Facebook ۋە بىر مىليارد ئابونت | بۇ غايەت زور سانلىق مەلۇمات زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟
Facebook يىقىندا ئومومى ئابونتىنىڭ 1 مىليارتقا يەتكەنلىكىرى جاكارلىدى. دىمەك ئېنتىرنېت دۇنياسىدا يىڭى بىر جۇڭگو بارلىققا كەلدى، يىڭى بىر ئېمپىرىيە بارلىققا كەلدى، يىڭى بىر رېكورد بارلىققا كەلدى. قارىغاندا زاكىرجاننىڭ (Zuckerburg) پادىشاھلىقى رەسمى باشلانغاندەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ غايەت زور سانلىق مىقدار زادى نىملەردىن دېرەك بېرىدۇ ؟
بۇنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشۈنۈپ يېتىش ئۈچۈن ئاۋال facebook نى چۈشۈنىشىمىز كېرەك. Mark Elliot Zuckerburg ئىسىملىك بىر ياش تەرىپىدىن مەكتەپ ياتىقىدا قۇرۇلۇپ، ناھايتى تېز تەرەققى قىلغان بۇ ئامىۋى ئالاقە بىكىتى 2004-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، كىشىنى چۆچۈتكۈدەك تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئامىۋى ئالاقە تورى بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ رەسىم ھەمبەھىرلىنىش مەنبەسى بولۇپ ئاللىقاچان كۈندىلىك چىقىرىلىدىغان رەسىم مىقتارى 8 مىليون 500 مىڭ پارچىگە يەتكەن. بۈگۈن ئۇنىڭغا تەۋە بۇ بىر مىليارد دىگەن ئۇقۇمنى يەرلىك مىساللار ئارقىلىق تورخۇمارلارغا چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى.
[Facebook نىڭ يىڭى ئېلانى]
1.تىلىۋىزور
تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا يەر شارىدا تەخمىنەن بىر مىليارت 400 مىليون ئائىلىدە تىلىۋىزور بار.
2. ماشىنا
بۇلتۇر ئەتىيازدا، يەرشارىدىكى ئومومى ماشىنا سانى بىر مىلياتقا يەتتى
3. ئەقلى تېلېفون (پەقەت ئالمىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)
ھازىرغىچە سىتىپ چىقىرىلغان بارلىق ئەقلى تىلىفۇنلار بىر مىلياردتىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يالغۇز ئالما ئۆزى 1/4 نى ئىگىلەيدۇ.
4. ئافىرىقا قىتئەسى نوپوسى
2009-يىلقى سىتاستىكىدا ئافىرىقا قىتئەسى ئومومى نوپوسى بىر مىليارد 22 مىليون 234 مىڭ .
5. خەنلەر نوپوسى
بەزىلەرگە ئاخىرى بىر رىقابەتچى چىقتى.
6.Microsoft Office
ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دىتالى Microsoft Office نى تەخمىنەن ھەر مىنۇتتا بىر ئادەم سېتىۋالىدۇ.
7. شاكىلات
ھەر كۈنى، يەرشارىدا تەخمىنەن بىر مىليارد كىشى شاكىلات ئىستىمال قىلىدۇ.
8. ھايۋاناتلار يۇقۇملۇق كىسەللىكى
ھەرخىل ھايانات يۇقۇملۇق كىسەللىكىدىن ھازىرغىچە يەر شارى مىقياسىدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد ئىككى يۈز مىليون كىشى يۇقۇملىنىپ بولدى.
9. ئاچلىق
بىر قىسىم ئامىۋى تەشكىلاتلارنىڭ دوكىلاتىدىن كۆرە، يەر شارىدا تەخمىنەن بىر مىليارد ئادەم ئاچ ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ.
10. بېلىق
ھازىر بىر مىليارد ئادەم يەنىلا ئاقسىل تولۇقلاشتا بىلىق گۆشىگە تايانماقتا
11. كاتولىك دىنى
2008- يىلقى سىتاستىكىدا يەر شارىدىكى ئومومى كاتولىك دىنى مۇرتى تەخمىنەن بىر مىليادت 166 مىليون
12. ئولىمپىك
لوندون ئولىنپىك مۇسابىقىسى ئىچىلىش مۇراسىمىنى يەر شارىدا تەخمىنەن بىر مىليارد ئادەم كۆردى.
13. تاماكا
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دوكىلاتى : ھازىر دۇنيادا بىر مىليارد تاماكا چەككۈچى بار.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: facebook، تور بېكەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,192 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: facebook-and-one-million-users.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەسلىدە بىز كونسېرۋا قۇتىلىق ئىچىملىكنى ئىچىش ئۇسۇلىدا ئىزچىل خاتالىشىپ كېلىۋېتىپتۇق، بولۇپمۇ قىزلار…
- كېيىنكى يازما > ساغلام ھايات ساپ ئەقىل–چوڭ تەرەت ھەققىدە سىز بىلمەيدىغان ئاجايىپ ھەقىقەتلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- تورخۇمار يەنە بىر قېتىم ئەسلى ئورنىدا تولۇق قان بىلەن تىرىلدى!
- ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟
- يوقىلىپ كەتكەن ئاشۇ تور بېكەتلەرنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگۈڭىز بارمۇ؟
- كۈندە قايسى ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى زىيارەت قىلىسىز ؟ تورخۇماردا بۇ ھەقتە ئورتاقلىشىپ باقمامدۇق؟!
- شىشىخالدا رەسىم ياساش، ھەرقانداق رەسىمىڭىزنى نەچچە سكونتتىلا شىشىخالدا ياسالغان رەسىمگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ
- تەبرىك | تورخۇمارنىڭ 1000-يازمىسىغا مۇبارەك!
- ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى نىمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلمايدۇ؟
- تورخۇمارلار كۇلۇبى يېڭىچە قىياپەتتە قايتا ئېچىۋېتىلدى! جىددى تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىنىدۇ.
- كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسىلا توردا بىۋاستە كىنو كۆرەلەيسىز! بۇلۇت كىنوخانىسى(پۈتۈنلەي ھەقسىز)
بىزنىڭ توربېكەتلىرىمىزنىڭ سىتاستىكىسنى بىركىم ئىشلەپ كۆرسە بولاتتى.
بىزنىڭ ئەزا بولىدىغان تور بەتتىن مۇنبەر بار ئاساسەن . شەبنەمنىڭ بۇرۇنقى ئەزاسى يۇزمىڭدىن ئاشقان …
تورخۇمارنىڭ پەقەت كۆرۇرمەنلىرى بار ، مەخسۇس ئەزا يوقمىكى . لىكىن كۆرۇلۇش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ،
يەنە باشقا قانداق سىتاستىكا قىلىش مۇۋاپىقتۇ؟؟
تىرىشساقلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق!!!!
بىزنىڭ بۇ يەرلەردە ئەركىن ئېچىۋېتىلگەن بولسا تېخىمۇ كۆپ بولاتتى ئابونتى.
بۇمۇ بوپتۇ، بۇنىڭغا بولسىمۇ ‹‹زاپەر›› لەر ئارىلاشمىسا ياخشى بولىدۇ!
ئا گەپ سۆزلەرنى شاپاقچى ئاكاملا كۆرۈپ قالسا چانىۋەتمىسۇن ئەمدى يەنە ….
ئامراق تورخۇمارىمنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن، شۇنىڭ ئۇچۇن 5.ئوزگەرتىۋتىشنى كۇچلۇك تەلەپ قىلىمەن، چۇنكى بىزنىڭ ساقچىلىرىمىز بەك سادىق
ما گەپنىڭ جېنى بار
لوندون ئولىنپىك مۇسابىقىسى ئىچىلىش مۇراسىمىنى يەر شادىرا تەخمىنەن بىر مىليارد ئادەم كۆردى.
«شادىرا» دېگەن نېمە گەپ ئۆزى؟
ئۇ يىڭى بايغالغان بىر كىچىك پىلانىت
ئا ئېلاننى كىم چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ؟
فەيسبۇك دىيارىمىزدا نۇرمال ئېچىلمايدىغۇ؟