ئېغىرلىقىنى يوقىتىش – دۇنيا بويىچە ئەڭ يېنىك مۇزىكا! ماشىنا ھەيدىگەندە ئاڭلاشتىن ساقلىنىڭ…
ئەنگىلىيەدىكى مۇزىكا ئەترىتى Marconi Union and Lyz Cooper ئىلگىرى 8 يۈرۈش دۇنيا بويىچە ئەڭ يېنىك مۇزىكا دەپ قارالغان ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىنى پۈتۈن دىققەتنى يىغىپ ئاڭلىغاندا، ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىرلىقنى يوقىتىش – Weightless ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىكەن، ھەم بۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ خىل ئېغىرلىقنى يوقىتىش پەقەت روھىي جەھەتتىن بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە پەن-تېخنىكا ئاساسى بار ئىكەن. سىناق جەريانىدا، ئۇلار بۇ خىل مۇزىكىنىڭ مېڭە ئېلىكتر دولقۇنى ۋە يۈرەك مېڭە قان تومۇرىنى ماس قەدەملىككە ئىگە قىلىدىغانلىقى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان…
ئەمەلىيەتتە بۇ مۇزىكا يەنە ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرۈش رولىمۇ بار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى ماشىنا ھەيدىگەندە ئاڭلىماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئامېرىكا «دەۋر ھەپتىلىكى» ئېلان قىلغان 2011-يىلىدىكى 50 چوڭ كەشپىياتنىڭ 11-سى دەل مۇشۇ مۇزىكا.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [مــۇڭ كـۈيــلــەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: MP3، ئاجايىپ، مۇزىكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: song-weightless.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- كېيىنكى يازما > iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- بىر تال سەرەڭگە چوغىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ كېرەك؟ ئەمما مۇنداق بەز ئۆچمەيدىغان سەرەڭگىنى كۆرمەپتىكەنمەن
- بالا چاغلىرىمىزدا تولا كۆرىدىغان ھېلىقى فىلىم ئىسىڭىزدىمۇ ؟ قايسى دەمسىز؟ ۋاي ھېلىقىچۇ؟!
- پەرھات خالىقنىڭ يەنە بىر يىڭى ئىجادىيىتى Morgenland Offroad
- «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسى قانچىلىك پايدا ياراتتى؟
- MP3 ھۆججەت شەكلى قانداق قىلىپ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان؟
- سۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى چۈشىنىدۇ دەيدۇ، راستىمىدۇ؟ قوشۇمچە: ئەگەر يەر شارىدا پەقەت بىر تامچە سۇ بولسا…
- بېشىنى ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالىدىغان بىر يۈرۈش تاللانغان ناخشا-مۇزىكىلار…
- كونا، ئەمما ئۆلمەس كۈيلەرنىڭ بىرى – تىتانىك ناملىق پاراخوت فىلىمىنىڭ ئاساسى ناخشىسى!
- MP3 نىڭ مۇۋاپىق يېرىگە تاشلاپ قويۇپ ۋاقتى كەلگەندا ئاڭلاپ قويىدىغان بىر يۈرۈش لاتىنچە ناخشىلار
- بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق ئۆز ئاۋازى ئارقىلىق ئورۇنلاپ چىققان «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» نىڭ باش مۇزىكىسى
مۇزىكا دېگەننى ئاڭلاپ قويتمەن. چۈنكى بۇنىڭغا ھېچنىمە كەتمەيدۇ، پەقەت سەۋر قىلىپ ئاڭلىىڭىزلا بولىدۇ.
ھەي ! ئازلا قالغانتىم دىۋانىلىككە ، خەپ !!
ئەسنىتىۋاتتىيا
سۈزۈك نۇسخىسى بولسا چۈشۈرۈپ قويساق بولغۇدەك…
ئۇيقۇم كەلمىگەن كۈنلىرى تازا ئاڭلاپ ئۇيقۇغا قىنىۋالسام بولغۇدەك…..
ھەي بۇنى ئاڭلاپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئويغانسام تاڭ ئىتىپ يەنە كەچ بولاي دەپ قاپتۇ. ھى…ھى
بېشىم ئاغىرىپ كەتتى بۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ بولغىچە
بۇنداق زېرىكىشلىك مۇزىكىلارنى قەتئى ئاڭلىغۇن كەلمەيدۇ !!!
قىممەت باھالىق ئېسىل 耳机 بولسا شۇنىڭدا ئاڭلىسا ئاندىن ھوزۇرىنى سۈرگىلى بولغۇدەك ….
سىلە دىگەندەك قىلساق ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرەمدۇق بىلمىدىم… ئىشقىلىپ بەكلا زىرىكىشلىك بىلىندى ماڭا.. تولۇق ئاڭلاپ بولغۇچە چىدىمىدىم، ئۆچۈرىۋەتتىم.
راس ئازراق ئادەمنى مۈگدەك باسقۇزىدىكەن.
نىمانداق زىرىكىشلىك….
مېنىڭ ئېغىرلىقىم يوقىماي بارغانچە ئېشىپ كېتىپ بارغاندەك قىلىدا ….
زىرىكىشلىك ئىكەن
تور خۇمارىمدىن چىقىش تارىخىمدىكى ئەڭ ناخشىكەن ….
سىز بىز غەرىپلىك بولمىغانىدىكىن تەسىر قىلمايدىغان چىغىۋا ..
بۇ مۇزىكىدىن زىرىكىپ ئۇيقىسىنى كەلتۈرۋىتىدكەن ئەمەسمۇ
بولىدىغان ناخشىكەن بۇ
راستىنلا ئېغىرلىقنى يوقىتىدىكەن جۇما، بىرقانچە مىنۇت ئاڭلىمايلا، ئېغىرلىقىمنى يوقىتىپ تېزلىكتە كومپىيوتىر ئالدىدىن قوپۇپ كەتتىم. ئېغىرلىقىنى يوقىتىش ئۈنۈمى سەت تېزكەن!!!