ئويۇنلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن CG فىلىملەرمۇ خېلى چوڭ كىنو-فىلىملەردىن قېلىشمايدۇ
تورخۇماردا ئانچە مۇنچە ئويۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ تۇرىمىز، بەزى ئويۇنلارنىڭ تەشۋىق فىلىمىگە قاراپلا كىشىنىڭ ئوينىغۇسى كېلىپ قالىدۇ. يەنە بىر قىسىم تېخى تونۇشتۇرۇلمىغان، كۆپچىلىككە ناتونۇش بولغان ئويۇنلارمۇ بار، بۇ ئويۇنلارنى ۋاي دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئويۇن ئىشلىگۈچى تەرەپنىڭ قېتىرقىنىپ ئىشلەپ چىققان CG فىلىملىرى يەنىلا كىشىنى ۋاھ دېگۈزۈپ قويىدۇ.
بۈگۈن كۆرۈپ ئۆتىدىغىنىمىزمۇ، ماسسا ئېففېكتى3(Mass Effect 3) ناملىق ئويۇننىڭ باشلىنىش مۇقەددىمىسىدىكى قىسقا فىلىم. قارىماققا كۆرۈنمە ئۈنۈم ۋە جەڭ مەيدانى خېلى چوڭ كىنو-فىلىملەرنى بېسىپ چۈشكۈدەكلا.
ماسسا ئېففېكتى3 نىڭ تەشۋىق فىلىمى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: CG، ئويۇن، فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,832 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mass-effect-3-cg.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بور بىلەن سىزىپ ئىشلەنگەن ئۆزگىچە كارتون – خاسىيەتلىك ئادەم VS تىيىن دىۋە
- كېيىنكى يازما > يۈرەك سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىش بەك مۇھىم، ھەتتا مۇردىلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
ھەقىقەتەن ئېسىل ئىشلەپ قويۇپتۇ
تەرەققىيات بەكلا تىزلىشىۋاتىدۇ.
ھەر-بىر ئويۇننىڭ تەشۋىقات فىلىمى چىقسا قىسقا بىر كارتون كۆرگەندەك ھىسىياتتا بولىدىكەن ئادەم
CGتېخنىكىسىنىمۇ ئازدۇر كۆپتۇر ئۆگىنىپ قويساق بولغۇدەك”!
تورخۇمارغا يېڭى خۇما بوغان چاغلادا مۇشۇ كومىك ، CG دىگەنلەرنى بىلمەيتتىم ، نىمىلا بولمىسۇن تورخۇماردا لاغايلاپ يۈرۈپ خېلى بىر نەسىلەرنى بىلىپ قالدىم … بۇلۇپمۇ يېڭى ئۇيۇنلار توغرىسىدا ھەم بەزى IT ، يانفۇن ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا تورخۇمارنى ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدە خېلى ئالدىدا ماڭدى دەپ ئويلايمەن ، شۇندامۇيا ؟
ئونۋىرساللىقتا تورخۇمارغا يىتىدىغان تور بەت يوق
سەپلىمە تەلىپى ئانچە چوڭ ئەمەسكەن ، ئويناپ بېقىڭلار باللا
دەھشەت ئويۇندە بۇ .بۇنىڭ كومپىيوتېر نۇسخىسىنىڭ سىغىمى 8GB غا بېرىپ قالىدۇ لىكىن سەپلىمىگە بولغان تەلىۋى ئانچە يۇقىرى ئەمەسكەن لىكىن سۈرەت ئۈنۈمى ئالامەتكەن ،مەن ئويناپ بىر ئالەم شەھىرىگە بارغاندىن كىيىن ۋەزىپە تاپالمىدىم .
سىز دەۋاتقان8GB دېگىنى 2_بۆلۈمىكەن. بۇ 3_بۆلۈمىنىڭ سىغىمى 20GB ئىكەن. ئويۇننىڭ PC نۇسخىسى بولسا بىرىنجى بۆلۈمى 2008_5_ئاي، ئىككىنجى بۆلۈمى 2010_1_ئاي، 3 بۆلۈمى 2012_5_ئايدا چىقىپتۇ.
ئالدىنقى قېتىم: ‹‹ياخشى ئويۇننىڭ چوقۇم بىر ياخشى ھېكايىسى بار! قاننى ئۇرغۇتقۇدەك كىرىشتۈرۈپ قويغان ئويۇن تەشۋىق فىلىم توپلانمىلىرى!›› دېگەن تېمىدىكى ئويۇن كۆرۈنۈشلىرىدە بۇ ئويۇننىڭ كۆرۈنىشىمۇ باتتىكەن. ئويناپ باقمىغاچقا ئىسمىنى بىلەلمىگەنىدىم. ئەمدى بىلىۋالدىم.
ئەجەپ چوڭ ئويۇنكىنا بۇ ، مەن تېخى ئوننەچچە GB كېلەمىكىن دەپتىمەن ، ئەڭ ياخشىسى چۈشۈرمەي تۇراي
تاماشىبىن بۇرادەر خاتاسى يوق دەل مۇشۇ ئويۇن مەن پىلاستىنكىدىن قاچىلىغان دەل ئۈچىنچى بۈلۈمى PC نۇسخىسى ،بەلكىم خاككېرلار يىشىپ كىسىپ قىسقارىتقان نۇسخىسىمۇ ئەمدى بىلمىدىم ،ھازىرمۇ ئويناۋاتىمەن ئاۋۇ كۈرۈنۈشكە ئوپمۇ ئوخشاش ئىشقىلىپ سۈرەت ئۈنۈمىگە ئىشلەپ قويغان ئويۇنكەن بۇ ،بۇنىڭ ئىككىنچى بۈلۈمىمۇ يەتتە gB دىن ئاشىدىكەن.