«قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالىنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن چىققان Bug
مەلۇم بىرەيلەن، باشقىلاردىن ھازىر بازاردا مودا بولىۋاتقان «خوتۇن1.0» پروگراممىسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپتۇ ۋە ئۆزىدە بار «قىز دوست7.0» پروگراممىسىنى «خوتۇن1.0» گە يۇقىرىلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بويىچە پروگراممىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋاپتۇ، بىراق پروگراممىدىكى مەسىلىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ، «خوتۇن1.0» يۇمشاق دېتالىدىن بىر قىسىم Bug(خاتالىق)لار كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇياق تېخنىك مۇلازىمغا تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە خەت يېزىپتۇ.
ھۆرمەتلىك مۇلازىمەت تېخنىكى:
مەن سىزنىڭ جىددى ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم. مەن يېقىندا «قىز دوست7.0» نىڭ نەشىرىنى «خوتۇن1.0»گە كۆتۈرگەن ئىدىم، كېيىن بايقىشىمچە، بۇ پروگرامما تاساددىپىي ھالدا پەرزەنت كۆرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ سېلىپ، زور مىقداردىكى بوشلۇق ۋە سېستىما بايلىقىنى ئىگەللىۋاپتۇ، بۇ مەھسۇلات قوللانمىسىدا تىلغا ئېلىنمىغان ئىش ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، «خوتۇن1.0» ئۆزىنى ئاپتوماتىك ھالدا باشقا بارلىق پروگراممىلارنىڭ ئىچىگە قاچىلىۋاپتۇ، تېخى سېستىما بىلەن تەڭ قوزغىلىپ، پۈتكۈل سېستىمىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن، شۇ سەۋەپتىن «ئەرلەرنىڭ كېچىلىك تاماشىسى 2.5» ۋە «كېچىلەپ بلوگ يېزىش 3.0» پروگراممىلىرى قوزغىلىشقا ئامالسىز قالدى، بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ پروگراممىلارنى قوزغاتقان بولساممۇ، بىراق «خوتۇن1.0» پروگراممىسى بىراقلا پارتىلاپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى…«ھەپتە ئاخىرىدىكى شېرىن ئۇيقا6.3» نى قوزغىتىپ باقاي دېسەممۇ قوزغىلالماي قاراپ تۇردى، بۇنىڭ ئەكسىچە، «يەكشەنبىلىك بازار چۆرگىلەش7.1» پروگراممىسى ئۇنىڭ ئورنىغا قوزغىلىدىغان بولىۋاپتۇ! قارىغاندا مەن «خوتۇن1.0» پروگراممىسىنى داۋاملىق ئىشلىتەلمىگۈدەكمەن، چۈنكى بۇ پروگرامما مەن ياخشى كۆرىدىغان باشقا ھەرقانداق پروگرامما بىلەن پەقەت ياخشى سىغىشالمايدىكەن، مەن «قىز دوست7.0» سېستىمىسىغا ياناي دېگەن، بىراق بۇ «خوتۇن1.0» نى يۇيۇپ تاشلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن، ماڭا بىر ياردەم قىلىۋەتسەڭلار بوپتىكەن.
ھۆرمەت بىلەن: ئىخلاسمەن ئابونتىڭلار XQ
سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتچى XQ نىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە خەت قايتۇرۇپتۇ.
ھۆرمەتلىك XQ:
بۇ بىر ئىنتايىن ئادەتتىكى مەسىلە ئىكەن، سىزنىڭ بۇ پروگراممىنىڭ ئاساسى پرىنسىپىغا بولغان چۈشەنچىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى بۇ مەسىلە كېلىپ چىقىپتۇ. نۇرغۇن ئەرلەر «قىز دوست7.0» نى «خوتۇن1.0» گە كۆتۈرگەندىن كېيىن، خىيالىدا «خوتۇن1.0» دېگەن بۇ پروگراممىنى بىر قوللىنىشچان ۋە كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسى دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. «خوتۇن1.0» ئەمەلىيەتتە بىر مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ، باشقا بارلىق پروگراممىلارنى خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. سىز «خوتۇن1.0» نى يۇيىۋېتەلمەيسىز، ياكى «قىز دوست7.0» گىمۇ قايتالمايسىز، چۈنكى «خوتۇن1.0» نىڭ سېستىما يادروسىدا بۇ ئىقتىدار تەمىنلەنمىگەن.
ئىلگىرى بەزىلەر «قىز دوست8.1» ياكى «خوتۇن2.0» نى قاچىلاشقا ئۇرۇنۇپ باققان، ئاقىۋەت تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر كۆرۈلگەن(قوللانمىدىكى ئاجرىشىش تۆلىمى/بالىلارنى تەربىيلەش ھەققى/ئادۋوكات ھەققى قاتارلىق پارامېتىرلارغا دىققەت قىلىڭ). مەنمۇ «خوتۇن1.0»نى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققان، تەۋسىيەم، سىز سېستىمىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى ساقلاڭ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلىڭ.
پروگراممىدا ھەرقانداق خاتالىق كۆرۈلگەن چاغدا، مەيلى قايسى سەۋەپتىن كۆرۈلگەن بولسۇن، چوقۇم C رايون ئىچىدىكى «exe.مېنىڭ كەچۈرۈمنامەم» پروگراممىسىنى قوزغىتىڭ، ھەمدە چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ بېسىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىڭ. زۆرۈر بولغاندا «exe.مېنىڭ كەچۈرۈمنامەم» پروگراممىسىنى تەكرار بىر قانچە قېتىم قوزغىتىپ سىناڭ، تاكى ئومۇمى مەشغۇلات سېستىمىسى نورمال ھالەتكە قايتقۇچە داۋاملاشتۇرۇڭ.
«خوتۇن1.0» پروگراممىسى گەرچە بىر تۈرلۈك يۇقىرى كۈتۈنۈش تەلىۋىگە ئىگە پروگرامما بولسىمۇ، ئەمما ئادەمگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن زور. بۇ پروگراممىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، يەنە بىر قىسىم قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، «ئەتىرگۈل2.0»، «يېڭى كىيىم6.0» ياكى «ئالتۇن زەنجىر 3.0» دېگەندەك…
ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى سەمىڭىزگە سالىمىزكى، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا «كاتىپ(كالتە يوپكا نەشىرى)» يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ سالماڭ، چۈنكى «خوتۇن1.0» بۇ پروگراممىنى قوللىمايدۇ، ئەكسىچە بۇ پروگرامما مەجبۇرى ئورنىتىلغان چاغدا، كۆپىنچە ئەھۋالدا سېستىمىدىن ئېغىر كاشىلا كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا سېستىما قايتا قوزغالماسلىقىمۇ مۇمكىن.
ئاخىرىدا سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: توي,قىزلار,قىزىقارلىق,مۇھەببەت,نىكاھ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: gf-update-wife.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىككى تالانت ئىگىسىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى كوچا پۇتبولى ماھارىتى! ھەرگىزمۇ C.Ronaldo دىن قېلىشمايدۇ!!!
- كېيىنكى يازما > ئوخشاش بالىلىق دەۋر، ئوخشىمايدىغان ئويۇن…ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئويناپ چوڭ بولغان ئويۇنلىرىنىڭ پەرقى
ئۈچىيم ئۈزۈلۈپ كېتەي دەپ قالدى!
بۇرادەر، بۇ ( ئەركە ) دىگەن ئىسىمنى مەن تورخۇمار قورۇلغاندىن باشلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن، سىزگە تەۋسىيەم، بۇ ئىسىمنى بۇندىن كىيىن ئىشلەتمىسىڭىز… بۇ ئىسىمنى تورخۇماردىلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن تور بىكەتلىرىدە ئىشلىتىۋاتىمەن مەن… شۇڭا بۇندىن كىيىن بۇ ئىسىمنى تورخۇماردا ئىشلەتمەڭ…! باشقا تىزىملايدىغان تور بىكەتلەردە ئىشلەتسىڭىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرالمايمەن…! لېكىن ماۋۇ يەردە…؟!!!!
دوستانە تەكلىپ بوپقالسۇن…!
ئاڭلىسام «قىز دوست» يۇمشاق دېتالىنىڭ ئوغرى نەشرى (盗版) كۆپ دەيدۇ،بىر قانچە كومپيۇتېرغا تەڭ قاچىلىغىلى بولارمىش.شۇڭا ھەرقايسى تورداشلارغا تەۋسىيەم: بىرلا كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان ھەقىقىي نەشىرىدىكى «خوتۇن» يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىڭلار.
مىنىڭ سەپلىمەم بىلەن قىز دوستۇمنىڭ سەپلىمىسى ئوخشايدىكەنتۇق، شۇ ۋەجىدىن ئىككىلىمىز 0- نەشىردىن ھازىر 7.0 نەشىرگە چىقتۇق، ھىچ بىر ماسلىشالماسلىق دەيدىغان گەپ يوققۇ!
مىنىڭ «قىز دوست9.9»غا چىققاندا ‹6-سەزگۈ6.0›سىستىمىسى ئاپتۇماتىك ھالدا نەشىرنى 0.1غا چۇشۇرىۋەتتى …ئويلاپ باقسام بىراقلا «خوتۇن 1.0 »نى ئىشلەتكەن ياخشىدەك قىلىدۇ…
مەن تېخى يېڭى ئاڭلىشىم !
شۇنداق ياخشى يۇمشاق دېتال مىكەن!
ھەي بالىلار، بۇ يۇمشاق دېتاللارنى Ghost لاپ قويسا ھەجەپ ياخشى بولاركەن ھە. بەش مىنۇتتا ئەسلىگە قايتۇرۋالساق. بىزنىڭ قىلغان ئەتمىشلىرىمىزنى ئۇنتۇپلا كېتىتىدە…
ئو…خەقنىڭ گوستلاپ قويغان «خوتۇن1.0» سىنى ئەكەپلا ياندۇرسىڭىز، كۆك ئېكران چىقمىغاندىمۇ قاتتىق دېسكىڭىز كۆيۈپ كېتەر؟؟
PS: تېما قىززىپتۇ
ماۋۇ چوڭ ئەيسالارنىڭ گېپىنى …………
ئۇھ ئەمدى چۈشەندىم…
نىمىدىگەن دەبدەبىلىك سۆزلەر بۇ ئاددىيراق چۈشىنىشلىكرەك يازساڭلار بوممامدۇ!!
ئالامەت باللا بار ھە بۇ تورخۇماردا… ( خۇتۇنپۇرۇش گۇيلار )
———-
يەنە بىرگەپ، ماۋۇ مىنىڭ ئىسمىمدا كىرىۋالغان يېڭى كەلداخۇن كىمۇ زادى…؟ نىمانداق مىنىڭ ئىسمىمنى قولىنىۋالىدۇ دەيمە..؟
مەن شۇ.قانداق؟؟ گەپبار ئوخشىمامدۇ؟ ئەركە1.0
بىزمۇ نەشرىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ باقامدۇق يە؟
ھە، گەپ با قانداق…؟! باشقا ئىسىم چىقماپتۇ ھە ئۆزلەگە…؟
بىزنى نەشىر كۆتۈرۈش كەتمەيدۇ… سەپلىمىلىرىمىز بىر ئوبدان ، جايىدا ئىشلەتىدا..!
نىمىدىگەن قىززىق … تەسسەۋۇرغا باي ئىكەنسىز …
مەن سىستېمىنى بويتاق 24.0 غا نەشىر يۇقىرىلاتقىلى 24 كۈن بولدى بۈگۈن
ۋاي سىزنىڭ «بويتاق» نەشىرىڭىز مىنىڭكىدىن جىق ئارقىدا ئىكەن ، مەن خېلى بولدى ئەڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقىلى…
ما بالىلار 盗版 سېستىما ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار، خوتۇننىمۇ ghost لاپ 盗版 ئىشلىتىش خىيالىغا چۈشۈپتۇ
ۋا نىمانداق تەسەۋۇرغا. باي بوپكەتكەندۇ ماباللا
بۇ پىروگىراممىمۇ ياكى مەشغۇلات سىستىمىسىمۇ؟
ۋىرىسخۇر يوقما؟
مەن گاڭگىراپلا قالدىم !!
مەن ‹كالتە يوپكا ياغاچ ئات ۋىروسى› نى ياساپ چىقايمىكى دەيمە … ‹خوتون1.0› سېستىمىسى قەتئىي بايقىيالمايدۇ …
«بويتاق2.6»سېستىمام بۇكۈنگە كەگەندە چوڭلارغا تازا ياقماي قالدى، «بويتاق2.6» ئاتا-ئانام تەرپىدىن مەجبۇرى«خوتۇن1.0»كوتۇرلۈش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ،ئويلاپ باقسام «بويتاق2.6»بىلەن خوشلىشىدىغان ۋاقتىمۇ كېلىپ قاپتۇ،،