بىر ئۆسمۈرنىڭ رامىزانلىق كۈندىلىك خاتىرىسى
رامىزان ئېيىنىڭ 1-كۈنى
بۈگۈن ئۆيىمىزدە بىر غەيرى ئالامەت بار،ھەممەيلەن تىنچقىنا ئىشىغا،مەكتىپىگە كەتتى.ئانام پەقەت ماڭىلا :« كەل ساڭا ناشتىلىق تەييارلاپ بېرەي» دېدى،باشقىلار ناشتا قىلمىدى،سۇ ئىچمىدى،ھەتتا ھەدەممۇ.
رامىزان ئېيىنىڭ 3-كۈنى
دەسلەپ،ئورۇقلاش ئۈچۈن پەرھىز تۇتىۋاتامدىغاندۇ دەپ ئويلاپتىمەن،ھەممەيلەننى كۆزەتتىم،كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئۇلار تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ كېتىدۇ،دەستۇرخان سېلىپ،ئەزاننى كۈتىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى تاماششا قىلماق شۇنچىلىك قىزىقارلىق ئىدىكى…
باشقا ۋاقتلاردا ئاغزى بىردەم يۇمۇلمايدىغان ھەدەمنىڭ بۇ جىمجىت ھالىغا قاراپ ئىچ-ئىچىمدىن كۈلگۈم كېلەتتى،ئەمما كۈلۈشكە پېتىنالمايتىم.
رامىزان ئېيىنىڭ 4-كۈنى
نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟دەپ ھەدەمدىن سورىدىم،«چوڭ بولغاندا بىلىپ قالىسەن» دېدى.
ئانامدىن سورىدىم،«رامىزان» دېدى.
دادامدىن سورىدىم، « روزا» دېدى.
قاچان چوڭ بولىمەن ھېچ چۈشەنمىدىمغۇ بۇ گەپلەرنى.
رامىزاننىڭ 5-كۈنى
بۇ رامىزان ۋە روزا ئىسىملىك ئىككى ئادەم،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە «يېمە،ئىچمە!» دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ –دە ،دوستۇم پاتىمەدىن سورىدىم ،ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ كۈندۈزلىرى تاماق يېمەيدىكەن،سۇ ئىچمەيدىكەن،بۇ زادى نېمە ئىشتۇ؟
رامىزاننىڭ 6-كۈنى
قوشۇق،تەخسىلەرنىڭ،چوكا-ئارىلارنىڭ تاراقشىغان ئاۋازىنى،ھەم پاراڭلاشقان ئاۋازنى ئاڭلاپ قېلىپ ئويغىنىپ كەتتىم.يۈگىرەپ دادامنىڭ ھۇجرىسىغا كىردىم،ئۇ كارۋاتتا يوق،ئامالسىز ھەدەمنىڭ ئۆيىگە چاپتىم،ئۇمۇ يوق.قىلچىلىك قورقۇش ھېس قىلمىدىم.
ئىشىكنىڭ كەينىدىكى كالتەك توپ كالتىكىنى قولۇمغا ئېلىپ،ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ :«ھۇ يۈزى قېلىن ئوغرىلار سەنلەردىن قورقمايمەن !» دېگىنىمچە ئاشخانىغا يۈگىرەپ كىردىم،كىردىميۇ جايىمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم.
كالتەك كۆتۈرگەن قوللىرىم ھاۋادا پۇلاڭشىپ قالدى.
بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتاتتى.
ۋاي قورقۇنچاقلار!كۈندۈزى رامىزان بىلەن روزىدىن قورقۇپ كېچىسى ئوغۇرلۇقچە تاماق يەۋىتىپتۇ-دە!
ئۇلار مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكە باشلىدى،ئاچچىغىمدا كالتەكنى تاشلاپ،ھۇجرامغا قايتىپ ئۇيقۇمنى داۋام قىلدىم.
رامىزاننىڭ8-كۈنى
دەسلەپ،روزا بىلەن رامىزاننى تېپىپ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولدۇم،ئەمما تۇرۇپلا ھەدەمنىڭ تاماق يېمەي بارغانسىرى پاختىدەك يۇمشاپ،ئىللىق سۆزلۈك بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم،دادام ئاناملارمۇ بۇرۇنقىدەك ئۇرۇش-تالاش قىلمايدىغان بولغانىدى،شۇنىڭ بىلەن بۇ قارارىمدىن ياندىم،بۇ ھالەت داۋاملاشسا نېمىدىگەن ياخشى.
بەلكىم روزا ھەم رامىزانلار ياخشى نىيەتلىك كىشلەردۇر.
رامىزاننىڭ13-كۈنى
دەسلەپ رامىزان بىلەن روزىنى تېپىپ تازا بىر ھېساپلاشماقچى ،ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولدۇم،ئەمما ھەدەمنىڭ تاماق يىمىگەنسىرى پاختىدەك يۇمشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم،دادام بىلەن ئاناممۇ ئۇرۇشماس بولدى،خوش ئۇنداقتا بۇ رامىزان داۋام قىلمىسۇنمۇ،ئېنىقكى رامىزان ۋە روزا ئاتلىق بۇ ئىككى كىشى ياخشى نىيەتلىك ئادەملەركەن.
رامىزاننىڭ15-كۈنى
ھەر كۈنى ئۆيىمىزگە ياغلىق ئارتقان ئاپاشلار كېلىدۇ،
ئولتۇرۇپ بىرلىكتە قۇرئان ئوقۇشىدۇ،بۇرۇنقىدەك ئۆي جاھازلىرى،كىلىن،قېينانا قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلەشمەيدۇ،قوللىرىنى كەڭ ئېچىشىپ ھەممە ئادەمگە دۇئا قىلىشىدۇ،غۇنچە ئاپاشمۇ ياغلىق ئارتىپتۇ،ياغلىقى تولىمۇ يارىشىپتۇ
رامىزاننىڭ17-كۈنى
ھەممە شۇ رىتىمدا داۋاملىشىۋاتىدۇ،ھەتتا تىلىۋىزۇرمۇ تۆۋەن ئاۋازدا ئەدەب بىلەن سۆزلىمەكتە،ھەممە كۈن قارايغاندا ئەزان توۋلايدۇ، تۇيۇقسىز پۈتۈن شەھەرخەلقى ئىپتار ئىپتار دەپ ئالدىراپ تاماق يېيىشكە باشلايدۇ،نېمىدىگەن قىزىقارلىق!
رامىزاننىڭ21-كۈنى
روزىغا بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم.
تۈنۈگۈن ئائىشە ھاممام ئانام بىلەن :«مۇنداق مۇنداق قىلسام روزا بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەندەك مەسىلىلەر ھەققىدە پاراڭلاشتى.
ھە،دېمەك،بۇ روزا بەكمۇ تاۋى نازۇك ئوخشىمامدۇ،ئادەملەر بىرەر ئەسكى ئىش قىلسىلا خاپا بولۇپ بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن،يامان گەپ،يامان ئىشنىڭ يېنىدىن شۇ زامان قاچىدىكەن.
رامىزان ۋە روزا كاللامنى چىرمىۋالدى،ئۇلار بىلەن بەكمۇ تونۇشۇۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ.
رامىزاننىڭ 24-كۈنى
. بۇر بىر نەچچە كۈن ھەممەيلەن ئاغزىدىن «قەدىر كېچىسى»دېگەن گەپنى چۈشۈرمىدى
ھازىرغىچە مەخسۇس ئالاھىدە كېچىسى بار ئادەم ھەققىدە ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.
ئەمدى بۇ قەدىر دېگەن كىم؟
بۇ بىر خەيرلىك كېچىمىش.ئۇ كېچە ئۇخلىماي،ناماز ئوقۇپ،قۇرئان ئوقۇپ ئىبادەت قىلسا ياخشىمىش.
رامىزاننىڭ 26-كۈنى
ئىفتارنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم،كەچلىك تاماق يېيىشنى ئىفتار دەيدىكەن.
ئەتىگەندە تاڭ ئاتماستا يەيدىغاننى سوھۇر دەيدىكەن. ئىفتاردىن كېيىنكى ۋاقت ئەڭ ئېسىل، دادام بىزنى مەسچىتكە ئېلىپ بارىدۇ ،ھەممىلا ئادەم مەسچىتتە،كوچىلاردا تەبەسسۇم ئىچىدە خۇشال-خۇرام يۈرۈيدۇ.
رامىزاننىڭ 28-كۈنى
تۆت كۆز بىلەن ساقلىغانىدىم ،ئەپسۇس خىياللار ئىلكىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن،ئۇ قەدىر ئەپەندى كېچىسىنى باشلاپ كېلىپيۇ كېتىپ بوپتۇ،مەن كۆرەلمەپتىمەن،ھەدەمدىن نەچچە قېتىم سورىدۇم ،مەن ئۇچىنى چىقىرىپ بولغۇچە ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ،تېخى دوستلىرىغىمۇ دەپ بىرلىكتە كۈلۈشۈپ جېنىمنى چىقىرىدۇ.
ئاكام باشقا شەھەردە ئالى مەكتەپتە ئوقۇيتى «ئانا ئاكام قاچان كېلىدۇ» دەپ ئانامدىن نەچچە قېتىم سورىدۇم:«ھېيت كەلسۇن،ئۇمۇ كېلىدۇ» دېدى. روزا،رامازان،ئۆتكەندە كۆرۈنمەي قېچىپ كەتكەن قەدىر ئەمدى نەدىن چىقتى بۇ ھېيت؟
كاللام قوچۇلۇپ كەتتى:« ھېيت كىم » نېمىشقا ئۇ كەلمىسە ئاكام كەلمەيدۇ؟
بەلكىم ئاكامنىڭ دوستىدۇر،بىللە كېلەيلى دېگەندۇ.
ئاكامنى بەك سېغىندىم،شۇ ھېيتنى باشلاپ تىزراق كەلسۇنا،بىر تونۇشۇۋالاي.
رامىزاننىڭ 29-كۈنى ھارپا
شۇنچە كۆپ ئەر ئىسىملىرىنى ئاڭلاپتىمەن،بۈگۈن ئاخىرى بىر ئايال ئىسمىنى ئاڭلاپتىمەن،ھارپا.توۋا ھارىفە بولمامدۇ ئايال ئىسمى دېگەن،بۇلار ھارىفە دېيەلمىسە كېرەك،ھارپا كېلىۋاتىدۇ.تىزدىن تازىلىق قىلايلى دەيدۇ ئانام.
بەكمۇ ئالاقىزادە بولۇشنى.
بىردەم ھېيت دەيدۇ بىردەم ھارپا،جىددى –جىددى ئىش قىلىشىدۇ.تاماق ئېتىدۇ.تۈرلۈك تاتلىق تۈرۈملەرنى پۇشۇرىشىدۇ.ئانامدىن :«ھېيت قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىدىم.
«ھارپىدىن كېيىن» دېدى.دېمەك ھارپا بىلەن ھېيت بىر ئۆينىڭ ئادىمى ئەمەسكەن،ئۇرۇق-تۇغقان ئەمەسكەن.كاللام ئېلىشىپلا كەتتى.
ھەي ئاكام بىر كەلسە ماڭا ھەممىنى بىر چۈشەندۈرسە بولاتتى.
ھېيت كەلدى
سەھەر ئويغىنىپ قارىسام ھەممەيلەن ناشتا قىلىۋىتپتۇ،روزا دېگەن كىشى يوقالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم.
ئاكام يېرىم كېچىدە كەپتۇمىش،بۇنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن ۋارقىرىۋەتتىم.
بىر بىرىمىزنى شۇنداق سېغىنغانىدۇق،
يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە قويماي ئاكامغا دەپ بەردىم،
ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى،ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىگە قاراپ ئىچىمدە «ھەرنىم بولسا ھەدەمگە دېمەپتىمەن،ئاكام كۈلۈمسىرىگەن ئۇ يەردە ئۇنىڭ تىزىنى ئۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلىشى تۇرغانلا گەپ» دەپ ئويلىدىم.ئاكامنىڭ كۈلۈشلىرىدىن قىيدىغان بولىۋالدىم،ئۇ شۇ ھامان ئەركىلىتىپ كۆڭلۈمنى ئالدى ھەممىنى بىر باشتىن ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ قويدى،ئەمدىكى كۈلۈش نۆۋىتى ماڭا كەلگەنىدى.
ئۆزۈمنىڭ خىياللىرىدىن ئۆزۈم كۈلدۈم،ئاكام بىلەن باغلاشتۇق،ئۇنىڭغا دېگەنلىرىمنى ھىچكىمگە دىمەسلىككە ۋەدە بەردى،ئەمما مەندىن بۇلارنى يېزىپ چىقىشىمنى تەلەپ قىلدى،مەنمۇ ماقۇل بولدۇم.
رامىزانلىق كۈندىلىك خاتىرەم مانا مۇشۇنداق مەيدانغا كەلدى.
ھيېتنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم،رامىزان كەتتى،ھەدەم يەنە بۆرە تىرىسىنى كىيىدىغان بولۇپ قالىدۇ،ئۇنىڭ كېتىشىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم،بىز ئۈچۈن مەڭگۈ رامىزان بولسا نېمىدىگەن ياخشى ھە!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: رامىزان، ھېيت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,451 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ramzanliq-kundilik-xatire.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > خىزمەت تېپىش بەك تەس بولۇپ كەتتى…
- كېيىنكى يازما > بۇ رەسىملەرگە قاراپ بۇ ئاتا-بالىنىڭ ئۆز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالامسىز؟ ئۆگەي؟! ياق، ئۆگەي ئەمەسكەن…
كىم يازغان ،ياخشى يېزىپتۇ
تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بۇلۇپتۇ،،،تۇرخۇمار سىزنىڭ قەلىمىڭىز تۇلىمۇ كۈچلۈككەن،،، ياخشى يېزپسىز،،
بەك ئېسىل چىقىپتۇ ماۋۇ ‘ يازما رامىزان ئېيىدا كۆرگەن تىمىللىرىمنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئېسىلى ھەم تىلى نازۇك بىر تىما بۇ مەن ئۈچۈن…
ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن….
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغانمۇ نىمە
ئەسەردىن تۈركچە پۇراق كىپ تۇرىدىكەن
ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن ……….. بەك ياقتۇردۇم …..
اللە رەھمەت قىلسۇن !
ئېسىل تېما ئىكەن !
ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن….
توغرا بۇ تۈرۈكچە ئەسەر، مەلەك تەرجىمە قىلغان… ئۇقىزنىڭ يەنە نۇرغۇن ئېسىل تەرجىمە ئەسەرلىرى بار
ئىسىل يازما ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن … بەك ياخشى يازمىكەن . مەنمۇ بەك ياختۇردۇم
سەبى خىياللار، كىچىك ۋاقىتتىكى خىياللار نىمە دىگەن تاتلىق ھە!
بىز كىچىك چاغلاردا سوھورلۇق ۋە ئىپتاردا ناغرا چالاتتى، ھارپا كۈنى پۈتۈن بىركۈن ناغرا چالاتتى، ھەي،،،ھازىر بۇ ئىككى ھىيىتمۇ ….
ھەقىقەتەن ياخشى يازما بوپتۇ ماۋۇ . . .
ھيېتنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم،رامىزان كەتتى،ھەدەم يەنە بۆرە تىرىسىنى كىيىدىغان بولۇپ قالىدۇ،ئۇنىڭ كېتىشىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم،بىز ئۈچۈن مەڭگۈ رامىزان بولسا نېمىدىگەن ياخشى ھە!