Gravatar دېگەن نېمە؟ يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت ئىشلىتىش ھەققىدە
بەلكىم كۆپچىلىك دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بىر قىسىم تور بېكەتلەردە، بولۇپمۇ WordPress قا ئوخشاش بېكەت سېستىمىلىرىنى ئىشلەتكەن تور بېكەتلەردە بەزى تورداشلارنىڭ باش سۈرىتى ئىنتايى قالتىس، ئۆزگىچە كۆرۈنىدۇ، بىر قىسىم تورداشلارنىڭ باش سۈرىتى بولسا، ئاشۇ تور بېكەت تەمىنلەپ قويغان كۆڭۈلدىكى باش سۈرەت كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە نۆۋەتتە تەدبىركار تورخۇمارلار كۇلۇبىمۇ ئوخشاش بۇ خىل مۇلازىمەتنى تەمىنلىگەن. ئەمىلىيەتتە بۇ خىل بىر تۇتاش باش سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبەسى، بىر خىل Gravatar دەپ ئاتىلىدىغان مۇلازىمەتتىن كېلىدىغان بولۇپ، Globally Recognized Avatar نىڭ قىسقارتىلما ئاتىلىشى. نۆۋەتتە خېلى كۆپ قىسىم تور بېكەت سېستىمىلىرى بۇ خىل مۇلازىمەتنى قوللايدۇ، ئۇنداقتا بىز Gravatar نىڭ نېمىلىكى ھەققىدە توختىلىپ باقايلى.
Gravatar ئەڭ بۇرۇن چەتئەلدىكى WordPress بلوگ سۇپىسىدا ئىشلىتىش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن بىر خىل مۇلازىمەت بولۇپ، ناۋادا سىز Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان ھەر قانداق بىر تور بېكەتكە بارغان چېغىڭىزدا، بۇ تور بېكەت سىزنىڭ E-mail ئادرېسىڭىزغا ئاساسەن ماس كېلىدىغان باش سۈرەتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ باش سۈرەتنى بەلگىلەش ئۈچۈن سىز ئاۋال Gravatar نىڭ تور بېكىتىگە بېرىپ، ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان باش سۈرەتنى تورغا يۈكلەشكە ئېھتىياجلىق بولىسىز، بولمىسا بۇ تور بېكەت كۆڭۈلدىكى باش سۈرەت ئارقىلىق سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. تورخۇمارلار كۇلۇبى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بېكەت پروگراممىسى WordPress بولۇپ، Gravatar مۇلازىمىتىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ، سىز ئۆزىڭىزگە خاس باش سۈرەت ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە Gravatar مۇلازىمىتى پۈتۈنلەي ھەقسىز!
تۆۋەندە بىر قانچە قەدەم ئارقىلىق كۆپچىلىككە Gravatar باش سۈرىتى ئىلتىماس قىلىشنى ھەمدە تورخۇمارلار كۇلۇبىغا ئوخشاش تور بېكەتلەردە قانداق قىلىپ ئۆزىمىزگە خاس بولغان باش سۈرەت بەلگىلەشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:
1. تىزىملىتىش: ئاۋال Gravatar نىڭ تور بېكىتى(http://gravatar.com/)گە بېرىپ، سول ئۈستى تەرەپتىكى تىزىملىكتىن Sign Up نى باسىمىز.
2. دەلىللەش: خەت ساندۇقىڭىزغا كىرىپ، بايا Gravatar ئەۋەتكەن يوللانمىدىكى ئادرېسنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، توركۆرگۈنىڭ ئادرېس ستونىغا چاپلاپ Enter نى باسىمىز.
3. ئىسىم، پارول قاتارلىقلارنى بەلگىلەيمىز.
4. رەسىم يۈكلەش: ئادەتتە كۆپىنچە كومپيۇتېردىكى رەسىمنى يۈكلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ(My computer’s hard drive).
5. رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى قىيىۋالىمىز.
6. باھا دەرىجىسى: سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىزگە دەرىجە بەلگىلىنىدۇ، چۈنكى ھەرخىل تورداشلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان باش سۈرىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بىر قىسىم چوڭلار ياقتۇرىدىغان باش سۈرەتنىڭ بەلكىم كىچىك دوستلارغا بولغان تەسىرى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا سىز چىقارماقچى بولغان باش سۈرەت ئۇنچە بەك "ئالاھىدە" بولمىسىلا، بىۋاستە G تىپنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاساسەن ھەر قانداق تور بېكەت بۇ باش سۈرەتنى نورمال كۆرسىتەلەيدۇ، نۆۋەتتە تورخۇمارلار كۇلۇبى مۇ بۇ خىل تىپتىكى باش سۈرەتنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ.
7. تەستىق كۈتۈش: باش سۈرەت چىقارغاندىن كېيىن قىسقا مۇددەتلىك تەستىقلاش ئۆتكىلىگە دۇچ كېلىمىز، ناۋادا سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز G تىپتىكى باش سۈرەت بولسا ھەمدە يوللىغان باش سۈرىتىڭىز بەك "ئالاھىدە" بولۇپ كەتمىسە، نەچچە مىنۇتقىچە تەستىقلىنىپ بولىدۇ.
بۇ باش سۈرەتنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن، سىز Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان ھەر قانداق تور بېكەت، مەسىلەن تورخۇمارلار كۇلۇبىغا ئىنكاس يازغاندا، Gravatar ئىلتىماس قىلغان چاغدىكى خەت ساندۇقىڭىزنى تولدۇرغان بولسىڭىزلا، تور بېكەتتە ئۆزىڭىزگە خاس بولغان باش سۈرەتنى كۆرەلەيسىز. ھازىرچە كۆپ قىسىم Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان تور بېكەتلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئاساسەن WordPress ، بىراق ئەمىلىيەتتە ھەرقانداق تور بېكەت پروگراممىسىغا پەقەت Gravatar نىڭ كودى قوشۇلغان بولسىلا، يەنىلا Gravatar باش سۈرىتىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ مۇلازىمەتمۇ بەلكىم بۇندىن كېيىن بارا-بارا ئومۇملىشىپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ھېچ بولمىسا باش سۈرەت بەلگىلەش ئۈچۈن بەك ئاۋارىچىلىق تارتىپ كەتمەيسىز.
بەلكىم بىر قىسىم تورداشلار: ناۋادا E-mail غا ئاساسەن باش سۈرەت ئىشلىتىدىغان ئىش بولسا، ئېلخەت ئادرېسىمىز ئاشكارىلىنىپ قالمامدۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى Gravatar نىڭ ئىشلەتكىنى MD5 مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق مەخپىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى E-mail بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ تامامەن ھاجىتى يوق.
بىر قىسىم دوستلار مەزكۇر يازمىنىڭ ئۈستى قىسمى رەسىمدىكى كارتون رەسىملەرنى قانداق لايىھەلەيدىغانلىقىنى سوراۋاتىدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ بىر خىل توردا تۇرۇپ باش سۈرەت لايىھەلەشكە بولىدىغان تور بېكەت بولۇپ، تەدبىركار ئىلگىرى ئۆزىمىزگە خاس بولغان كارتون ئوبرازى بەلگىلەش دېگەن نامدا بۇ تور بېكەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدى، مۇناسىۋەتلىك يازما ئادرېسى: faceyourmanga.html
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: باش سۈرەت، بلوگ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 222,343 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: gravatar.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > RoboHash – ئىسمىڭىزغا ئاساسەن ناھايىتى قىزىقارلىق بولغان ماشىنا ئادەم شەكىللىك باش سۈرەت ھاسىل قىلىش
- كېيىنكى يازما > 迅雷/快车/QQ旋风 لارنىڭ مەخسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن يېشىش ۋە مەخپىيلەشتۈرۈش قورالى
- تەبرىك | تورخۇمارنىڭ 1000-يازمىسىغا مۇبارەك!
- 10 چوڭ بلوگ ھەققىدە ئىشلەنگەن يېڭى ھەزىل فىلىم: بىلكان پەد ئىشقىدا
- 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى! تورخۇمار سىزنىڭ بىر تال بېلىتىڭىزگە موھتاج!
- RoboHash – ئىسمىڭىزغا ئاساسەن ناھايىتى قىزىقارلىق بولغان ماشىنا ئادەم شەكىللىك باش سۈرەت ھاسىل قىلىش
- بىر مۇنەۋۋەر بلوگ قانداق تاۋلىنىپ چىقىدۇ؟ بلوگگېرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىغا دىققەت قىلىڭ…
- WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇق تاللاش ھەققىدە
- WordPress تىكى باشقۇرۇش پارولىنى ئۇنتۇپ قالغان چاغدا…
- ھەجۋى تەرجىمە – ئوقۇرمەنلەرنىڭ خۇشامەتلىرىدىن تاللانما
- بلوگدىن يازما كۆچۈرۈلگەندە ئەسلى مەنبە ئۇچۇرلىرى ئاپتوماتىك كۆچۈرۈلۈش ئىقتىدارى
مانا ما يەنىڭ دىۋانىدا مەن ئولتۇرۇپتىمەن
بىلىۋالدىم!
مەن خەت ساندۇقنى ئالماشتۇرۋالغان ئىدىم، ئۆزگەرگەنمىدۇ؟
رەھمەت ، مەن ئۆزگەرتىۋالدىم .
مىنىڭ باش سۈرۈتۈم نىمىشقا ئۆزگەمىگەندۇ
ئاخىرى چىقتى باش سۈرۈتۈم !!!
چۈشەندىم
ھى ھى ھى بايا بىر دوستۇم ياردەملىشىپ ئېپ بەرگەنتى بۇنداق باش سۈرەتنى… مەنمۇ ئۆگىنىۋالدىم مانا…
ئوبدان يارىشىپتۇ، ئوماق بوپ كېتىپسىز
رەھمەت ، رەھمەت…..
بۇ يازمىنى ئەجەپ بىر سىناپ باقماپتىمىنا؟ مەنمۇ سىناپ باقاي جۇمۇ
مەن تورخۇمارغا .باھا يازسام .باشسۈرىتىم يوخ ھالەتتە چىقىپ قالدى.؟؟؟؟
مىنىڭ باش سۈرىتىم نىمىشقا چىقمايدىغاندۇ ؟
بۇ توربەت ھەقىقەتەن ياخشى قوللايدىكەن….
قىنى كۆرۈپ باقاي
مىنىڭ باش سۇرۇتۇم نىمىشقا چىقمايدىغاندۇ
بەلەن ئېشكەنبۇ ،مەنمۇ سىناپ باقاي جۇما
ئو،مىنىڭمۇ بۇلاپتىغۇ
مەن قانداق ئەزا بولىمەن!!!
مېنىڭ سول تەرەپتىكى باش سۈرەتنى بەلگىلەش دېگەن جايدا چىقتى، لېىكىن ئىنكاسىمدا چىقمايۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئىشتۇ ئەمدى
سىناق ئىنكاس
مەن سىناپ باقاي قېنى
مىنىڭ باش سۈرتىم چىقمايدىيا
مېنىڭمۇ باش سۈرىتىم چىقمايدىغۇ… يۇقىردىكى جەريانلار بويىچە توغرا مەشغۇلات قىلغان بولمىسا… نېمىشتۇبۇ…
چىقتىمۇ يە
مىنىڭمۇ چىققاندەكمۇ
مېنىڭمۇ باش سۈرىتىم چىقمايدىغۇ…
مېنىڭمۇ كىمۇ چىقىپتىمۇيا؟
مەنمۇ سىناپ باقاي
ياندىكى ئىكراندا باش سۇرەت چىقتى ،لىكىم ئىنكاس يازغاندا چىقماۋاتىدا يا؟
مەنمۇ بىر سىناپ باقايچۇ
سىناق
تۈرمىدىن قاچۇرۋەتكەندىن كىين،ستېشتىن كېيىنكى رېمنۇت قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھىرمان بولغىلى بولمايدۇ شۇنداقمۇ؟
بەك ياخشكەن
سىناق
مەن قىلىپ بولساممۇ چىقمايدا بۇ رەسىم
كورۇپ باقاي چىقدىمۇيا
سىناق
مىنىڭ بار ئىدى ھې ھې ھې
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلا ماڭا ياردەم قىلساڭلا باش سۈرەتنى قانداق چىقىرمىز؟
قاچانمۇ قىلالامەن
رەھمەت بۈگۈن مەنمۇ قىلۋالدىم بۇ تىما ناھايىتى بۇرۇن يىزىلغان بولسىمۇ گەرچە………
مەنمۇ قىلالمىدىم
مۇمكىن بولسا،رەسىملىك مەشغۇلات چۈشەندۈرىشى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز….سول ئۈستى تەرەپتە sign upدەيدىغان خەت ياكى ئورۇن يوقكەن…
wordpress ئېچىلمايدىغۇ ئەجەپ…
ھازىر ئالغىلى بولمامدۇ نېمە ؟
ھازىر يېڭى ئەزا تىزىملىتىش سەل بىئەپ بوپ قالغاندەك تۇرىدۇ
مىنىڭ قانداقراق بولغاندۇ؟
ئەمدى بولغاندەك تۇرامدۇ نىمە ؟
يەنە بولمايۋاتىدۇ كىم ياردەم بىرىدۇ؟
ماڭا بىرىڭلا ياردەم قىلمىساڭلار بولمىدى …
تور كۆرگۈچ ئالماشتۇرسام بولغاندەكمۇ نىمە ….
مىنىڭكى ئۆزگەرگەنمىدۇ؟
QQ邮箱 بولمامدا؟
بولىدىكەن ئەمەسمۇ…
QQ邮箱 دا قانداق قىلىدۇ
بولمامـتىكى…………بولدۇ ئەلۋەتتە
بولىدىغان ئىشكەن ماۋۇ
مۇندامۇ ئىش باركەن-ھە.
يامان ئەمەسكەن
مىنىڭ باش سۈرتىم چىقىدىكەن
بولغاندەكمۇ يا؟
مەن قىلالمىدىم
مەنمۇ قىۋالدىم
مەنمۇ قىپ باقتىم.بوغاندەكمۇ؟
نىمىنى زادى خا دوسلا
بۇ توربەتنى چەكلەپتۇمۇ نېمە؟ تامدىن ئارتىلدىغان ئىشمۇ يا، ئېچىلمايدىغۇ؟
باش سۈرەت بەلگىلەشكە كېچىكىپ قالغان تورداشلار دىققەت:
http://cn.gravatar.com
بۇ ئادرىسقا كىرسىڭىز نورمال ئېچىلىدۇ.
مەن بىلىۋالدىم
بوممىدى