ئېلان كۆرۈشمۇ بىر ھوزۇر دىسەم ئىشىنەمسىز؟ كۆرۈپ كۆرۈپ قانمىغۇدەك تايلاند تىلىۋىزىيە ئېلانلىرى
ئالامەت كىرىشىپ كىنو كۆرىۋاتقاندا ۋاچچىدە چىقىدىغان يۈزى قېلىن ئېلانلاردىن زېرىكمىگەنلەر ئارىمىزدا بارمۇ يوق ؟ يۇقىرى ئېلان كىرىمى مەملىكىتىمىز تىلىۋىزىيە ساھەسىنى يىتەرلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارغا ئىجادچانلىقنى ئۈگىتەلمىدى، بالىلىرىمىزنىڭ تەسسەۋۇرغا قانات بولالمىدى. شۇڭا بىز ئېلاندىن بەك بېزار.
ئەلۋەتتە بۇنىڭلىق بىلەن ئېلاننىڭ رولىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. مەيلى قانچە تىللايلى تۇرمىشىمىزدا يەنىلا ئېلاندىن ئايرىلالمايمىز. بىزگە پەقەت ئازىراق ئىجادچانلىق بىلەن ئۆزگىچە ئۇسلۇب بولسىلا بولدى. بۇ جەھەتتە ئوخشاش بىر ئاسىيا رايۇنىدا ئىقتىسادى سەۋىيەسى مەملىكىتىمىزدىن تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇپمۇ تايلاند ئالاھىدە ماختاشقا ئەرزىيدۇ. ئالدىنقى قېتىم ئېلان قىلغان «يانفون بىلەن ئۆتكەن ھايات» سەرلەۋھىلىك يازمىمىزدىكى ئامىۋى ئېلانمۇ دەل شۇ تايلاندنىڭكى. ئۇنداقتا بۈگۈن تايلاندنىڭ بىر قانچە ئۆزگىچە ئېلانلىرىنى كۆرۈپ باھا بېرىپ باقايلى.
قىزىل كالا ئىچىملىك ئېلانى (تەسىرلىك)
ئىچىملىك ئېلانى – نەتىجە ھېچقاچان تىرىشچانلىقتىن ئايرىلمىغان
فورد ئاپتىموبېل ئېلانى
ھا ھا بۇنى ئۆزەڭلا تىپىپ بېقىڭلار
ئائىلە بىزەك ماتىرىيالى ئېلانى
ئاسما چىراق ئېلانى (دائىم ئۆيگە ۋاقچى قايتىدىغان ئەرلەر ئۈچۈن)
[يوللاپ تۈگەتكىلى بولمىغۇدەك، قالغىنىنى ئېنتىرنېتتىن كۆرۈۋالغايسىلەر]
خۇلاسە
يۇقىردىكى تايلاند ئېلانلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېلان چوقۇم خەۋەر تۈسىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭدا يۇمۇرىستىك، تەسىرلىك ۋە ھەتتا قورقۇنۇچلۇق ئامىللارنىڭ بولىشىمۇ تەبىئى. بىزنىڭ ئېلانلاردەك تېلكامىرانى باشتىن ئاخىر ئېلان قىلىنغۇچى ئوبىكىتقا توغىرلىۋالىدىغان سەت قىلىق ھېچقاچان يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىپ باقمىغان. شۇڭا دىيارىمىز كارخانچىلىرىنىڭ ئۆز مەھسۇلات ئېلانلىرىغا نىستەپەتەن تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئېلان، تەسەۋۋۇر، تېلىۋېزىيە، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,550 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: thailand-commercial.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئابدۇكېرەم ئابلىز رول ئالغان مىكرو كىنو – تيەنئەنمېن
- كېيىنكى يازما > بور جېڭى – ئەجنەبىيلەرنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرى بولىدىكەن، بور ئېتىشىش دېگەن مۇنداق بولمامدۇ؟!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
دىۋان دەۋالسام ؟!
ھەممىسى ئىجادچانلىققا ئىگە ناھايىتى ياخشى ئېلانلار ئىكەن… باشقىلار ياقتۇردىمىكىن .لېكىن مەن ياقتۇردۇم ..
ئېلان كۆرىمەن دەپ 15 سېكونت ئېلان كۆرۈپ ئاندىن ئېلان كۆردۈم
ئېلاندىن كېيىن سەرخىل ئېلانلار ھوزۇرىڭىزدا دېگەندەك ئىش بوپتىغۇ
ما گەپ ئا ئېلانلاردىنمۇ قېزىپ كېتىپتۇ
باشقىلىرىنى كۆرۈپ بوپتىكەنمەن!ئەڭ ئاستىدىكى بەك قىززىقكەن!
ئۇرانگۇتان چىقىدىغان ماشىنا ئېلانى بېلەن چىراق ئېلانىغا كۈلۈپ يېتىۋاپتىمەن
مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدىمۇ 1500 پارچىگە يېقىن كۈلكىلىك لايىھەلەنگەن چەتئەل تەكشىلىك ئېلانلىرى ۋە 50 پارچىگە يېقىن كۈلكىلىك ئېلان فىلىملىرى بار ، بەلكىم دىگەنلىرىمگە ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن ، لېكىن راست ….
مەن ئىشەندىم
ئېلانغا ئىشەنمەڭ، ئەمەلىيەتتىن كۆرۈڭ !
ئېلاننىمۇ مانىڭدەك ئىشلىسە بولىدىكەنغۇ مانا ………………..
ئەمىسە بوشلۇققا يولاپ قويمامسىز .
قانداق قىلساق يوتۇبى تورىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ. تەلىم بەرگەيسىلەر ئۇستازلار . (ئىلتىماس )
ئاپلا……..مەن تېخى ئاۋۇئانا بالا بۇددىسلار داڭلىغان قىزىل كالا ئىچىملىكىنى بەك ئىچىپتىمە ئەمەسما . . . .
چەتتىن كىرگەن مەھسۇلاتلارغىمۇ دىققەت قىلسام بولغىدەك
ئىلانلارنىڭ سەرخىللىرى ئىكەن بۇ