تورخۇمارلار كۇلۇبى يېڭىچە قىياپەتتە قايتا ئېچىۋېتىلدى! جىددى تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئەسلىدە خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلىنىشقا تېگىشلىك بۇ يېڭى چاپان مېنىڭ تۈگىمەس باھانە سەۋەپلەر بىلەن كەينىگە توختاۋسىز سۆرىشىم ئارقىسىدا بۈگۈن ئېلان قىلىندى. 24 سائەت تۈزىتىش ۋە سىناپ كۆرۈش جەريانىدا، ئاساسى جەھەتتىن چوڭ مەسىلە بايقالمىغاندىن كېيىن كۇلۇب قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى.
ئەلۋەتتە، ئىلگىرى ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، كۆپچىلىككە بۇ تېرە ناتونۇش ئەمەس، بىراق ئەسلىدىكى كود ئاساسىدا يېڭى چاپاننى كىيىشمۇ ئاسانغا توختىمىدى. ھازىر ئەينەككە قارىسام كۆزلىرىم قارىداپ مۈشۈكئېيىققا ئوخشاپ قالغىلى ئاز قاپتىمەن. بولۇپمۇ IE6 دېگەن نىجىس بىر كۈن ۋاقتىمنى ئالدى. شۇنچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلغانغا چۇشلۇق ھېلىھەم يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانماقتا. قارىغاندا، IE6 ئۈچۈن باشقىچە ئامال ئويلاپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.
سىلەر كۆرۈۋاتقان ھازىرقى ھالەت بېكەتنىڭ يېڭى ئۇسلۇبى شۇ، ئەلۋەتتە، ئاز بىر قىسىم مىكرو ئۆزگىرىشلەرمۇ يوق ئەمەس. قېنى كىم بايقىدىكىن؟
نۆۋەتتە بېكەتتىكى بىر قىسىم تېخنىكىلىق مەسىلىلەر يەنە داۋاملىق ھەل قىلىنىش ئۈستىدە، كۆپچىلىكنىڭ بايقالغان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇسلۇب، تور بېكەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: torhumar-new-skin.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- كېيىنكى يازما > تورخۇماردىكىلەر بارمىغان مۇشۇ نوكىيا قالدىغۇ دەيمەن؟ قېنى ئەمىسە NOKIA نىڭ ھەشەمەتلىك ئىشخانا بىناسىغا مەرھەمەت!
- كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسىلا توردا بىۋاستە كىنو كۆرەلەيسىز! بۇلۇت كىنوخانىسى(پۈتۈنلەي ھەقسىز)
- 迅雷/快车/QQ旋风 لارنىڭ مەخسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن يېشىش ۋە مەخپىيلەشتۈرۈش قورالى
- تورخۇمارلار كۇلۇبى قايتىدىن تولۇق ئېچىۋېتىلدى!
- ئۇسۇل ئويناشنى بىلمەمسىز؟ كېرەك يوق! سىزنى بىر كۇنۇپكا بىلەن دىسكوچى قىلىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس!
- ئۆتمۈشكە نەزەر: دۇنياۋى بۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئىلگىرى ھالىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟
- Cut The Rope ئارغامچا كېسىش – iPhone/Android تىكى بەش يۇلتۇزلۇق تەۋسىيە ئويۇن(HTML5 نۇسخىسى)
- ۋوي خالايىق! تېز بېرىپ ئۆزۈڭلارنىڭ 20 يىلدىن كېيىنكى ھالىتىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭلار!!
- تاللانغان 20 يۈرۈش نەپس لايىھەلەنگەن تور بېكەت لايىھەلەشتە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ئايكون توپلىمى
- بۇ يىللىق تەۋسىيەلىك ئەڭ نادىر نادىر كارتون فىلىم : RIO نىڭ Windows 7 ئۇسلۇبى
- مېۋىچى نىنجا(Fruit Ninja) ئويۇنىنىڭ Windows 7 ئۇسلۇبى
يارىشىپتۇ !
بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدە 1 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئاق يەر تۇرىدۇ ، مۇشۇنى بايقاپتىمەن …
تور كۆرگۈ IE8 .
IE6 دە نورمال كۆرۈنىۋاتىدۇ.
يېڭى چاپىنىڭىز ھەقىقەتەن يارىشىپتۇ ، IE8 دە بەك چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن .
ھەقىقەتەن چىرايلىق چىقىپتۇ .
مىنىڭ ئىكرانىم بەك چوڭمۇ بىلمىدىم ئىكراننىڭ سول تەرەپتىكى يازما،ئىنكاسلار تىزىملىكىنىڭ يان تەرىپىدە خېلى كوپ ئورۇن بوشلا قالىدىكەن مۇشۇ ئورۇندىن مۇۋاپىق پايدىلانساق ( تەكلىپ )
ئېلانلار سەل مۇۋاپىق بولسا بۇلاتتى
ئالاقىلىشىڭ دىگەن ئورۇندىكى تېڭشۈن مىكرو بىلوگىنى چەكسەم شىنلاڭنىڭ، شىنلاڭنىڭكىنى چەكسەم تېڭشۈننىڭ مىكرو بىلوگى ئىچىلۋاتىدۇ. ئۇلىنىشى ئالمىشىپ قالدىمۇ قانداق؟
راست، تۈزىتىپ قويدۇم، كۆپ رەھمەت!
يەنە بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك تۇرىمەن ، ئېچىلىش سۈرئىتى سەل ئاستىلاپ قالدىمۇ قانداق ياكى مېنىڭ كومپىيۇتېرىمنىڭ تور سۈرئىتى ئاستىمۇ ؟ باشقىلاردا قانداقتۇ ؟!
بۇرۇن تورخۇمارغا كىرگەندە،يېڭى يازمىلار كۆرۈنسە دىۋان بارمىكىن دەپ يۈگۈرەيتتىم!مانا بۈگۈن يېڭى يازمىلارنىڭ ئورنىنى چۈشۈرىۋېتىپسىز2مېتىر چوڭقۇرلۇققا…
بولۇپمۇ IE6 دېگەن نىجىس بىر كۈن ۋاقتىمنى ئالدى
++++++++++++++++++++++++++++++
بىر ۋاقىتىلاردا ie6 نى يوقىتايلى دەۋاتقان ئىدىڭىزغۇ ، بولدىلا ئۇنى چۆرۈپ تاشلايدىغان ۋاقىت مۇ بولاپ قاپتۇ ھازىر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورخۇمار ئەپەندىم. نېمىشقىكىن تور خۇمار بىلەن ئالىم ئەھەت بىلوگىنى ئايفوندا ئاچساملا خەتلىرى بىر-بىرىگە پەقەتلا ئۇلانمايدۇ. خەتلىرىنى پەقەتلا ئوقۇغۇلى بولمايدۇ. بولسا ئايفونلاردىمۇ نورمال چىقىىدىغان قىلىپ تەڭشىگەن بولسىڭىز.