روزى ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن | 2013-يىللىق روزى ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى
ئاۋال كېچىكىپ يوللىغان سالامىمىز ئۈچۈن ھەممىڭلاردىن ئەپۇ سورايمەن. تورخۇماردىكى بارلىق تورداشلارنىڭ روزى ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!
كىچىكىمدىن ئېسىمنى بىلسەم، ھېيتتا چوڭ-كىچىك ئۆيمۇ-ئۆي ھېيتلاشتىن باشقا يەنە ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىش مۇشۇ يىغىلىپ ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرۈش ئىكەن. بۇ يىللىق روزى ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى تېخى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم. ئەمما بىر قىسىم ياقا-يۇرتتا ھېيت ئۆتكۈزىۋاتقان، تېلېۋېزور ئالدىغا كېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلار ئۈچۈن كېچىلىكنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئېلىپ كەلدىم. قېنى بىر تەرەپتىن كۆرگەچ بىر تەرەپتىن كېچىلىك ھەققىدە ۋە ھېيت ھەققىدە مۇڭداشمامدۇق؟
2013-يىللىق روزى ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: كېچىلىك، ھېيت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,716 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 2013-roza-heytliq-kechilik.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىز تۇرىۋاتقان ئالەم – گەرچە تەسەۋۋۇر قىلىنغان كارتون بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدىكى ئالەم بەلكىم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن
- كېيىنكى يازما > تۆمۈر پالۋان(Iron Man 3) نىڭ 16 بىتلىق كونا ئويۇن نەشىرىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
- 2015-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىملەر | 87-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى مۇراسىمى
- 2014-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىملەر | 86-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى مۇراسىمى
- بىر ئۆسمۈرنىڭ رامىزانلىق كۈندىلىك خاتىرىسى
- 85-نۆۋەتلىك ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم نادىر كىنو-فىلىملەر | ئوسكار مۇكاپاتى كېچىلىكى
- سىز توردىن ھەقسىز كۆرىۋاتقان ئەشۇ سەنئەت كىچىلىكلىرىنىڭ قانداق روياپقا چىقىدىغانلىقىنى تەسسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟
- 2010-يىللىق قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكى(تولۇقلاندى) | ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
بىر -ئىكىكىلا نومۇر سازكەن، قالغىنى ماز كەن…
بىر ئىنكاس بىلەن پۈتۈن كېچىلىكنىڭ ۋەقەلىكىنى ئاشكارىلىۋېتىپسىزغۇ؟!
قايسى ئىككى نومۇركەن؟ شۇنىلا كۆرەي.
مەخمۇت سۇلايماننىڭ ناخشىسى ياخشى چىقىپتۇ،قايتا ئاكورتلاشتۇېغان ئوخشايدۇ.
چولپان بولۇش ئۈچۈن سەھنىگە چىقىدىغانلار كۆپ ئۇيغۇرلاردا….
ئىتوت دىگەندەك بىر نەرسىلەر يوقمىكەن
مەن شۇبىڭغىلام قىزىقىمەن
تورخۇمار نېمىشقا يوقاپ كەتتىكىن دىسەم
كېچىلىككە قاتنىشىپتىكەن ئەمەسمۇ…..
مەن ھەريىلى ئادەتتە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ۋەزىپە ھېسابىدا ئىشلىگەن ھېيتلىق، نورۇزلۇق كېچىلىكلىرىنى كۆرمەي، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆتكۈزگەننى كۆرىمەن، بەزى يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىمۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاپتۇنۇم رايۇنكامنىڭ ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ، پەتىچىلەر كېلىدىغان بولغاچقا ، تېلېۋىزۇر ئىكرانىغا قارىماي تۇرۇپلا كۆرىۋەتتىم كۈندۈزى…
خۇماداشلا ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك
ماڭا 63مىنوتلۇق يىرىدىكى ئابدۇللا ياسىن دىگەن ئاكىمىزنىڭ ‹‹ئۆچمەس چىراق دىگەن›› ناخشىسى يارىدى…
قايسىڭلا مۇشۇنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللىۋېتىسىلە
بەزى نۇمۇرلار خېلى بەلەن چىقىپتۇ . مۇقاملارمۇ شۇندا ياخشى (لىكىن مۇقام بەك جېق ئادەمنى زىرىك تۈرۈپ سالىدىكەن . مىنىڭچە مۇقام كىچىلىكلەردە ئاز بولغىنى ياخشىكەن . قانچە ئەتىۋا بولسا شۇنچە قەدرى ئۆتىلىدىغۇ) . ھە راس كېچىلىكنىڭ ئېلانىدا كىچىك سىڭلىمىز بەرنا، ئابلاجان ئاۋتنى كۆرسىتىۋاتاتتى كىچىلىكتە چىقمىدىغۇ ؟
توغرا ئېيتتىڭىز، مۇقام دېگەننى ئاڭلاپ نېمە قىلىدۇ؟!
يەنە ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن،ئاتا-ئانىمىزنى تونۇمىساقمۇ يەر شارى ئايلىنىۋىرىدۇ،بىزگە،روك،رەپ.ئاللىقانداقتۇر بىر ئالا-تاغىل مۇزىكىلار بولسا بولدى.مۇقام دېگەن كونا زاماننىڭ بىر نېمىسى،ئاتا-ئانىمىزمۇ كونىراپ كەتتى،رەبلەردىن،روكلاردىن يېڭى ئاتا-ئانىلار چىقىپ قالىدۇ!!!
شۇڭا مۇقامغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ،يېڭى«مۇقام»لارغا ئەكىس سادا قوشايلى!!!
دىۋاندىكى ئاداش جۈتوۋ قىلىپ ساپتۇ، بۇ بالا بىگ بەڭ كۆمەيدىكەن
قانداق ماز گەپ ئاۋۇ؟
يامان ئەمەس چىكىپتۇ ،تورخۇمارمۇ بىر نۇمۇر چىقارغان بولسا ھە
بايرام كېچىلىكىدە «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» بەك جىق كۆرۈنۈشنى ئىگىلەپتۇ.
«شىنجاڭ خەۋەرلىرى»نى ئايرىم دېسىمۇ ئوخشاشلا كۆرۈۋېرەتتۇق
مەنمۇ مۇشۇ سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەنئەت كېچىلىكىنى نازارەت قىلىش ھوقوقىغا ئىگە بولغان خەلىق ئىچىدىكى بىر تال خەلق، شۇڭا ئۆزۈم كۆزەتكەن، ماڭا يارىمىدى ۋە ماڭا يارىدى دېگەن جايلارنى سۆزلىسەم، خاپۇلاشماي ئاڭلاپ بېرىشەلا. ئاللاھ بەرگەن ئىنسانلىق ھوقوقۇمنى ئىشلىتىۋاتىمەن، قانۇنسىزلىق قىلمىدىم
ئۆزۈم كۆزەتكەن بىر قانچە نۇقتىنى بايان قىلىپ باقاي:
1. «تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ» دېگەن بۇ ناخشا ئەسلى خەلق ناخشىسى بولۇپ، خەلقنىڭ ھەقىقىي ئەنئەنىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر كېچىلىكتە ياشلار ئورۇنلىدى دەپ داۋبەن قىلىپ ئۆزگەرتىپ، مۇزىكىسىنى ئازىراق تېزلەشتۈرۈپ، كاسىلىرى تولغان خېنىملارنى تازا تولغاتقۇزۇپ، ناخشىچىمۇ ئاۋازىنى قايدۇرۇپ ئورۇنلاپ ئاتالمىش يېڭىلىق ياراتقان بولۇپ چىقىپتۇ. مۇشۇ ناخشا ماڭا پەقەت ياقمىدى. نېمىشقا ئەل ئارىسىدىكى پارتىزان سىتودىيەلەرنىڭ نومۇر ئورۇنلىشىغا يول قويمايدۇ. پارتىزان سىتودىيەلەرنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى نومۇرلىرى بار ئىدى، ئاشۇ ئارقىلىق ئەل ئارىسىدىكى ياشلارغا ئېلھام بېرىلەتتى.
2. بۇ قېتىملىق كېچىلىكتىكى خەلققە ئەڭ پايدىلىق بولغان، كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن تېما دەل ياشلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش. مەمۇرلۇققا ياكى ھۆكۈمەتكە تايىنىشقا يېتەكلىمەپتۇ. دېمەك، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا بىزگە شىتات ئازكەن، خەققە جىقكەن، بۇ يىل ياخشى ئورۇنلارنى خەققە بېرىپتۇ دەپ ئاغرىنمايلى، جۇمۇ!
3. يەنە بىر ياخشى تەرەپ، بۇرۇن رىياسەتچى بولسۇن ياكى ئارتىسلار بولسۇن مەيدىسى ئوچۇق كۆينەك، تىزىدىن ئاشمايدىغان يوپكىلارنى كىيىپ چىقاتتى، بۇ قېتىم ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەندەك قىلىدۇ. مانا بۇ تىللىغاننىڭ پايدىسى، «تىللاش» ھەرگىزمۇ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاش ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ تىللىشى دېگەن ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپى. بىز تىللىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەيىپىنى، قىلالمىغانلىرنى سۆككەچكە بۇ سەنئەت پىروگراممىلىرى مۇشۇنچىلىك ياخشى چىقىۋاتىدۇ. نېمە قىلسا، نېمە كىيسە كارىمىز بولماي يۈرسەك بولمايدۇ. ئۇيغۇر دېگەن ناھاقچىلىككە، زۇلۇمغا، خاتالىققا، سەۋەنلىككە ئوت ئاچالايدىغان مىللەت! ئۇيغۇرنىڭ خاتالىققا، زۇلۇمغا ئاچقان ئوتلىرىنى ھەرگىز ئۆچۈرۈپ قويمايلى!