادىن ئامان قالدىڭ،يەنە نېمە خوش بولماي داداڭ ئۆلگەندەك ھاڭرايسە؟
    -تې تې تې تېلفونۇمنى يانجىۋەتتىڭ…ھۇ ھۇ ھۇ….
    -ۋاي-ۋۇي قانچىلىك ئىشكىن دەپتىمەن تۇتە ماiphone4نى ئويناپ ئاغزىڭنى يۇم…
    شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەبلەخ تېخىمۇ خوش بوپ يولىغا راۋان بوپتۇ،ئۇ بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈچە لەقۋالىق قىلىپ تېلفوننى دەرياغا چۈشۈرۋېتىپتۇ.
    شۇندا قىلىپ يەنە ماڭقىسىنى ئېقىتىپ ئوتتاسا بىر بوۋاي چىقىپ
    -يې دەلتى نېمە سۇنى بۇلغاپ ماڭقاڭنى ئېقىتىپ ئوتتۇرىسە دەپ سوراپتۇ.ئۇ پۈتۈن جەرياننى ھېكايە قىلىپ بېرىپتۇ،بوۋاي ئاڭلاپ بولۇپ پاراققىدە كۈلۈۋېتىپ دەپتۇ:
    -سەن بۇ ھېكايىنى سۆزلىگەنلەرنىڭ بىرىنجىسى ئەمەس ،بۇرۇنقىلىرىغا مەن ئالتۇندىن ياسالغان تېلفونلارنى ئەپچىقىپ بەرگەن،لېكىن ساڭا بېرەلمەيمەن چۈنكى بىزنىڭ پائالىيەت ۋاقتىمىز ئاخىرلاشتى.لېكىن ساڭا بىر پۇرسەت بار ماڭا 2000كوي بەسەڭ ساڭا 64Gلىق ئالما 5يانفونىدىن بىرنى سۈزۈپ ئەپچىقىپ بېرىمەن قانداق؟
    -ئىناۋەتلىك كارتا سۈركىگىلى بولامدۇ؟
    -ئۇف ماقۇلە چىقىرە كارتاڭنى مەن دەرياغا چۈشۈپ سۈركەپ چىقاي.
    -سەن مېنى گوروز كۆرەپ قالدىڭما؟نەدە سۈركىسەڭ تەڭ سۈركەيمىز،كارتىنى ساڭا تاشلاپ بېرىدىغان ئاخماق ئادەم يوق.
    -چۈشمەمسە ۋە لاتا خامسۇنىڭ جىڭمومىسىدەك دەلدىيىپ تۇرماي.
    -لېكىن مەن سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسەم؟
    -ۋاي قانداق قىلساڭ قىلىپ يا چۈش يا كۆزۈمدىن يوقىلە ماڭ.
    شۇنداق قىلىپ بۇ دەلتە تېلفوننىڭ قىزىقچىلىقىدا ئۆزىنى سۇغا ئېتىپتۇ.سۇغا چۈشۈشىگە بوۋاي سوراپتۇ :
    -كارتاڭدا قانچە پۇل باتتى؟
    -ئۆي ئالىمەن دەپ يىغىپ قويغان 300مىڭ كوي با ،بۇنى سوراپ نېمە قىلىسە؟
    -سەن سۇ ئۈزەلمەيسە كالۋا،سەل تۇرۇپ سېنى قۇتقۇزىدىغان گەپ .بىز ئادەتتە 300مىڭ كويدىن تۆۋەن پۇلى بار ئادەملەرنى قۇتقۇزمايمىز….سېنىڭ نەق چىقىدىكەن……

    • رىچارد 2013.07.29 , 23:17

      بەك كۈلىۋەتتىم جۇمۇ يازغانلىرىڭىزغا …. ئالامەت كەپتۇ…
      ئەمما مەن ئالمىغا ھۆددەس قىززىقمايمەن…

  3. Forever 2013.07.29 , 12:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    [偷笑]

    غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ :
    -دادا،مەن ئىلىپبەنى تۈگەتتىم -دىدى،دادىسى غۇنچەمنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ:
    -يارايسىز قىزىم -دىدى.

    مانا بۇ ئۆلچەملىك ،تېنچ ،خاتىرجەم،ئىناق ئائىلىنىڭ كارتىنىسى،بىراق تۇرمۇش ئۇنداق ئۆلچەملىك ئەمەس

    1.ھاراقكەش دادا
    غۇنچەم مەكتەپتىن كىرىپ:
    -دادا ،مەن ئىلىپبەنى تۈگەتتىم-دىدى،دادىسى ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىۋاتقان ھاراقكەش ئاغىنىلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ:
    -ياخشى قىپسەن قىزىم،بولە،ماۋۇ پۇلغا خاسىڭ،دادۇر،ئاندىن بىر بوتۇلكا ھاراق ئەكىرە قىزىم،بولە،ھىق~~

    2.بىلىمسىز دادا
    غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ:
    -دادا،مەن ئىلىپبەنى تۈگەتتىم-دەپتۇ،دادىسى:
    -ھەي بالام،مەن سىنى ئاياپ ئىشلەت دىسەم،نىمە تۈگىتىۋەتكەنسەن،مە ،مانڭغا ئالغىن،ئەمدى تۈگەتمە ھە!-دەپتۇ.

    3.جاھىل دادا
    غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ:
    -دادا مەن ئىلىپبەنى تۈگەتتىم-دەپتۇ،دادىسى:
    -بولدى،ساۋادىڭىز چىقىپتۇ ،ئەمدى ئوقۇمايسىز!
    -نىمىشقا؟-غۇنچەم ھەيران بولۇپ.
    -ئوقۇسىڭىزمۇ كادىر بولمايسىز،جىگدە ياغىچى بادىر بولمايدۇ،ئىلىپبەنى تۈگەتسە كادىر بولمايدۇ دەپتىكەن،شۇڭا ئەتىدىن باشلاپ،ئېتىزغا ياردەملىشىڭ،سىزنى ئوقۇتىدىغان پۇلمۇ يوق!

    4.قوپال دادا
    غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ:
    -دادا،مەن ئىلىپبەنى تۈگەتتىم!-دىدى،دادىسى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
    -قانداق قىپ بېرەي،يوغان ئىش-دىدى…

    5.تايىنى يوق دادا
    غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ:
    -دادا،ئىلىپبە نى تۈگەتتىم-دىدى،دادىسى:
    -ۋەت!!بولسابېرىپبەنىمۇ تۈگىتىڭ!ۋايت!

    7.رىژىسسوردادا
    غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ:
    -دادا!ئىلىپبە نى تۈگەتتىم!!
    -كات!!بۇنچىلىك قوپال دىسىڭىز قانداق بولىدۇ،قايتىدىن،ئەكشىن!
    -داداھ!ئاھ!مەن،مەن!ئىلىپبەنى تۈگەتتىم!
    -كات!!بولمىدى،سەل ھېسىيات قوشمامسىز بۇنىڭغا!قايتىدىن!
    -دادا!تاراكا دۇم تاراكادۇم!مەن دۇتاراڭتاڭ،دۇمتاراڭتاڭ ئىلىپبەنى دۇمتاڭ تاڭ دۇمتاڭ تۈگەتتىم!
    -كات!ۋايئ،ۋاي،نىمانداق قىلىسىز،بولدى،بۈگۈن مۇشۇيەرگىچە بولسۇن،ئەتە!

    • مەرگەن 2013.07.29 , 13:10

      ۋاھ ، سىزنىڭ ئالامەت پەيزى چىقىپتۇ ! !

    • ئەپەندىم 2013.07.30 , 11:36

      مۇشۇ ئەسىرىڭىزنى مىكرو كىنو قىلىپ باقاي دېگەن،قوشۇلامسىز

  4. شاھزاد 2013.07.29 , 13:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5-سى سەل سېرىقمۇ نىمە ؟:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • alim047 2013.07.29 , 15:12

      ئۇندا نەرسىنى كۆرمەڭ بولمىسا كۆزىڭىز سىرىققا مايىل بولۇپ قالىدۇ:shock:

  5. كۈرەش 2013.07.29 , 15:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    غۇنچەمنىڭ ئالامەت كەپتۇ….. رېيىم قان ئىتوت ئوينىسا چۈشكىدەك…:mrgreen::mrgreen:

  6. ئۇيغۇرمەن 2013.07.29 , 19:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردىكى تېمىلاردىن بەكرەك ئىنكاسلار قىززىيدىغان بوپكېتتۇ دىسە …….. ۋۇ ھا ھا ھا …:kiss:

  7. ئادىلجان 2013.07.29 , 20:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قوغۇنچىنىڭ ھىكايىسى

  8. كورلا نەشپۈتى 2013.07.30 , 06:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر يەسلىدەئۇقۇيدىغان بىر كىچىكبالا دادسىغا دادا دادا مەن خاتۇن ئالمەن دەپتۇ ،دادسى ھەيران قالغان ئاساستا خوشبوپ . ۋوي مىنىڭ بالام چوڭ بوپتۇ ئاغىن بالام كىمنى ئېپبېرمەن دىسە كىچىك بالا ئىكلەنمەستىن سىنىڭ ئاناڭنى ئالمەن دەپتۇ . دادا ئاچچىق ئارلاش ھىجىيىپ . بالام مىنىڭ ئانام سىنىڭ چوڭئاپاڭ بولدۇ ئۇنى ئالساڭ يامان بولدۇ دىسە بالا ھە سەن مىنىڭ ئانامنى ئالساڭ يامان بومماي مەن سىنىڭ ئاناڭنى ئالسام يامان بولامدا دەپتۇ .

    بۇلەتىپىنى مەن كىچىك چاادا ئاڭلىغان

  9. بىرتال كوم 2013.07.30 , 16:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەلى بابا دىسە ئەلى دادا دىگەندەك ئاڭلىنىدىكەن ! :grin:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量