«ئوغۇل دوست5.0» يۇمشاق دېتالىنى «ئەر 1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن چىققان Bug
مەلۇم بىر قىزچاق ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدىكى «ئوغۇل دوست» يۇمشاق دېتالىنى «ئەر 1.0»گە كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭمۇ كۆتۈرگۈسى كەپتۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بويىچە پروگراممىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپتۇ. بىراق بۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش جەريانى ئۇنچە ئاسانغا توختىمىغان بولۇپ، نەشىر كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن يەنە نۇرغۇن Bug لار بايقىلىشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزچاق تېخنىك مۇلازىمغا تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە خەت يېزىپتۇ.
ھۆرمەتلىك تېخنىك:
مەن جىددى سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم. مەن ئۆتكەن يىلى قولۇمدىكى «ئوغۇل دوست 5.0» يۇمشاق دېتالىنى «ئەر 1.0» گە يېڭىلىغان ئىدىم، مالىيە باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىدا تاساددىپىي ھالدا ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىپ، «ئوغۇل دوست 5.0» ۋاقتىدا ئىنتايىن ياخشى قوزغىلىپ خىزمەت قىلىدىغان «گۈل» ۋە «زىبۇ-زىننەت» ئەپلىرىنىڭ خىزمەت قىلىشىدا مەسىلە كۆرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەر 1.0» سىستېمىسىدا «رومانتىكا 9.9» قاتارلىق پروگراممىلار قاچىلانماپتۇ، ئەكسىچە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن «پۇتبول 11.0» ۋە «ئىقتىساد خەۋەرلىرى 4.5» قاتارلىق ئەپلەر قاچىلىنىپ قاپتۇ. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى شۇكى، «پىكىر ئالماشتۇرۇش 8.0» پروگراممىسى ئىلگىرىكىدەك راۋان ئەمەس، يەنە كېلىپ «ئۆي ئىشى 2.6» بارا-بارا سىستېمىنى ئاستىلىتىپ كاردىن چىقىرىش ھالىتىگە ئەكەپ قويۇۋاتىدۇ. مەن «كوتۇلداش 5.3» نى قوزغىتىپ سىناپ باقتىم، بىراق ھېچ بىر ئۈنۈمى بولغاندەك ئەمەس. ھۆرمەتلىك تېخنىك، بولسا ماڭا ياردەم قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمغا ھەمدەم بولغان بولسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم، رەھمەت!
__ ئۈمىدسىزلىك گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بىر چوكاندىن
ھۆرمەتلىك ئابونت:
ئالدى بىلەن شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، «ئوغۇل دوست 5.0» بولسا كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى بىر يۇمشاق دېتال، ئەمما «ئەر 5.1» بولسا بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا CMD ھالەتتە C:\سەن مېنى سۆيمەس بولۇپ قالدىڭمۇ؟ پروگراممىسىنى قوزغىتىڭ، ئاندىن كېيىن «كۆز يېشى 6.2» نى قاچىلاڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز بەلكىم «ئەر 1.0» ئاپتوماتىك ھالدا «پۇشايمان قىلىش 3.0» ۋە «گۈل 7.0» ناملىق ئەپنى قوزغىتىشى مۇمكىن. ئەمما ئوشۇقچە ئىشلىتىۋەتسىڭىز، «ئەر 1.0» بەلكىم «سۈكۈت 2.5» ياكى «پىۋا 6.1» نى زاپاس قوزغىلىدىغان پروگراممىلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە «پىۋا 6.1» بەزى چاغدا يەنە ئاپتوماتىك ھالدا «خورەك تارتىش» قاتارلىق لۈكچەك پروگراممىلارنى قوشۇپ قاچىلىۋالىدۇ. سىزگە تەكلىۋىم، ھەرگىزمۇ «قېيىنئانا 1.0» ياكى باشقا نەشىردىكى «ئوغۇل دوست» يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلاپ سالماڭ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سىزگە ياردىمى تەگمەيلا قالماستىن، ھەتتا «ئەر 1.0» نى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، «ئەر 1.0» ئىنتايىن ياخشى بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، پەقەت ئىچكى ساقلىغۇچى چەكلىك بولغاچ، يېڭى يۇمشاق دېتاللارغا ماسلىشىپ كېتىشكە بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ، ناۋادا سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەي دېسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى يېڭى يۇمشاق دېتاللارنى قوشۇڭ، مەسىلەن «لەغمەن 4.2»، «پولو 8.0» ۋە «ئوخشىغان قورۇمىلار» قاتارلىقلار پروگراممىلارنىڭ سىستېمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمدە جارى قىلدۇرۇپ بېرەلىشى مۇمكىن.
قوشۇمچە: «قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالىنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن چىققان Bug
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: توي، قىزلار، قىزىقارلىق، مۇھەببەت، نىكاھ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,426 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bf-update-husband.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مەكتەپ ھاياتىدىكى بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار
- كېيىنكى يازما > يانفون بىلەن ئۆتكەن ھايات | بەلكىم سىزگە قولايلىق بىلىنگەن ئاشۇ يانفون سىزنى بارا-بارا يېتىم قالدۇرۇشىمۇ مۇمكىن!
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
تازا كۈلۈپتىمەن،نىمانداق قىززىق
ئەمسە ماۋۇ يەرمۇ دىۋانما؟
دىۋاندا مەجبۇرىي ئولتۇردۇمغۇ ئەمدى
نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش باكەن ؟
نىمانداق قىزىقارلىق rom ھاھاھاھا…..
پىچەت ئپادىلەش بوپتۇ، ھى ھى ياخشىكەن،….
ئاجايىپ ،بىر پاتمان كۈلۈپتىمەن ھاھاھاھاھا.
ئەڭ ئاخىرقى ئابزاس بەك قىزىقارلىقكەن.
نىمانداق قاملاشقان قىززىق گەپلەر بۇ تازا كۈلۈپتىمەن دېسە…
ئۈمىدسىزلىك گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بىر چوكاندىن
نىمانچە ئوخشىتىۋەتكەنسىز ئەمدى
پىقىردەك نامرات ئۇقۇغۇچىلار قاچانغىچە دوس ھالەتتىكى ‹بويتاق 98 › نى ئىشلىتىەرمىز؟
تازا كۈلۈپتىمەنغۇ، نەدىنمۇ ئويلاپ تاپقانسىزدەيمە
رۇسلان، سىزمۇ «مۆتىۋەر2.0» نى قوزغىتىڭ، قۇشۇمچە « يېئېر كاڭ» نى قۇشۇپ قاچىلاڭ، بەلكىم قاتتىق دىتالدا باشقا مەسىلە بولمسا سېستىمىڭىز ئاپتۇماتىك« سالاپەت» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن.
نىمانداق قىزىقمەنمۇ «روسلان»توردىشىمىز ئېيتقاندەك«بويتاق98»نەشىرىدە،ئۆزۈمگە ئاپتۇماتىك ھالدا«قىزدوستxp»تولۇقلاپ دەرىجەمنى كۆتۈرەي دېسەم،ۋىروسخور:«ھازىر ۋاقتى ئەمەس،پۇشايمان قىلىش 6.0خاتالىقى كۆرۈلىدۇ،سېستىما چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە داۋاملىق تەربىيىلىنىپ،يېڭىلىنىشقا مۇھتاج»دىگەن خەت چىقىۋىلىپ ئۆچكىلى ئۇنىماي قويدى.بولدىلا ئەمىسە دەپ ئىنتىرنىتنىڭ 6-قەۋىتىدىن پەلەمپەي بىلەنلا چۈشۈپ كەتتىم،ئەمما چۈشۈش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى «بويتاق98»مەشخۇلات سېستىمىسى ئەڭ يەڭگىل ئىكەن.