يانفون بىلەن ئۆتكەن ھايات | بەلكىم سىزگە قولايلىق بىلىنگەن ئاشۇ يانفون سىزنى بارا-بارا يېتىم قالدۇرۇشىمۇ مۇمكىن!
بىر قېتىملىق يىغىلىش، بىر ئۈستەل ئادەم، ھەر بىرىنىڭ قولىدا بىردىن يانفون، تىمتاسلىق ئىچىدە 水果忍者 دا تاۋۇز چانىغاچ ئۆيگە قايتىشنى ساقلىماقتا ….توي مۇراسىمى، بىر ئۈستەلدە لىق ئادەم، ھەممىسنىڭ قولىدا يانفون، يەنە شۇ تاۋۇز چانىغاچ تاماق تارتىلىشنى ساقلىماقتا، ئاندا ساندا بىراۋلار گەپ قىپ قويىدۇ خالاس… كوچا ئاپتوبۇسىدا، بىر ماشىنا ئادەم، ھەممىسىنىڭ قولىدا يانفون، تاۋۇز چانىغاچ مەنزىلنى كۈتمەكتە، ئاپتوبۇس ئىچى جىمجىتلىق… قاچاندىن باشلاپ گەپ تېمىسى يانفونغا ئۆزگەردى؟ قاچاندىن باشلاپ يانفۇن بىزلەرنى ھەرقايسى دەرىجىدىكى IPHONE لارغا ئايرىدى؟ بۇ جەمىئەتنىڭ ھەسرىتىمۇ ياكى تەرەققىياتىمۇ؟
بەلكىم ھەربىر تورخۇمار يۇقۇردا مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەنزىرىلەرنىڭ شاھىدى بولىشى مۇمكىن. يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار تەرەققىياتى بىزنى يىڭى بىر دۇنياغا باشلاپ كىردى، بۇنىسى ياخشى بولدى. لېكىن ھەممىمىز ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى كومپىيۇتېرنىڭ يانوۇن شەكىلىدە مىكرولىشىشى بىزنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ھوزۇرلىنىش ۋە يېنىمىزدىكى كىشىلىرىمىز بىلەن ئەسىرالىشىش ھوقوقىمىزنى تارتىۋېلىۋاتىدۇ. بۈگۈن كەمىنە ۋىروس سىلەرگە ئامراق يانفۇنىڭىزدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە ئەتىراپىڭىزدىكى شەيئىلەرگە زەڭ سېلىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار سىزگە كۈلۈمسىرىمەكتە !
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئادەت، پىسخىكا، تۇرمۇش، جەمئىيەت، ھوزۇرلىنىش، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,039 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: day-with-the-phone-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «ئوغۇل دوست5.0» يۇمشاق دېتالىنى «ئەر 1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن چىققان Bug
- كېيىنكى يازما > تور دۇنياسىنى قىززىتىۋەتكەن كىچىك مودېل مىلان.كورنىكوۋا – بۇ قىز چوڭ بولسا چوقۇم گۈزەل بىر ساھىپجامال بولغۇدەك!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ئادىمىيىتىڭىز ۋە نەپسىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان ئاجايىپ قالتىس سىناق
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
تىزىملىتىپلا دىۋان بوپ قويدۇققۇ … :mrgreen
ئەتە ئۆگۈن بىر ئائىلىدىكى ھەممە ئادەم ئۇچۇر ئارقىلىق ئەھۋاللىشىدىغان كۈنلەرمۇ كىلىدۇ.
بۈگۈن دىۋان ماڭا قالدىمۇ نىمە؟
راس دەيدۇ لىكىن ئامال يوق
مۇشۇ تورخۇمار باربار بۇزۇلۇۋاتامدۇ نېمە، قاچاندا قارىسا
دىۋان جىدىلى، بىرەر ئورۇنلۇق ئىنكاسنى تاپماق تەس بولۇپ قالدى.
تورداشلا ھەرقانچە بولىسمۇ يازمىغا خاس باھا يېزىپ باقىلى،
توغرا مەنمۇ بەزىدە شۇنداق بولۇپ قالىمەن !
يانفون دېمەي كومپىيۇتېر دەپ ئۆزۈمگە ئالسام بولغۇدەك. ماڭا دورىكەن بۇ سىن!
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن تەشۋىقات فىلىمىكەن،
كونا گەپ بۇيۇنچە دىگەندە ‹‹ياۋايى››.‹‹گومۇش››.‹‹شەخسىيەتچى››بۇلۇپ قېلىشقا سەۋەپ بۇلۋاتقىنى ئىلىكتۇرۇن بۇيۇملىرى بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ ھەممىمىزدىققەت قىلساق بولغۇدەك
مەنمۇ مۇشۇنداق يانفۇن خۇمارلاردىن. تورخۇمارغا ھەربىر قىتىم كىرسەم باشقىچە كۆڭلۈم كۈتۈرلۈپ قالىدۇ …. ئاۋۇسىننى كۆرۈپ ھەقىقەتەن ئۆزەمنىڭ يالغۇز قېلىۋاتقىنىمنى ھىس قىلىپ قالدىم…………
يانفونۇم يوق ۋاقىتتا ئالاقىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تېلىفون نومۇرىنى يادقا بىلەتتىم، ھازىر تېلىفونغا قارىمىسام ھېچنىمىنى بىلمەيمەن
سەھرادىن كەلگەنلەرمۇ نومۇپ يادىلاپتىكەندە ئەسلى…
تايلانىد نىڭ پاراۋانلىق ئېلانىكەندە؟…ھىم -ھىم … مەن قىز دوست يوق بەش-ئالتە ئاي يالغۇز ھىچ بولىغاندەك يۈرىۋەرگەن بىلەن،ئەقلىفوندىن ئايرىلىپ ياشىغان ئۈچ كۈنۈم كۈن بولمىغان…مانا بۇ سەلىبىي بولمىسىمۇ تېپىك مىسالى…
مەنمۇ ئۆتكەندە توردىن تېلىفۇن سېتىۋېلىپ ، بۇ يەرگە كېلىپ بولغۇچە ساراڭ بوپ قالاي دىگەن ئىدىم تېلىفۇن يوق
مېنىڭ كۈنلىرىم تېلىفۇن بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانداق ……
بالامنىڭ دادا..! دادا…! دەپ يوتامغا شاپلاقلاشلىرى يادىمغا كەپ قالدى ،توۋابىز نىم بوپ كىتىۋاتمىز؟كىچككىنە يانغون بىزنى نىمىلەردىن ئايرىغانلىغىنى ئەقل ئىگىلىرى ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك سىن كەن ، قىرىنداش ھەم باللىرىمىزدىن ئائىلىمىزدىن ئەتراپىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئۈمۈت ھەم خۇشاللىقتىن ئايرىلىپ قالغىنىمىزنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمىز،