نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

تەبرىك | تورخۇمارنىڭ 1000-يازمىسىغا مۇبارەك!

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى مەلۇم بىر كۇنى، ئۆزىگە تەدبىركار دەپ تەخەللۇس قويغان بىر ياش سىتۇدېنت قانداقتۇر بىر ئۇلۇغۋار غايىنىڭ تۈرۈتكىسىدە تورخانىلاردا تۈنەپ يۈرۈپ، چوڭ دىسە توربەت ئەمەس، كىچىك دىسە خاتىرە ئەمەس بىر نەرسىلەر بىلەن ھەپىلەشمەكتە ئىدى. ئەمما غايىنىڭ قانچە ئۇلۇغۋار بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ بەڭۋاش بالا بىر كۈنلەردە ھەممە ئامراق ئېنتىرنېتتىكى بىر كۇلۇبنىڭ سۆيۈملۈك قۇرغۇچىسى بولۇپ قېلىشىغا ئىشەنمەيتى. قىسقىسى ئۇ قانچىلىك جاپا تارتىشىدىن قەتئى نەزەر يەنىلا بۇ ئىشلارنىڭ بىر خىل ئىشتىياق تۈرتكىسىدە، مىننەتسىز بولىدىغىنىنى بىلەتتى. دەرۋەقە ۋاقىت ئىسترېلكىسى چۆرگىلەپ ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بلوگ ئاتلىق بۇ نەرسە ھەممىمىزگە تونۇش بولۇپ كەتتى. ئۇ مانا سىز مەزكۇر يازمىنى ئوقۇپ ئولتۇرغان تورخۇمارلار كۇلۇبى.

1000-article

كۇلۇب قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى ھارغىن ھېسلار

بېكەت يىڭى قۇرۇلغان چاغلاردىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەردىن تارتىپ يازما يوللاش، ئىنكاس تەھرىرلەش، قىستۇرما رەسىم لاھىيلەش قاتارلىق كىچىك چوڭ بارلىق ئىشلارنى تەدبىركار بىر ئادەم زىممىسىگە ئالغان بولغاچ كۇلۇب تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا بولدى. شۇنچە مېھنەت بىلەن يوللانغان يازمىلارنىڭ ھوزورىنىمۇ كۆپىنچە تەدبىركار بىرلا ئادەم سۈردى. ئەمما جاپالىق كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدە يېرىم يىللىق مۇساپىدىن كېيىن كۇلۇبنىڭ زىيارەت مىقدارى بىر مىليوندىن ئاشقاندا، تەدبىركار ئاتلىق بۇ نامەلۇم شەخس كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىۋېلىپ ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلىنىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئەمگىكى ئېتىراپقا ئېرىشىش ئىدى.

مانا بۈگۈن تورخۇمار قۇرۇلۇپ ئىككى يىلدىن كىيىنكى 1000- يازما ئېلان قىلىنىپ ئۈلگۈردى. مىڭ دانە يازما قارىماققا ئانچە كۆپ ساندەك قىلمىسىمۇ يالغۇز بىر شەخىسنىڭ، قانچە كېچە ئۇيقۇسىزلىق، قانچە كۈندۈز ئاچقورساقلىق دەردىدىمۇ بوشاشماي قانچە ئاي، قانچە يىل تىرىشىشنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا بۈگۈن تەدبىركار ئۆز ئىجادىيىتى بولغان تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ پەخىرلىنىشكە ھەقلىق. چۈنكى بۇ رەقەم تورخۇمارنىڭ يىڭى بىر پەللىگە ئۆرلىگەنلىكىنىڭ بەلگىسى.

پەخىرلىك ھېسلار

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، تورخۇمارنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىسى تەدبىركار ئىككى يىل بۇرۇن مۆلچەرلىگىنىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. ئىككى يىل ئالدىدا پەقەت بىر كىشىنىڭ قەلىمى ئاستىدا يېزىلىشقا باشلىغان بۇ ئاددى بلوگ، بۈگۈنگە كەلگەندە كۈندىلىك ئېقىم مىقدارى تۈمەنگە يېتىدىغان، مۇقىم بولغان يۇقىرى ساپالىق زىيارەتچىلەر قوشۇنىغا ئىگە كۇلۇب بولۇپ شەكىللەندى. ئەلۋەتتە ھازىرقى تورخۇمار پەقەت بىر تەدبىركارنىڭ يىزىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، خالىس ۋە تەكلىپلىك ئاپتورلارنىڭ ئۆز تۇرمۇش قاراشلىرى ۋە ئىنتېرنېتتىكى بايلىقلىرىنى جامائەت بىلەن ھەمبەھىرلىنىدىغان ئامىۋى سورۇنىغا ئايلاندى. مۇشۇ تاپتا داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان ئاپتورلار قوشونىمۇ تورخۇمارنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىنى يەنە بىر قېتىم مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قىستىماقتا.

بۇ يەردە يەنە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، تورخۇمارلار كۇلۇبى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشىنى ھازىرلىغان بولسا، تەدبىركارنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنى ئەنئەنىۋى BLOGBUS ۋە PJblog سۇپىلىرىدىن، ھازىرقى خەلىقارادىكى ئەڭ ئىلغار بولغان ۋوردپرېسس سۇپىسىغا ماكانلىششىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. تورخۇمارلار بلوگنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بلوگ ئارقىلىق ئۆزىنى نامايان قىلىشىغا ئەينەك بولدى. ئۇنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى، ئىككى يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر 10 چوڭ بلوگىنى باھالاش پائالىيىتى بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ دائىرىسى بىرقەدەر تار، تەسىرى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ يىڭى بىر تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. مانا بۇ پائالىيەتكە دائىملىق ئىشتىراك قىلىۋاتقان سۆيۈملۈك تورخۇمارلار كۇلۇبىمۇ شەرەپلىك ھالدا ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك ئون چوڭ بلوگنىڭ بىرى بولۇش شەرىپىنى قولدىن بەرمىدى.

تەشەككۈرنامە

يۇقىردا يولداش تەدبىركارنىڭ نەچچە يىللىق قان تەرىنى نەچچە قۇر خەت بىلەن ئىزاھلاپ ئۆتتۇق. نەتىجىلىرىنى تەستىقلىدۇق. لېكىن تەدبىركارغا ھەم بارچىمىزگە ئايانكى تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ بۈگۈنگە ئۇلىشىشى ھەرگىزمۇ تۆۋەندە ئىنكاسلارنى يىزىپ ئۈلگۈرگەن تورداشلارنىڭ ئەجىردىن خالى ئەمەس. بۈگۈن بۇ يەردە مەن تەدبىركارغا ۋاكالىتەن ئۇزۇندىن بېرى تورخۇمارنى قوللاپ كېلىۋاتقان تورداشلارغا ۋە مىننەتسىز ئاپتورلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. سىلەر بولمىساڭلاركى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى بۇ نەمۇنە بولمىغان بولاتتى. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى تورخۇماردىكى بۈيۈك «دىۋان» مەدىنىيىتىنى ياراتقۇچى دىۋانچىلارنىڭ تورخۇمارغا بولغان مۇھەببىتىدىن ھەممىمىز سۆيۈنىمىز. بۇ قانداقتۇر بىر خىل «قاملاشمىغان قىلىق» بولماستىن بەلكى تورداشلارنىڭ تورخۇمارغا بولغان قوللىشى ۋە ئاشىقلىقى.

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسىنى قىلغاندا، تورخۇمار ھەقىقەتەن بۈگۈنكى كۈندە تورداشلارنىڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر بلوگ سالاھىيىتىدىن ھالقىپ، كەڭ تور ئاممىسى ئۆز ئارا ئىنتېرنېتتىكى نادىر مەزمۇنلاردىن ھەمبەھىرلىنىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى. شۇ سەۋەب يىقىندا تورخۇمارغا ئارقا سەپتە بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلار ھازىرلىنىۋاتقان بولۇپ، يىقىن كەلگۈسىدە تورداشلارنىڭ تورخۇماردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ئەتىكى تورخۇمار چوقۇم بۈگۈنكىسىدىن مۇكەممەل بولىدۇ. قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتەيكى بەلكىم پات يىقىندا تورخۇماردا ئاپتورلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىتلار ھازىرلىنىشى مۈمكىن. بىز ھەربىر تالانتلىق تور ئەھلىنىڭ ئۆز كارامىتىنى تورخۇمار ئارقىلىق جامائەتكە جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاخىرىدا بارلىق تورخۇمارلارنىڭ تاكى 2000- يازما ئېلان قىلىنغۇچە بىزنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

كامالى ئېھتىرام بىلەن تورخۇمارنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى _ ۋىروس



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تورخۇمار 2012.07.31 , 00:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆپ رەھمەت! ئەسلى 1000-يازمىدا كۆپچىلىككە بىرەر سوۋغا بېرەرمەن دەپ ئويلىغان. بىراق يېقىندىن بېرى تورغا چىقىشقىمۇ تۈزۈك پۇرسەت يوق بولۇپ قالدى. ۋىروسنىڭ 1000-يازمىسى ئارقىلىق تورخۇمارنى ۋە مېنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنىگە كۆپ رەھمەت.
    ئەلۋەتتە، شۇ پۇرسەتتە مەنمۇ قىسغىنە توختىلاي.
    تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ تور نامى 2010-يىلى 5-ئايدا ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ، ئىككى ئاي جاپالىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 7-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمى ئېچىۋېتىلگەن. ئەينى چاغلاردا شىنجاڭدا تور يېڭىدىن ئېچىۋېتىلىپ تۇرغان مەزگىللەر بولۇپ، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرمۇ ئەمدىلەتىن ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان ئىدى. تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تېخىمۇ ئۇزاققا مېڭىشى ئۈچۈن، مەن ئەينى چاغدا بىر قەدەر ياخشىراق بولغان تور بېكەت سىستېمىسى ئىشلىتىش ۋە ئۆزۈمنىڭ كۈچى يەتكۈدەك دائىرىدە بىر كىچىك كۆلەم بەرپا قىلىشنى ئويلىدىم. ئۇنۋېرسال ئويلىنىش ئارقىلىق كۇلۇبنى دەسلىۋىدە بلوگ شەكلىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، بېكەت پروگراممىسىغا دۇنياغا داڭلىق PHP+MySQL قۇرۇلمىسىدا تۈزۈلگەن WordPress سىستېمىسى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم. بىراق ئەزەلدىن WordPress ئىشلىتىپ باقمىغان مەندەك بىرسى ئۈچۈن، ئىشنى پۈتۈنلەي 0 دىن باشلاش توغرا كەلدى. كۆپچىلىك بىلگىنىدەك، تەدبىركار گەرچە ھورۇن بولسىمۇ، بىراق بىر نەرسىگە ئېتىشىپ قالسا زېرىكمەيدىغان تىپتىن بولغاچقا، بۇ قېتىملىق ئېتىشى بىر قەدەر ئۇزۇن، ھەم مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىنمۇ خېلىلا ئېشىپ كەتتى! بىر يېرىم ئاي ھەپىلىشىش ئارقىلىق، تورخۇمارلار كۇلۇبى مەلۇم تورخانىدىكى بىر قوتۇر كومپيۇتېردا شۇنداقلا دۇنياغا كەلدى.

    مانا ھازىر، كۇلۇب قۇرۇلۇپ ساق ئىككى يىل بولغاندا، تورخۇمارلار كۇلۇبى 1000-يازما ئۆتكىلىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى! گەرچە بۇ ساننى كۆپ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق مەن ئۈچۈن يەنىلا كۆپ ئەھمىيەتكە ئىگە. نېمىلا دېمىگەن بىلەن، بۇ تورخۇمارنىڭ يەنە بىر يېڭى پەللىگە قەدەم باسقانلىقىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. كۇلۇب قۇرۇلغاندىن بېرى تورداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك يازما يېڭىلىنىش، ئاز-ساز بولغان توردىكى نادىر ئۇچۇرلارنى كۆپچىلىككە تەقدىم ئېتىش، توردىكى جەۋھەرلەرنى ۋە يېڭىلىقلاردىن تورداشلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە خەۋەرداش قىلىش، تورخۇمارنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇ نەتىجىلەرنى تورداشلارنىڭ مەدىتى ۋە ئىلھاملىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تورخۇمارلار كۇلۇبىنى ئۆزگىچە يازمىلىرى بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقان ۋىروس، مىسكىن، ھەۋەسكار، Forever، مەستانە ۋە باشقا ئىختىيارى ئاپتورلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا تورخۇمارغا ۋە ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق تورداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. سىلەرنىڭ ھەر بىر پارچە ئېلخەت، ئۇچۇر، پىكرىڭلار مېنىڭ ۋە تورخۇمارنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    ئەلۋەتتە، يەنىلا نۇرغۇن كەمچىلىكلەردىن ساقلىنالمىغان جايلار، تولدۇرىدىغان بوشلۇقلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي. بۇمۇ تورخۇمارنىڭ داۋاملىق ئالغا بېسىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ تورخۇمار ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرى بولسا مۇشۇ يازما ئارقىلىق بەھۇزۇر پاراڭلىشىپ باقساق دېگەن ئۈمىدىم بار.

  2. ئەززام 2012.07.31 , 00:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئانچە جىق ئىنكاس يېزىپ كەتمىگىنىم بىلەن، مەنمۇ تورخۇمارنىڭ كۈندىلىك زىيارەتچىسى مەن.

    سىلىنى مۇبارەكلەيمىز تەدبىركار ئەپەندىم.
    ئىسىل يازمىلاردىن بىزنى داۋام تەمىن ئىتىپ تۇردىلا، سىلىگە رەھمەت…:mrgreen:

  3. سېھرىگەر 2012.07.31 , 00:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن تەدبىركار ئەپەندىمگە قائىلمەن ، ۋە 1000 – يازمىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن ، مەن تورخۇمارغا تۇنجى كىرگەندىن باشلاپ كۆرمىگە يازما قالمىدى دىسەممۇ بولىدۇ ، لېكىن ما جەۋلانى دىگەن ئاداشقا پەقەت ئەقلىم يەتمەيدۇ مۇشۇ تورخۇمارغا كۈچ چىقارغانچىلىك ئۆزىنىڭ بلوگىغا قاراپ قويمايدۇ:mad:

    • wiros 2012.07.31 , 09:37

      تورخۇمارمۇ مېنىڭ بلوگۇم :oops:

    • سېھرىگەر 2012.07.31 , 11:53

      ئەمىسە جەۋلانىنى ماڭا بېرىۋەتمەمسىز :mrgreen:

  4. سېھرىگەر 2012.07.31 , 00:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لېكىن تەدبىركارغىمۇ ئالامەت ئامراقتىم مەن ، قاچان ئېچىلىدۇ ؟؟؟ بەك تەقەززا بولۇپ كەتتىم

  5. جەبران 2012.07.31 , 01:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نامەلۇم بىر پىلانىتتىن بىر تاش ئۇچۇپ كەلگەن پېتى قۇرۇق كاللامغا ۋاققىدە تەگەدى ..ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ غەزەپ بىلەن يىراققا تاشلىماقچى بولدۇم ..لېكىن ئۇنىڭغا بىرقۇر خەت يېزىقلىق تۇراتتى ‹‹تورخۇمار››، مەن ئۇتاشنى ئاستالا يانچۇقۇمغا سېلۋالدىم ..تورخۇمار سەن مېنىڭ مەڭگۈ يانچۇقۇمدىككى تاشقى پىلات مېھمىنسەن !

  6. ئالپامىش 2012.07.31 , 10:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1000 – يازمىغا مۇبارەك بولسۇن ، مەنمۇ تورخۇمارنىڭ ئېچىلغاندىن بۇيانقى ھەر بىر يازمىسىنى كۇرۇپ كىلىۋاتىمەن ، مەن تور خۇمارنىڭ 2000 – ، ھەتتا 3000 – يازمىسىنى كۇرۇشكە تەقەززا

  7. شەيتان 2012.07.31 , 10:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ مۇشۇ تەدبىركارغا _ تورخۇمارغا ھەربىر كىرسەم باشقىچە ئىللىق تۇيغۇدا بولىمەن . تەدبىركارغا ھەربىر كىرسەم بىر يىڭى بىلىمگە ئىگە بولاتتىم . تورخۇمارغا ھەربىر كىرسەم يىڭى بىر خۇشاللىق تاپىمەن …. مەيلى بۇرۇنقى يازما بولسۇن ، ھەممىسىلا ماڭا يىڭىلىق بۇلۇپ تۇيۇلىدۇ … مەن بىركۈندە نەچچە قىتىم ئاچىمەن بۇ تورخۇمارنى (راسلا بۇ بىلوگقا خۇمار بۇلۇپ قالغان ئوخشايمەن)…. يىڭىلانماي قالسا بەزىدە ئىچىم پۇشۇپ قالىدۇ ( تورخۇمار ئەپەندىمنىڭ ۋاقتى چىقمايۋاتامدىكىن بىلوگ يىڭىلاشقا دەپ )….
    تەدبىركار ئەپەندىم ! يەنىمۇ تىرىشىڭ .. بىز يىڭى ، ئېسىل ئۈنچىلېرىڭىزگە مۇھتاج………

  8. جىن چىراق 2012.07.31 , 11:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلېرىنىڭ بىرى بىكەتتىكى ھەر بىر مەزموننى داۋاملىق كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ھەتتا بەزىدە كىرىپ تېخى يېڭى مەزمون يوللانمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلىنىپ چىقىپ كەتكەن ۋاقىتلار نۇرغۇن.مەن كۇلۇپنىڭ تېخىمۇ تېز تەرەققى قىلىپ تورخۇمار دوسلارغا تېخىمۇ كۆپ ،تېز ھالدا يېڭى مەزمۇن تەقدىم قىلىشىغا تىلەكداشمەن.ھەمدە چەكسز ئىشىنىمەن .

  9. داخان 2012.07.31 , 11:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنغۈ تۇنجى ئىنكاسنى يىزۋاتىمەن ،بىراق ھەر قىتىم كىرسەم چوقۇملا ماراپ قويمەن ،1000-يازمىغا موباراك بولسۇن ،تىخىمۇ گۇللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

  10. سەھرالىق 2012.07.31 , 11:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدى بىلەن تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ ئىككى يىللىق تەرەققىياتىغا كۆز يۇممايدىغانلىقىمنى، تور خۇمارلار كۇلۇبىنىڭ 1000-يازمىسىغا چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىك يوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمەن،مۇبارەك بولسۇن!
    يېڭى تورغا چىققۇچىلار بىلمەسلىكى مۇمكىن، تەدبىركار لەقىمى ماڭا 2006- يىللىرى ئۇستاز تور بېكىتى ئارقىلىق يادا بوپ كەتكەن(ھازىر مەلۇم سەۋەبلەت تۈپەيلى ئۇ تور بېكەت ئىچىلمايدۇ)شۇندىن بىرى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ ئارىسىدا توساتتىن پەيدا بولغان ئارا مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى بولغانpjبلوگ سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان باشلامچى ئۇستاز تەدبىركارنىڭ تىنىمسىز تۆھپىسىگە كۆز يۇمالمايمىز ئەلۋەتتە(گەرچە ھازىر pj بلوگنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى 80 خالتا بلوگىدىن باشقىلار ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ).
    شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىقتا ياسالغان تور بېكەتلەر ئارىسىغا «بلوگ» دىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئۇقۇم ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىردى. ماقالىنىڭ باش قەھرىمانى بولغان ئىنقىلابىي يولداش تەدبىركارمۇ ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ،ئۆزى باشلىغان بۇ يولدا ھەر قاچان باشلامچى بولۇپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.
    ئەمدى تور خۇمارلار كۇلۇبى دەسلەپ قۇرۇلغاندا شەخسەن مەن بۇ تور نامىغا ۋە مۇشۇ تور نامى ئاستىدا يۈز بەرمەكچى بولغان ئىش-ۋەقەلەرگە تولىمۇ قىزىققان ئىدىم.شۇڭا ھەر كۈنى كىچە-كۈندۈز دېمەي «دىۋان»مارىلاپ يۈرەتتىم. ئاتالمىش«سەھرالىق» لەقىمىم تورخۇماردا دىۋان تالىشىپ يۈرۈپ ھەممەيلەنگە پۇر كەتتى.(پو ئىتىۋالاي:mrgreen:) ھازىر يېڭىدىن يېتىشكەن«دىۋان»چىلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ شاگىرتلىرىم بولىدۇ.(قارشى چىقىدىغانلار ئىككى قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!)
    دەسلىۋىدە يولداش ئۇيغۇربەگ ماڭا«سەھرالىق» لەقىمىنى بەرگەندە مەن ئاچچىقلاپ سەكرەپ كەتكەن، چۈنكى ئۆزەم سەھرالىق بولغاچ،مېنى سەھرالىق دېسە ئاچچىقىم كېلەتتى… كېيىنچە بلوگ يازىدىغان ئاغا-ئېنىلەر يولداش تەدبىركارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن،ئۆز-ئارا تونۇشتۇق،سىرداشتۇق.جاپادا-ھالاۋەتتە بىللە بولدۇق، بىر-بىرىمىزگە ھال مۇڭ بولۇشۇپ، كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ يۈرۈپ بۈگۈنگە كەلدۇق.
    مانا-تەدبىركار بىلەن ھەقىقىي ئەسرالىشىپ يۈرگىلىمۇ ئاز كەم 3 يىل بولاي دىدى، بۇ جەرياندا ئانچە-مۇنچە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا،گەرچە بىر قورساقتىن چۈشمىگەن بولساقمۇ ئاكا-ئۇكىدەك ئۆتۈپ كېلىۋاتىمىز.
    ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، تورغا چىقىدىغان، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان ياشلارنىڭ قايسى بىرى ھەر كۈنى تورخۇمارنى يوقلىماي ئۆتىمەن دىيەلەيدۇ؟
    تورخۇمارنىڭ جۈملىدىن تەدبىركارنىڭ بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن،بىزنىڭ تور خۇمارىمىز ئۈچۈن ئارقا سەپتە تىنىمسىز جاپا چېكىشى نەتىجىسىدە بىز ھەر كۈنى تورخۇمارنى ئەگىپ كېتەلمىگۈدەك دەرجىدە تور خۇمارغا«خۇمار»بولدۇققۇ مانا!
    شۇ مۇناسىۋەت بىلەن زامانىمىز بلوگچىلىقىنىڭ بايراقدارى يولداش تەدبىركارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن!
    ئاخىردا سۇئالدىن بىرنى قويىمەن:
    تەدبىركارنى قاچان ئاچماقچى؟

  11. كۆك كەپتەر 2012.07.31 , 12:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇزىكا يارىدى ماڭا. :grin:

  12. مەن شۇ 2012.07.31 , 14:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن شۇ . ئىنكاس يازمىغىنىم بىلەن ھەربىر تىمىنى كۆرۇپ كىلىۋاتىمە

  13. بىرزات 2012.07.31 , 14:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن!
    100000 تېما يوللىۋەتسەڭلارمۇ تۈزۈك كۆرۈپ بولالمىدىم تېمىلىرىڭلارنى، باشقىلاردىن ئېسىل ئىكەن دەپ ئاڭلاپ كىردىم جۇما بۇ بەتكە :mrgreen:

  14. ھەزرەت 2012.07.31 , 14:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچە بلوگنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىم ھازىر ھېلىھەم ئېسىمدە، ئالدىنقى يىلى 4-ئايلارغۇ دەيمەن. لېكىن مىنىڭ تۇنجى كۆرگۈنۈم تورخۇمار ئەمەس بەلكى ئۇيغۇربەگ ئىدى. ئۇيغۇربەگ نىمۇ مەن Google نىڭ قانداقتۇر بىر ئىزدەش نەتىجىسىدىن ئېزىپ تېزىپ كىرىپ قالغانغۇ دەيمەن … توغرا توغرا .. “WordPress ” دېگەن بۇ ھالقىلىق سۆز! شۇ چاغدا تونۇش دەپ بىر ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولىدىغان، ئۆزى شۇنداق ياخشى بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تور مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ماس كەلمىدى بولغاي ئانچە ئۇزاق مېڭىپ بولالمىغان ئىدى. كېيىن پۇرسەت تېپىپ مۇشۇ بېكەتنى قۇرغان كىشى بىلەن ئالاقىلەشتىم، “توربېكەتنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇرىمىز؟” “قانداق بېكەت قۇرۇمىز…” ، HTML نىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ مۇشۇنداق گۆدەك ھەم “غايىۋى سوئاللارنى سوراشقا باشلىدىم” كېيىن توربېكەت دېگەننىڭ مەلۇم پروگرامما بىلەن تۈزىلىدىغىنىنى ئۇقتۇم، ئۇ كىشىنىڭ بىر ئېغىز “WordPress” دېگەن گېپى شۇنداق تونۇش بىلىندى، (ئاشۇ بېكەتمۇ WordPress سۇپىسىدا قۇرۇلغان چېغى) چۈنكى بۇ نامنى ھەقىقەتەن كۆپ ئۇچراتقان ئىدىم. ئاندىن ئۇ كىشى يەنە ماڭا “نۇرقۇتقا چىقىڭ ئۇ جايدا نۇرغۇن توربېكەت بىلىملىرى بار” دېدى، مۇشۇ باھانىدە نۇرقۇت نىمۇ بىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىكار ۋاقتىم بولسىلا نۇرقۇتقا چىقىدىغان بولدۇم، كېيىن بۇ WordPress دېگەن زادى قانداق نەرسىدۇ دەپ Google قېزىشقا باشلىدىم …. مىليونلىغان ئىزدەش نەتىجىسىدىن بىر ئۇيغۇرچە نەتىجىنى كۆردۈم، ئەلۋەتتە بۇ چوقۇم ئۇيغۇربەگ نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى بولىدۇ-دە … ئېچىپ شۇنداقلا قارىۋىدىم … ياۋ … ئۇيغۇرچە مۇنداق سۈپەتلىك ھەم كۆركەم بېكەتنى تۇنجى كۆرۈشۈم، (ئىلگىرى ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى يالىت يۇلت قىلىپ چاقناپ تۇرغان gif رەسىملەر بىلەن تولغان كۆرۈمسىز خەتلىك بەت ..) ھەيرانلىق ھەم خۇشاللىق ئىچىدە ئۇيغۇربەگ نى بىر-بىرلەپ ۋاراقلىدىم، نۇرغۇن يازمىلارنى كۆردۈم .. كۆرگەچ شۇنى ئويلاپ قالدىم، بۇرۇن نېمىشقا ئۇچرىتالمىغاندىمەن مۇشۇنداق بېكەتلەرنى، مەندەك مۇشۇنداق ئۇيغۇر زىيارەتچىلەر نىمىش قىلا مۇشۇنداق يەرلەرگە كەلمەي دەپ ئەپسۇسلىنىپمۇ باقتىم … شۇنىڭ بىلەن بەگلىك مىنىڭ كۈندىلىك سورۇنۇم بولدى، ئاستا ئاستا WordPress نىڭ نېمىلىكىنى بىلدىم .. شۇنىڭ بىلەن بوش ۋاقىتلاردا بەگنىڭ دوستانە ئۇلانمىلىرىنى چېكىپ كۆرۈپ باقتىم، رەڭدار قوللار بىلەن چاقناپ تۇرغان “torHumar” خېتى كۆزۈمگە چۈشتى، شۇنداقلا ئىچىۋىدىم قاتار-قاتار يازمىلار تۆكۈلدى، ئەمدى بۇ قايسى بالىنىڭ يازغان نەسىللىرىدۇ دەپ ئىككى ئۈچ يازمىنى تازا خۇشياقمىغان قىياپەتتە ئاچتىم، ئوقۇپ چىقتىم .. لېكىن توختا … بۇ يازما بولىدىكەنغۇ دېدىم، يەنە ئوقۇدۇم، بولىدىكەن .. يەنە … بولىدىكەن……. تورخۇمار بولىدىكەن!!! (خو چىقارغان چاراي ئىپادىسى) يازمىلارنىڭ سۈپىتى شۇنداق يۇقىرى، ھەم سورۇن شۇنداق قىزىق، شۇنىڭ بىلەن تورخۇمار مۇ مېنىڭ توردۇنيارىمدىكى ئاۋات سەينايىم بولدى.. تورخۇمار دىكى تۇرمۇشۇم شۇنىڭ بىلەن باشلاندى …
    ئەلۋەتتە كېيىن ئۆزۈممۇ تىركىشىپ يۇرۇپ ھەزرەت تىم نى قۇرۇۋالدىم، بۇ مۇشكۈل جەرياننى ھەممىمىز بىلىمىز شۇنداقمۇ-ھە Beg, Teddy .. ھا ھا …
    جىق سۆزلەپ قويۇم تەبرىكنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن! مۇبارەك بولسۇن!! بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتنىڭ زور بولىشىغا ئىشەنچى كامىل!

  15. بودەك 2012.07.31 , 15:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :grin:مەنمۇ تورخۇمارنىڭ كونا مىھمىنى، تورخۇمارنىڭ تېما يوللاشتىكى ئوزگىچىلگى، تورخۇمارلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئىنكاسلىرىنىڭ يۇمۇرىستىلىقى مېنى ئەڭ بەك ئوزىگە جەلىپ قىلىۋالدى دەپ ئويلايمەن، تورخۇمارنىڭ 2يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن،

  16. بودەك 2012.07.31 , 15:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇگۇنكى دىۋاننى تەدبىركار ئوزى يالغۇز ئېگەللىۋاپتۇ، دىۋانغىمۇ ئاران پېتىپتۇ،:evil:

  17. موللاخۇن 2012.07.31 , 15:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گەرچە مەنمۇ بەك كۆپ ئخنۆفس يزمخغخنخم بىلەن تورخۇماردا كۈندە بار . تورىۇمھرنىڭ ھەممە تىمىللىرىنى شۇنداخ بەك ياختۇرمە، ھەتتا مېنىڭمۇ تورخۇمارنىڭ ئاپتورى بۇلۇپ تورخۇمارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشسام دەيمە( ھەقسىز ).:mrgreen::mrgreen:

    • wiros 2012.07.31 , 16:23

      تورخۇمارغا قۇبۇل قىلىنىدىغان ئاپتورلارغا جىسمانى ساغلاملىق جەھەتتىنمۇ چەك قويۇلىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ ئالدىنقى 4 چىشىڭىز يوقتەك تۇرىدۇ. شۇڭا بۇنى بەك قاتتىق ئولىششىمىز كېرەك «چاقچاق جۇمۇ» !:mrgreen:

    • شەيتان 2012.08.03 , 23:08

      wiros توغرا دەيدۇ ………… ( ھا ھا ھا كۈلۈپ يىتىۋاپتىمەنغۇ ) :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  18. شامال 2012.07.31 , 15:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1000 – يازمىغا مۇبارەك بولسۇن! تەبرىكلەيمەن!:smile:
    قوللايمەن!…
    يېڭى، ياخشى يازمىلارغا،نەتىجىلەرگە ئىنتىزارمەن…

  19. موللاخۇن 2012.07.31 , 15:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمار ئەپەندىنىڭ پۇرساتنى چىڭ تۇتۇپ مېنى تورخۇمارنىڭ باش ئاپتورلىقىغا تەيىنلىشىنى تەشەببۇس قىلىمە، پۇرسەت غەنىمەت .مېنى قۇشۋېلىشقا ئالدىراڭ .

  20. كۇسەن 2012.07.31 , 15:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ كۇندە زىيارەت قىلمەن لىكىن ئىنكاس يىزىشقا … ھەي شۇ :shy::shy:

  21. مۇشاۋىر 2012.07.31 , 15:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن، ئەينى ۋاقىتتا مەن wordpress سىناپ ئويناپ يۈرگەنلەرلەردە تەدبىركار ئانچە بەك قىزىقىپ كەتمىگەن، كېيىن مەن تولا ماختاپ بىر كۆرۈپ باقسام باقاي دەپ قىزىقىپ قېلىپ كېيىن pjدىن بىراقلا كۆچىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا wordpress قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. تورخۇرمارنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ 2000-، 3000-يازمىلارنى كۈتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەم تورخۇمارنى قوللاپ كېلىۋاتقان دوستلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار تورخۇمارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى.:oops:

  22. ئادرىس توربېكىتى 2012.07.31 , 15:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇ بۇ توربەت ياخشى كۆرىمەن، ھەرقېتىم زىرىككىنىمدە تورخۇمارغا كېرىپ ئىش-پۇشىقىمنى چىقىرىمەن، ھارمىغايسىلەر، ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن، مەنمۇ بۇ تورنى قوللاش مۇناسىۋىتى بىلەن تور بېكىتىمىنىڭ ئاساسلىق ئورۇنلىرىغا مۇشۇ تورنى تەشۋىق قىلدىم، www.adris.cn

  23. سەرقۇت 2012.07.31 , 16:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن!
    ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ روناق تاپقاي!

  24. بۆرە 2012.07.31 , 16:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ 1000-يازمىسىغا مۇبارەك بولسۇن.
    مەن تورخۇمارنىڭ كونا مىھمىنى تورخۇمارغا كۈندە دىگۈدەك كىرىپ تۇرىمەن.

  25. ۋھىمە 2012.07.31 , 18:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن ، :smile:

  26. كۆك بۆرە 2012.07.31 , 19:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تور خۇمارغا 80 خالتا بىلوگىدىكى ئۇلىنىشتىن كىرگەنغۇ دەيمەن، شۇ چاغدا تور خۇمار تىخى بىر بوۋاق ئىدى، ئىلان قىلىنغان تىمىلىرىمۇ ئاران ئىككى بەت بوپتىكەن ، ئىلان قىلغان تىمىلىرىدىن مەن تور خۇمارنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ مەن بىلەن قۇرداش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ۋە نۇرغۇن جەھەتتە قىزىقىشىمىزنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىدىنمۇ ئىشقىلىپ بۇ بەتكە ئامراق بوپ قالغان ئىدىم ، گەرچە ئىنكاس يازمىساممۇ كۇندە بىر قىتىم كىرىپ باقاتتىم، شۇنداق كۇندە بىر قىتىمدىن يوقلاپ يۇرۇپ تور خۇمارنىڭ تالاي ئۆزگىرىشلىرىگە شاھىت بولدۇم ، مانا نەچچە يىل ئۆتتى ، تور خۇمار شۇ بوۋاقلىقىدىن مانا ھازىرقى ئوسمۇلۇك دەۋرىگە دەۋرىگە قەدەم قويدى،
    تور خۇمارنىڭ تىخىمۇ تىرىشىشى ئارقىلىق ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويىشىنى ، مەن ۋە كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇمىد قىلىمىز.
    10000. يازمىغا مۇبارەك بولسۇن!

  27. ۋەتەن 2012.07.31 , 20:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇمارلارنىڭ ئىچىدە يېشىل خۇمار دەل تورخۇمارنىڭ خۇمارى دەپ قارايمەن .كېيىنچە مەنمۇ تورخۇماربلوگىنىڭ بىر ئىختىيارى ئاپتۇرى بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن . ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ياخشى بولسا.. :evil:

  28. مىھمان 2012.07.31 , 20:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن …. :smile::smile:

  29. xjmidi 2012.07.31 , 21:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن راستىنلا بىر تور خۇمار:mrgreen:
    ئۆزۈم تور خۇمار بولغاچىمىكىن torhumar.comغىمۇ ئامراق . بۇ تور بىكەتتە مەن ئامراق مۇزىكلار پات-پات يوللىنىپ تۇرىدۇ . ئەڭ مۇھىمى يىڭىلىقلارنى دەپ باشقا تور بىكەتلەردە لاغايلاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . تۇرمۇشۇمغا مەنىلىك تۇيغۇلارنى بىرىپ كىلىۋاتقان torhumar.com نىڭ قۇرغۇچىسىغا ۋە يازغۇچىلىرىغا ئالاھىدە رەخمەت ئىيتىمەن .

  30. موللاخۇن 2012.07.31 , 22:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ۋېروس مېنى نۇمۇستىن ئۆلتۈردىغۇ ئەمدى ، بۇندىن كىيىن ئىلايىمغا قەتتى دىققەت قىلىمەن ، :shy:

  31. 428 2012.07.31 , 23:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولغاي ، ماڭغان ئىزىڭىزلاردىن گۈل ئۈنگەي

    تورخۇمارغىمۇ كۈندە بىر- ئىككى قېتىم كۆرمىسەم چىدىيالمايدىغان بوپقالدىم . ئەتە – ئۆگۈن تور يوق يەرگە بېرىپ قالسام تەدبىركار ماۋۇ خۇمارنىڭ دورىسىنى بەرمىسە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ قالىمىز جۇما

  32. ئېلتەبېر 2012.07.31 , 23:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىر تورخۇمار.. ‹تورخۇمار›غا مەن خۇمار!:razz:

  33. ئىزتىل 2012.08.01 , 11:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن ، قايىلمەن ، تورخۇمارغا ھەقىقەتەن قايىلمەن ، ئەيىنى ۋاقىتلاردا تەدبىركار بىلوگىنى ئەگىپ كېتەلمەيدىغان ۋاقىتلىرىمدا بلوگقا خۇمار بۇلۇپ قالغانمەن . تورخۇمار دەپ بىلگەندىن بۇيان بۇيەردىن ئايرىلمايدىغان بۇلۇپ قالدىم ، گەرچە ئىنكاس يازالمىساممۇ ، ئەڭ نادىر يازمىلاردىن بەھىرلىنىپ چىقىپ كېتىمەن . تورخۇمارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ نادىر تېمىلارنى ۋۇجۇدغا چىقىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ھەم ئەڭ ئالىي تىلەكلرىمنى بىلدۈرىمەن .

  34. مەلىكە 2012.08.01 , 12:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن!

  35. ياۋايى 2012.08.01 , 12:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ…قىزغىن تەبرىكلەيمەن…تورخۇمار منىىڭ كۈندە بىر قىتىم كىرمىسە بولمايدىغان تور بىكىتىم . ھەقىقەتەن ياخشى ئۇتۇقلار بولىۋاتىدۇ . كىيىنكى ئۇتۇقلارنى تەبرىكلەيمەن . ھەم كىيىنكى ئىقتىدارلارنىڭ تىزراق يۇزگۈزىلىشىنى ساقلايمەن . مۇبارەك بولسۇن

  36. ئابلىز 2012.08.01 , 12:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭىمۇ تورخۇمارنى بايقىغىلى 1 يىل بولاي دەپتۇ…….
    مۇبارەك بولسۇن……..
    100000000-يازمىنى ساقلايمەن……..:idea:

  37. تاڭنۇرى 2012.08.01 , 14:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    2000-يازمىنىڭ دىۋانىنى ئالماي قويمايمەن…

  38. Forever 2012.08.01 , 14:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏نەچچە كۈن بوپ كەتتى ، خىزمەت ئىشى بىلەن پەقەتلا تورغا چىقىپ بولالمىدىم ، بۈگۈن كۆڭلۈم بىرنىمىنى تۇيغاندەك قىلىپ يانفۇندا بولسىمۇ چىقىپ باقاي دەپ چىقىپ ئۇشبۇ يازمىنى كۆرۈپتىمەن ….
    ‏ئەسلى دەيدىغان گەپلەر جىق ئىدى ، يانفۇندا چىقىۋاتقاچ ئىمكان بولمىدى ، ئەتە ئۆگۈنگىچە قالغىنىنى تولۇقلايمەن ، ھە راس تورخۇمار كۇلۇبىنىڭ 2 يىللىقى شۇنداقلا 1000-يازمىسىنى قۇتلۇقلايمەن !

  39. تەكلىماكان 2012.08.01 , 14:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن!

  40. پولات ئالەمدەر 2012.08.01 , 15:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    tebrikler:wink:مۇبارەك بولسۇن. كىيىنكى super يازمىللىرنى كۈتىمىز.

  41. مېستىر01 2012.08.01 , 15:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بو خەۋەرنى ھەجەپ بىرەرى يەتكۈزمەپتا..خەپ. بولدى قىلاي،كىچىككەن بولسمۇ يەنلا مۇبارەك بولسۇن.

  42. نۆل ۋە بىر 2012.08.01 , 15:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاقىت نىمىدىگەن تىز ئۆتكەن ھە؟!

  43. تەلبا 2012.08.01 , 15:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ قىستۇرۇپ قويغان مۇزىكىنى بىريېرىم يىلنىڭ ئالدىدا تۇنجى ئا ڭلىغاندا،ئاز دىگەندىمۇئۇزمەي 40،30قېتىمدەك ئاڭلىغانتىم.

  44. ھەۋەسكار 2012.08.01 , 15:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن! تەدبىركار ئەپەندىمنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ياخشى سورۇننى ھازىرلىغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.:smile:

  45. ئەرك 2012.08.01 , 15:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارلار كۇلۇبى-ئۇيغۇرچە توربەتلەر ئىچىدىكى بىر قەدەر سۈپەتلىك، يېڭىلىنىش سۈرئىتى تىز توربەت بولغانلىقتىن ئاللىبۇرۇن مىنىڭ كۈندە زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان توربىكىتىمگە ئايلانغان. تورخۇمارلار كۇلۇبىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قوللايمەن.
    تورخۇمارنىڭ 1000-يازمىسىغا مۇباراك بولسۇن!

  46. ئۇيغۇربەگ 2012.08.02 , 12:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە مەخپىي يۆلىشىدىن ئايرىپ قايرىغىلى بولمايدۇ، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى، ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى، پرېستان بلوگى يەنە ھېلىقى توختاپ قالغان بلوگىمىزدىكىلەر نامىدىن تورخۇمارغا قىزغىن قۇتلۇق ئوتلۇق سالاملاردىن يوللايمەن، ھارمىغايسىزلەر ئەزىمەتلەر!

  47. سادا 2012.08.02 , 15:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالام ئەلەيكۇم ! تورخۇمار كۇلۇبىدىكى قۇرغۇچى باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ۋە تورخۇمار كۇلۇبىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى . مۇشۇ ئۇلۇغ رامزان كۈنلىرىدە مۇشۇ ياخشى نەتىجىنى ياراتقانلىقىڭلارنى تەبرىكلەيمەن . ھەقىقەتەن بۇ ساننى 1000 غا يەتكۈزمەك ئاسان ئەمەس ( يېزىش ئەمەس ئەگەر بىردىن سانا دىسە 1000 غا يەتمەي تۇرۇپ ھېرىپ مۈگدەپ كېلىشىم مۇمكىن:razz:) ھارمىغايسىزلەر ئەزىمەتلەر!

  48. پرېستان 2012.08.03 , 02:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەدبىركار دېگەن «قېرى قاقباش» قا قول قويماي تۇرالماسلىقىمغا ھىچ قانداق باھەنە يوق دەپ قارايمەن(ئەلۋەتتە ئالبىنى يىگەن ۋاقتىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا)~! مارەك بولسۇن!:wink:

  49. يولۋاسباي 2012.08.03 , 13:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمار بىلوگىنىڭ داۋاملىق روناق تىپىشىنى تىلەيمەن

  50. ئۆزخان ئىتوت قامۇسى 2012.08.03 , 17:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسامۇ ئەلەيكۇم، مەنمۇ قۇرۇق بولسىمۇ تەبرىكەيمەن، لېكىن ما تەبرىك مۇراسىمىدا ھىچ تورخۇمار ئۆزى كۆرۈنمەيدىغۇ؟:grin:

  51. نۇرنىجات 2012.08.03 , 22:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تۇنجى كۆرگەن بلوگ دەل تورخۇمارلار كۇلۇبى ئىدى.ھەمدە مېنىڭمۇ بىر بلوگ قۇرۇشۇمغا تۈرتكە بولغان بلوگلارنىڭ بىرى ئىدى!
    تورخۇمارنىڭ 1000-يازمىسىغا ئىنكاس يازغىنىمدىن پەخرلىنىمەن.تەدبىركار،مۇبارەك بولسۇن!!!

  52. زۇليار 2012.08.05 , 11:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوي مۇبارەكلار بولسۇن! تورخۇمارمۇ مەن ياقتۇرىدىغان بىردىنبىر بېكەت.

  53. ئەرۋاھ 2012.08.06 , 19:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆكلىشىگە تىلەكداشمەن

  54. ئۇيغۇرباي 2012.08.06 , 23:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم بىزگە يېقىشلىق بىر تور سۇپىسى ، قىزىقارلىق ھەم يېڭىلىققا تولغان تور دۇنياسى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىپ، كۆپ رىيازەت چەككەن تورىخۇمار.
    سىزگە بارىلىق تورخۇمارنىڭ ئاشىنالىرىدىن ئوتلۇق سالام .
    ئالتۇن تەنلەر ئامان بولسۇن ، ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىق يارىتىش يولىدا باسقان ھەربىر قەدەملىرىڭىزگە ئاللا دىن ئۇتۇق ۋە نۇسرات تىلەيمىز !

  55. مۇھەممەدئەمىن 2012.08.06 , 23:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :wink: تەبرىك تېلېگراممىسى::wink:
    تور تاقىلىشتىن بۇرۇن تەدبىركار بىلوگىغا كۆپ كىرەتتىم، تور قايتا ئېچىلغاندا تورخۇمار يېڭى قۇرۇلغاندا قىزىقىپ قېلىپ، بىرەر يىلچە ۋاقىتتا كۈندە بىر نەچچە قېتىم زىيارەت قىلىپ تۇردۇم، كېيىنچىرەك خەڭسولارنى دوراپ پەيدا بولغان دىۋان پارىڭىز، يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلا خىل ئۇسلۇبتىكىدەك، «چىڭقاقى بىلەن سۆھبەت» فىلىمىدەك بىلىنىپ:oops:ئانچە كىرمەس بولۇپ قالغان ئىدىم، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تور زىيارەت مىقدارىمنى زىيادە تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بىر-ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم يېزىلما ماۋزۇلىرىنى مۇنداقلا كۆرۈپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتىم، تورخۇمارغا بىلوگىغا ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىر كىرگەندەك ئېسىمدە تۇرىدۇ، ماۋزۇ ۋاراقلاۋېتىپ 1,000-يازما دېگەننى كۆرۈپ، تەدبىركارنىڭ ئىزچىللىقىغا قايىل بولۇپ، تەبرىك تېلېگراممىسى يېزىپ ئولتۇرۇۋاتىمەن.
    1,000 ھەقىقەتەن ئاز سان ئەمەس، تورخۇمار بىلوگى مەن WordPress تە قۇرۇلغان بىلوگلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ دەسلەپ كۆرگەن ئۇيغۇرچە بىلوگ، تورخۇمار باشلاپ بەرگەن(خاتالاشقان بولسام توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھ دەۋالاي :mrgreen:) WordPress قىزغىنلىقى بىلوگچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئوت يېقىۋەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ(خەڭسوبەگ:grin: ، پىرىستان ۋە باشقا نامى تىلغا ئېلىنمىغان بىلوگچىلارنىڭ تۆھپىسىمۇ زور). تەدبىركار ھەقىقەتەن زېرىكمەيدىغان بالىكەن.:neutral:

  56. كۆك-تۈرۈك 2012.08.08 , 01:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم تەدبىركار …ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم تورخۇمار …ئالدى بىلەن تورخۇمارنىڭ 1000-يازمىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن. ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ھەم ئەجىر سىڭدۇرىۋاتقان مېھنەتسىز تەدبىركار ۋە بارلىق تورخۇمار ئىشتراكچىلىرىغا ، ئۆز ئاناتىل يېزىقىمىزدىكى تۇرمۇشىمىزنى گۈزەل يېڭىلىقلارغا باشلاۋاتقان تورخۇمارغا بارلىق ئۇيغۇر نامىدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئاللا تېنىڭلارغا سالامەتلىك ئىشلىرىڭلارغا بەركەت بەرسۇن .

  57. مەرئا 2012.12.06 , 13:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ يازمىسىغا ئىز قالدۇرۇش خۇشاللىق بىر ئىش ،1000-يازمىسىغا ئىز قالدۇرۇش بۇ بىر بەخىت ،:oops:قىزىقارلىق ئۆزگىچە يىڭى يازمىلار تورخۇماردىن ئۇزۇلمىسۇن ! ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولغاي !

  58. ئوۋچې 2014.07.19 , 14:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن!مۇبارەك بولسۇن!مۇبارەك بولسۇن!

باھا بېتى: 1 2 3
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量